alip يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 14:48:40

ئىزدىنىشتىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى ئوڭشاپ قويساڭلار

تور بەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىملاسىنى ئۆلچەملىك، توغرا قىلماي تۇرۇپ، ئەزالارنى توغرا ياز دېسەك گېپىمىز ئۆتمەي قالىدۇ.


ئىزدىنىش باش بېتىنىڭ ئۈستدىكى ئىملا خاتالىقى كۆزۈمگە چېلىقىپ قېلىپ يەنە باشقا يەردىمۇ بارمىدۇ دەپ قارىسام ئىملا خاتالقىلىرى خېلى باركەن. تۈزىتىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.



ئەدىبىيات ئەمەس ئەدەبىيات


بۇگۇن كۆپ كۇرۇلگەن تېمىلار ئەمەس بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەن تېمىلار.


ئەزالار: 10700 نەپەر دېگەن يەرنى ئەزا: XXX نەپەر دەيمىز. سانى ئېنىق بولغاندا لار، لەر كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى قوشمايمىز.


ئىلىكتىرون ئەمەس ئېلېكتىرون


ئاپارات ئەمەس ئاپپارات


تېما يېزىش رايونىدىكى تازلاش دېگەن خەتمۇ خاتا. توغرىسى تازىلاش


كۆڭۇل ئېچىش كۇلۇبى ئەمەس كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى



سەھىپىلەرنىڭ نامىنىڭ خەت نۇسخسىنى بىر خىل بولسا كۆركەم چىقىدۇ. بىر سەھىپىنىڭ نامى كۇفى خەت نۇسخىسىدا، يەنە بىر سەھىپىنىڭ نامى باشقا بىر خەت نۇسخىسىدا بولسا قالايمىقان كۆرۈندىكەن.



ئۇنىڭدىن باشقا بەزى تورداشلار خەت يازغاندا "ئارىلىق" دېمەكچى بولۇپ، "ئارلىق" دەپ يازىدىكەن. ئارلىق دېسە مەنىسى تۈپتىن ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. جىنىسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر گەپكەنتۇق، ھازىر قېشىمدا ئىزاھلىق لۇغەت يوق، مەنىسنى ئىسىمگە ئالالمىدىم.


esir يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 10:09:58

مەنمۇ ئويلاپ يۈرەتتىم مۇشۇنداق مەزمۇندا بىر تېما يوللاشنى، تولىمۇ ياخشى بولۇپتۇ. ھەممىمىز بايقىغان ئىملا خاتالىقلىرىنى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاسقا تاشلاپ چىقىپ كەتسەك تۈزىلىپ قالار، كەلدىم ئەمىسە: (باشقىلار دەپ بولغاننى دېمەي)

جەمئى --                                        جەمئىي

ئىقتساد---                                       ئىقتىساد

بۇگۈنكى ---                                    بۈگۈنكى

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ---                     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

خەۋەرلەر ۋە ئېقىم مەسىللىرى ---         مەسىلىلىرى

ئىقتىساد، سودا، سانائەت ---                 ئىقتىساد، سودا- سانائەت



«بۇ ئايلىق كۆپ جەۋھەرلەر» دېگەن سۆزمۇ مۇۋاپىق ئېلىنمىغان، «بۇ ئايلىق كۆپ كۆرۈلگەن جەۋھەرلەر» ياكى «بۇ ئايلىق جەۋھەرلەر» دەپ ئېلىنسا توغرا بولاتتى.

ھازىرچە بايقىغانلىرىم مۇشۇنچىلىككەن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 15:37:48

مۇنداق ھەجىمى ئاز بولسىمۇ ئەھمىيىتى چوڭقۇر تېمىلارنى ئەلا باھالىماسلىققا باھانەم يوق. ھازىر تېخى پۇلسارنىڭ تېمىسىغا ئىملا خاتالىقى توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىپ چىققانتىم.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 18:14:34

ئاز ئاز ئۆگىنىپ دانا بۇلۇر

تامچە تامچە يىغىلىپ دەريا بۇلۇر

بۇلۇرمۇ ياكى بولۇرمۇ؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 18:49:28

قايسى بىر مۇنبەردە بىرەيلەننىڭ  بىرسىنىڭ ئىملا خاتالىقى كۆپ بولغان بىر ئىنكاسىغا قالدۇرغان ئىنكاسىنى كۆرۈپ قاپتىم ، بەكلا ياراپ كەتكەنىدى. ئىملا خاتالىقى كۆپ ئىنكاسقا مۇنداق دەپ قالدۇرۇپتىكەن :

ئەگەر باشقا مىللەت بولسىڭىز سىزگە رەھمەت، ئۇيغۇر بولسىڭىز سىزگە نەپرەت !..

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 22:21:24

كونتىرولمۇ؟ كونترولمۇ؟ ئېنتىرنىتمۇ ئېنتېرنېتمۇ؟


«مەتزىيالىي»لار سەۋىيەمىز قاچان ئۆسىدۇ؟

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 02:28:37

4- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كونتىرولمۇ؟ كونترولمۇ؟ ئېنتىرنىتمۇ ئېنتېرنېتمۇ؟


«مەتزىيالىي»لار سەۋىيەمىز قاچان ئۆسىدۇ؟


\"كونتىرول (كونترول؟)\" نى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. بىراق كېيىنكى سۆز \"ئىنتېرنېت\".


ئىملاغا بەك پىششىق ھېسابلايتىم ئۆزەمنى، لېكىن نەچچە يىلدىن ئوقۇغۇدەك نەشىرىياتتىن چىققان ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە ماتېرىيال يوق، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرىدىكى خاتا خەتلەرنى كۆرىۋېرىپ، خەت يازغاندا ئىملانىڭ توغرا- خاتاسىغا ھۆكۈم قىلالماي تۇرۇپ قالىدىغان بولۇپ قاپتىمەن. تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇر ئىملا لۇغىتىدىن بىرنى تاپمىسام بولمىدى.


ئۆزھالغا \" ئىملايىڭىزنى توغرىلاڭ\" دېسە، \"مەن خەتنى بەك توغرا يېزىۋەتسەم نەشىرىياتتىكى كوررېكتور ئىشسىز قالمامدۇ؟\" دەيدۇ (چاقچاق ئارىلاش راست گەپ). خاتا خەت كۆپىيىپ كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر كوررېكتورسىز، كوررېكتور لۇغىتىسىز ئىملانىڭ توغرا- خاتاسىغا ھۆكۈم قىلالماس بولۇپ قالسا، ئۇيغۇر يېزىقى مەجروھ يېزىق بولۇپ قالىدۇ. تىلنىڭ شان-شەرىپىگە، ئاخىرىدا بېرىپ ئۇيغۇرنىڭ ئۆز تىل- يېزىقىغا بولغان مۇھەببىتىگە تەسر كۆرسىتىدۇ.


ئۆزھال، توغرا كېلىپ قالغاچقا مىسال ئورنىدا دېيىلىپ قالدى، كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى سورايمەن. ھېلىمۇ مۇشۇ نەچچە يىلدىن بېرى ئىملايىڭىزنى جىق تۈزەتتىڭىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن. (يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ\"\")


Mehrigiya يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 09:08:39

2- قەۋەتتىكى begtashنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاز ئاز ئۆگىنىپ دانا بۇلۇر

تامچە تامچە يىغىلىپ دەريا بۇلۇر

بۇلۇرمۇ ياكى بولۇرمۇ؟



<<بولۇر>> دېگىنى توغرا. ئەسلى سۆز تومۇرى <<بول>>، ئۇنىڭغا <<ۇر>> قوشۇمچىسى ئۇلانغان.

Mehrigiya يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 09:14:15

4- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كونتىرولمۇ؟ كونترولمۇ؟ ئېنتىرنىتمۇ ئېنتېرنېتمۇ؟


«مەتزىيالىي»لار سەۋىيەمىز قاچان ئۆسىدۇ؟





<<كونترول>> توغرا، بۇ سۆز ئېنگلزتىلىدىن كىرگەن،

control،ھەرپ بويىچە قوبۇل قىلىنغان بولسا، مۇشۇ توغرا.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 09:18:46

كونترول ،ئىنتېرنېت.(يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچىسى)

esir يوللانغان ۋاقتى 2011-11-11 19:44:19

shundaq qilip, munberning yanfon nushisi yasaldima? Bugun yanfonda baxqiche omaq chikiwatidu hetler.  \"\"
بەت: [1]
: ئىزدىنىشتىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى ئوڭشاپ قويساڭلار