niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 13:57:44

تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ھەققىدە.




تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ھەققىدە


مۇقەددىمە








غالىپ بارات ئەرك








840–يىلى
ئورخۇن ئۇيغۇر ئېلى يىمىرىلىپ خاندانلىق تەۋەسىدىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر ھەر
تەرەپكە پىتىراپ كەتتى، نەتىجىدە ئۇلار ياشاپ كەلگەن ئورخۇن، تۇغلا دەريا بويلىرى،
ئۆتۈكەن تېغى ئېتىكى ئاھالىسىز قالدى، بۇ بوشلۇقنى موڭغۇللار تولدۇردى. ئورخۇن
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يىمىرىلىشىدە بىۋاسىتە سەۋەبكار قىرغىزلارمۇ قىتانلارنىڭ بېسىمى
ئاستىدا 12–ئەسىرلەردە ئەسلىي ماكانلىرىغا ــ يېنسەي دەرياسى بويلىرىغا كېتىشكە
مەجبۇر بولدى. موڭغۇل قوۋملىرى مانجۇرىيە تەۋەسىدىن تەدرىجىي سۈرۈلۈپ تۈركىي
خەلقلەر ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ۋە كېيىن موڭغۇللارنىڭ نامىدا ئاتالغان يەرلەرگە
قاراپ سۈرۈلدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى مىلادىيە 12–ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى قىتانلارغا
بېقىندى بولۇپ قالغان. قىتانلارنىڭ ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى (840-1368) ۋە خاقانىيە
(840-1212)  سۇلالىلىرىنى ئۆزىگە باج–خىراج
تۆلەيدىغان ھالغا كەلتۈرۈشىدە، ئۇلارنىڭ ھەم ئىچكى قىسمىدىكى زىددىيەتلەر سەۋەب
بولغان ئىدى. قىتانلار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن”قارا ***“ دەپ ئاتالغان قوۋمدۇر،
ئۇلار ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلىگە شاۋكېم دەپ ئاتىلىدىغان لاۋازىمدار (كەنجى باسقاق)
نازارەتچى ئەۋەتىپ نازارەت قىلغان. قىتانلارنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى
ھۆكۈمرانلىقى دەمزە خاراكتېرىدە بولغان، كېيىنچە ئېغىر باج-سېلىق ئالغان.
قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش يولىدا ھەرىكەت قىلغان ئۇيغۇرلار، 1209–يىلى
ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن باشچىلىقىدا قىتانلارنىڭ نازارەتچىسىنى ئۆلتۈرۈپ،
يېڭىدىن باش كۆتۈرىۋاتقان موڭغۇللارغا تەۋەلىك بىلدۈرۈپ ئەلچى ئەۋەتكەن.


موڭغۇللار
12–ئەسىردە بۇرجىگىن، قوڭرات، جالايىر، بارلاس، سالجىغۇت قاتارلىق كۆپلىگەن
قەبىلىلەرگە بۆلىنىپ كىرۇلىن، غونان دەريا بويلىرى ۋە ھىنگان تېغىنىڭ غەربى-شىمالىي
ئېتىكىدە ياشايتتى. تېمۈرچىننىڭ رەھبەرلىكىدە بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل قەبىلىلىرى
1206–يىلى قۇرۇلتاي چاقىرىپ تېمۇرچىننى خانلىققا كۆتۈرگەن، شۇندىن باشلاپ تېمۇرچىن
«چىڭگىزخان» دەپ، ھاكىمىيىتى «ئېكى موڭغۇل ئۇلۇسى» (بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتى) دەپ
ئاتالغان. ئەسلىدە ئۇلار ھازىرقى موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى بۇرھان خالدۇن
تېغى ئەتراپىدىكى كىچىك دائىرىدە ياشاپ كەلگەن ئىدى، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى
ئاھالىسى بىر مىليونغىمۇ يەتمەيتتى
. «بۇ
ۋاقىتتا موڭغۇللار تېخى نايمان خانىدانلىقىنى بويسۇندۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولمىغان،
ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى
ئېكى موڭغۇل ئۇلۇسى» نىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قوشنىسى ئىدى. چىڭگىزخاننىڭ
بايرىقى ئاستىدا بىرلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل قەبىلىلىرى كېڭەيمىچىلىك
قىلىشنى باشلاپ، نۇرغۇن زېمىن ۋە بايلىققا ئېرىشتى.
1211–يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن كرۇلىن دەرياسى بويىدىكى
موڭغۇل خانىدانلىقى ئوردىسىغا بېرىپ بەيئەت قىلدى. چىڭگىزخان ئۆزلىرىدىن
مەدەنىيەتلىك بۇ دۆلەتنىڭ قارام بولغانلىقىدىن شادلاندى، چۈنكى ئاكادېمىك
بارتولدنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلار «تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە مەدەنىيەت
جەھەتتە يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان» ئاھالە ئىدى، چىڭگىزخان  قىزى ئالتۇن بېكەنى ئىدىقۇتقا ياتلىق
قىلىدىغانلىقىنى (ياتلىق قىلغۇچە ئۆلۈپ كەتكەن) ۋە 5-ئوغلى سۈپىتىدە تونۇيدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بارچۇق ئارت تېكىن  تۈمەندىن ئارتۇق قوشۇنىنى باشلاپ موڭغۇللارنىڭ
ئىستىلا يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان.
ئىرانلىق تارىخچى ئالاۋىددىن ئاتامەلىك
جۇۋەينى (1226- 1283) «ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە يازما ئەسەرلىرىنى ئىلىمنىڭ
چوققىسى دەپ قارايتتى» دەپ يازغىنىدەك، ئەينى زاماندا ئىلىم جەھەتتە يۇقىرى
پەللىگە يەتكەن ئۇيغۇرلار موڭغۇللار قۇرغان خانلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ھاكىمىيەت ۋە
مەدەنىيەت ئىشلىرىغا ئىشتىراك قىلىپ، تارىخ بەتلىرىدە ئۆز تۆھپىلىرىنى قالدۇردى.
ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇللارنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى دوكتور ليۇ يىڭشىڭنىڭ سۆزى بىلەن
ئېيتقاندا، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن ھايات كۆچۈرۈپ، كۆچۈپ يۈرەتتى ، شۇڭا
موڭغۇللارنىڭ قەدىمى يەتكەن بارلىق زېمىنلارغا ئۇيغۇرلارمۇ بېرىپ، ئۇلارنىڭ
ھاكىمىيەت ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، موڭغۇل خانلىقىنىڭ جايلاردىكى
ھاكىمىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل خەلقلىرى ئورتاق تۇرمۇش، ياشاش
داۋامىدا ئۆزئارا پەرقلەر بارغانسېرى ئازلاپ بارغان.


ئۇيغۇر
ئىدىقۇت ھاكىمىيىتى بىۋاسىتە موڭغۇل مەركىزىي ھاكىمىيىتىگە بېقىنىپ ئۆز
تېررىتورىيىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. دوكتور ئابىتاكىئونىڭ پىكرى بويىچە
ئېيتقاندا، يۈەن سۇلالىسى (1271-1368) قۇرۇلۇپ 80 يىلغىچە  ئاساسەن شۇ
تەرىقىدە داۋاملاشقان. 1227–يىلى چىڭگىزخان ئىگىلىگەن بارلىق زېمىنلىرىنى
ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندە، ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى موڭغۇل مەركىزىي
ھاكىمىيىتىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدا بولۇپ، ئۆز–ئۆزىنى ئىدارە قىلغان.


موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ دەسلەپ
قۇرۇلغاندىكى زېمىنى توغرىسىدا ئالاۋىددىن ئاتامەلىك جۇۋەينى «تاتارلارنىڭ ماكانى،
ئۇلار پەيدا بولغان جاي ۋە روناق تاپقان يېرى كەڭ بىر ئويمانلىق ئىدى، ئۇنىڭ
دائىرىسى 7 – 8 ئايلىق يولدۇر. شەرقتە *** (قىتان) بىلەن، غەربتە ئۇيغۇر
(ئىدىقۇت) ئېلى بىلەن چېگرىلىناتتى، شىمالدا قىرغىزلار بىلەن سېلىنگا دەرياسى ئارقىلىق،
جەنۇبتا تاڭغۇت ۋە تۈبۈتلەر بىلەن چېگرىلىناتتى» ، دەپ يازغان. 1227–يىلى
چىڭگىزخان سىرلىق بىر سەۋەب بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ئوگىداي خاقان
(1229-1241) بولغان. موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بارلىق زېمىنى چىڭگىزخاننىڭ تۆت  پەرزەنتىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن. گوپىسلىك
(قەدىمكى ئىران) مۇسۇلمان يەھۇدىي  تارىخچى
راشىددىن فازىل ئوللاھ (1247-1318) چاغاتاينىڭ سۇيۇرغال زېمىنى توغرۇلۇق «ئۇنىڭغا
بېرىلگەن سۇيۇرغال زېمىن تۈركىستاندىن باشلىنىپ ئامۇ دەرياسىنىڭ ئېغىزىغىچەئىدى.
ئۇ چىڭگىزخان بۆلۈپ بەرگەن ئۇلۇس ۋە چېرىكلەرنى ئىدارە قىلىش بىلەن، بەشبالىقتىكى
ئۆز ئېلىدە خانلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزەتتى ...»
دەپ يازغان. «چىڭگىزخان ئىگىلىگەن زېمىنىنى
ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندىن باشقا، قۇچۇ ئۇيغۇر ئىدىقۇتىغا ئۆز
ئۇنۋانىنى داۋاملىق قوللىنىشقا، ئەسلى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن زېمىنىنى ساقلاپ
قېلىشقا، يەنىلا قاراقۇچۇنى پايتەخت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى. موڭغۇللار بۇ يەرگە ‹
دارۇغاتچى › ئەۋەتىپ، نازارەت قىلدى. ئىدىقۇتنىڭ مەرتىۋىسى چىڭگىزخان بويسۇندۇرغان
باشقا ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىدىن كۆپ يۇقىرى تۇراتتى»
، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى 13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ
يۇرتىمىزنىڭ  پۈتكۈل تارىخىغا تەسىر
كۆرسىتىپ كەلدى.


1227–يىلى
چىڭگىزخان ئىگىلىگەن يەرلىرىنى پەرزەنتلىرىگە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەندىن كېيىن،
ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى چاغاتاي خانلىقى بىلەن قوشنا بولغان. شۋېتسىيىلىك ئالىم
دوساننىڭ يېزىشىغا قارىغاندا، چىڭگىزخاننىڭ 2 – ئوغلى چاغاتايغا شەرقتە ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى چېگراسى
بىلەن قايالىقتىن تارتىپ غەربتە جەيھۇن (ئامۇ) دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغىچە
بولغان زېمىن بىلەن، تۆت مىڭ چېرىك (ئائىلىسى بىلەن)  تەقسىم بولغان. فرانسىيىلىك يېن پاۋل روشنىڭ
يازغانلىرىغا ئاساسلانساق، چاغاتاي خانلىقىدا يايلاقلار ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان،
يەنى ئېرتىش دەرياسى يايلىقى، ئىلى يايلىقى، تالاس يايلىقى بىلەن بالقاش كۆلى
ئەتراپىدىكى زېمىن خانلىق زېمىنىنىڭ ئاساسىي قىسمى بولۇپ قالغان. بۇ خانىدانلىق
ھۆكۈمدارلىرىنىڭ يەرلىرىدىن تارىم ئويمانلىقى (ھازىرقى بايىنغولىن تەۋەسىنى
چەرچەندىن باشقا جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، ماۋرائۇننەھر، ئافغانىستاننىڭ
غەربىي قىسىم يەرلىرى، پەنجاپ ۋە سىند قاتارلىق يەرلەردىن ئىبارەت. يېن پاۋل
روشنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا، 14–ئەسىرگە كەلگەندە چاغاتاي خاندانلىقىدىكىلەرمۇ
ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكىلەرگە ئوخشاشلا ئۆز ئانا تىلىنىمۇ ئۇنتۇپ تۈركىي تىلدىلا سۆزلىشىدىغان بولغان، ئۇيغۇر تىلى
ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلغان، كېيىن بۇ تىلغا «چاغاتاي تىلى» دەپ نام بېرىلگەن، بۇ تىل ئەمەلىيەتتە موڭغۇل تىلى
بولماستىن، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تىل بولۇپ، زامانىمىز ئىلىم
ساھىبلىرى ئېيتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» ئىدى. ئومۇمەن ئالغاندا، ئۇيغۇر ئىدىقۇت
ئېلى بىلەن چاغاتاي خانلىقى چېگرىلىنىپ تۇرغان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى دەسلەپ موڭغۇل
خانلىقىغا، كېيىن چىڭگىزخان نەۋرىسى قۇبلاي تەرىپىدىن قۇرۇلغان يۈەن سۇلالىسىگە
بىۋاسىتە قارايدىغان بولغان، ئەمما موڭغۇل شاھزادىلىرىنىڭ ھاكىمىيەت تالىشىش
ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قېلىپ،  تالاپەت
تارتقان. ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى كۈچەيگەن ۋاقىتلىرىدا ناھايىتى كەڭ تېررىتورىيىگە
ئىگە بولسىمۇ، خاقانىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن بىر قىسىم زېمىنلىرىدىن، كېيىن
خاقانىيەنىڭ غازاتلىرى بىلەن يەنە بىر قىسىم زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.
ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان يەرلەر 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ چاغاتاي
ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەنە شۇ چىڭگىزخاننىڭ
2 – ئوغلى چاغاتايخاننىڭ ئەۋلادى بولۇپ تارىخىمىزدا ناھايىتى مۇھىم شەخسلەردىن
بىرى ھېسابلىنىدۇ.














تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ
نەسەبى







تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبىدە بەزى
مەسىلىلەر بار. 16–ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر
كۆرەگانى (موڭغۇللارنىڭ دۇغلات قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ئۇيغۇرلىشىپ
كەتكەن) نىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق ئەسىرىنى ئىنگلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر
قىلدۇرغان ئېدۋارد دېنسون رۇس ۋە مۇھەررىرى ئىلىياسلارنىڭ تەتقىقاتىغا
ئاساسلانغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبى چىڭگىزخانغا تۇتۇشىدۇ. چىڭگىزخاننىڭ 2–ئوغلى
چاغاتايخان، ئۇنىڭ ئوغلى
مۇئاتۇغان («شەجەرەئىي تۈرك» تە «مۇتۇكەن»، «كاشغەر
تارىخى» دا «مامۇكەي»، دېيىلگەن. «چىڭگىزخان» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە
«مۇقاتوغان» دەپ تەرجىمە قىلىنغان)
، ئۇنىڭ ئوغلى ئېسەن داۋا،
ئۇنىڭ ئوغلى بەراق (باراق)، ئۇنىڭ ئوغلى داۋا ئىكەنلىكى سىخېمىلاشتۇرۇلغاندىن
كېيىن تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ داۋا ئوغۇللىرىدىن ئېسەن بۇغا ياكى ئېمىل خوجادىن
بىرىنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن . نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى (ئۇيغۇر
بالىسى) «تارانچى تارىخى» ناملىق كىتابىنى يازغاندا «شەجەرەئىي تۈرك» تىن
پايدىلانغان بولسا كېرەك، «موڭغۇل تۆرىلىرى بۇخارادىن ئەل خوجا لەقەملىك ئېسەن
بۇغا دۇۋان چېچەن ئوغلىنى ئالدۇرۇپ خان كۆتۈردى. ئېسەن بۇغا خاننىڭ توقىلى
‹مەڭلىك› خاتۇندىن ‹تۇغلۇق تۆمۈر› ئاتلىق بىر ئوغۇل دۇنياغا كەلدى...»، دەپ
يازغان. مۇشۇ قاراشلار بويىچە ئېيتقاندا، تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئاتىسىنىڭ كىملىكى
ھېلىغىچە مەۋھۇم تۇرماقتا. 16–ئەسىردە ياشىغان تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسىدىكى
ئىرانلىق ئاتاقلىق شائىر شەرىفىددىن ئەلى يەزىدى (؟- 1454) 1420–يىللىرى يازغان
«زەپەرنامە» شۇ ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشلاردىن كېيىن يېزىلغان. ئۇنىڭدا
«چاغاتاي خان نەسلىدىن بولغان جەتە پادىشاھى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىبنى ئېمىل خوجا
ئىبنى داۋاخان» ، دېيىلگەن. شەرىفىددىن ئەلى يەزدى تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيىسىدە
ياشىغان،  ئىمپېراتور تۆمۈرلەڭ (تارىختا
ئەمىر تۆمۈر كۆرەگان، ئاقساق تۆمۈر دەپمۇ ئاتالغان) نىڭ ئەۋلادى شاھرۇھخاننىڭ
ئوغلى ئىبراھىم سۇلتاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن، خانلىقنىڭ قۇلايلىق يارىتىشى ھەمدە
كۆپلەپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ توپلىنىشى بىلەن يېزىلغان «زەپەرنامە» ئۈچۈن،
تۇغلۇق تۆمۈر ھەم ئەمىر تۆمۈر كۆرەگانى توغرىسىدا كۆپ ماتېرىياللارنىڭ
جۇغلانغانلىقىدا شۈبھە يوق.
تۇغلۇق تۆمۈرخاننى خانلىق تەختكە چىقارغان ئەمىر
بۇلاجىنىڭ ئەۋلادى، شۇنداقلا تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى سۇلتان سەئىدخان قۇرغان
ياركەنت سەئىدىيە (1514-1680)  خانلىقىنىڭ
دۆلەت ئەربابى بولغان مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى تەرىپىدىن 1545 – يىللىرى
ئەتراپىدا يېزىلغان «تارىخى رەشىدىي» دە، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبى چىڭگىزخان
ئوغلى چاغاتاي، ئۇنىڭ ئوغلى مامقانخان، ئۇنىڭ ئوغلى قارا سۇبۇخان، ئۇنىڭ ئوغلى
بەراقخان، ئۇنىڭ ئوغلى داۋاچىخان، ئۇنىڭ ئوغلى ئېسەن بۇغا خان ، ئۇنىڭ ئوغلى
تۇغلۇق تۆمۈرخان، دېيىلگەن. «تارىخىي رەشىدىي» نى نەشرگە تەييارلىغۇچىلار بەراقخان
ئوغلىنى ئېسەن داۋا دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەسلىي مەتىندە
kara isun دېيىلگەنلىكىنى ئىزاھلىغان، بۇ ئىسىم ئۇيغۇرچە نەشرىدە قارا
سۇبۇخان، دېيىلگەن.


تۇغلۇق تۆمۈرخان نەسەبى توغرىسىدىكى ھېكايەت «تارىخى رەشىدىي» دىن ئېلىنىپ
«تارىخى رەشىدىي زەيلى» (مىرزا شاھ مەھمۇد جوراس)، «كاشغەر تارىخى» (موللا مىر
سالىھ كاشغەرىي كۆچۈرگەن)، «تارىخى ھەمىدى» (موللا مۇسا سايرامى) قاتارلىق
كىتابلاردا خېلى كەڭ دائىرىدە بايانلانغان. شۇ كىتابلاردا ھېكايە قىلىنىشىچە، تۇغلۇق
تۆمۈرخاننىڭ ئاتىسى ئېسەن بۇغاخاننىڭ ئىككى خوتۇنى بولۇپ، چوڭ خوتۇنىنىڭ ئىسمى
ساتىلمىش، توقالىنىڭ مەڭلىك ئىكەن. ساتىلمىش تۇغماس بولۇپ كۈندىشى مەڭلىكنىڭ ئىككى
قاتلىقىنى سېزىپ، ئېسەن بۇغاخان شىكارغا (بەزىلىرىدە لەشكىرى يۈرۈشكە كەتكەندە،
دېيىلگەن) چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە ئوردىغا كەلگەن شىراۋۇل دۇختەۋى (ئېرتىش
دەرياسىنىڭ شىمالى تەرىپى، دەشتى قىپچاقتا ياشىغان دېگەن قاراش بار) گە خوتۇنلۇققا
بېرىۋېتىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى موغۇل ئادەتلىرى بويىچە خاتۇن توقاللارنىڭ تەقدىرىنى
ئىلىكىدە تۇتقان. ئېسەن بۇغاخان قايتىپ كېلىپ مەڭلىك خاتۇننى سورىغاندا ئۇنىڭ
يىراقتىن كەلگەن  شىراۋۇل دۇختەۋىگە
بېرىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقاندا، خان «يامان بوپتۇ، ئۇ مەندىن ھامىلىدار ئىدى» دېگەن.
شۇ ئىشلار بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئېسەن بۇغاخان قازا قىلىپ، موغۇل قوۋمى خانسىز قېلىپ
ۋەيرانچىلىققا يۈز تۇتقان. «تارىخى رەشىدىي» نىڭ ئاپتورىنىڭ ئەجدادى ئەمىر بۇلاجى
دۇغلات «بىر خان پەيدا قىلىپ مەملىكەتنىڭ قانۇن تەرتىپلىرىنى تۇرغۇزۇشنى كۆڭلىگە
پۈكۈپ»
،
توقال مەڭلىكنىڭ بالىسىنى تېپىپ، ئوغۇل بولسا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تاشتېمۈر ئىسىملىك
بىرىنى يولغا سالغان. تاشتېمۈر ئۇزۇن يول يۈرۈپ
شىراۋۇل
دۇختەۋى تۇرغان جايغا بېرىپ سۈرۈشتۈرۈپ، مەڭلىكنىڭ خاندىن بولغان بالىسىنىڭ ئوغۇل
ئىكەنلىكى، ئىسمىنى تۇغلۇق تۆمۈرخان قويغانلىقىنى ئۇققان ھەمدە ئۇنى ئېلىپ قېچىپ،
دۇغلات ئەمىرى بۇلاجىنىڭ ھۇزۇرىغا - ئاقسۇغا ئېلىپ كەلگەن. شەرىفىددىن ئەلى
يەزىدىنىڭ «زەپەرنامە» دە يېزىشىچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان ھىجىرىيەنىڭ 764–يىلى 34
يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنداقتا، ھىجرىيە 730–يىلى (مىلادىيە 1329– 1330– يىللىرى)
تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 764– يىلى (مىلادىيە 1362-، 1363– يىللىرى قازا قىلغان بولىدۇ.
بۇ يىلنامىدىن 1330– يىلىنى تۇغۇلغان يىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلساق، 1364– يىلى قازا
قىلغان بولىدۇ. فرانسىيە مىللىي كۇتۇپخانىسىدا 1006 رەقىمىدە ساقلىنىۋاتقان
«تەزكىرەت ئەل ئىرشاد» نىڭ ئاپتورىنىڭ «تارىخى رەشىدىي» دىن پايدىلانغانلىقى
ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، شۇنداقتىمۇ تەزكىرەدىكى مۇناسىۋەتلىك يىلنامىلەر
قىممەتلىك. ئۇنىڭدا «تارىخقە 730-يىلى ئۇي يىلىدا تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋۇجۇدقە كەلدى.
16 ياشىدا قالماقتىن ئەمىر بۇلاجى ئاقسۇغا كەلتۈردى، 18 ياشىدا خان بولدى ۋە 24
ياشىدا مۇسۇلمان بولدى. 31  ياشىدا
ماۋرائۇننەھرگە چېرىك ئاتلاندۇردى ۋە تارىخقە 764– يىلى ــــ توشقان يىلىدا 34
ياشىدا ۋاپات بولدى»، دېيىلگەن. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبى ھەققىدە 20–ئەسىرنىڭ
بېشىدا ياشىغان چۆچەكلىك تاتار ئالىمى
قۇربان غالى خالىدى يازغان «تەۋارىخى
خەمىسەئىي شەرقى» دىكى بايانلارمۇ ئوخشاش بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئېسەن بۇغاخاننىڭ
ئوغلى، ئۇ بۇدۇيىچىچە خاننىڭ ئوغلى، ئۇ بەراق خاننىڭ ئوغلى، ئۇ يەسۇنتۇنىڭ ئوغلى،
ئۇ مۇتەكەن (مامقانخان) نىڭ ئوغلى، ئۇ چاغاتاينىڭ ئوغلى دېيىلگەن، ئىسىملارنىڭ
تەلەپپۇزىدا ئازراق پەرقلەر بار. تۇغلۇق تۆمۈرخاننى ئېمىل خوجا ئوغلى دېگۈچىلەردىن
شەرىفىددىن ئەلى يەزىدى («زەپەرنامە»)، ئەبۇلغازى باھادىرخان («شەجەرەئىي تۈرك»)،
خاندەمىر («تۈركىستان ۋە ماۋەرەئۇننەھىر موڭغۇل خانلىرىنىڭ تارىخى»)، مىرزا
ئۇلۇغبەگ («تۆرت ئۇلۇس تارىخى») لەر بار.  


تۇغلۇق
تۆمۈرخاننىڭ نەسەبى توغرىسىدا يۇقىرىدا كۆرگىنىمىزدەك، ئاتىسى ئېسەن بۇغاخان، ئېمىل
خوجا دېگەن ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت. «تارىخى رەشىدىي» نى نەشرگە تەييارلىغۇچىلار
مۇقىملاشتۇرالمىغان. دوسان «دوساننىڭ موڭغۇل تارىخى» ۋە بەزى ماتېرىياللاردا ئېمىل
خوجا دېگەن قاراش ياقلانغان. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبى 16- ئەسىردىن باشلاپلا
تەھقىقلەشكە ھەرىكەت قىلىنغان. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى «تارىخى رەشىدىي»
نى يېزىشتا شەرىفىددىن ئەلى يەزىدىنىڭ «زەپەرنامە»، ئەمىن ئەھمەد رازىنىڭ «ھەفت
ئىقلىم»، ئاتامەلىك جۇۋەينىنىڭ « تەۋارىخى جاھان كۇشاي»  ... قاتارلىق ئەسەرلەردىن پايدىلانغان، جۈملىدىن «زەپەرنامە» دىن خېلى كۆپ مەنبەلەر
كەلتۈرگەن.  مۇشۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا،
مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى «زەپەرنامە» دىكى تۇغلۇق تۆمۈرخان نەسەبىگە ئائىت
ئۇچۇرلارنى كۆرمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئېيتىش مۇمكىنكى، تۇغلۇق تۆمۈرخان
نەسەبى توغرىسىدىكى تەھقىقلىشىدە دۇغلات ئەمىرلىرىنىڭ بايانىنى ئاساس قىلىپ «ئېسەن
بۇغا خان» ئوغلى، دەپ يازغان. ئاكادېمىك ۋ. ۋ. بارتولدنىڭ يېزىشىچە، ئەبۇلغازى
باھادىرخان ئېمىل خوجانىڭ لەقىمى ئېسەن بۇغا دەپ يازغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە
تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبى توغرىلىق گۇمانىي قاراشتا بولغان، جۈملىدىن «تۇغلۇق
تۆمۈر ئەسلىي خان ئەۋلادىدىن ئىدى، دېگەن بۇ گەپنى دۇغلات ئۇرۇقىدىن بولغان ھېلىقى
ئەمىر توقۇپ چىققان بولسا كېرەك ۋە بۇ ئەمىر ئۇنى چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ شەرقىدە
مەزكۇر خان ئەۋلادىدىن ھېچقانداق پۇشتى قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ، خانلىق تەختكە
چىقارغان بولسا كېرەك» ، دېگەننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەبۇلغازى باھادىرخان
(1605- 1663) نىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە
نۇسخىلىرى نەشر قىلىندى، ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ قايسى خىل نۇسخىسى ئاساس قىلىنغانلىقى
نامەلۇم، پەرىزىمچە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسلىي نۇسخىسىدىن كۆرە ئۈزبېكىستاندىكى
نەشرى مەنبە قىلىپ نەشرگە تەييارلانغان بولۇشى مۇمكىن. خەنزۇچە نۇسخىسى 1874–
يىلىدىكى فرانسۇزچە تەرجىمىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان، فرانسۇزچىغا چاغاتاي ئۇيغۇر
يېزىقىدىكى نۇسخىسىدىن تەرجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرچە نەشرىدە «چاغاتايخان ئەۋلادىدىن
ئېلاجە لەقەملىك ئېسەن بۇغا بىن دۈي چېچەن بىن بەراق بىن يەسەنتۇ بىن مۇتۇكەن بىن
چاغاتايخان ماۋرائۇننەھردە تۇغۇلغان ئىدى» دېيىلگەن. خەنزۇچە نەشرىدە «چاغاتايخاننىڭ بىر
ئەۋلادىنىڭ ئىسمى ئېسەن بۇغا بولۇپ يەنە بىر ئىسمى ئېلى خوجا (
伊勒火者)، ئۇ ماۋرائۇننەھردە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ نەسەبى ئېسەن بۇغا – داۋا –
چېچەن – بەراق – يېسەنتۇ – موتۇكەن – چاغاتايخان» دېيىلگەن. مىرزا ئۇلۇغبەگ «تۆرت
ئۇلۇس تارىخى» دا «ئەمىر غازانخان شېھىد بولغاچ تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىبن ئەلخوجا ئىبن
داۋا چېچەنخان جەتە ئۇلۇسىدا ھاكىم بولدى. ماۋرائۇننەھر خەلقىنىڭ ئالمالىق
ماۋازىنىدە ئۇنىڭ ئەمرى بىلەن قۇببە بىنا قىلغان ئىدى. ۋاپاتىدىن كېيىن ئاشۇ يەرگە
دەپنە ئەتتىلەر. ئول قۇببە ئالتۇن نامى بىلەن مەشھۇردۇر. ... تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىبن
ئەلخوجا ئىبن داۋا چېچەنخان ئىبن سۇلتان غىياسىددىن بەراقخان ئىبن سۆقار ئىبن كومكور
ئىبن چاغاتاي خان ئىبن چىڭگىزخان» دېيىلگەن. ئاكادېمىك بارتولدنىڭ گۇمانىغا ئوخشاش
گۇماننىڭ تۇغۇلۇشى تەبىئىي، ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ چاغاتاي نەسەبىگە
تۇتاشماسلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس، چۈنكى شۇ دەۋردىكى كەسكىن ھوقۇق تالىشىش
كۈرەشلىرىدە، تۇغلۇق تۆمۈرخاننى خانلىق تەختىگە چىقىرىشتا يېتەرلىك ئاساسلار
بولمىسا موڭغۇل قوۋمى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. «تارىخى رەشىدىي» ۋە
باشقا ماتېرىياللاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، 1330–يىلى تۇغۇلغان
تۇغلۇق تۆمۈرخان 15 يېشىدا يەنى 1345-يىلى ئەتراپىدا ئاقسۇدا خانلىق تەختكە
چىقىرىلغان. ئۇ 18 يېشىدا (كۆپىنچە ماتېرىياللاردا 1347–يىلى دېيىلگەن) ئالمالىق
شەھىرىدە موغۇلىستان چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان. بەزى ماتېرىياللاردا،
1347–يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى، مۇشۇ ۋاقىتتا چاغاتاي خانلىقى
ئىككىگە ب
ۆلۈنۈپ كەتكەن، دەپ بايان قىلىنىدۇ. 24 يېشىدا (1353 ~ 1354-يىللىرى) ئىلىدا
مۇسۇلمان بولغان، 1360-، 1363– يىللىرى ماۋرائۇننەھرگە لەشكەر باشلاپ چاغاتاي
خانلىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن يۈرۈش قىلغان ھەمدە ماۋرائۇننەھرنىڭ بىر قىسىم
يەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خېلى نۇرغۇن يەرلەرنى ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان،
يۈرۈشتىن قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي 34 يېشىدا 1363–يىلى قازا قىلغان.  ئۇنداقتا، ئېسەن بۇغا بىلەن ئېمىل خوجانىڭ
قايسى بىرى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاتىسى؟ ناۋادا تارىخ يازمىلىرىدىكى تۇغلۇق
تۆمۈرنىڭ تۇغۇلغان يىلىنى ئېتىراپ قىلساق، ئېسەن بۇغاخان بىلەن يىل دەۋرىنى
سېلىشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. دوكتور تيەن ۋېيجياڭ ۋە دوكتور ليۇ يىڭشېڭلارنىڭ
تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئېسەن بۇغاخان كېچىككەندىمۇ 1320–يىلى قازا قىلغاندىن
كېيىن كېبەكخان چاغاتاي خانلىقىنىڭ تەختىگە چىققان. ئەگەر مۇشۇ تەتقىقاتلارغا
ئاساسلىنىدىغان بولساق، ئىسەن بۇغاخان ئۆلۈپ 10 يىلدىن كېيىن ئاندىن تۇغلۇق
تۆمۈرخان تۇغۇلغان بولۇپ چىقىدۇ.


تۇغلۇق تۆمۈرخان ئېسەن بۇغاخاننىڭ ئوغلى بولمىسا، ئۇ ھالدا ئېمىل خوجانىڭ
ئوغلى بولۇش ئېھتىماللىقىلا قالىدۇ. دوكتور ليۇ يىڭشېڭنىڭ تەتقىقاتىدىن قارىغاندا،
15–ئەسىردىكى «مۇززىئال ئەنساب فى شاجارات سالاتىن موغۇل»، قاشانىنىڭ «تەۋارىخى
ئولجايتو»، ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ «شەجەرەئىي تۈرك» قاتارلىق مەنبەلەرگە
ئاساسلىنىپ، شەرىفىددىن ئەلى يەزىدىنىڭ «زەپەرنامە» دىكى «ئېمىل خوجا ئوغلى» دېگەن
بايانىنىڭ توغرىلىقىنى بىلىش مۇمكىن. ئېسەن بۇغاخان ئوغلى دېگەن قاراشنى بارتولد
ئېيتقاندەك، ئەمىر بۇلاجى باشچىلىقىدىكى دۇغلات جەمەتى توقۇپ چىققان بولۇشى
مۇمكىن. دۇغلات ئەمىرى بۇلاجىنىڭ ئېمىل خوجا ئوغلى تۇغلۇق تۆمۈرنى ئېسەن
بۇغاخاننىڭ ئوغلى دېيىشى، ئاساسلىقى ئېسەن بۇغاخاننىڭ تەخت ۋارىسى سۈپىتىدە
ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى كۆزلىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك.  دېمەك مۇشۇ قاراشلار بويىچە ئېيتقاندا، تۇغلۇق
تۆمۈرخان ئېسەن بۇغاخاننىڭ ئوغلى بولماستىن، ئۇنىڭ بىر تۇغقان قېرىندىشى ئېمىل
خوجانىڭ ئوغلىدۇر.








تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى













تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشى توغرىسىدا ماتېرىياللار ئىنتايىن كۆپ،
گەپنى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مەشھۇر شەھەر كىتىكتىن باشلاشقا
توغرا كېلىدۇ. شەھىرى كىتىك تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىدا، يەنى چەرچەن
دەرياسىنىڭ ئاياغ ئۇچىدا تارىم دەرياسىغا قوشۇلۇشقا ئاز قالغان ئورۇندىكى «ئېتەك
تېرىم (ئېتەك تارىم دەپمۇ يېزىلغان)» دېگەن جايدا. بۇ شەھەر مىلادىينىڭ بېشىدىن
باشلاپ گۈللىنىپ تۇرغان بولۇپ، 8– ئەسىرلەردىكى تۈبۈتچە يازمىلاردا
kadag،
982– يىلى يېزىلغان پارسچە ئەسەر «ھۇدۇدۇل ئالەم» («ئالەمدىكى چېگرا–پاسىللار»)
دە KADHAK، ئوتتۇرا ئەسىر خەنزۇچە يازمىسىدا怯台،
چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يازمىلاردا «كتك» ياكى «كدك»، دەپ يېزىلغان. بۇ
شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى مۇشرىك، ئاز بىر قىسمى مۇسۇلمان بولۇپ، باياشات
ياشايدىكەن. چىڭگىزخان مۇسۇلمان يۇرتلىرىنى ئىشغال قىلغان زامانلاردا بەلىخلىق
مەشھۇر ئالىم ئەبۇ ھەبىس كەبىرىينىڭ ئەۋلادى جامالىددىن بەلخلىق شاگىرتى شەيخ
شاھابىددىن بىلەن موڭغۇل ئىمپىرىيەسىنىڭ پايتەختى قاراقۇرۇمدىن قېچىپ مۇشۇ شەھەر
ـــ كىتىككە يېتىپ كەلگەن. مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى جالالىددىن كىتىكى
(جامالىددىندىن كېيىن جالالىددىن دەپ ئاتالغان) ئەۋلادلىرىدىن ئىگىلىشىچە،
چىڭگىزخان بۇخارا ئۇلۇغلىرىنى يىغىپ قەتلى قىلغاندا مەۋلانا ھافىزىددىن كەبىرىينى
بۇخارادا قەتلى قىلغان، ئۇنىڭ ئىنىسى شۇجائىددىن مەھمۇدنى پايتەختى قاراقۇرۇمغا
ئېلىپ كەتكەن، ئۇ شۇ يەردە قازا قىلغان. كېيىن مەۋلانا شۇجائىددىننىڭ ئوغلى (يىل
نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئەۋلادى بولۇشى كېرەك) جامالىددىن  «خوتەن بىلەن تۇرپان ئارىسىدىكى» شەھىرى
كىتىككە كەلگەن. بۇچاغلاردىكى شەھىرى كىتىك قۇربان غەلىي خالىدىينىڭ سۆزى بىلەن
ئېيتقاندا، تەكلىماكاندىكى شەھەرلەرنىڭ مەركىزى ئىدى. ئۇچتۇرپانلىق شائىر موللا
شاكىر («زەپەرنامە»)، شىريار («مەۋلانە ئەرشىدىن تەزكىرەسى») ۋە باشقا
تەزكىرەلەرنىڭ بايانى بىلەن ئالغاندا 41 شەھەرنى باشقۇرىدىغان مەركەز ئىدى.
جالالىددىن كىتىك شەھىرىگە كەلگەندىن كېيىن دىن تەرغىباتى بىلەن مەشغۇل بولغان.
خەلق ئېغىز رىۋايەتلىرىدىن كۆرە «تەزكىرەتۇل ئېرشات» تا يېزىلىشىچە، شەھىرى
كىتىكنى توشقان يىلىدا قۇم باسقان، تۈن بويى قۇم يېغىپ شەھەر قۇم تېگىدە قالغان.
رىۋايەتلەردە بايان قىلىنىشى ۋە بەزى تەزكىرەلەردە يېزىلىشىچە، جالالىددىن كىتىكى
باشلىق مۇسۇلمانلار موما ياغاچلارنى قاداپ، «40 كېچە – كۈندۈز» موما ياغاچنى
چۆرگىلەپ ھايات قالغان. ھايات قالغان كىتىك ئاھالىسى (شىريار 15 كىشى دەپ يازغان،
ئەمما بۇ سان ئەمەلىي ساندىن ناھايىتى كەم ئىكەنلىكى مەلۇم) تارىم دەرياسىنى
بويلاپ كۆچكەن. ئۇلار كۆچۈپ «تاغ – دەريالاردىن ئېشىپ، چۆل – جەزىرەلەرنى بېسىپ
ئۆتۈپ، ئەردەۋىل شەھىرىگە كېلىپ ئايكۆل دېگەن جايدا تەكيەگاھ بىنا قىلدى» .
جالالىددىن كىتىكى باشچىلىقىدىكى كىتىكلىك مۇسۇلمانلار ئەردەۋىل (ئاقسۇ) ئايكۆلگە
بارغۇچە يول بويلاپ بىر قىسمى تۇرۇپ قالدى، جۈملىدىن ئاقتاما (ھازىر  لوپنۇر ناھىيە تەۋەسىدىكى 31– پولك
دائىرىسىدە)، كۆتەكلەر كەنتى (كورلا شەھىرى ئايرودرومغا يېقىن مەھەللە) ۋە بۈگۈر
ناھىيىسى تەۋەسىدە شۇ نامدىكى مەھەللىلەر بولغان ياكى رىۋايەتلەر قالغان.
كىتىكلىكلەر ئاقسۇنىڭ يار بېشى دېگەن يېرىدە كۆپرەك ئولتۇراقلاشقانلىقتىن
«كىتىكلىكلەر كەنتى» بەرپا بولغان . مۇھەممەد تۆمۈر قاراقاشى 1818– يىلى
يازغان «تەزكىرەتۇل ئېرشات» تا ئېيتىلغان شەھىرى كىتىكنى قۇم باسقان يىلىنىڭ
خاتىرىسى بولغان توشقان يىلى مىلادىيە 1340- يىلىغا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، شۇندىن
كېيىن سەپەر قىلىپ ئاقسۇدا ماكانلاشقان جالالىددىن كىتىكى ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ
پەرزەنت كۆرگەن ھەمدە ئۇنىڭغا «ئەرشىدىن» دەپ ئىسىم قويغان. جالالىدىن كىتىكى
ئاقسۇ ئايكۆلدە ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ قەبرىگاھى ھازىر ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل
يېزىسىدا ئايكۆل مەۋلانەم بۇزۇرۇكگاھى نامىدا مەشھۇر، يېقىنغىچە كىشىلەر تەرىپىدىن
تاۋاپ قىلىنىپ كەلگەن. جالالىددىن كىتىكىنىڭ ئوغلى مەۋلانا ئەرشىدىن مازىرى كۇچا
قارادۆڭدە (يېڭى شەھەر رايونىنىڭ غەربىدە) بولۇپ مەۋلانا ئەرشىدىن ۋەلى
بۇزۇرۇكگاھى دېگەن نامدا مەشھۇر. جالالىددىن كىتىكى ئاقسۇدا ياشاۋاتقان كۈنلىرى
تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ دۇغلات ئەمىرى بۇلاجى تەرىپىدىن ئاقسۇغا كەلتۈرۈلگەن يىللىرى
(مىلادىيە 1345– يىلى) ئىدى. شىكارغا چىققان تۇغلۇق تۆمۈرخان ئايكۆل بويلىرىدىكى
سىفىر(خانلار مەخسۇس شىكار قىلىدىغان ئورۇن)دا ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەندە،  خان يارلىقىغا خىلاپ ھالدا ئوۋ رايونىدا يۈرگەن
جالالىددىن كىتىكى باشلىق كىشىلەر تۇتۇپ كېلىنىپ سوراق قىلىنغان. يەنە بەزى
ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، تۇغلۇق تۆمۈرخان شەھىرى كىتىكنى قۇم باسقانلىقىنىڭ
ئەھۋالىنى بىلىش ئۈچۈن، جالالىددىن كىتىكىلەرنىڭ شۇ يەردىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ
چاقىرتقانلىقىدىن، يۈز كۆرۈشۈشكە ئىمكان بولغان. ئومۇمەن يۇقىرىقى سەۋەبلەر بىلەن
جالالىددىن كىتىكى تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن دىدارلاشقان ۋە ئۇنى دىنىي ئىسلامغا دەۋەت
قىلغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئۆزىنىڭ گەرچە خان ئاتالسىمۇ تېخى مۇغۇلىستان ئاستانىسى
ئالمالىقتىكى تەختكە چىقمىغانلىقىنى، شۇ يەردە خانلىق تەختىگە ئولتۇرغاندا بارسا
مۇسۇلمان بولىدىغانلىقىنى، ھازىر مۇسۇلمان بولسا قوۋملىرىنىڭ قارشى
چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. يۇقىرىقى سۆھبەت بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي جالالىددىن
كىتىكى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇشقا قىلغان ۋەدىلىرى بىلەن ۋەسىيەتلىرىنى
ئوغلى ئەرشىدىنگە قالدۇرۇپ باقىي دۇنياغا كەتكەن. تۇغلۇق تۆمۈرخان 15 يېشىدا
ئاقسۇدا خان بولۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن يەنى 18 ياشقا كىرگەندە ئىلى رايونىدىكى
ئالمالىق شەھىرىدە موغۇلىستاننىڭ پادىشاھى بولغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئىلىغا چىقىپ
موغۇلىستان مەملىكىتىگە خان بولغاندىن كېيىن مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى بېرىپ
(ئەمەلىيەتتە ئاتىسىنىڭ ۋارىسلىرى بىلەن بىرگە ئۆسمۈر ئەرشىدىن ئىلىغا بارغان
چىققان، تۆھپە شۇنىڭ نامىغا ئاتىلىپ قالغان بولۇشى ئېھتىمال. ئۇنداق بولمىسا،
ئەرشىدىن ۋەلى كىتىكتە تۇغۇلغان، ئالمالىققا بارغاندا يېشى خېلى چوڭ بولۇشى
مۇمكىن) ئۇنى ۋەدىسى بويىچە مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلماق بولغان بولسىمۇ كۆرۈشۈش
ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن، ئاخىرى ئەتىگىنى ئەزان توۋلىغاندا خان ئاڭلاپ
چاقىرتقان، شۇ سەۋەب بىلەن يۈز كۆرۈشۈشكە مۇيەسسەر بولغان. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا،
مەۋلانە ئەرشىدىن ئەزان ئېيتقان دۆڭ تاكى بۈگۈنگىچە «ئەزان دۆڭ» دەپ ئاتىلىپ
كەلمەكتە. تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، دۇغلات دوختەۋىي بېگى يارقى،
ئوردا بېگى ئالتۇن باخشى ۋە تارغۇن باخشى، زارغۇن باخشى كەبى جايساڭلار ھەم
لەشكەرلەر مۇسۇلمان بولغان. جوراس قەبىلىسىدىكىلەر بويۇنتاۋلىق قىلغان بولسىمۇ
ئاخىرى مۇسۇلمان بولغان. ئەسلىدە مۇسۇلمان بولۇپ ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالماي
يۈرگەنلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئاشكارا قىلغان. مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى
بالغاسۇن (ئالمالىق) دا بىر يىل تۇرۇپ مۇسۇلمانچىلىقتىن تەربىيەت قىلغان.
ماتېرىياللاردا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مۇسۇلمان بولغان كۈنى 160 مىڭ كىشى مۇسۇلمان
بولغانلىقى بايان قىلىنغان، كۆپ كىشىلەر بۇلارنى موڭغۇللار، دەپ تونۇيدۇ. 160 مىڭ
يېڭى مۇسۇلماننى موڭغۇل قوۋمىدىن دەپ قاراش سەۋەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. سۇلتان
ساتۇق بۇغراخان مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان بايتاش
(مۇسا) ئىسلام دىنىنى خانلىقنىڭ دىنى قىلىپ جاكارلىشى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ خوتەنگە
غازات قىلىشى سەۋەبىدىن ئىسلام دىنى خېلى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقان ئىدى. گەرچە
خاقانىيە بىلەن ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى ئارىسىدا كۆپ سوقۇشلار بولغان، ئۇيغۇر ئىدىقۇت
ئېلى بىر قىسىم زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان، مەلۇم مەزگىل خاقانىيەگە سېلىق
تۆلەيدىغان ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. ئۇيغۇر ئىدىقۇت
ئېلى دائىرەسىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولۇپ، خېلى ساندا مۇسۇلمانلار بولسىمۇ،
ئاھالىنىڭ كۆپى بۇددا، نېستۇرى ۋە مانىي دىنلىرىدا ئىدى. شۇڭا ئۇيغۇر ئىدىقۇت ئېلى
دائىرىسىگە (بۈگۈر ۋە چەرچەن ئارقىلىق خاقانىيە بىلەن چېگرىلانغان) ئىسلاملىشىش
ئەمەلگە ئاشمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىش مۇمكىنكى، تۇغلۇق تۆمۈرخان زامانىدا
مۇسۇلمان بولغان ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسىلا موڭغۇللار دېيىشكە بولمايدۇ، بەلكى تەڭدىن
تولا ئاھالە ئۇيغۇرلار - يەرلىك ئاھالە ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان نەسەبى موڭغۇل
بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۇنىڭ زامانىدا مۇسۇلمان بولغانلارنى موڭغۇل دەپ قاراشقا
بولمايدۇ. چىڭگىزخان پەرزەنتلىرىگە يەر – زېمىن ئەمەس بەلكى ئاھالە (چېرىك) نى
سۇيۇرغال قىلغان، جۈملىدىن 4000 چېدىر (پېرىسىيەلىك رەشىدىن پەيزۇللا «جەمىئۇت
تەۋارىخ» تا بارلاس قوۋمى مىڭ چېدىر، قوڭغىرات قوۋمى مىڭ چېدىر ... قاتارلىق)
ئاھالە  چاغاتايغا تەقسىم بولغان. تۇغلۇق
تۆمۈر خان بولغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق دائىرىسى ھازىرقى شىمالىي
شىنجاڭنى تېررىتورىيە قىلغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى نەچچە يىل خانسىز قالغان بۇ
ھاكىمىيەت كەڭ تېررىتورىيىگە ئىگە ئەمەس ئىدى، ئۇ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن
ماۋرائۇننەھر قاتارلىق جايلارنى ھۆكۈمرانلىقىغا ئالغان. شۇ سەۋەبتىن تۇغلۇق تۆمۈر
ھاكىمىيىتىدە ئۇنچە كۆپ موڭغۇل ئاھالىسىنىڭ بولۇشى گۇمانلىق، شۇڭا مۇسۇلمان
بولغانلارنىڭ كۆپ سانلىقى يەنىلا ئۇيغۇرلار ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مۇسۇلمان
بولۇشى ئۇيغۇرلاردىكى ئىدېئولوگىيە بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە،
ئۇيغۇرلىشىپ كېتىۋاتقان موڭغۇل ئاھالىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاخىرقى
توسالغۇ دىنىي پەرق يوقىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ كېتىشنى ئىلگىرى سۈردى. تۇغلۇق
تۆمۈرخان باشچىلىقىدا موڭغۇللار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى مەسىلىسىدە
ئېيتىش زۆرۈر مەسىلىدىن بىرى، تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن بۇرۇنمۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن
مۇسۇلمان خانلارنىڭ ئۆتكەنلىكىدۇر. چاغاتاي ئوغلى مامقانخاننىڭ ئوغلى قاراھىلاكۇ
خان بولغان. قاراھىلاكۇ قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ سەبىي ئوغلى مۇبارەكشاھ ئانىسى
ئەرغەنەنىڭ ياردىمىدە خان بولغان، مانا مۇشۇ مۇبارەكشاھ چاغاتاي نەسەبىدىن بولغان
تۇنجى مۇسۇلمان پادىشاھىدۇر. مۇبارەكشاھتىن كېيىن چاغاتاي نەسەبىدىن «ئالغۇ بىن
بەيدەر»، ئۇندىن كېيىن «بەرەقخان بىن يەسەنتۇ» خان بولغان. بەرەقخان پادىشاھ بولۇپ
2 يىلدىن كېيىن مۇسۇلمان بولغان (بۇخارادا مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سۇلتان
غىياسىدىن دەپ ئاتالغان)، ئۇزۇن ئۆتمەي قازا قىلغان. كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەنە
تەرمە شېرىن ئىسىملىك بىرى مۇسۇلمان بولغان، ئۇ ماۋرائۇننەھرنىڭ پادىشاھى بولغاچقا
ئۇ تەرەپلەردىكى موغۇللارنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى شۇندىن كېيىن مۇستەھكەم بولغان. مۇشۇ
نۇقتىلاردىن ئالغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان چاغاتاي نەسەبىدىكى خانلار ئىچىدە كەم
دېگەندىمۇ مۇسۇلمان بولغان 4–خان ھېسابلىنىدۇ.      


تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاستانىسى ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان توغرىسىدا يېزىلغان
ئەسەرلەردە «قارا بالغاسۇن» دېگەن يەر نامى تىلغا ئېلىنىدۇ. رۇسىيە پەنلەر
ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى سانكتپېتېربۇرگ شۆبىسىدە
C556 رەقەمدە ساقلىنىۋاتقان «تەزكىرەئىي مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى» نىڭ ھاشىيەسىدە «بۆلەك
تارىخ كىتابلىرىدا بالغاسۇننى بىلاساغۇن دەب زىكرى قىلىبدۇر» دېيىلگەن.
ئەمەلىيەتتە قەدىمكى تىلدا «بالغاسۇن» سۆزى شەھەر دېگەن مەنىدە ئىدى، لېكىن تىل
ئىشلىتىلىش داۋامىدا «بالاساغۇن» بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت
قىلمايمىز. «تارىخى رەشىدىي» نىڭ مۇھەممەتتۇردى مىرزائەخمەد نەشرگە تەييارلىغان
ئۇيغۇرچە نۇسخىسىدا « ‹تارىخى مەجمەئۇل – ئەنساب› (بارلىق نەسەبلەرنىڭ تارىخى)
ناملىق كىتابتا، بالاساغۇننى موغۇللار ئالمالىق دەيدۇ» ، دېگەن ئۇچۇردىن
ئالمالىقنىڭ ئەينى زاماندا بالغاسۇن - شەھەر دەپمۇ ئاتالغانلىقىنى جەزملەشتۈرىمىز.ىيۇقىرىقىقارقى تەزكىرىدە تارتار،
كاشغە ئەرەۋىل ، كۈەن، اچىن ، تۇرفان قاتارلىق تامامى يۇرتلارنىڭ باج–سېلىقلىرى
بالغاسۇنغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى يېزىلغان. باج–خىراجى يىغىلىدىغان بۇ شەھەرلەر
قاتارىغا رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتى سانكىتپېتېربۇرگ
شۆبىسىدە
D115 رەقەمدە ساقلانغان نۇسخىسىدا ياركەنت شەھىرىمۇ قوشۇپ سانالغان. مەۋلانە ئەرشىدىن
ۋەلى توغرىسىدىكى تەزكىرىلەردە يېزىلىشىچە ، ئاستانە جەنۇبلۇقلار (جۈملىدىن
ئاقسۇلۇقلار) «تاغ» دەپمۇ ئاتالغان، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاستانىغا مۇزارت
ئارقىلىق بارغانلىقىدىن بولسا كېرەك. بۇ توغرىدا مۇشۇ تەزكىرەدە «نەبرەم خوجا
راشىدىن بىلەن تاغقە بارىپ تۇغلۇق تۆمۈرخاننى مۇسۇلمان قىلغاندىن كېيىن خوجا
راشىدىن بىلەن كۈسەن شەھىرىدە تەكيەگاھ قىلىڭلەر» دېيىلگىنى بۇنىڭ مىسالىدۇر.













تۇغلۇق تۆمۈرخان
ئەۋلادلىرىنىڭ تەقدىرى







تۇغلۇق تۆمۈرخان دۇغلات ئەمىرى خۇدايداد قازا قىلغاندىن كېيىن، تۇغلۇق
تۆمۈرخاننىڭ ئەمرى بىلەن ئۇنىڭ يەتتە ياشلىق ئوغلى ئاتا ئورنىغا ئۇلۇس بېگى
بولغان. ئەمىر بۇلاجى بەش ئاكا–ئىنى بولۇپ، ئۈچىنچى ئىنىسى ئەمىر قەمىرىددىن
مەنسەپ تەمەسىدە ئىدى. تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەمىر بۇلاجىنىڭ مەنسىپىنى ئۇنىڭ ئوغلى
يەتتە ياشلىق خۇدايدادقا بەرگەنلىكىدىن نارازى بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرگە دات ئېيتقان،
ئەمىر خۇدايداد چوڭ بولغۇچە ئەمىر بولۇشنى تەلەپ قىلغان، لېكىن تۇغلۇق تۆمۈرخان
رەت قىلغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن قەمەرىددىن ئىسيان كۆتۈرۈپ،
تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئورنىغا خان بولغان ئىلىياس خوجا (ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا
ماۋرائۇننەھرگە ۋالىي بولغان) قاتارلىق تۇغلۇق تۆمۈر جەمەتىدىن 18 كىشىنى
(ماتېرىياللاردا شاھزادە دېيىلگەن) ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىنى خان دەپ جاكارلىغان. شۇ
قېتىمقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەمىر ئاغا ئىسىملىك خوتۇنىدىن
بولغان ئوغلى ئەمچەكتە قالغان، ئەمىر ئاغا ئوغلىنى ئېلىپ خۇدايدادنىڭ ھىمايە
قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەمىر خۇدايداد تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ خىزىر خوجا ئىسىملىك بۇ
ئوغلىنى قەمەرىددىننىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلاش ئۈچۈن بەدەخشان، كاشىغەر،
خوتەن تاغلىرىغا، ئاخىرىدا سارىغ ئۇيغۇر (ھازىرقى چاقىلىق- چەرچەن تەۋەسى)
دائىرىسىگە يوشۇرۇپ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. قەمىرىددىن ئۆزىنى خان ئاتىغاندىن
كېيىن ئەمىر تۆمۈر (ئەسلىدە تۇغلۇق تۆمۈر خان ئوغلى ئىلىياس خوجىنى ماۋرائۇننەھرگە
ھاكىملىققا قويغاندا ئاقساق تۆمۈرلەڭ – ئەمىر تۆمۈر كوراگان – ئۇنىڭغا ئىشىك ئاغا
بولغان ئىدى) ئۇنىڭغا بەش قېتىم يۈرۈش قىلغان، 5– قېتىملىق يۈرۈشىدە قەمەرىددىن
قېچىپ كەتكەن. ئەمىر خۇدايداد خىزىر خوجانى تاپتۇرۇپ كېلىپ خانلىققا كۆتۈرگەن،
ئەمما چاغاتاي خانلىقى تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋاپاتىدىن كېيىن پارچىلىنىپ كەتكەن،
توغرىسىنى ئېيتقاندا، ماۋرائۇننەھر قاتارلىق جايلار تۈركلىشىپ كەتكەن بارلاس
قەبىلىسىدىن چىققان ئەمىر تۆمۈر 1370–يىلى قۇرغان تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيەسىنىڭ
ئاساسى بولۇپ قالغان. چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادى بولسا
موغۇلىستان (ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭ دائىرەسى) گە، دۇغلاتلار ماڭلاي سۈيە (ئالتە
شەھەر، ئاساسلىقى بۈگۈر ۋە چەرچەننىڭ غەربىي تەرەپلىرىنى ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي
شىنجاڭ ۋە پەرغانە ۋادىسى) نى ئىدارە قىلغان. تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادىدىن بولغان
خانلار داۋاملىق موغۇلىستاننى ئىدارە قىلغان. تۇغلۇق تۆمۈر نەسەبىدىن سۇلتان
سەئىدخان 1514–يىلى مىرزا ئابابەكرىنى يوقىتىپ، ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى
(1514-1680) نى قۇرۇپ ئۈچ يۈز يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان خانلىق ئىچىدىكى خانلىق
دۇغلات ئەمىرلىكى (دۇغلاتلار چىڭگىزخان، تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە خىزىر خوجالاردىن كۆپ
ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن ماڭلاي سۈيەدىكى تەسىرى ئىنتايىن چوڭ ئىدى) نى
يوقاتقان. چىڭگىزخان زامانىدىن باشلاپلا نۇرغۇن ئىمتىيازلارغا ئېرىشكەن دۇغلات
ئەمىرلىرىنىڭ سەلتەنەتى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 2–خانى ئابدۇرەشىتخاننىڭ  1533–يىلى دۇغلات چوڭلىرىنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىشى
بىلەن تامامەن ئاخىرلاشقان. چىڭگىزخاننىڭ 2–ئوغلى چاغاتاي ئەۋلادى بولمىش تۇغلۇق
تۆمۈرخان ئەۋلادلىرىنىڭ سەلتەنەتى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقى نامىدا داۋاملىشىپ،
1680– يىلى جۇڭغارلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن ئاخىرلاشقان.


تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ خانلىق دائىرەسى توغرىسىدا موللا مىر سالىھ كاشغەرىي
كۆچۈرگەن «كاشغەر تارىخى» دا «تۇغلۇق تۆمۈرخان بەشبالىق ۋە قايالىق ۋە ئالمالىق ۋە
كاشغەر ۋە خوتەن، ئۈزكەنت ۋە پەرغانە، ئوترار ۋە تاشكەنت ۋە خوجەنت ۋە
ماۋارەئۇننەھرگە، بۇخارا، سەمەرقەنت، جەيھۇندىن ئۆتۈپ بەلخ ۋە غورۇ ۋە تالقان ۋە
قوندۇزغىچە تەخت تەسەررۇفىدا ئىدى» ، دەپ يازغىنىدەك خېلى كەڭرى زېمىنلار
بولسىمۇ، ئوغلى خىزىر خوجا زامانىدا يەنى 1370– يىلى تۆمۈرىيلەر ئىمپېرىيەسىنىڭ
قۇرۇلۇشى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭ دائىرەسى (تېخىمۇ ئۈنۈمۈلۈك دائىرەسى ھازىرقى
بايىنغولىندىن شىمالىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلار) بولغان.








تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مازىرى







تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى
قورغاس ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان، يەنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش ئارمىيىسى
4–دېۋىزىيە 61–پولك دائىرەسىدىكى مىللەتلەر كوچىسىغا جايلاشقان، بۇ جاينىڭ بۇرۇنقى
نامى چوڭ مازار مەھەللىسى. ماتېرىياللاردا قورغاس ناھىيە بازىرى بىلەن ئارىلىقى 30
كىلومېتىر . بۇ مازار بىر باغ ئىچىگە جايلاشقان، باغ ئىچىدە خەنزۇ ۋە ئىنگلىز
يېزىقلىرىدا مازار ۋە ئالمالىق شەھىرى توغرىلىق تاش ئابىدە تىكلەنگەن. باغ
ئىچىدىكى يول بىلەن 100 مېتىردەك ئىچكىرىگە تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئاتلىق ھەيكىلى
تۇرغۇزۇلغان، شۇ يەردىن قارىغاندا 4 قۇرۇلۇش بار. ھەيكەلنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرىپىدىكى
قۇرۇلۇش زامانىمىزدا سېلىنغان، ئاساسەن پۈتۈپ قالغان، كەلگۈسىدىكى موزېي ياكى
باشقا ئەسلەھە ئۈچۈن تەييارلانغان بولسا كېرەك. تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ھەيكىلىدىن
ئۆتسىلا ھەيۋەتلىك ئىككى گۈمبەز زاھىر بولىدۇ، ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپتىكىسى تۇغلۇق
تۆمۈرخان قەبرىسى، قەبرىنىڭ ئېگىزلىكى 13.35 مېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 14.7
مېتىر، شىمالدىن جەنۇبقا 10.7 مېتىر، ئايلانمىسى 67 مېتىر. گۈمبەزنىڭ ئالدى يۈزى
كۈنچىقىشقا قارىتىلغان، ئالدى يۈزى 3 خىل رەڭدىكى 26 خىل ئۆلچەمدىكى كاھىش
چاپلانغان. گۈمبەزنىڭ كۈنچىقىش تېمى ئىچىگە ئويما شەكىللىك تام ئىشىك چىقىرىلغان
(ھەممە يېرىگە نەقىشلىك كاھىش چاپلانغان) بولۇپ ئېگىزلىكى 8 مېتىر، كەڭلىكى 4
مېتىر. مانا بۇ ئويۇقچە تام ئىشىكنىڭ ئۈستىدە ياغاچ پەنجىرە، ئاستىدا قوش قاناتلىق
ياغاچ ئىشىك بار. مازارنىڭ ئالدى يۈزىدە 3 قۇر ئەرەبچە خەت بولۇپ، ئويۇقسىمان تام
ئىشىكنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرەپ تامنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئىككى قۇر ئەرەبچە خەت بار. ئوڭ
تەرەپ تامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى خەت تۆۋەندىن يۇقىرىغا قارىتىپ، سول تەرەپ تامنىڭ
ئوتتۇرىسىدىكى خەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ يېزىلغان، بۇ ھال كىشىنى ئىلگىرى
مازار ماڭلىيىدىمۇ خەت بولسا كېرەك دېگەن ئويغا كەلتۈرىدۇ، كاھىشلار بۇرۇنلا
ئاجراپ كەتكەن بولغاچقا ھۆكۈم قىلماق تەس. ئويماسىمان تام ئىشىكنىڭ ئىككى يان تېمى
ۋە ئەگمىسىدىمۇ ئەرەبچە خەت بولۇپ، ئوڭ تەرەپ ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ ئەگمىنى
بويلاپ سول تەرەپتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ ئەرەبچە خەت بار (ئاق رەڭلىك خەت
بار كۆك رەڭلىك كاھىش چاپلانغان). قوش قاناتلىق ياغاچ ئىشىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى
پەنجىرىنىڭ تېگى تەرىپىدىن باشلاپ ئۈستى ۋە ئىككى يېنىدا «اللا» دېگەن خەت بار
كاھىش چاپلانغان. مازارنىڭ جەنۇب ۋە شىمال تاملىرىغا 5 تىن ئويۇقسىمان ئويمان
چىقىرىلغان. دوكتور، پروفېسسور راھىلە داۋۇت ئەلچىننىڭ يېزىشىچە، ئۇيغۇر
بىناكارلىقىدا كۆركەم سېلىنغان بۇ گۈمبەزلىك قۇرۇلۇشنىڭ ئالدى يۈزى ئۇزۇنچاق چاسا،
خىش قۇرۇلمىلىق، ئوتتۇرىسى گۈمبەز تورۇسلۇق قىلىپ سېلىنغان. ئىچىدىن تام
ئارىلىقىغا ئۈستىگە چىقىدىغان پەلەمپەي ۋە ئايلىنىپ ئۆتىدىغان قەۋەت ئۈستى
كارىدورى چىقىرىلغان. قەبرىنىڭ ئالدى تەرىپى 20 نەچچە خىل نۇسخىدىكى گېئومېتىرىك
نەقىش ۋە ئۆسۈملۈك شەكلى چىقىرىلغان كاھىشلار بىلەن زىننەتلەنگەن. مازارنىڭ ئالدى
يۈزىدىكى ئەگمىنىڭ ئۈستىگە بىر قۇر ئايلاندۇرۇپ ئايەت پۈتۈلگەن ھەمدە تۇغلۇق
تۆمۈرخانغا مەدھىيە ئوقۇلغان بېغىشلىما بار، ئەرەبچە بېغىشلىمىدا «ئۇلۇغ پادىشاھىم!
سىز ئۇلۇغۋار ئىش ئىلتىپاتنىڭ دېڭىزىدۇرسىز، ۋەلىي غالىب، ئاق كۆڭۈل ئىنسانلارنى
قوغىدغۇچىدۇرسىز، ئاللانىڭ ئالىي كالامى (قۇرئان) غا سادىق بەندىسىدۇرسىز، ئىسلام
دىنىنىڭ شان–شەرىپى ۋە ئىپتىخارىدۇرسىز». «پادىشاھىمىزنىڭ خانىكەسى بەتفالىخە
(خانىكە) گە بېغىشلايمىز»: «گۇناھكارلىرىڭىزنى كەچۈرگەيسىز، دەۋرىمىزنىڭ خانىكەسى، زامانىمىزنىڭ
بېلقىسى، ئەقىل–پاراسەتلىك، دىيانەتلىك، دۇنيادا ئاياللار ئىچىدە تەڭدىشى يوق–بەتفالىخە
خاتۇننىڭ شانۇ شەۋكىتى مەڭگۈ ساقلانغاي، ئۆمرى چەكسىز ئۇزۇن بولغاي، مەغرىبتىن
مەشرىققىچە ئەبەدىلئەبەد ياشىغاي... !» دېگەن مەزمۇنلار بار . بۇ قەبرە
پىشۇرۇلغان خىش ۋە كاھىش بىلەن، لىم (ياغاچ) ئىشلىتىلمەستىن قوپۇرۇلغان. گۈمبەزلىك
قەبرىنىڭ ئىچىدە ھازىر 4 بۇلۇڭىدا قويۇلغان ئىشىكتىن كىرىپ پەلەمپەيلەر ئارقىلىق
2- قەۋەتكە چىققىلى بولىدۇ. بۇ مازارنىڭ ئىچىدە 2 قەبرە بولۇپ بىرى چوڭ (تۇغلۇق
تۆمۈرخاننىڭ)، يەنە بىر كىچىك قەبرە بار (تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ سىڭلىسىنىڭ قەبرىسى
دېگەن قاراش بار). تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىنىڭ سول تەرىپىدە ئۇنىڭدىن كىچىكرەك بىر
گۈمبەز بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 2 قەبرە بار، بۇ گۈمبەزگە كاھىش چاپلانمىغان، ئەمما
قۇرۇلمىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان قەبرىسىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، پەرەزلەردىن قارىغاندا تۇغلۇق
تۆمۈرخاننىڭ خانىشىنىڭ قەبرە گۈمبىزى ئىكەن.


مەھمۇد يۈسۈپنىڭ يېزىشىچە، تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ مازىرى 1941-،
1942–يىللىرى شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئاچقۇزۇلغان، قەبرە گۈمبىزىنىڭ جەنۇبىي
تەرىپىدىكى ئۇلىدىن ئېچىلغان. قەبرە ئىچىدىن كۆمۈش بىلەن چەمبەرلەنگەن ئۆلۈك
ساندۇقى چىققان. شۇ ۋاقىتتا بۇنى كۆرگەن قورغاس مۇسۇلمانلىرىدا «يات دىندىكىلەرنىڭ
قەبرىسى ئىكەن» دېگەن غۇلغۇلا بولغاندا، زاكىر خەلىپە (شائىر تېيىپجان ئېلىيۇفنىڭ
ئاتىسى) چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ مۇسۇلمانلار ئادىتى بويىچە
نامىزى چۈشۈرۈلۈپ، موڭغۇللار ئادىتى بويىچە دەپنە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان
.      


«تەزكىرەئىي مەلانە ئەرشىدىن ۋەلى» قاتارلىق بىر قىسىم
تەزكىرەلەردىن قارىغاندا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى بار جاي «شەھىرى خامۇشان»، دەپ
ئاتالغان. تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى بۇرۇندىنلا تاۋاپگاھلاردىن بىرى بولغان بولۇپ،
«تەۋارىخى  خەمىسەئىي شەرقى» دە غۇلجىدىن 4
كۈنلۈك نېرىدىكى قورغاس دەرياسى بويىدىكى چوڭ زىيارەتگاھلاردىن ئىكەنلىكىنى يازغان.
تارىخشۇناس لى جيەنشىن «شىنجاڭ ئىسلام خانلىقلىرى تارىخىدىن قىسقا بايان» ناملىق
كىتابىدا، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى 1365–يىلى ياسالغان، دەپ يازغان، ئەمما دەلىل
كۆرسىتىلمىگەن.
شۈ سوڭ (1781-1848) تەرىپىدىن 1821–يىلى يېزىلغان
«غەربىي يۇرتنىڭ دەريا – ئېقىنلىرى ھەققىدە خاتىرە» دە مازارنىڭ 1360–يىلى
ياسالغانلىقى، مازار ئەتراپىدىكى يەرلەردىن ئالتۇن، كۆمۈش ۋە مىس پۇللار (خېتى
بار) نىڭ كۆپ ئۇچرايدىغانلىقى يېزىلغان.
«تارىخىي رەشىدىي» دە تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىنىڭ ھىجرىيە 760–يىلى
قۇرۇلغانلىقى يېزىلغان (ئېھتىمال مازارنىڭ بىرەر يېرىدىكى خاتىرە بولسا كېرەك)،
ھىجرىيە 760–يىلى مىلادىيە 1359–يىلىغا، ھىجرىيە 769–يىلى مىلادىيە 1368–يىلىغا
توغرا كېلىدۇ. تۇغلۇق تۆمۈرخان ھىجرىيە 764–يىلى (مىلادىيە 1363-يىلى) قازا
قىلغانلىقىنى ئويلاشقاندا، بۇ مازار 1364–يىلىدىن كېيىن 1368–يىلىدىن بۇرۇن
ياسالغان بولىدۇ (ئۆلۈمىدىن بۇرۇن ئالدىن ياسىتىلمىغان بولسىلا). ئەمما بۇنىڭدا
مەلۇم سەۋەنلىك بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى تۇغلۇق تۆمۈرخان قازا قىلغاندىن كېيىن،
قەمىرىددىن ئىسيان كۆتۈرۈپ خان بولۇۋالغانلىقتىن، ئۇ تەختتىن چۈشكىچە گۈمبەزلىك
قەبرىنىڭ ياسىلىش ئىمكانىيەتلىرى ناھايىتى ئاز، پەقەت تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئوغلى
خىزىر خوجا خان بولغان ھىجرىيە 788–يىلى (مىلادىيە 1387-يىلى) دىن ھىجرىيە
806–يىلى (مىلادىيە 1404-يىلى) بولغان ۋاقىتتا ياسالغان بولۇشى ئېھتىمال.
ئالىملارنىڭ قارىشىچە، خىزىر خوجا خاننىڭ خان بولغان ۋاقتىنىڭ ئەڭ كېچىككەندە
ھىجىرىيەنىڭ 788–يىلى دېگەن قاراشلىرىنى ئويلاشقاندا، يىل چېكىنى بىر قانچە يىل
ئىلگىرى سۈرۈش مۇمكىن. مۇشۇنداق بولغاندا تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرىدىكى گۈمبەزلىك
قەبرە 1387–يىلى ئەتراپىدا ياسالغان بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.






ماتېرىيال مەنبەلىرى توغرىسىدا



تۇغلۇق تۆمۈرخان توغرۇلىق رىۋايەت ۋە تەزكىرەلەر
ناھايىتى كۆپ، ئۇ توغرىلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «زەپەرنامە»، «تارىخى
رەشىدىي»، «تەۋارىخىي ئولجايتو»، «شەجەرەئىي تۈرك»، «كاشىغەر تارىخى» ناملىق
كىتابلاردا ناھايىتى قىممەتلىك ئۇچۇرلار بولغاندىن سىرت، ماسامى ھامادا نەشرگە
تەييارلىغان «شىنجاڭدا تەسنىف ئېتىلگەن تەزكىرەلەر» (ياپونىيە كيوتو 2006–يىلى
نەشرى) ناملىق كىتابتا مۇناسىۋەتلىك تەزكىرىدىن 4 پارچە ئېلان قىلىنغان. ش ئۇ ئا ر
قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» نى نەشر قىلدى.
«جالالىددىن بۇخارى ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان، خوجا مۇھەممەد شېرىپ پىر،
ئابدۇرەشىتخانلار توغرىسىدا تارىخىي قىسسە» (ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر
ئاكادېمىيىسى 1988 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى)، «تەۋارىخى خەمىسەئىي شەرقى» (
ش
ئۇ ئا ر مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى 1978– يىلى مىمېئوگىراف باسمىسى
)، «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» («ئاقسۇ قەدىمكى
كىتابلار تەتقىقاتى» 1986– يىلى ئۇيغۇرچە 2– سان)، «تارىخى رەشىدىي– زەيلى» (مىرزا
شاھ مەھمۇد جوراس، «ئاقسۇ قەدىمكى كىتابلار تەتقىقاتى» 1986 – يىلى ئۇيغۇرچە 1 –
سان)، «تارىخى ھەمىدىي» (موللا مۇسا سايرامى مىللەتلەر نەشرىياتى 1986- يىلى
ئۇيغۇرچە نەشرى) ... قاتارلىق مەنبەلەرنى ئىمكان بولسا ئەسلى مەنبەلەرنى
مەنبەشۇناسلىق، تېكىستولوگىيە پرىنسىپلىرى بويىچە تەتقىق قىلغاندا، ناھايىتى
قىممەتلىك ئۇچۇرلار نامايان بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاكادېمىك بارتولدتەك
ئىلمىي قابىلىيەت بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە.


تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى توغرىسىدىكى
مەنبەلەرنىڭ كېلىش نۇقتىسى مۇنۇلاردىن ئىبارەت:


1) خەلق رىۋايەتلىرى.
بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلىرى تەكلىماكان ۋە شەھىرى كىتىك توغرىسىدا خەلق ئېغىزىدا تا
ھازىرغىچە ئېيتىلىپ كەلمەكتە.


2) ماۋرائۇننەھر
ئۇچۇرلىرى. 15-، 16– ئەسىرلەردە بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەر تېمۈرىيلەر ئىمپېرىيەسىدە
ۋە خىۋا خانلىقى  تەۋەلىرىدە توپلانغان، شۇ
دەۋر ئۇچۇرلىرى «زەپەرنامە»، «شەجەرەئى تۈركىي» ۋە خاندەمىرنىڭ يازمىلىرى مۇشۇ
مەنبەلەردىن كەلگەن.   


3) تارىم
ۋادىسىدىن يىغىلغان ئۇچۇرلار. بۇ ئۇچۇرلار تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا
دۇغلات ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يىغىلغان، «تارىخى رەشىدىي» مۇشۇ خاتىرەلەرنىڭ
ئىنكاسىدۇر. كېيىنكى مەنبەلەر «تارىخى رەشىدىي–زەيلى»، «كاشىغەر تارىخى»،
«تەزكىرەتۇل ئېرشات»، «تارىخى ھەمىدىي» ... قاتارلىق ئەسەرلەردىكى مەلۇماتلار
«تارىخى رەشىدىي» نى مەنبە قىلغان ھالدا بارلىققا كەلگەن.


4) مەۋلانە
ئەرشىدىن ۋەلى ئەۋلادلىرىدىن قالغان ئۇچۇرلار. بۇ ھەقتە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر
كۆرەگانى ۋە موللا مۇسا سايرامىي تەرىپىدىن يازما ۋە ئېغىز ئۇچۇرلىرى ئىگىلىنىپ،
ئۆز كىتابلىرىدا ئەكس ئەتكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇلاردىن باشقا شىريار ۋە باشقا
ئاپتورلار تەرىپىدىن يېزىلغان «مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسى» نامىدىكى
ئەسەرلەردىن ئىبارەت.



*******************************************************************************


ئىزاھاتلار:  


ۋ. ۋ. بارتولد «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى
تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى لېكسىيە» مىللەتلەر نەشرىياتى
2010–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 234-بەت.


ئاتامەلىك جۇۋەينى «تەۋارىخىي جاھان كۇشاي» جياڭسۇ مائارىپ
نەشرىياتى 2005-يىلى خەنزۇچە نەشرى 1– كىتاب 7–بەت.


ليۇ يىڭشېڭ «چاغاتاي خانلىقى تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات» شاڭخەي
قەدىمكى ئەسەرلەر نەشرىياتى 2006-يىلى خەنزۇچە نەشرى 61-بەت.


لى شېڭ باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «جۇڭگو
شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھالىتى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006–يىلى ئۇيغۇرچە
نەشرى 15–بەت.


راشىدىن
فازىل ئۇللاھ «جامىئۇت تاۋارىخ» سودا نەشرىياتى 1-قىسىم 2–كىتاب 86–بەت، 2-توم
176–بەت.


«ئۇيغۇرلارنىڭ
قىسقىچە تارىخى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1989–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 228–بەت.


مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى «ئوتتۇرا ئاسىيا
موغۇللىرىنىڭ تارىخى ـــ تارىخى رەشىدىي» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1983–يىلى خەنزۇچە
نەشرى 44-بەتكە قىستۇرما جەدۋەل.


شەرىپىدىن ئېلى يەزدى «زەپەرنامە» مىللەتلەر
نەشرىياتى 2007–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 61–بەت.



مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگانى «تارىخى رەشىدىي» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
2007–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 45–، 47–، 791–بەتلەر.


ماسامى
ھامادا نەشرگە تەييارلىغان «شىنجاڭدا تەسنىف ئېتىلگەن تەزكىرەلەر»  ياپونىيە كيوتو 2006–يىلى نەشرى 194–بەت.



ۋ. ۋ. بارتولد «ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا ئون ئىككى
لېكسىيە» مىللەتلەر نەشرىياتى 2010–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 317-بەت.



مىرزا ئۇلۇغبەگ «تۆرت ئۇلۇس تارىخى» ئۈزبېكىستان چولپان نەشرىياتى تاشكەنت
1994–يىلى ئۈزبېكچە نەشرى 323-، 325-بەتلەر



شىريار: «مەۋلانە ئەرشىدىن تەزكىرىسى» ش ئۇ ئا ر قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى 1994–يىلى
ئۇيغۇرچە نەشرى 12-، 13-بەتلەر.


موللا مىر
سالىھ كاشغەرىي كۆچۈرگەن «كاشغەر تارىخى» قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1985–يىلى
ئۇيغۇرچە نەشرى 74-بەت.



راھىلە داۋۇت «ئۇيغۇر مازارلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2001–يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى
255-بەت.



مەھمۇد يۈسۈپ «تۇغلۇق تۆمۈرخان ھەققىدە قىسقىچە بايان» «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر
تەتقىقاتى» ژورنىلى 1985–يىلى ئۇيغۇرچە 1–سان 191–بەت.







مەنبە: «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2010-يىلى 6-سان


urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 15:25:37

\"Photobucket\"

مانا بۇ تۇغلۇق تۇمۇرخان مازىرىنىڭ2005-ژىلىدىكى ھالىتى.    (بىراق يۇقۇرىدىكى يازمىدا 13 مىتىر دەپتۇ، ئەمما مەن ئاشۇ كۇرۇپ تۇرغان باشقۇرغۇچىدىن سورىسام 18 مىتىر دىگەن، ئەمىسە مەن ئەتەي تۇرغۇزۇپ تارتقان ئاشۇ كىشىنىڭ ئىگىزلىگىنى نىسبەتلەپ چىقساق 18 مىتىر توغرىدەك قىلىدۇ، ئاۋۇ كىشىنىڭ بويى 1.80 دىنمۇ ئىگىزكەن،نىمە دىگەن قامەت!)



\"Photobucket\"

بۇ بولسا كۇچاردىكى مەۋلانە ئەرشىدىن خان غۇجام زىيارەتگاھى

Yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2012-5-22 21:32:21

ئىنتايىن ياخشى ماقالە ئىكەن،تۇغلۇق تۆمۈرخان توغرۇلۇق خېلى بىر نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم،يازغۇچىغا ۋە يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت.

akbar0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-6-25 11:25:28

كۆپ رەھمەت نورغۇن بىلمەيدىغان بىلىملەرنى بىلۋالدىم .

akbar1017 يوللانغان ۋاقتى 2013-12-12 11:07:42

كۆپ ئەجىرلەرنى قىلىپسىز .رەھمەت .

تۇغلۇق تۈمۈرخاننىڭ ئانىسى مەڭلىك چوڭ خانىش تەرىپىدىن باشقىلارغا سوۋغا قىلۋىتىلگەندىن كىيىن ،مەڭلىك بىر ئاماللار بىلەن ئۇلاردىن قېچىپ كىتىدۇ .ئۇنىڭغا بىر سودىگەر ھەمدە بىر بېلىقچى ياردەم قىلىپ ئىلى رايۇنىغا بارغاندا مەڭلىكنىڭ تولغىقى تۇتىدۇ ،دەل شۇ ۋاقتىدا مەڭلىكنى قوغلاپ كەلگەنلەر ئۇلارغا يىتىشۋالىدۇ .مۇشۇنداق ۋاقىتتا مەڭلىك بىر ئارالنىڭ ئوتتۇرىسىدا مىڭ بىر جاپالاردا توغلۇق تۈمۇرخاننى يەڭگىيدۇ .ھەمدە بىر قانچە يىل بىر تاغ باغرىدىكى ئۆڭكۈردە ياشاپ ھايات كەچۇردۇ .
بەت: [1]
: تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ھەققىدە.