xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 08:07:52

شۇنداق قىلىپ (شەھلا)

شۇنداق قىلىپ






         قاچانلاردىن ئارلىشىپ كەتتىم،  بۇنى بىلمەيمەن ، بىراق مۇشۇنداق مەقسەتسىز مەقسەتلىك ئارىلىشىپ يۈرۈپ يولدىشىمنىڭ قابىل ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ قالغانلىقىم ھەقىقەت .

          بىر چاغلاردا يولدىشىم مالغا قاراپ تۇر ، ناماز ئوقۇۋالاي ، جۈمەگە بېرىۋالاي دەپ تېلفۇن قىلسا ، خۇددى بازارغا چىقىپ ئايلىنىدىغاندەك جابدۇنۇپ چىقاتتىمدە ،قولۇمنى ئەگرىمۇ قىلماي غادىيىپ مالنىڭ يىنىدا تۇرۇپ،  ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرەر يېشىك مال ساتمىغىنىمغا باقماي ، بىر مۇنچە پۇل ئېلىپ يېنىپ كىرەتتىم .

          بۇندىن يەتتە يىل ئىلگىرى بولسا كېرەك . تۇيۇقسىز يولدىشىم بىر قېتىملىق مالدا قاتتىق زىيان تارتىۋالدى ، قۇمۇلدىن كېلىۋاتقان بىر ماشىنا شوخلا داۋانچىڭ ئەتراپىدا ھادىسىگە ئۇچراپ شوپۇر ھەم مالنى ئېلىپ كېلىۋاتقان شېرىكى قازا قىلدى . قاتناش ھادىسىسىنىڭ سەۋەبى ئېنىقلىنىپ ھادىسە مەسئۇلىيىتى ئايرىلغىچە 30 توننا شوخلا قىيام بۇلۇپ كەتتى . گەرچە ئازراق تۆلەم كەلگەن بولسىمۇ  . شوپۇر بىلەن شېرىكىنىڭ نارىسىدە بالىلىرى ، قان يىغلاپ تۇرغان جۆرىلىرى ، يولدىشىمنىڭ <مەن تېخى ھايات ، جېنىم تېنىمدا بولسىلا ھەممىنى قايتا باشلىۋېلىشقا ئۈلگۈرىمەن > دەپ ھەممىدىن ۋاز كېچىشكە سەۋەپ بولدى .

شۇ چاغدا ئويلىسام ئۇنىڭ مەرتلىكىگە چىن كۆڭلۈمدىن رازى بولۇپ ، ئۆزەمنىڭ مۇشۇنداق بىر ئەر بىلەن بىر ئۆمۈر ياشايدىغانلىقىمدىن پەخىرلەنگەن ئىدىم .

بىراق كېيىن ئىشلار بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان يۈرۈشۈپ كەتمىدى .  يولدىشىم بىر مەزگىل قولىمىزدا قالغان ئازغىنە دەسمىي بىلەن پارچە-پۇرات تىجارەت قىلىپ تۇردى .  بىراق يەنىلا كۈنلىكىمىزدىن ئاشمايۋاتقان بۇ كىرىم ئۇنىڭ ئىچىنى پۇشۇراتتى ، ياز كۈنلىرى ئانچە بىلىنمەيدىكەن ، لېكىن قىشنىڭ كۈنى تەسلەشكىلى تۇردى .  بۇرۇن يازدا نەچچە قېتىملا پايدا ئالسا قىشتا ھېچنېمىدىن غەم قىلمايتتۇق. ئۇنىڭ قىشتا چىقىپ سوغۇقتا جاپا چېكىشىمۇ ھاجەتسىز ئىدى .

ئۈرۈمچىنىڭ كۆكتات توپ سودىسى ئەنە ئاشۇنداق يازدا تېپىۋىلىپ، قىشتا بىكار قالسىمۇ ئۆتۈپ كېتىۋىرىدىغان ئىش ئىدى . ئەمدى ئۇنداق قىلساق قاملاشمايتتى.  كۈزنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ تۇرمۇشتا قىينالغىلى تۇردۇق.

بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كىيىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قالدىم. ئۇ خۇددى قېرىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى ، چېكە چاچلىرى كۆرىنەرلىك ئاقارغان ئىدى ، ھەم ئورۇقلاپ قالغاندەك كۆرىنەتتى.

بىزنىڭ  ئۇيغۇر تىجارەتچىلەردە ئوخشاش بىر خىل ھالەت بار ، ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۆزەڭگىدىن چۈشمەيدۇ . مەن نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا ئالتۈن جابدۇقلىرىمنى سېتىپ دەسمىي قېلىپ چوڭ مالغا تۇتۇش قىلىشنى ئېيتقان بولساممۇ ئۇ ئۇنىمىغان ئىدى ، بىراق يەنىلا قىينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەسلىككە تىرىشاتتى ، يېقىنلىرىمىزدىن قەرىز ئېلىش دىگەننىغۇ ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدۇ ، ئۇ بۇنى يۈزى چۈشكەنلىك باشقىلارغا يالۋۇرغانلىق دەپ قاراپ يېقىنمۇ كەلمەيتتى .

بىراق بۇ قىش كۈنى ئۇزۇن ، ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ تۇرغان ئالتۇن جابدۇقلار ۋاقتى كەلگەندە سوغاق مىتالدىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس ،

مەن ئاخىرى يەنە ئېغىز ئاچتىم :

        -ئالتۇنلىرىمنى سېتىۋىتەيلى !

ئۇ ئېغىر بىر تىنىۋېتىپ زۇۋان سۈرمىدى ، مەن يەنە سۆزلىدىم .

         -مەندىكى ئالتۇن جابدۇقلارنى سېتىۋىتىپ ئىش باشلىۋالسىڭىز ، كىيىن پۇل تاپقاندا قايتا ئالسام بولىدىغۇ . بۇنىڭ يۈزى چۈشكىدەك ھېچ يېرى يوق .ماقۇل دەڭ ، ئەتە ئاپىرىپ ساتايلى !

ئۇ گەپمۇ قىلماي ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى .

ئەتىسى تاڭمۇ ئاتتى ، مەن جابدۇنۇپ بۇلۇپ ئۇنى چاقىردىم ، بىللە بازارغا چىقتۇق.  راستىنى دىسەم قىينئاپام ئەقىللىق ئايالكەن .

<كىيىم-كېچەك پەقەت لاتا ، پۇل تاپساڭلار ئالتۇن ئېلىڭلار ! >دەپ قۇلاقلىرىمغا قۇيۇپلا تۇرغاچقىمىكىن ، مەنمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ھەر قېتىملىق توي خاتىرە ، تۇغۇلغان كۈنلىرىمدە يولدىشىم بەرگەن پۇللارغا ئۇدۇللۇق بىرە تالدىن ئۈزۈك ، ھالقا دىگەندەكلەرنى ئالغاچ تۇراتتىم . مۇشۇنداق قىلىپ بىلىپ بىلمەي تويلۇقلار بىلەن قوشقاندا 100گرامدىن ئوشۇق ئالتۇن بوپ قاپتىكەن . پەقەت قۇلىقىمدىكى قارا كۆزلۈك ھالقىنى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى قويماي زەرگەرنىڭ ئالدىغا قويدۇم.

بۇلاردا نۇرغۇن يالدامىلار بار ئىدى ، بىراق چىدىۋەتتىم ، كۆزلىرىم ياشقا تولۇپ ، بوغۇزۇم ئاچچىق بۇلۇپ كەتتى .  قارىسام زەرگەر ئالتۇنلارنى كۆرگىلى تۇرغاندا يولدىشىم دۇكاندىن چىقىپ كەتتى .

زەرگەر ھېساپلاپ قولۇمغا 16000 سوم پۇلنى ساناپ تۇتقۇزدى ، ئۇنىڭ ئاغزى كالاچتەك بۇلۇپ كەتكەن ئىدى ، چۈنكى ئالغانلىرى ساپلىقى يۇقىرى ئالتۇنلاردە ،

نىمىلا بولسۇن بۇ پۇل يولدۇشۇمنىڭ قايتا ئىش باشلىشىغا يېتەتتى ، مەن شۇنىڭغا خوش.  يولدا يولدۇشۇم خۇددى ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك يەردىن يۇقىرى قارىمىدى ، گەپمۇ قىلىشمىدۇق ، نەچچىگە يارىدى دەپ  سوراپمۇ قويمىدى.



       شۇنداق قىلىپ ئۇ يەنە دۇكاندىن بىرنى ئېلىپ ئىشىنى باشلىۋالدى. بىراق ئۆزى يالغۇز قىلاتتى ، نىمىشقىكىن شېرىك قىلىشنى لايىق كۆرمىدى ، بەلكىم نەچچە يىلدىن ئاكا -ئىنىدەك بۇلۇپ قالغان رەھمەتلىك ئاغىنىسىغا ئوخشايدىغان بىرەسى چىقمىغان بولسا كېرەك.

بىر كۈنى چۈشلۈك تاماق ئېلىپ چىقىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سېرىلىپلا كەتتى، دۇكان سوغۇق ، ئوت قالىسا دۇكانغا سالغان مالغا ئېسسىق كېلىدۇ ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىسىدا ئازىراقلا ئوت قالاپ قويۇپ ، بېشىنىمۇ كۆتۈرمەي يېشىكلەردىن بۇزۇلغان كۆكتاتلارنى ئىلغاۋاتقان تۇرقى باشقىچىلا جاپاكەش چىراي ئىدى.

ئۇ راستىنلا يالغۇزلۇق تارتىۋاتاتتى ، دۇكانغا خېرىدار ئۈزۈلمەي كىرىپ تۇراتتى ، ئۇ بىردەم بىردەم خېرىدارغا مال سېتىش ئۈچۈن قوپۇپ يۈرۈپ تاماقلىرى سوۋۇپ كەتتى . بىراق يەنىلا خوشال كۆرىنەتتى.

شۇ كۈنى مەنمۇ كەچ كىرگىچە ئۇنىڭغا قارىشىپ بەردىم . كەچتە دۇكاننى يىغىپ ئىككىمىز بىللە قايتىپ كىردۇق.

بەلكىم شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا ياردەمچى بولغان بولسام كېرەك ، قىشتىن چىققىچە ئۇ دەسمىسىنى ئۈچ قاتلىدى ، ئەتىيازلىقى بۇرۇنقى دېھقانلار بىلەن دېيىشىپ پارنىكلارنى ئېلىپ ئۈلگۈردى.

ئەمدى بۇ كۆكتاتلارنى بازارغا ۋاقتىدىلا ئەپچىقسلا  بولاتتى ،دۇكانمۇ دەل مۇشۇ چاغلاردا قايتىدىن جانلىنىپ كىرىمى ياخشى بولغىلى تۈردى.

ئۇنىڭ دۇكاننى تاقىغۇسى كەلمىدى ، چۈنكى قىشتىن سەل جاپا بولسىمۇ بۇنىڭمۇ ياخشى نان بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالدۇقتە ،

مەنمۇ خېلى ئىش بىلىپ قالدىم ، بەزىدە ئۆزۈم يالغۇزمۇ سودا قىلىۋېرەتتىم ، ئۇ پات پات مېنى <ئەسلى سودىگەر سەنكەنسەن> دەپ ئەركىلىتىپمۇ قوياتتى.

ئارىدىن ئۇزۈن ئۆتمەي يەنىلا بۇرۇنقىدەك چوڭ ماشىنلارغا لىق بېسىلغان كۆكتاتلار كېلىشكە باشلىدى . بىراق نەچچە كۈن مەن يالغۇز دۇكاندا تۇرسام دۇكان ئاقسىغىلى تۇردى . سەۋەپ بۇرۇنقى چۆپقەتلەر مېنى كۆرسىلا :

         -خېنىم يولداش يوقما ؟ ئەمسە ئاغىنەم كەلگەندە چىرەي،- دەپلا كەينىگە ياناتتى ،

چۈنكى بۇ كۆكتات دۇكىنى بولسىمۇ ، بىراق يەنىلا توپ تارقىتىش خارەكتىرىنى ئالغان بولغاچقا ، ئاساسەن ئەرلەر مۇئامىلە قىلىشاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ، مەن چوڭ مالنىڭ يېنىغا باردىغان ، ئۇ داۋاملىق دۇكاندا تۇردىغانغا كېلىشتۇق .

ئەزەلدىن تەييارغا ھەييار بۇلۇپ كۆنۈپ كېتىپتىكەنمەن ، باشتا سەل تەس كەلدى .

يېرىم كېچىلەردە ئۇلانبايغا كەلگەن شوپۇرلار بىزگە تېلفۇن قىلاتتى ، مەن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىمنى يىرتىپ ئېچىپ ماشىننىڭ يېنىغا باراتتىم

ئاندىن يەنە بىر توپ تارقىتىش بازىرىغا ئاپىراتتىم .

ئۇ چاغدا يولدىشىم چاقىرىپ قويغان ياردەمچى ساقلاپ تۇرغان بولاتتى ، مەن ئاساسەن ھېساۋاتىنى قىلاتتىم ، توپ تارقىتىش دىگەن ئاجايىپ بولدىكەن ، تۇرۇپ ئويلاپ قالىمەن ، مۇشۇنداق سېتىلدىغان بولسا زىيان قىلسىمۇ ھاردۇق چىقاتتى.

تۈن قاراڭغۇسىدا نەلەردىن كېلىدىكىن بىر توپ خەنلەر ماشىنا توختاپ بولغىچە قارا قاغىلاردەك ماشىنغا يېپىشىدۇ، بەزىدە مال تالىشىپ مۇشلىشىپمۇ كېتىدۇ، مەن باشتا بۇلاردىن قورقاتتىم ، بىراق كېيىن ئۇلارنىڭ مەندىن قورقىدىغىنىنى بايقاپ قالدىم ، ئاۋازىمنى ئۈنلۈك قىلىپ:

      -دەرھال چۈشۈپ كەت ، بولمىسا مال ئالىمەن دەپ خام خىيال قىلما ! ،-دەپ ۋاقىرىسام ، ئۇلار دەرھال يۇۋاشلىشىپ كېتەتتى.

يولدىشىم ئۇزۇندىن بېرى قۇمۇلنىڭ شوخلىسىنى تارتقاچقا كۆپىنچىسى ئۇنىڭ مېلىنى ئىشەنچىلىك دەپ بىلىدىكەن ھەم سودىدا مۇئامىلە قىلىش جەريانىدا تەدرىجىيلا ئىشەنچ پەيدا بولۇپ ، كۆپىنچە ھاللاردا نىسى سودىلارمۇ قىلىنىپ قالىدىكەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار مېنى رەنجىتمەسلىككە تىرىشاتتى.

ماشىنىغا يېپىلغان بېرزىنت يوپۇق ئېچىلىپ بولغىچە مالغا ئۆچرەت بولۇشۇپ كېتىدۇ ، مەن بىر چەتتىن جىڭلايمەن ، توپىدىكى ياردەمچى خەنمۇ بەك سۆزمەن ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ بىر ماشىنغا پەۋەس بېسىلغان مال كېچىكسە تاڭ سۈزۈلگىچە تۈگەپ بولىدۇ.  

نەق نېسىنى رەتلەپ ، ھېساۋاتنى چىقىرىپ ياردەمچىنىڭ كۈنلىك ھەققىنى قولىغا بېرىمەندە بانكىغا يۈگۈرەيمەن ، بۈگۈنكى مالنىڭ پۇلى ئالدىنقى قېتىملىقنىڭ ھەققى ، ئۇنى دەرھال پارنىكتىكى ۋاكالىتەن مال يىغقۇچىغا سېلىۋىتىمەن ، شۇنىڭ بىلەن مەن بىكار بولىمەن.

ئۆيگە قايتىپ بىر پەدە قېنىپ ئۇخلىۋالىمەندە ، ئۆيدىكى ئىشلىرىمنى قىلىپ كەچلىك تاماققا تۇتۇش قىلىمەن .



       ھازىر ئويلاپ باقسام ، مانا مۇشۇنداق ئورتاق تىرىشىشىمىز ئارقىلىق ھەقىقىي خاتىرجەملىككە ئېرىشىپتۇق . نىكاھ -ئائىلە مۇناسىۋىتىدە ، ھەر خىل كېلىشمەسلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ، بىراق بۇلار ھەرگىزمۇ خۇشال كۈنلىرىمىزنىڭ ئاياقلاشقىنى ئەمەس ، بەلكى ھەقىقىي بەختكە قاراپ بېسىلغان تۇنجى قەدەمنىڭ باشلىنىشى بۇلىشى مۇمكىن.  

       ھەر قانداق ئىشقا سەمىمىي،  ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ ! بەختىڭىز ھامان ئۆز قولىڭىزدا !




مەنبە:مېھرى ئاي دۇنياسى

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:04:01

كۆكتاتچىلىقنىڭ دەردىنى مەن خېلى ئوبدان بىلىمەن. 10 نەچچە يىل ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە كۆكتاتچىلىق قىلىدىغان ھاممامغا بىر ئايدەك ياردەملىشىپ بەرگەنتىم. ئاساسلىقى سەھەردە توپ-تارقىتىش بازىرىدىن كۆكتاتنى ئەكىلىشىپ بىرەتتىم. بەك سەھەر تۇرمىسا بولمايدۇ، توپ تارقىتىش بازىرىغا بېرىپ ھەر يوغان تاغار، سىۋەتلەرنى كۆتۈرۈپ باسىدىغان گەپ. قاق سەھەردە توپ تارقىتىش بازىرىدىكى ئادەمنىڭ كۆپلىكى تېخى. قىش كۈنلىرى خېلى ئوبدان ھەپتىدە بىرەر قېتىم چىقسىمۇ بولىۋىرىدۇ ،ئەمما ياز كۈنى جەزمەن ھەركۈنلۈك ساتىدىغان ھەركۈنى ئەكەلمىسە بولمايدۇ، بولمىسا كۈن ئاتلاپ قالغان كۆكتاتنى باشقىلار ئالمايدىغان گەپ. ئىشقىلىپ بىر كۈنلۈك جاپانىڭ يېرىمىنى ئەتىگەندە كۆكتاتنى ئەكەلگىچە تارتىۋالىدىغان گەپكەن. كۆكتاتنى ئەكىلىپ دۇكانغا تىزىپ ئەمدى چاي ئىچەي دەپ ئولتۇرۇشىغىلا قېرى تەتەيخانلار سەھەردە يېڭى سەي ئالىمىز دەپ دۇكاننى بېسىۋالغان. چۈشتىن بۇرۇن 10 دىن 12 گىچەزە سودا دىگەن ئالامەت بولۇپ كىتىدۇ. مەن داشۆسىڭ ھىساباتقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايتىم، ئەمما ھاممامنىڭ كاللىسىغا ھازىرمۇ قول قويىمەنغۇ بىرمۇنچە ئادەمنىڭ  نەچچە خىلدىن ئالغان كۆكتاتلىرىنىڭ باھاسىنى قىلچىمۇ ئازماي ھىسابلاپ سودىنى تىز-تىز تۈگىتىپ تۇراتتى.چۈشتىن كىيىن ئاندىن بازار لەسسىدە بېسىقىپ قالاتتى.  تۈزۈك سودىمۇ يوق.

مىۋىچىلىك سەل ئاسانراققۇ دەيمەن، بازارغا  قاق سەھەردە بارمىسىمۇ،قاچان بارسا بولىۋىرىدۇ. مىۋە ساتقۇچە قورسىقى ئېچىپ كەتسە ئۆزىنىڭ مىۋىلىرىنى ئېلىپلا يەۋالغىلى بولىدۇ. خام كۆكتاتنى يەۋالغىلى بولمايدۇ دە.  {:92:}

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:14:58

كۆكتاتنىڭ بازىرى ھەقىقەتەن ئوغرى قوپماستا بولىدۇ .مەيلى قىشلىق مەيلى يازلىق بولسۇن ، كېچىككەندىمۇ ئۈچلەر بىلەن بازارغا كىرىپ بولمىسىڭىز داۋاملىق ئارام ئېلىۋەرسىڭىز بولىدۇ .مىۋىنىڭ بازىرمۇ ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ ، ئاشۇ كېچىدە چىقىپ مالنى ئېچىپ پارچە ساتىدىغانلارغا ساقلىمىسڭىز بولمايدۇ ، 2007 -يىلى يازدا قومۇلغا تاۋۇز تارتىپ باقتۇق ،پايدا ياخشى بولغان بىلەن جاپاسىغا چىلىنىپ كەتتىم ، پايدا قىلسۇن زىيان قىلسۇن ۋاقتىدا تۈگەپ بەرسىلا بولغىنى ، بولمىسا ئۆزىڭىز يەپمۇ ئۈلگۈرۈپ بولالمايسىز ، ھول مىۋە دىگەن بۇزۇلغىلى تۇرسا بىر تىيىنگە ئالغۇسىز بولىدۇ ، توپ تارقىتىش بازىرنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلاۋاتقىنىڭىز ، بۇزۇلغان مىۋە ياكى كۆكتات بولماي تۇتام تۇتاملاپ تاشلىنىۋاتقان قىزىل كۆيچەنكەن  ئەمەسمۇ ! \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:24:01

بىر بىرىڭلاردىن تەلەيلىككەنسىلەر. \"\"

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:28:14

ئايال دېگەن بىر ئىش قىلىپ بەرمىسىمۇ تەسەللىي بېرىپ،ئەرنىڭ ھالىغا يېتىشىپ بەرسە ئەرگە روھىي جەھەتتىن شۇنچىلىك پايدىسى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:37:17

ھايات يولىمىزدا بىر بىرسىمىزنى تاللىغان ئىكەنمىز ، بۇ دۇنيادا ئەڭ دىلكەش پەققەت ئىككىمىزلا بولىمىز ، ئائىلە سىرتىدىكى ھەر قانداق ئادەم دەردىمىزنى تەڭ تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ .

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 08:30:40

مېھرى ئاي دۇنياسى سالامەتچىلىكتۇ ھەدە؟ ئەتىگەندىلا ناشتىلىققا يازما ئوقىسا خېلى پەيزى بولامدۇ نېمە؟‹‹‹ \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 08:34:08

خەيرىلىك سەھەر قەدىرلىك سىڭلىم ، مېھرىئاي دۇنياسى سالامەت تۇرىۋاتىدۇ ،  \"\"

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 08:50:16

2- قەۋەتتىكى xahla91نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەيرىلىك سەھەر قەدىرلىك سىڭلىم ، مېھرىئاي دۇنياسى سالامەت تۇرىۋاتىدۇ ، \"\"



سالامغا يەنىلا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى. ئەتىگەنلىككە ئايرىم، چۈشلۈككە ئايرىم، كەچلىككە ئايرىم سالام سۆزى ياساپ قېرىپ چۈرۈپ ھالىڭىزدىن كەتكۈچە، سىز بى ياۋروپالىق بوممىغاندىكىن، ھەممىگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، لا دېسىڭىز.

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 08:50:52

مەندىن سالام دەپ قويارسىز، ئاز كۈندىن كېيىن ھېيتلىق يوغان داستىخان تەييارلاپ ئۆتمەكچىمەن.... \"\"

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 11:36:41

بەخىت كېلىدۇ نەدىن، پىشانەڭدىكى تەردىن.

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 11:39:04

شەھلاكا،ئۆزلە قۇمۇللۇقمۇ؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 11:54:16

@شەھلا؟

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 12:22:12





شۇنداق مەتوئۆكەم ، مەن قومۇل سەنداۋلىڭدا چوڭ بولغان .



@matu

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 12:40:51







بۇۋام ئېيتقان \"خانلەيلۇن\"







يىراق سەھرا چالمىلىقتا ،

بالىلىقىم ئۇخلاپ قاپتۇ .

بالىلىقىم ھەمرا بولغان ،

جان كۈيەرىم مومام قاپتۇ .



توپىلىق يول باغ-باغلاردا،



قايتىلانماس چۈشۈم قاپتۇ .

ئەنجۈرزارلىق ھويلىلاردا،

نان يېقىلغان تونۇر قاپتۇ .



خاتىرەمنىڭ بەتلىرىدە ،

بۇۋام ئېيتقان سۆزلەر قاپتۇ .

نەچچە باردىم ھىدىن ئىزدەپ ،

ئۆزى يوقكەن ئىزى قاپتۇ .



بۇۋام توۋلايتى \"خانلەيلۇن\" ،

يۇلتۇز كۈلگەن تۈنلەردە .

ئۆرتەنگەندۇ نەچچە رەت ،

مۇساپىرلىق يەتكەندە .



قارا زۇلمەت خاڭ يولى ،

جان تاسقايدۇ  تاملىرى .

كۆمۈر يۇتقان خاڭچىنىڭ ،

زەرداپ بولار گاللىرى.



بۇۋام شۇنداق خاڭچىتى ،

جان ئالقاندا خاڭ ئاچقان .

ساپ كۆمۈردەك سۆز بىلەن ،

غورورۇمغا ئۇل سالغان.



بالىلىقنى سېغىندىم ،

ئارمانلىرىم يېتىم قاپتۇ .

بۇۋام يوقكەن، مومام يوق .

قارا تۇپراق قەبرە قاپتۇ .



شامال ئۇپۇيدۇ مەڭزىمنى ،

يۇرتۇم تامان شەرىققە باقسام .

ھەجەپ ئۆرتەندى بۇ يۈرەك ،

\"خانلەيلۇن \"ياڭرىغان ئاخشام .







سەل كۆڭلۈم يېرىميا ، چىقىپ بىر ئايلىنىپ كىرەي !

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 13:49:43

يولدىشىڭىز ھەجەپ بەخىتلىككەن \"\"

umida11 يوللانغان ۋاقتى 2012-7-7 02:06:34

بىللە ئىش قىلسا جاپا تارتسىمۇ بىلىنمەيدۇ ھە؟
بەت: [1]
: شۇنداق قىلىپ (شەھلا)