kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-6 02:42:52

مۇسلىمە ئانىسىنى كۆرۈۋالسۇن! [ياردەم]

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىزلەر !

ئۇلۇغ ھېيىت ھارپىسى ئايەم كۈنلىرىگە ساق-سالامەت ئۇلاشتۇق.ئالدى بىلەن ھەممىڭىزلەرنىڭ ئايىمىنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن. ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

گەپنى بەك دەبدەبىلىك باشلاپمۇ كەتمەي ئۇدۇللا ئەينەن ئىشنى سۆزلەي. قاراماي شەھرىنىڭ غەربىي چېتى ، ئايكۆل سۇ ئامبىرىنىڭ شىمالىدا ، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىنىڭ يېنىغا جايلاشقان «غەربىي چوڭ جىلغا» (大西沟) دەيدىغان بىر مەھەللە بار ، بۇ يەردىكىلەر بولسا باشقا يۇرتلاردىن كەلگەن تۆۋەن قاتلام ئىشلەمچى ئۇيغۇر،قازاق  قېرىنداشلاردۇر،

ئاساسلىقى باقمىچىلىق توغرىسى باشقىلارنىڭ قوي-كالىلىرىنى بېقىش ،

سۈت سېتىش ، ناۋايلىق دېگەندەك ئۇششاق ئىشلار بىلەن جېنىنى ئاران بېقىپ كېلىۋاتقانلار.

ياخشى پەزىلەتلىك ،نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنىڭ روياپقا چىقىشىغا تۈرتكە بولغان ئېسىل بىر ئاكىمىزنىڭ چاقىرىقى بىلەن تۈنۈگۈن « غەربىي چوڭ جىلغا» مەھەللىسىدىكى بىر ئائىلىگە زىيارەتكە باردۇق. مەن كۆرگەن تونۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ «بىچارە» ئىككى تونۇر بارلىق دەسمايىسى بولغان ئابدۇۋەلى ۋە ئالتۇنگۈل ئەر-ئايالنىڭ مۇسلىمە ئىسىملىك ئىككى ياشقا كىرگەن ئوماق قىزى بولۇپ ، ئىجارىگە ئالغان كاتەكتەك ئۆيدە ھايات كەچۈرۈپ كېلىۋېتىپتۇ. بەختكە قارشى مۇسلىمە قىز تۇغۇلۇپ بىر ئايلاردىن كېيىن كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىدىن  چاتاق چىقىپ ،بارا-بارا غۇۋا كۆرىدىغان ،

ئارقىدىن ھازىرقى ھەر ئىككىلا  كۆزى پەقەتلا

يورۇق ياكى قاراڭغۇنى پەرىق قىلىدىغان ،ئەمما كۆرەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ!  ئاتا-ئانىسى غۇلجا ، ئۈرۈمچىلەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتكەن بولسىمۇ ، دوختۇرلار شىنجاڭدا بۇ كېسەلنى داۋالىيالمايدىغانلىقى ، ئەمما بېيجىڭغا ئاپىرىلسا سەللىمازا ساقايتالايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ ، مۇشۇ سۆيۈملۈك ھەم كاساپەت پۇلنىڭ يوقلۇقىدىن تا ھازىرغىچە مۇسلىمەگە داۋا قىلالماپتۇ. ھازىر مۇسلىمەنىڭ بىر كۆز ئالمىسى يىگىلەپ كېتىۋېتىپتۇ ، بىر كۆزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى نورمال ئەمما ئاق چۈشۈپتۇ.

شۇ مەھەللىنىڭ ئاھالە كومتېتىدا ئىشلەيدىغان بىر قىزچاق ياردەم قىلىپ گېزىتخانا مۇخبىرلىرىنى چاقىرىپ گېزىتكە مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاقكۆڭۈل كىشلەر ھازىرغىچە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋېتىپتۇ ئەمما بىلىشىمىزچە زور كۆپچىلىك بۇ ئىشتىن تېخى خەۋەرسىز ئىكەن! ئۇ قىزچاق يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بېيجىڭدىكى مۇناسىۋەتلىك دوختۇرلار بىلەن ئالاقىلاشقانىكەن ،ئەگەر تېزدىن داۋالانسا قىزچاقنىڭ بۇ رەزىل ئەمما ياخشى كىشىلەرمۇ كۆپ بولغان دۇنيانى قايتا كۆرەلەيدىغان بولىشىدا ئۈمىد زور دەپتۇ. ئوپىراتسىيە قاتارلىق داۋالاشلارغا 100مىڭ يۈەن (يۈز مىڭ)ئەتىراپىدا خىراجەت كېتىدىكەن. ھازىر ياردەم قىلىپ يىغىلغان پۇل30مىڭ  (ئوتتۇز مىڭ) يۈەندىن ئېشىپتۇ . يەنە 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل بولسىلا سىڭلىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايمىز دېگەن گەپ!

ھازىر بىز  ھېيىت كۈنى قۇربانلىق قويىنىڭ تېرىسىنى

ھەدىيە قىلىشنى خوپ كۆرىدىغان قارامايدىكى قېرىنداشلارنىڭ قويىنىڭ تېرىسىنى يىغىپ ئۇلارغا ئاپىرىپ بېرىشنى ئويلاشتۇق.  ياكى بولمىسا ئۆزلىرى ئاپىرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۇندىن باشقا دوستلارنىڭ ياردەم قولىنى سۇنۇپ سىڭلىمىزنى قۇتۇلدۇرۋېلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز!

دېققەت: بۇ ساقايماش كېسەل ئەمەس،پەقەت ئازراقتىن ياردەم قىلساقلا مۇسلىمە مېھرىبان ئاتا-ئانىسىنى قايتا تونۇيالايدۇ!




دادىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلفونى :  5820 9999  152 ئابدۇۋەلى بەيسەن

تېرىنى يىغىپ ئاپىرىپ بېرىدىغانلار:2223 9900 133   ئابدۇل تېرە  


مۇسلىمەنىڭ دادىسى ئابدۇۋەلى بەيسەننىڭ يېزائىگلىك بانكا كارتا نۇمۇرى ۋە ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى:

阿不都外力·摆山

013  47190 30204 622848










مۇسلىمەنىڭ دىئاگۇنۇز تەپسىلاتلىرى :






















غەربىي چوڭ جىلغا













مۇسلىمەنىڭ ئۆيى







تونۇر







مۇسلىمە ۋە دادىسى







مۇسلىمە بىلەن بىر مەھەللىدىكى ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئەمما تېخى چىرايىنى كۆرۈپ باقمىغان دوستلىرى



yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 19:42:45

بىچارە قىز، http://www.yolyar.com/amma/show.asp?id=51
بەت: [1]
: مۇسلىمە ئانىسىنى كۆرۈۋالسۇن! [ياردەم]