خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغىڭىز كەلگەندۇ؟
بۇلار 1990- يىللاردا ئىشلەنگەن VCD پىلاستىنكىسىدىكى خەلق ناخشىلىرى. ئاۋال مۇشۇ كۈيلەرنى ئىجاد قىلغان خەلق سەنئەتكارلىرىغا ئاندىن بۇلارنى سىنلىغانلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
بۇ ناخشىلارنى يۇرت تەشنالىقىدا يۈرەكلىرى قاغجىرىغان قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم، بۇ ناخشىلار يۈرىكىڭىزنى يەنە ئەزگەندەك قىلسىمۇ سىزنىڭ ھىجرانىڭىزغا مەلھەم بولۇپ قالغۇسى.
يالغۇزلىقىىڭىزدا، يالغۇز يولدا، ئېرىق بويىدا ئاۋازىڭىزنى قويۇپ بېرىپ تارتىنماي بىر توۋلىۋالسىڭىز ئىچىڭىز بوشاپ قالىدۇ.
ھەجەپ بولدۇم
تۇمشۇق ( سانساكو)
نۇرجان يۈسۈپ
ھارۋىكەش ناخشىسى
ئىلى زۇنۇن ئورۇنلىغان
چاتما ناخشا
نۇرجان يۈسۈپ ئورۇنلىغان
ئاتمامسەن تاپانچاڭنى
ئوتۇنچى ناخشىسى
ئانا
ئۈچ پەدە
مېھرىبان ئانا
قاپاقنى تېرىپ قويدۇم
ساپئىرىق
ئاتا- ئانام
نورمال چىقمىسا http://intil.cn.56.com دىن ئاڭلاپ بېقىڭ.
رەھمەت بۇرادەر ، ھارۋىكەش ناخشىسى بەك ئېسسىلكەن . ئەمما سىنغا ئىلىش جەھەتتە 90 -يىللار بىلەن ھازىرقى بىر تۈركۈم ئەل ئىچى سەنئەتكارلىنىڭ mtw لىرىنىڭ كۆپ پەرقى يوقتەك ھېس قىلىپ قالدىم .... «قاپاقنى تېرىپ قويدۇم» دىكى «قاپاقنى تېرىپ قويدۇم» دىن باشلانغان قىسمىنى ئابدۇرىشىت دىەنگۇڭ (توكچى) دەك ئوقۇيالماپتىكەن. ئابدۇرىشىت دىەنگۇڭ (توكچى)نىڭ ئۈنتاسمىسىدا ئاجايىپ ياخشى ئوقۇغانكەن. مۇشۇنداق ناخشىلار باشقىچە ھۇزۇرلۇق. رەخمەت. مەن ئۈچۈنلام يوللانغان تىما ئىكەن دەپ چۈشەندىم .رەھمەت. كۈپ تەشەككۇر سىزگە . قانداق چۈشۇرمىز بۇ ناخشىلارنى ؟؟ كۈپ تەشەككۇر سىزگە . قانداق چۈشۇرمىز بۇ ناخشىلارنى ؟؟ خەلىق ناخشىللىرىنىڭ ئۆمىرنڭ ئۇزۇن بۇلۇشىدا، ،ناخشا تىكستىنىڭ ئەڭ كەڭ خەلىق ئاممىسى چۈشۈنەلەيدىغان ،خەلىق قۇشاقلىرى دىن ،كىلاسسىك مۇزىكىلاردىن، خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقرىش ئەمگىگى جەرياندىكى مۇھەببەت-نەپرىتى دىن ئايرىپ قاراشقا بولمامدۇ-نىمە؟ ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاتۇش سەيلىسى دەپ بىر پىلاستىنكا بولىدىغان ، ئۇ چاغلاردا تېخى ۋس د مۇ يوق ۋاقىتلار ئىدى ، شۇ سەيلىنى ئىزدەپ تىتىۋەتتىم ، بىلىدىغانلار بولسا ئۇچۇرىنى بەرسە كۆپ تەشەككۈر ئېيتاتتىم5- قەۋەتتىكى Oyghanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۈپ تەشەككۇر سىزگە . قانداق چۈشۇرمىز بۇ ناخشىلارنى ؟؟
سىندەرس: 56 ۋە youku نىڭ ican سىدا سىن چۈشۈرۈش ۋە ئايلاندۇرۇش
ھەجەپ ياقتى ماۋۇ ناخشىلار. بىردەمدە ئىككى يىل بولاي دەپتۇ.