typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 11:13:45

ipadكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىلۋاتىدۇ[تېخنىكا]

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالدى بىلەن قۇربان ھېيتىمزنى تەبرىكلەيمەن.ئايەم مۇبارەك.


قارىسام ئالمىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئىشلتۋاتقانلار بارغانسىرى كۆپىيۋاتىدۇ.لىكىن ئۇيغۇرچىگە ئائىت ئەپلەر يوق دىيەرلىك.ئەڭ مۇھىمى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ مەسلىسى تېخى ھەل بولغىنى يوق.تور بار ھالىتىدە ئۇيغۇرچىنى بىمالال يازالىغان بىلەن تورسىز مۇھىتتا پىينىنچە يېزىپ قالدىغان ئىشكەن.قارلۇق تەرەپمۇ ئىشلەۋاتقاننى دىگەن ئىدى لىكىن ھىچ خەۋىرى يوق بىر يىلدەك بولۇپ قالدى.ئالما تەرەپمۇ تېخى ئۇيغۇرچە قوشۇش توغرلىق بىر گەپلەرنى دىمىدى.


شۇنىڭ بىلەن مەن ئات تاپقۇچە ئىشەك بولسىمۇ مىنىپ تۇرايلى دەپ بىر نەچچە پروگىراممىر بىلەن ئالاقە قىلىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ بىرىشنى (تورسىز ھالەتتە خەت بېسىش كونۇپكىسىapp)دىگەن ئىدىم. ئارلىقتا تۆۋىنى 1000دوللاردىن يۇقىرىسى 8000مىڭ دوللارغىچە دىدى.(پروگرامما ياساشنى ئۆگىندىندىغان جاھان ئىكەن دەپ قالدىم)  ئاخىرىدا بىرسى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىغا قىزىقىپ قالغانلىقىنى ھەم ئۆزى بۇ قېتىم چىقارماقچى بولغان Persisch : Persian , Arabic , Urdu Keyboards For iPad


كونۇپكا تاختىسىغا ئۇيغۇرچىنىمۇ قوشۇپ چىقىرىشنى ئويلاپ ياردەم قىلشمنى سوراپ ئۇچۇر قىلىپتۇ ،ھەم سىناق ھالەتتىكى ياسىغان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئەۋەتىپتۇ.


كۆرۈنمە يۈزى.





ياردەم سورىماقچى بولغىنى مۇنۇسى ئىكەن


Hi , I added Uyghur keyboard to  the next version of Persisch   , and I need your help to improve this keyboard I sent you a screen shot of Uyghur keyboard . Please answer my email and what"s your opinion about this ..


يەنە قانداق تەكلىپ پىكر بولسا ئويلىشىپ باقدىغانلىقنى ئېيتتى بولسا مۇشۇ جەھەتتە ياردەم قىلىپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار بۇلاتتى.رەھمەت.



بۇ كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى

- ئايپەد ئۆزىدە تورسىز ھالەتتىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.


- ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلىغىلى بۇلىدۇ.


- ئۇيغۇرچە ئې-خەت ئەۋەتكىلى بۇلىدۇ.


گوگۇلدا.بىڭ.يۇتۇبى دا بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈپ ئىزدەشكە بۇلىدۇ


فەسىبۇك ۋە تىۋىتتىر دا بىۋاتسە ئۇيغۇرچىنى كىرگۈزۈپ ئىنكاس پاراڭ سالالايسىز.



ئەسكەرتىش: بۇ ئەپ بەلكىم ئۇنۋېرسال ياسلىشى مۇمكىن(iphone.ipod)


typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 14:56:14

\"\" مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم شۇ پېتى تۇردا. ھەممىڭلار ھېيىت ئويناپ كەتتىڭلارمۇ نىمە~

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 15:18:28

ۋاي تېخى پۈتمىدىما؟ \"\"

typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 15:41:02

@ziyali ھەئە تەرجىمە تېخى پۈتمەپتۇ

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 15:51:15

How to use keyboard





For using second keyboard letters hold the key and then slide down . For instance to write capitalize Alef hold the Alef key and slide down and release it . there is no shift key function in this application , That is the shift key replacement



كۇنۇپكا تاختىسىنى قانداق ئىشلىتىش.



ئىككىلەمچى كۇنۇپكا تاختىسى ھەرپلىرىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن، كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپ سېرىيدۇ. مەسىلەن چوڭ Alef (بەلكىم ئا ھەرپىنى دىمەكچى بولغاندۇ، ئەرەپچە ئالىف دىگەندەك بىلىندى) نى چىقىرىش ئۈچۈن، (ئا) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ۋە سېيرىپ قۇيۇۋەتسە بولىدۇ. بۇ قوللانمىدا shift كۇنۇپكىسى يوق، shift كۇنۇپكىسى ئورنىدا مۇشۇنداق ئىشلىتىمىز.

-ataman- يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 11:45:38

ناھايتى ياخشى ىش بوپتۇ، ىتتىگەرەك ىېلان قىلىڭلا بولسا، ۇيغۇرچە كىرگۈزۈشتە ھەجەپ قىينىلىدىكەن ىادەم. 

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 11:48:25

تېمىڭىزنى بىلىككە يوللاپ قويدۇم، بەلىكىم ئاشۇ يەردىن تېخىمۇ ياخشى جاۋابلار چىقىشى مۇمكىن. تېما تەستىقلانغاندىكىن كېيىن مەن بىلىكتىكى تېما ئادىرىسىنى يوللاپ قوياي.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 12:14:56

@-ataman- قارىسام بۇ تېمىنى پەدتە يازغان ئوخشايسىز، ھەمزىنى چىقىرىشقا يانتۇ سىزىقچەنى/ باسسىڭز چىقىدۇ.

@bluewolf رەھمەت سىزگە،بىلىككە تۈنۈگۈن يوللىغان،ئالدىنقى قېتىم بىر تېما ئەۋەتسەم ئۈچ كۈندىن كېيىن تەستىقلاپتىكەن، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدىغان ئوخشايدۇ،سەل جىددىرەك بولغاچ ئىزدىنىشقا يوللىشىم،ئىزدىنىشتىمۇ ياخشى جاۋابلارنىڭ چىقىشىغا ئىشنىمەن.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 12:15:15

@-ataman- قارىسام بۇ تېمىنى پەدتە يازغان ئوخشايسىز، ھەمزىنى چىقىرىشقا يانتۇ سىزىقچەنى/ باسسىڭز چىقىدۇ.

@bluewolf رەھمەت سىزگە،بىلىككە تۈنۈگۈن يوللىغان،ئالدىنقى قېتىم بىر تېما ئەۋەتسەم ئۈچ كۈندىن كېيىن تەستىقلاپتىكەن، بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدىغان ئوخشايدۇ،سەل جىددىرەك بولغاچ ئىزدىنىشقا يوللىشىم،ئىزدىنىشتىمۇ ياخشى جاۋابلارنىڭ چىقىشىغا ئىشنىمەن.

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 12:49:09

مانا ماۋۇ ھازىرقى كۇنۇپكا تاختىسى ئۆلچىمى:


\"\"




\"\"

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 13:00:56

يۇقۇردىكىسى ھازىر كۆپىنچە كىرگۈزگۈچلەردە  ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى شۇ،  بىلىكتە بۇ توغۇرلۇق مۇنازىرىلەر بولغان ئىدى، بۇنىڭغا باشقىچە تولۇقلاشلارنى كىرگۈزدىمۇ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، ئەگەر يېڭىچە ئۆلچەم چىقمىغان بولسا، مېنىڭچە مۇشۇنى يوللاپ بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يۇقارقى يۇمشاق دېتال لايىھىلىگۈچىگە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىچە ھەرپلەرنىڭ ئەڭ يېڭى دۆلەتلىك كود ئۆلچىمى جەدۋلىنى ئەۋەرتىپ بەرسەك ياخىشىمىكىن دەيمەن.

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 13:06:11

دۆلەتلىك ئۆلچەمنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى:

http://115.com/file/bhuw9gs1

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 13:37:26

@bluewolf سىزگە كۆپ رەھمەت ، بىلىكتىكى FinalFantasyئەپەندى يوللىغان ئۇچۇر بىلەن سىز قالدۇرغان كۇنۇپكا تاختىسىنى ئەۋەتسەم  دەل كىلدىكەن.

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 13:39:09

@bluewolf سىزگە كۆپ رەھمەت ، بىلىكتىكى FinalFantasyئەپەندى يوللىغان ئۇچۇر بىلەن سىز قالدۇرغان كۇنۇپكا تاختىسىنى ئەۋەتسەم  دەل كىلدىكەن.

dilara يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 15:14:35

فېيسبۇكتا ئۇيغۇرچە يېزىشقا قىزىقىپ قالدىم. لەنجۇدىكى بەزىلەر فېيىسبۇكنى بىمالال ئىشلىتەلەيدىكەن. شىنجاڭدا فېيسبۇك ئېچىلامدۇ؟  {:106:}

Typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 23:22:55

Uyghur keyboard coming soon on the app store


Dear Typography please translate this into Uyghur language :



How to use keyboard




For using second keyboard letters hold the key and then slide down . For instance to write capitalize Alef hold the Alef key and slide down and release it . there is no shift key function in this application , That is the shift key replacement





Cancel




ماۋۇنى ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلىپ بەرگەن بولساڭلار رەھمەت :) ئىنگلىز تىلدىن ئۇستىلار بار .

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 22:32:02

@bluewolf

مەن يىل بېشىدا دەل سىز دېگەندەك مۇشۇنداق ئىقتىدارغا ئېگە ئەپنى شىنجىندىكى بىر شىركەتكە ياساتماقچى بولۇپ، تەكلىپلىرىمنى ئېيتىپ باھانىمۇ كېلىشىپ بولغان ئىدىم. iOS 5 كە قوشۇلۇپ قالسا ئېھتىياج بولمايدىكەن، تۇرۇپ تۇراي دەپ توختىتىپ قويغان. ئەپسۇس، بۇنىڭدىمۇ بولمىدى. ئەمدى ياسىتىدىغان يەرگە زادى كەلدى. مەن ئۆزۈم كونۇپكا تاختىسىغا بولغان ئويلىغان پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي. 2 تەكلىۋىم بار.



1-سى: « ئ » كونۇپكىسىنى بوش ئورۇننى قىسقىراق قىلىپ ئوڭ تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرسۇن. ھازىرقىدەك Shift نىڭ ئىچىدە تىقىۋەتمىسۇن.

iOS كە پىششىقلار بىلىسىلەر. ئەگەر ئايفوننىڭ ئىچىدە بىرەر جايغا ئېلخەت ئادرىسى يازىدىغان جاي بولسا بوش ئورۇننىڭ يېنىغا @ بەلگىسى قوشۇپ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇنى ئاتايىتەن Shift قاتارىدىن سۆرەپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇ ئېلخەت ئادرېسىدا داۋاملىق ئىشلەيدىغان نەرسە.

يەنە سافارىنى ئاچساق يانتۇ سىزىق، com. دېگەندەك تور بەت ئادرىسىغا كېتەرلىك نەرسە كۆزىمىزگە قادىلىپلا تۇرغاندەك. مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  خۇددى بىز ئۇيغۇرچە يازغاندا « ئ » ھەرىپىنى داۋاملىق بېسىپ تۇرغاندىن كىيىن بۇنى بوش ئورۇننىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرسۇن.



2-سى: Shift نى باسسا چىقىدىغان ھەرپلەر توغرىسىدا:

ئاۋۇ Shift نى باسسا چىقىدىغان ھەرپلەرنى Shift ئىچىگە يوشۇرۇپ قويمىسۇن. iOS تىكى تۈركچىگە ئوخشاش كونۇپكا تاختىسىغا قارىساڭلار بىر ئىشنى بايقايسىلەر. ئۇلارنىڭ چىكىتى يوق i  ۋە ئۈستىدە چىكىتى بار U (ئۈ)  ھەرىپىنى مۇناسىۋەتلىك كونۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپ چىقىرالايسىز. مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا قىلغىنى ياخشى.

مەسىلەن، H ھەرىپىنى بېسىپ تۇرساق خ ھەرىپىنى تاللاش ئورنى چىقسۇن. بىۋاستە باسساق ى چىقسۇن.

K نى بىۋاستە باسساق ك چىقسۇن، بېسىپ تۇرساق ۆ ھەرىپىنى تاللاش ئورنى چىقسۇن.

بۇ سىناقنى ئايفونى بارلار سىناق قىلىپ بېقىڭلار. ئېنگلىزچە كونۇپكا تاختىسىغا ئەكىلىپ U ياكى I ھەرىپىنى بېسىپ تۇرۇپ بېقىڭلار. ئۇلارنىڭ ۋارىيانتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەكىلىپلا شۇنى تاللىساق شۇ ھەرپ چىقىدۇ. بۇ iOS كە يات بىر ئىش ئەمەس. تولىمۇ قولاي بىر نەرسە. Shift بى بىر قېتىم بېسىپ قويۇپ ئىشى تۈگىگەندە يەنە بىر بېسىپ قايتىپ كېلىپ ... نىڭ ھاجىتى يوق.

بۇ ئايفونغا ئوخشاش كىچىك كونۇپكا تاختىسى بار ئوقەتلەر ئۈچۈن بەك مۇشەققەت بىر ئىش. ئىشقىلىپ مەن مۇشۇنداق ھېس قىلىمەن. Shift نى بېسىپ ئالماشتۇرۇشقا شۇنداق قىيىق. بەك ئاۋارىچىلىق كۆرىمەن. بۇ تەكلىپنى چوقۇم ئويلىشىڭ. بۇنىڭدا بەك قولاي بولىدۇ.



Shift نى باسسا نېمە چىقسۇن ئەمىسە دېسىڭىز بۇ ئاسان. بۇنى باسسا مېنىڭچە بولسا ئېنگلىزچە كىچىك ھەرپلىك كونۇپكا چىقسۇن. 2 قېتىم باسساق ئېنگلىزچە چوڭ ھەرپلىك كونۇپكىلار چىقسۇن. بىر تال كىرگۈزگۈچ بىلەن ھەر ئىككى ئېھتىياجنى جۆندەيمىز.



3-تەكلىپ دېسەممۇ بولىدۇ، بۇ يەنە Shift توغرىسىدا. بۇنى iOS 5 تىكى ئەرەپچە كونۇپكا تاختىسىدىكىگە ئوخشاش Shift دېگەن ئۇقۇمنى يوقىتىپ، ھەممە ھەرپنى ئارىسىغا قوشىۋېتىپلا قۇتۇلسۇن. Shift نىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. Shift نى باسسا چىقىدىغان ھەرپلەرنىڭ ھەممىسى نورمالدىمۇ كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. كومپىيۇتېرغا ئوپمۇئوخشاش قىلىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق. بۇنىمۇ ئويلىشىپ قويساڭلار بولىدۇ.



ئەپنىڭ ئىقتىدارى ھەققىدە تەكلىپ:

1. بىر كونۇپكا بىلەن يېزىلغان مەزمۇننى قىسقا ئۇچۇر كۆزنىكىگە يۆتكەش ۋە نۇر بەلگىنى قارشى تەرەپنىڭ نومۇرىنى يازىدىغان جايىغا توغرىلاپ تۇرۇش دېگەندەك ئىقتىدارنى ھەقىچان ئويلىشىپ بولدىڭلار. (مەسىلەن، iQuran نىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار.)

2. بۇ ئەپ پەقەت «پاسىبان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بېتى» http://u.pasiban.com نىڭ «离线版» ى بولۇپ ئايفون ۋە ئايپەدكە ئۇيغۇرچە خەت يېزىپ بېرىدىغانلا «خەت يازغۇچ» بولۇپ قالمىسۇن.  ئۆزىنىڭمۇ يازغان مەزمۇنلارنى ساقلىيالايدىغان (خۇددى ئايفون ۋە ئايپەدنىڭ ئۆزىدىكى 备忘录 سىدەك) قەغەزچە ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن بولسۇن.

3. iTunes ئارقىلىق TXT ھۆججەت شەكلىدە كومپىيۇتېرغا كۆچۈرگىلى، سىرتتىن TXT شەكلىدە ھۆججەتنى سىرتتىن ئەكەلگىلى بولىدىغان بولسۇن. iTunes ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ ئىقتىدارنى تولۇق چۈشىنسىزغۇ دەيمەن. بۇنىڭدا ئىنتايىن قولاي بولىدۇ.

4. ئەپ ئىچىدە خالىغان فونتنى كەڭرى ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپتە ھازىرقى تۈرمىدىن قاچۇرغانلار كەڭ ئىشلىتىۋاتقان مۇشۇ فونتتىن پايدىلانسۇن. فونت مانا : http://dl.dbank.com/c0i19d59u0

رەسىمدە ئەسلىدىكى سېستىما فونتىنى ئىشلىتىپتۇ. بەلكى بۇ سىناق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەرەپچە فونتنىلا رەسىمگە تۇتۇپ يوللىغانسىلەر، ئۇيغۇرچە فونتنى ئىشلىتىشنى سىلەرمۇ ئويلاشقانسىلەر. كىيىنچە بۇ 1 تال فونتنىلا ئەمەس، بىز داۋاملىق ئىشلىتىدىغان 10~20 خىل ئۇيغۇرچە فونتنى تاللىغىلى بولىدىغان بولسۇن.

ئېسىمگە كەلگەنلىرى مۇشۇ، يەنە ئېسىمگە چۈشكەنلىرى بولسا يەنە ئېيتىمەن.

Pasiban يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 22:47:42

How to use keyboard



For using second keyboard letters hold the key and then slide down . For instance to write capitalize Alef hold the Alef key and slide down and release it . there is no shift key function in this application , That is the shift key replacement







ماۋۇ يەردە ئۆزى دەپ بوپتىكەنغۇ مەن دېگەن Shift توغرىسىدىكى مەسىلىنى؟  {:107:}

typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 23:04:56

شۇ مەن ئانچە بىلىپ كەتمىگەچ پروگرامما توغرلىق بۇ يەرگە ۋە بىلىككە چىقارغان قارىسام بەكلا ئاز بىرىلگەن جاۋابلار.  بولسا مۇكەممەل بىر لايىھە پىلانى قويۇپ ئەۋەتىپ بەرسەك بۇلاتتى. ئۇمۇ كىچچىككەندە مۇشۇ ئاي ئىچىدە ئەپ سىتورىغا چىقرىپ بولىمەن دىگەن.ھەم ماڭا تەكلىپ پىكىر بەر دىگەن جىمجىتلا تۇرىدۇ تورداشلار~

typography يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 23:11:50

@Pasiban  سىز ئەۋەتىپ بەرگەن فونتنى ئەۋەتىپ بەردىم.رەھمەت .يەنە يېڭى تەكلىپلەر بولسا دەپ تۇرۇڭلار .بىراقلا تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتىپ بىرەي.
بەت: [1] 2
: ipadكە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسىلۋاتىدۇ[تېخنىكا]