pulsar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 13:17:17

يىقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ باشلىنىشى

يىقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ باشلىنىشى



كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى تەبىئىي پەنلەرنىڭ باشلىنىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالدى. قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى كوپىرنىك ئەمەس. قەدىمقى يۇناننىڭ بىر پەيلاسوپى يەر شارىنىڭ رادىئۇسىنى خېلى توغرا ھېسابلاپ چىققان، ئۇنىڭ ھېسابلاپ چىققان نەتىجىسى بىلەن ھازىرقى نەتىجە ئوتتۇرىسىدا پەقەت %2لا پەرق بار. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىردە داڭلىق پەيلاسوپ ئارىستوتىل يەر شارىنى ئالەمنىڭ مەركىزى دەپ تونۇغان. بۇ تونۇش كىشىلەرنىڭ ئەقىدىسىگە ئايلىنىپ كېتىپ شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۆزگەرمەس نەرسە بولۇپ قالغان.



بىرىنچى، كوپىرنىكنىڭ يەر مەركەز تەلىماتىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشى



مىلادى 1500-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ياۋرۇپادا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ۋە جۇغراپىيىلىك بايقاشنىڭ تەسىرىدە كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى خېلى زور دەرىجىدە ئازاد بولدى. كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا قەدىمقى يۇناننىڭ ۋە قەدىمقى رىمنىڭ شۆھرەتلىك قەدىمقى مەدەنىيىتى يېيىلىپ ياتسا، يەنە بىر تەرەپتىن جۇغراپىيىلىك بايقاش ۋە يەر شارىنى ئايلىنىش سەپىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى جۇلالىنىپ تۇراتتى. بۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، تونۇشىنى ئۆستۈردى.


نىكولاي كوپىرنىك 1473-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى پولشادا بىر سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ چاغلاردىكى پولشا ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، تەسىر دائىرىسى ھازىرقى گېرمانىيە، روسىيە، لېتىۋا ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە يېتىپ باراتتى. كوپىرنىك 10 ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئاتىسى قازا قىلىپ، تاغىسنىڭ تەربىيىسى ئاستىدا چوڭ بولغان. ئۇنىڭ تاغىسى بىلىمى چوڭقۇر، ئىدىيىسى ئۇچۇق ئادەم بولۇپ، كوپىرنىك ئۇنىڭ تەسىرىدە تەبىئىي پەن بىلىملىرىنى پۇختا ئىگىلىدى.


1491-يىلى كوپىرنىك كىراكوف ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ تىبابەت ئۆگەندى، بۇ ئۇنۋېرسىتېتىت شۇ چاغدىكى ياۋرۇپانىڭ ئىلىم-پەن مەركىزى ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ مەكتەپ ياۋرۇپانىڭ ئاستىرونومىيە ۋە ماتېماتىكىنىڭ ئۇچىقى ھېسابلىناتتى.  كوپىرنىك بۇ يەردە ئاستىرونومىيىگە قىزىقىپ قالىدۇ. كېيىن ئۇ يەنە پوساننا ئۇنۋېرسىتېتى ۋە پادۇۋا ئۇنۋېرسىتېتىدا قانۇن ۋە ئىلاھىيەت پەنلىرىنى ئوقۇيدۇ. ئۇ ئۇنۋان ئىمتىھانى ئارقىلىق دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. كوپىرنىك ئىتالىيىنىڭ داڭلىق ئاستىرونومى نوۋالادىن ئاستىرونومىيە ئۆگىنىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئۇ نوۋالابىلەن ئاستىرونومىيىلىك تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ. نوۋالا پتولمىنىڭ ئالەم سىستېمىسى ماتېماتىكا بىلىملىرى بىلەن سىغىشالمايدۇ، دەپ تەنقىد قىلغانىدى. بۇ كوپىرنىكقا ئىنتايىن قاتتىق تەسىر قىلىدۇ. بۇ چاغلاردا پولشا ۋە ئىتالىيىنىڭ ئۇنۋېرسىتېتىتلىرىدا ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى ئەۋج ئېلىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى.


كوپىرنىكنىڭ قارىشى پتولمىينىڭ تەلىماتىنى ئاغدۇرۋېتىپلا قالماستىن، يەنە ئەڭ مۇھىمى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە دۇنيا قارىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. بىر پوپ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى تىلاۋەتكە قاراتماي، ئاستىرونومىيىلىك كۆزىتىش ۋە ھېسابلاشقا قاراتتى. ئۇ چىركاۋنىڭ قۇڭغۇراق مۇنارىغا بىر كىچىك ئاستىرونومىيىلىك كۆزىتىش ئۆيى ياسىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزى ياسىۋالغان ئەسۋابلار بىلەن كۆزىتىش ۋە ھېسابلاش ئېلىپ باراتتى.ئۇ 30 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرى سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرى « ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى»نى يېزىپ چىقتى.


كوپىرنىك بۇ ئەسىرىدە ئېنىق قىلىپ، يەر شارى ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس، ئۇ  باشقا يۇلتۇزلارغا ئوخشاشلا ئادەتتىكى بىر سەييارە، ئۇ بىر تەرەپتىن ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن قۇياش ئەتراپىنى ئايلىنىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.  


« ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى » دېگەن بۇ ئەسەر جەمئىي ئالتە بابتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بابىدا قۇياشنىڭ مەركەز ئىكەنلىكىدەك چۈشەنچىلەر سۆزلەنگەن. ئىككىنچى بابىدا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى سۆزلەنگەن. ئۈچىنچى بابىدىن ئالتىنچى بابىغىچە ئالەمنى كۆزىتىش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن ماتېماتىكىلىق ئوسۇل بىلەن يەر شارىنىڭ، ئاينىڭ، ئىچكى ۋە تاشقى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرى ئايرىم-ئايرىم مۇزاكىرە قىلىنغان.


كوپىرنىك ياشىغان دەۋردە پتولمىينىڭ يەر مەركەز تەلىماتى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىر دىنىي جەمئىيەتلىرى ئۇنىڭ بۇ تەلىماتىنى ئىلاھىيلاشتۇرۋەتكەنىدى. ئۇنىڭغا چېقىلىش خۇددى چوغنى تۇتقاندەكلا بىر ئىش ئىدى.  ئۇنىڭ تەلىماتى دۇنياغا كېلىپلا قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىدى. بەزى كىشىلەر بۇ تەلىماتتىن خۇددى جېنى چىقىپ كېتىدىغاندەك قورقۇپ كېتىشتى. ئۇلار دىنىي جەمئىيەتتىن پايدىلىنىپ كوپىرنىكقا بېسىم ئىشلەتتى. كوپىرنىك ئالدىدا ئۇلارنىڭ بېسىمىغا تىز پۈككەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئاستىرىتتىن ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرگەن. دىنىي جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا 1506~1512- يىللىرى يېزىپ بولغان كىتابنى 1543-يىلىغا كەلگەندىلا يەنى ئۆزى سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندىلا ئاندىن نەشىر قىلدۇرالىدى. كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇشتا ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى بىلەن ھېسابلاشقان ئەمەس، پەقەت ئۇ تەلىماتىنىڭ يۇقۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. ئۇ كىتاب يېزىلىپ بولۇنغان 30 يىل ئىچىدە ئۆزلۈكسىز تۈزىتىش ئېلىپ بارغان. 1543-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان پەيتتىلا ئاندىن « ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتى»نىڭ نەشىر قىلىنغان نۇسخىسىنى كۆرەلىگەن. دىنىي جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بۇياش ئۈچۈن، كىتابنىڭ كىرىش سۆز قىسىمىغا كىتابنىڭ مەزمۇنى ھېسابلىق تېپىشماقلار ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىلىق مەشقلا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويغان. شۇڭا   كوپىرنىكنىڭ بۇ تەلىماتىنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى تەبىئىي پەن تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.



ئىككىنچى، تايكۇبراخنىڭ يېڭى يۇلتۇزنى بايقىشى



1546-يىلى تايكۇبراخ دانىيەدە دۇنياغا كەلدى. ئۇنىڭ ئەسلى تەۋەلىكى شىۋىتسىيە بولۇپ، دانىيىدە ئۇزۇن يىل تۇرۇپ قالغانلاردىن ئىدى.ئۇ كىچىكىدىنلا تاغىسىنىڭ كۆيۈنۈشى ۋە تەربىيىسىگە نائىل بولىدۇ. ئۇ 13 ياشقا كىرگەن يىلى كوپىنھاگېنغا بېرىپ ئوقۇيدۇ. 1560-يىلى بىر قېتىملىق كۈن تۇتۇلۇشتا، تايكۇبراخ ئاستىرونومىيىگە قىزىقىپ قالىدۇ. 14 يېشىدىن باشلاپ ئاستىرونومىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. تاغىسى بولسا ئۇنى بىر ئادۋۇكات قىلىپ تەربىيىلەشنى ئارزۇ قىلاتتى. 1562-يىلى تايكۇبراخ لېيپىس ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ. بىراق تايكۇبراخ تاغىسىنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالمايدۇ. قىزىقىش ئۈستۈن كېلىپ، ئۇ داۋاملىق ئاستىرونومىيە نەزىرىيىلىرى ۋە ماتېماتىكا ئۆگىنىدۇ. كېچىلىرى بولسا ئاسمان جىسىملىرنى كۆزىتىدۇ. ئۇنىڭ قاتتىق تىرىشچانلىقى ۋە بۇشاشماي ئىجتىھات قىلىشى بىلەن شۇ چاغدىكى ئىشلىتىۋاتقان يۇلتۇزلار جەدۋىلىدە خاتالىق بارلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا ئاستىرونومىيىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن روستوك ئۇنۋىرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ.


19 يېشدا ئۇنىڭغا تاغىسىدىن نۇرغۇن مىراس قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئوقۇشى ۋە تەتقىقاتى ماددىي جەھەتتىن كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. 1572-يىلى 11-ئايدا ئۇ بىر قانچە قۇرداشلىرى بىلەن ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر يېڭى يۇلتۇزنى يەنە كاسسىئوپىيە يۇلتۇز تۈركۈمىنىڭ ئارىسىدىن بىر يېڭى يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇنىڭدىن تايكۇبراخ ئىنتايىن ھاياجانلىنىدۇ ھەمدە ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن كىشىلەر يۇلتۇزلارنى ئاساسەن ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئۇ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ كۆزىگە ئىشەنمەي قالىدۇ. لېكىن قايتا-قايتا كۆزىتىش نەتىجىسىدە ئۇ يۇلتۇزنىڭ راستىنلا يېڭى يۇلتۇز ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1573-يىلىغا كەلگەندە « يېڭى يۇلتۇز » دېگەن ماقالىسىنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ يېڭى يۇلتۇزنىڭ بايقىلىشى ئارىستوتىلنىڭ يۇلتۇزلار ئۆزگەرمەيدۇ دېگەن تەلىماتىنى تەۋرىتىۋېتىدۇ.


بۇ ۋاقىتتا دانىيىنىڭ ھۆكۈمرانى بىر رەسەتخانا تەسىس قىلىپ، ئۇنى ئىشلەشكە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ يەردە، باسمىخانا، كۇتۇپخانا، مۇكەممەل بولغان كۆزىتىش ئۆيى بولغانلىقتىن، تايكۇبراخ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئىشلەيدۇ. بۇ يەردىكى نۇرغۇن يېڭى ئۆلچەش ئەسۋابلىرىنى ئۆزى لايىھەلەپ ياساپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تايكۇبراخ يەر يۈزىدىكى بۇ ئۆلچەش ئورنىدا مۇكەممەل بولغان يۇلتۇزلار ئورۇن جەدۋىلىنى ئىشلەشنى ئويلىشىدۇ. ھەمدە 777 دانە يۇلتۇزنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ تۈرلەرگە بۆلۈپ چىقىدۇ.


تايكۇبراخنىڭ بۇ ئاستىرونومىيە ئورنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زىيارەت قىلىدىغان ئورنىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كېيىن بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ بەتنام چاپلىشى بىلەن ئۇ بۇيەردىكى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. 1590-يىلىغا كەلگەندە دانىيىدىنمۇ ئايرىلىپ، پراگاغا كېتىپ، شۇ يەردە رەسەتخانا خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىدۇ.


تايكۇبراخ پراگادا ئالتە يىل خىزمەت قىلىدۇ، بۇ يەردە ئۇ يەنە بىر ئۇلۇغ ئالىم كېپلىرنى بايقايدۇ ھەمدە ئۇنى شاگىرتلىققا قوبۇل قىلىدۇ. 1607-يىلى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ يۇلتۇزلار جەدۋىلى تۈزمەكچى بولغان ئىشىنى كېپلىرغا ھاۋالە قىلىدۇ.  


شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە بولىدۇكى، تايكۇبراخ ئۇلۇغ ئاستىرىنوم بولسىمۇ، كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. ئۇنىڭ يەر مەركەز تەلىماتىدا سەييارىلەر قۇياشنى ئايلىناتتى، قۇياش يەنە يەرنى ئايلىناتتى. تايكۇبراخنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى ۋە ئىزدىنىشى ئۇنى ئىلىم-پەن تارىخىدىن مەڭگۈگە ئورۇن ئالغۇزدى. ئۇنىڭ زور مۇۋەپپىقىيەتلىرى ۋە توپلىغان نۇرغۇن ماتېرىياللىرى كېپلىر ئۈچۈن تېپىلماس بايلىق ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستىرونومىيىنىڭ يىقىنقى زامان قىسىمىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.




ئۈچىنچى، ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن برونۇ



1548-يىلى برونۇ ئىتالىيىنىڭ نابلىس شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئائىلىسى نامرات بولغانلىقتىن، ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمايدۇ. 15 يېشىدا چىركاۋدا خىزمەت قىلىدۇ. كېيىن نابلىستا نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. 1572-يىلى ئۇ پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ پوپ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تەبىئىي پەن بىلىملىرىگە قاتتىق قىزىقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا-ئاستا دىنىي ئەقىدىلەردىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ. ھەمدە قاپيۈرەكلىك بىلەن « ئىنجىل »نى تەنقىدلەيدىغان بىر مۇنچە ماقالىلەرنى يازىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رىمدىن قوغلىنىپ ۋىنىتسىيىگە كېلىدۇ. كېيىن يەنە ئالپ تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، شىۋىتسارىيىگە كېتىدۇ. ئۇ جەنۋەدە كالۋىن دىنىنى تەنقىد قىلغاچقا تۈرمىگە كىرىدۇ. 1579-يىلى قويۇپ بېرىلىپ فرانسىيىگە بارىدۇ. ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، پارىژ ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئاستىرونومىيىدىن لىكسىيە ئوقۇيدۇ. 1583-يىلى ئەنگىلىيىگە بېرىپ، چىركاۋ پەلسەپىسى بىلەن ئىلاھىيەتنى تەنقىد قىلىدۇ، پتولمىينىڭ يەر مەركەز تەلىماتىغا قارشى تۇرىدۇ. كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىدۇ. 1585-يىلى ئۇ يەنە گېرمانىيە، چېخ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ لىكسىيە ئوقۇيدۇ.


برونۇنىڭ كەڭ كۆلەمدىكى تەشۋىق پائالىيەتلىرى رىم كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ غەزىپىنى ۋە ئۆچلۈكىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئادەم ئەۋەتىپ ئالداپ، 1592-يىلى برونۇنى رىمغا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ھەرخىل قىيىن قىستاقلار بىلەن برونۇنى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشكە قىستايدۇ. بىراق برونۇ تىز پۈكمەيدۇ. سەككىز يىللىق ئازاب ئارقىلىقمۇ ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەن دىنىي كۈچلەر ئاخىرى ئۇنىڭغا ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىدۇ.


كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتى دىنىي ھۆكۈمرانلارنى قاتتىق چۆچۈتۋېتىدۇ. ئۇلار بۇ تەلىماتقا قاتتىق بېسىم چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرىنى تۈگىتەلمەيلا قالماستىن تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۋەتتى. دىنىي جەمئىيەت بىلەن بۇ تەلىماتنى ياقلىغۇچىلار ئارىسىدىكى كۈرەش 1600-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى رىمدىكى گۈللۈك مەيداندا  برونۇنى تىرىك كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلەشتى.


برونۇ ئالەم بولسا چەكسىز، ئالەمدە قۇياش سىستېمىسىغا ئوخشايدىغان نۇرغۇن سىستېمىلار بار. قۇياش ئۇ سىستېمىلارنىڭ مەركىزى بولمايلا قالماستىن، ئالەمنىڭمۇ مەركىزى ئەمەس. قۇياش بولسا جىم تۇرمايدۇ، ئۇمۇ توختىماي ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇزلارمۇ ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىلەر ئەمەس، ئۇلارمۇ ھەرىكەت قىلىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قاراشلىرى كوپىرنىكنىڭ ئالەم قارىشىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ئىدىيە قارىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.


دەۋرنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلىدىن برونۇنىڭ بەزىبىر قاراشلىرى ئانچە توغرا ئەمەس ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن ماددا بىلەن ھەرىكەتنى بىر- بىرىدىن ئايرىلمايدۇ، دەپ قارىغان بىلەن، يەنە بىر تەرەپتىن تەبىئەتنىڭ ئۆزىنى ياراتقۇچى تەرىپىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلگەن دەپ قارايتتى.



تۆتىنچى، بوشلۇق قانۇنلىرىنى تۇرغۇزغۇچى-كېپلىر



1571-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيىدىكى بىر نامرات ئائىلىدە كۈنى توشماي قالغان بىر بوۋاق دۇنياغا كۆز ئاچتى. بۇ دەل كېپلىر ئىدى. كېپلىرنىڭ تېنى ئاجىز بولغىنى بىلەن، ئەقلىي قابىلىيىتى ياخشى ئىدى. تەپەككۇرنى ياخشى قىلاتتى. كىتاب ئوقۇسا ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ناھايىتى ياخشى ئېسىدە ساقلىۋالاتتى.


ئائىلىسىنىڭ ئىگىلىكى ۋەيران بولغاندىن كېيىن كېپلىر ئوقۇشقا ئىمكانىيەت تاپالماي، ئاتىسىغا ياردەملىشىدۇ. كېيىن بىر پۇرسەتتە، يەنە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ نېمىس تىلى مەكتىپى ۋە لاتىن تىلى مەكتىپىگە كىرىپ ئوقۇيدۇ. 1588-يلى ئۇ ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ھەقسىز ئوقۇيدۇ. ئۇ يەردە كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىنى ياقىلايدىغان پىروفىسسور مايكىل بىلەن ياخشى ئالاقىدە بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قۇياش مەركەز تەلىماتىنىڭ قىزغىن ھىمايىچىسى بولۇپ قالىدۇ. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر دىنىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولىدۇ.


كېپلىر نۇرغۇن ئاستىرونوملارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ ئاستىرونومىيە بىلىملىرىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن كوپىرنىكنىڭ قۇياش مەركەز تەلىماتىغا ئىشەنسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن توختىماستىن ئىزدىنىپ ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كوپىرنىكنىڭ ھېسابلاشلىرىدا نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ. شۇنداق قىلىپ 24 ياشقا كىرگەن كېپلىر ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ماتېماتىكا ئاساسىغا تايىنىپ، سەييارىلەرنىڭ ئوربىتىدىكى ھەرىكىتى توغرىسىدا ئىزدىنىشنى باشلىۋېتىدۇ.


كېپلىر داڭلىق ئاستىرونوم تايكۇبراخقا مۇراجىئەت قىلىشنى ئويلىشىدۇ. ئۇ تايكۇبراخقا ئۆزىنىڭ« سىرلىق ئالەم »دېگەن ئەسىرىنى ئەۋەتىپ بېرىدۇ. تايكۇبراخ گەرچە ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ئانچە بەك قايىل بولۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىر ئىستىقباللىق ياش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلىدۇ. 1600-يىلى كېپلىر ناھايىتى ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، ئاخىر تايكۇبراخ بىلەن كۆرۈشىدۇ. بىللە ئىشلەش جەريانىدا بۇ ئىككەيلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ. بەختكە قارشى تايكۇبراخ قازا قىلىدۇ. قازا قىلىش ئالدىدا، ئۇ كېپلىرغا بىر يۇلتۇزلار جەدۋىلى ئىشلەشنى ھاۋالە قىلىدۇ.


شۇنىڭدىن كېيىن كېپلىر تايكۇبراخنىڭ ئورنىغا چىقىپ ئىشلەيدۇ. ئۇ پۈتۈن ۋوجۇدى بىلەن سەييارىلەر ھەرىكىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. ئەستايىدىل كۆزىتىش ئارقىلىق سەييارىلەر ھەرىكەت ئوربىتىسىنىڭ ئۇنچىلىك ئاددىي ئەمەسلىكىنى بايقايدۇ. كېپلىر ئۆزىنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە ماتېماتىكا جەھەتتىكى تالانتىغا تايىنىپ، بىر قاتار مۆجىزە خاراكتېرلىق يوللارنى باسىدۇ. ئۇ جاپالىق تەتقىقات ۋە سانسىزلىغان مەغلۇبىيەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى سەييارىلەرنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنىڭ چەمبەر ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىللىپىسىمان بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. 1609-يىلى كېپلىر ئۆزىنىڭ « يېڭى ئاستىرونومىيە » دېگەن ئەسىرىدە سەييارىلەر ھەرىكىتى توغرىسدىكى بىرىنچى، ئىككىنچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ داۋاملىق تىرىشىپ، جاپالىق ئىزدىنىش ئارقىلىق «يېڭى ئاستىرونومىيە » ئېلان قىلىنىپ 10 يىلدىن كېيىن « ئالەمنىڭ ماسلىق نەزىرىيىسى » دېگەن ئەسىرىنى نەشىردىن چىقىرىدۇ. بۇ ئەسىرىدە ئۇ ئۆزىنڭ سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتى توغرىسىدىكى ئۈچىنچى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.


كېپلىرنىڭ ئوپتكا جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمىسە كېرەك. بىراق كېپلىر ئوپتىكىغىمۇ زور تۆھپىلەرنى قۇشقان. مۇنداقچە ئېيتقاندا يىقىنقى زامان ئوپتىكىسىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇ يورۇقلۇق كۈچىنىشىنىڭ يورۇقلۇق مەنبەسى بىلەن بولغان ئارىلىقنىڭ كۋادراتىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. ئۇ يەنە كىچىك تۆشۈك تەسۋىرىنى تەتقىق قىلغانىدى ۋە ئۇنى چۈشەندۈرگەنىدى. ئۇ يەنە يورۇقلۇقنىڭ سۇنۇش ھادىسىسىنى نۇرغۇن قېتىم تەتقىق قىلغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەتقىقات نەتىجىسى تېلىسكوپنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت بولغان.


كېپلىر ئۆمرىدە نامراتچىلىقتا ئۆتكەن. 1630-يىلى ئۇ نېسىي قالغان ئىش ھەققىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن لېگىنىسبۇرگقا بارىدۇ. كېپلىر قايتىش يولىدا كېسەل سەۋەبىدىن ئىككىنچى كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ.



بەشىنچى، ماگىدىبۇرگ يېرىم شارلىرى تەجرىبىسى



ئەتراپىمىزدىكى نەرسە زادى نېمە؟ ئۇ زادى قانداق ماددا؟ بېسىم كۈچى بارمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنىڭ كاللىسنى بىر مەزگىل تازا قىينىغان مەسىلىلەر ئىدى. ئەمما تەجرىبە ئىشلەشكە ماھىر كىشىلەر بۇنىڭ سىرىنى ئوبدانلا ئېچىپ قويدى.


ئوتتو فىن گىرىك 1602-يىلى گېرمانىيىنىڭ ماگېدىبۇرگ شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپتە ئالىي مەكتەپتە قانۇن ئۆگەنگەن. ئۇ 20 يېشىدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قانۇننى تەتقىق قىلىش جەريانىدا تەجرىبە ئىشلەش ۋە ماتېماتىكىغا قاتتىق قىزىقىپ قالىدۇ. گىرىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇيدۇ. 23 ياشقا كىرگەن يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ چاغلاردا ياۋرۇپانى ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان بولۇپ، گىرىك دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. كېيىن ئۇ شىۋىتسىيلىك دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن تۈرمىدىن چىقىپ، شىۋىتسىيە پادىشاھىنىڭ ياردىمى بىلەن ماگىدىبۇرگ شەھىرىنىڭ باشلىقى بولىدۇ. باشلىق بولغان مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىدۇ.


گىرىك تەبىئىي پەن تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئۇ ۋاكۇئۇم پەيدا قىلىش تەجرىبىسىدە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ. ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلىم ساھەسىدە ۋاكۇئۇم پەيدا قىلىش يېڭى بىر تەتقىقات تېمىسى بولۇپ، گىرىك سۇ چىقىرىش ماشىنىسى پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ۋاكۇئۇم پەيدا قىلىشنى بىلەتتى. كېيىن يەنە كىلاپانلىق سۇ چىقىرىش ماشىنىسىنى ياساپ چىقتى. ئۇ يەنە « ۋاكۇئۇم ھەققىدە » دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ تاماملاپ، 1672-يىلى نەشىردىن چىقاردى.


ئەتراپتىكى ھاۋانىڭ بېسىمى بار دېسە ئەينى چاغدا نۇرغۇن كىشى ئىشەنمەيتتى. گىرىك مەشھۇر بىر تەجرىبىنى ئىشلەش ئارقىلىق ئاتمۇسفىرا بېسىمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كىشىلەر ئالدىدا نامايان قىلىپ بەردى. گىرىك دىئامىتىرى 1.2 مىتىر كېلىدىغان ئىككى مىس يېرىم شارنى ياساپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى تارتىپ چىقىرۋېتىپ، ئىككى تەرەپتىن سەككىزدىن 16 ئات تارتىپمۇ ئاجرىتالمايدۇ. نەق مەيداندىكى كىشىلەر ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالىدۇ. مانا بۇ مەشھۇر ماگىدىبۇرگ يېرىم شارلىرى تەجرىبىسىدۇر.


1686-يىلى گىرىك 84 يېشىدا دۇنيادىن ئۆتىدۇ.


ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋرۇپادا دىنىي جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ سايىسى بولسىمۇ، ئۇلار ئىلىم-پەن گىگانتلىرىنىڭ كەينى كەينىدىن يېتىشىپ چىقىشىنى توسۇپ قالالمىدى، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەقىقەتنىڭ نۇرىنى ئۇلار توسۇپ قالالمىدى. پەننىڭ تارىخى تېخىمۇ مۇكەممەللىككە قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى.



مەنبە: ئۆزۈم توپلىغان ماتېرىياللار





bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 15:34:29

تېما بەكلا ياخشى ئىكەن، بىراق ئىملا خاتالىقى بەكلا ئېغىر، مومكىن بولسا تۈزۈتىۋەتسەڭلار

2378 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 23:12:08

پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەڭچىسى پۇلسار!

ھەركىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇڭ!

«ئەلا» باھالىدىم بۇتېمىنىمۇ.

dada يوللانغان ۋاقتى 2011-11-9 23:25:11

دىققەت قىلمايدىغان بىر نۇقتا ياكى دىيىش ئېغىر كېلىدىغان نوقتا ، قۇياش مەركەز تەلىماتىنى تۈرۈك ئالىم  ئەبۇناسىر برونو   ئوتتورىغا قويغان ، بۇ جەھەتتە كوپىرنىك پەقەت تەرجىمىلا قىلىپ ئۇنى بىيىتقان ، ئۇنىڭ تارقىلىشىغا تۆھپىسى زور ئەلۋەتتە.



پەقەت شۇ  .........  ھە بولدىلا مۇشۇنچىلىك پىكىر قىلاي ___________ چۇ .  (ئازاپلىق كۈلىۋاتقان چىراي شەكىلى)

pulsar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 07:45:49

ئەبۇ ناسىر برونو دەپ ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەمما ئەبۇ نەسىر فارابى دەپ ئاڭلىغان. بۇ بۈيۈك ئۇستازنىڭ فىزىكا جەھەتتە تۆھپىسى بار. بىراق ئاستىرونومىيە جەھەتتە قۇياش مەركەز تەلىماتىغا يانداشقان ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشكەن بىرەر تەلىماتىنى بار دەپ ئاڭلىمىدىم، بەلكىم بۇ توغرىدا يەنە ئىزدىنىشىمگە توغرا كېلىدىغان ئوخشايدۇ.

مىرزا ئۇلۇغبەگنىڭ شاگىرتى مەۋلانا ئەلى قۇشچى دېگەن ئۆلىما، پۈتۈن ئالەمنى دېڭىزغا، سەييارىلەرنى خۇددى يەمگە ئىنتىلگەن بېلىقلارغا ئوخشاش قۇياشقا نىسپەتەن يۆنىلىشلىك ھەرىكەت قىلىدىغان جىسىملار دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇلۇغبەگنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىكەن. مانا بۇ مەن بىلىدىغان يەر ئالەمنىڭ مەركىزى ئەمەس، ئۇمۇ بىر سەييارە، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەسلەپكى قاراش. بۇ كوپىرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتى»دىن ئالاھەزەل يېرىم ئەسىر ئىلگىرى.

كوپىرنىكنىڭ «قۇياش مەركەز تەلىماتىنى » كۆچۈرگەنلىكىنى مەن ئىسپاتلاشقا قادىر ئەمەس. بۇنىڭغا دەلىلىممۇ يوق.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-10 12:39:47

ئەبۇ رەيھان بىرونى دېمەكچىمكىنا .

2378 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 22:58:29

ماۋۇ تېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىگە چىدىمىدىم.
بەت: [1]
: يىقىنقى زامان ئىلىم-پېنىنىڭ باشلىنىشى