xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 08:21:12

خوتۇن قاچمىغىن

خوتۇن قاچمىغىن!







        ئايال كوچىنى بېشىغا كەيگىنىچە بىر تەرەپتىن توۋلاپ، بىر تەرەپتىن ھەرخىل قىلىقلارنى چىقىرىپ يۈگرەيتتى. ئەر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ئاخىرى يېتىشتى-دە، ئايالىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى. ئايال ئەرنىڭ كۈچلۈك بىلەكلىرى ئارىسىدىن يۇلقىناتتى. بارماقلىرى بىلەن ئەرنىڭ يۈزلىرىنى تاتىلاپ، دولىسىنى چىشلەيتتى. بىراق ئەر يەنىلا ئايالىنى قۇچاقلاپ چىڭ تۇتىۋېلىشقا تىرىشاتتى.

         -خوتۇن قاچمىغىن، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەمدى قاچمىغىن!،-ئايالىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى.

بىر ھازادىن كېيىن ئايال ھېرىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئەرنىڭ باغرىغا سىڭىپ،پۇشۇلدىغىنىچە ئۇخلاپ قالدى. ئايالىنىڭ تاتلىق ئۇخلىشىغا مەسلىكى كەلگەندەك،پىشانىسىگە يىنىككىنە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ، ئايالىنى كۆتۈرگىنىچە ئېغىر قەدەملىرى بىلەن ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى.

مەھەللىدىكىلەر ئۈچۈن بۇ كۆرۈنۈش ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى. تونۇش-بىلىشلەر بۇ ئەر-ئايالنى كۆرگەن ھامان باشلىرىنى ئاستا چايقىشىپ ئەپسۇسلىناتتى:   

      -توۋا، بىر ئوبدان بەخىتلىك ئائىلە ئىدى، كۆز تەگكەندەكلا بىر ئىش بولدى.

      -شۇنى دەيمەن، راستىنلا كۆز تەگدى بۇ ئائىلىگە، ئويلىساملا ئىچىم ئېيچىشىدۇ. ئەمدىلا مەكتەپ يېشىغا يەتكەن ئۇماق قىزىنىڭ ئۆلۈمى ئانىنى تۈگەشتۈرىۋەتتى.

      -شۇ، شۇ، بالىغا چىقىدىماق تەس ئىكەن.



    ئارىدىن ئون يىللار ئۆتتى، بىراق قىزى دەردىدە ساراڭ بولۇپ قالغان بۇ ئانا ئەسلىگە كېلەلمىدى.

‹ئۇ ئەمدى ئوڭشىلالمايدۇ، ئۇنى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ قويۇپ، تۇرمۇشۇڭنى قايتىدىن باشلىغىن. سەن تېخى ياش تۇرساڭ› ئەر داۋاملىق ئاڭلاپ تۇرىدىغان بۇنداق نەسىھەتلەرگە پەقەتلا بېشىنى چايقاپ قۇياتتى-دە، ئايالىنى قۇچاقلىغان پېتى ئۆيىگە ياندۇرۇپ كېلەتتى. مەيلى قار-بورانلىق كۈنلەر بولسۇن ۋە مەيلى پىژغىرىم ئىسسىق بولسۇن ، ئەر ئايالىنىڭ سايىسىدەكلا ئەگىشىپ يۈرەتتى. ئايالى  توۋلاپ، يۈگۈرۈپ ، غەلۋە قىلىپ ھارغاندا بىللە قايتاتتى.

          بىر كۈنى ئەتىگەندە، ئەر كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئەتىگەنلىك ناشتىنى تەييارلاپ بولۇپ، ئايالىنىڭ يەنە يوقلىقىنى سەزدى. ئەر ئالاقزادە بولۇپ، يۈگۈرۈپ تالاغا چىقتى. تالادا قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى. ئۇ قايتىپ كۈنلۈك ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەستىن يامغۇرغا قارشى يۈگرەشكە باشلىدى، يامغۇرنىڭ كۈچلۈك تامچىلىرى ئۇنىڭ كۆزىنى ئاچۇرمايتتى.

        -خوتۇن...!!!،-ئەر كۈچەپ ۋارقىرايتتى. جىددىيلىشەتتى. ئەر تەرەپ-تەرەپكە يۈگۈرۈپ ئېھتىياتسىزلىقتىن تېيىلىپ يۇندا ئېرىقىغا يىقىلىپ چۈشتى. ئەرنىڭ يامغۇردا چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملىرى ئەمدىلىكتە پۈتۈنلەي پاتقاق بولۇپ كەتتى. ئەر بىر قولىدا يۈزىنى ئېيتىۋېتىپ،  ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلۋىدى ئوشۇق تەرىپىدە قاتتىق بىر ئاغرىق پەيدا بولدى. ئەر لەسسىدە جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى، يۇندا ئېرىقىنىڭ سۈيى كۈچلۈك يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن بارغانسېرى كۆپەيگىلى تۇردى . سۇ ئەرنىڭ يوتا،بەل قىسمىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ مەيدىسىگىچە كەلدى. ئەر ئۈمۈدسىزلەنگىنىدىن ئاسمانغا قاراپ پەقەتلا ئايالىنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى. توۋلاۋېرىپ ئەرنىڭ ئاۋازىمۇ پۈتۈپ كەتتى. كۆزىدىن ئېقىۋاتقىنى ياشمۇ ياكى يامغۇرمۇ پەرق قىلغىلى بولمايتتى.

        دەل مۇشۇ پەيتتە بىر قول ئەرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى-دە، ئەرنى كۈچەپ تارتتى. كۆزىنى ئاچقىلى بولمايدىغان بۇ قارا يامغۇردا ئەر يۇندا ئېرىقىدىن تارتىلىپ چىقىلغاندىن كېيىنلا، ئايالىنىڭ تەلۋىلەرچە كۈلۈپ تۇرغان چىرايىنى پەرق ئەتتى. ئەر خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك، ئايالىنىڭ يۈزىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئالدى.

ئەر ئايالىنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئايالىنىڭ قۇلىقىغا توختىماستىن پىچىرلايتتى:

        -خوتۇن ، سېنى ئاخىرى تاپتىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەمدى قاچمىغىن. مەيلى سەن قانداق بولۇپ كەت، مەيلى مېنى قانداق ئۇر، چىشلە...  ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ!

   ئايالى ئاۋالقىدەكلا يەنە ئەرنىڭ كۈچلۈك بېلەكلىرى ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ، ئەرنى ئۇراتتى، چىشلەيتتى، بىراق ، ئەر تاتلىققىنە كۈلەتتى، ئايالىنىڭ يۈزىگە يۈزلىرىنى ياقاتتى.  

   ئايال غەلۋىسىنى تۈگىتىپ، شۆلگەي بىلەن ئارلىشىپ كەتكەن لاينى ئېرىنىڭ قولىغا تۈكۈردى ۋە  ئېرىغا قورسىقىنى كۆرسەتتى:

       -قورسۇقۇم ئاچتى .

        ئەر ئايالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئايالىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆي تەرەپكە ماڭدى، ھەر بىر قەدەمدە پۇتىنىڭ ئاغرىقى ئەرنىڭ مېڭىسىگە چىقاتتى بىراق ئەر قىلچە پىسەنت قىلمايتتى. چۈنكى ئەر شۇ تاپتا ئايالىنىڭ ھېلىقى تەلۋىلەرچە كۈلكىسىنى ئاڭلاپ مېڭىۋاتاتتى، بۇ كۈلكە ئەر ئۈچۈن ھەرقانداق يېقىملىق مۇزىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىملىق ئىدى.



Mung_kuy  تەرجىمىسى


سۈكۈت


(شەھلا)


سۈكۈت .

يۇلتۇزنىڭ لېۋىدە ئېرىگەن بۇلۇت ،

ئاھ بەخىت ،

سەۋداغا چىلانغان تاشپاققا قېپى ،

دىمەك ئۇ ئەينى ساراڭلىق ،

ساراڭ،

سەزمەيدۇ دەرتنىڭ نىمىلىكىنى ،

پەقەت كۈلىدۇ ،

كۈلىدۇ پەقەت ،

قەبرىستانلىققا سىڭگەن جۈپ سايە ،

ساراڭ نە بىلسۇن ،

قوياشنىڭ غەرىپكە پاتقانلىقىنى ،

شەرىقتىن سۈزۈلۈپ تاڭنىڭ ھەم ئاتقانلىقىنى ،

ھە توغرا ئۇ ساراڭ،.

پەقەت ئەسلەيدۇ ،

باغرىنىڭ تۇپراققا پاتقانلىقىنى ،

ساراڭنىڭ قېپىدا بىر ئوت،

يالمايدۇ ساراڭنىڭ ھەمرالىقىنى ،

كۆزلىرىڭنى ئاچ!

كۆزلىرىڭنى ئاچ!

بىلمەيدۇ ئەركەكنىڭ تەنھالىقىنى ،

سىڭىپ كىتىپتۇ يۈرەككە ھەسرەت ،

ئەجەلدىن ياماشقان دەرت.

ساراڭلىق باغرى قان ئانىغا مەدەت ،

كۈلمەڭ !

ساراڭنىڭ قېپى ،

يالقۇنجار سالجىلار يامرىغان ئىچى ،

ساراڭ ،

ئەلەمگە بېرىلگەن نىقاپ .



مەنبە:مېھرىئاي دۇنياسى





بۇ بېكىتىمدىكى مەن ئەڭ ياقتۇردىغان تەرجىمە ئەسەر ، ئۆزەم ياقتۇرغاچقا سىلەر بىلەن ئۆرتاقلاشقۇم كېلىپ قالدى .كەينىدىكى شېئىر بولسا بۇ تەرجىمىنى ئوقۇپ ھاياجاندا جىجاپ سالغان مايماق سايمىقىم ،ئەيىپك بۇيرىماسلىقىڭلارنى سورايمەن !

abdullaev يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:14:56

بەلكىم بۇنداقلارمۇ بادۇ بۇ دۇنيادا!!!! \"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 09:39:18

يولداشلاردىكى مۇھەببەتكە بولغان سادىقلىقنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇلى مۇشۇ بولسا كىرەك . بىر ھىكايىدە مۇھەببىتى ئۈچۈن جان بېرىدىكەن ، يەنە بىرسىدە مۇھەببەت ئۈچۈن ساراڭ خوتۇن بىلەن بىللە ئۆتىدىكەن ، يەنە بىر ھىكايىسىدە ۋاڭ يەنناغا ئوخشاش بۆرەك تەقدىم قىلىدىكەن .



ئۆز سۆيگەن كىشىنى ئاسىراپ شۇنداق بەخىتسىزلىكنىڭ ئالدىنى ئالغانلىق ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى يېزىشقا تەسەۋۋۇرى يىتىشمەمدىكىن يا .
بەت: [1]
: خوتۇن قاچمىغىن