koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 14:52:45

ئېنگلىز تىللىق ساياھەت يېتەكچىلىرىگە![تەرجىمە]

مەن بۇنى شىئەندە خىزمەت قىلىدىغان بىر چەتئەللىك دوستۇمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىۋاتىمەن.


ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئىشلەۋاتقان Silk Road Venture يېقىندا ساياھەت يېتەكچىلىرىگە قارىتىلغان چەتئەللىك تەربىيىچىلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى كەسپىي تەربىيىلەش كۇرسى ئاچماقچى ئىكەن. قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئاران 10 نەپەر. ئۇ دوستۇم بۇرۇن شىنجاڭدا تۇرغاچقا، ھەمدە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر بولغاچقا، ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىدىكەن.


ئەگەر سىز ساياھەت يېتەكچىسى بولسىڭىز، ئېنگلىز تىلىڭىز راۋان بولسا، ھەمدە بۇ تەربىيىلەشكە قىزىقسىڭىز، 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ئېلخەت ئادرىسىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى ۋە تېلېفون نومۇرىنى يېزىڭ. (ئېنگلىزچە بىلمىسىڭىز ئاۋارە بولماڭ)


reneeg@silkroadventures.org


languagesandmore@gmail.com



http://www.silkroadventures.org



ئۇلار چىقارغان ئېنگلىزچە ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:


Silk Road Ventur شىركىتىنىڭ ساياھەت يېتەكچىلىرىگە قارىتىلغان دەرىجە ئۆستۈرۈش كۇرسى


ۋاقتى: 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە (16 ھەپتە).


ئورنى: شىئەن شەھىرى Silk Road Ventur شىركىتى ئىشخانىسى


مەقسەت: يەرلىكتىكى ساياھات يېتەكچىلىرىنىڭ ئېنگلىزچە سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئۆرۈپ-ئادەت بىلىملىرى ۋە ئۇقۇملىرىنى تەمىنلەش، ھەمدە ساياھەت يېتەكچىلىرىگە ياخشى بولغان سودا ۋە خېرىدارلار مۇلازىمەت ماھارىتىنى ئۆگىتىش.


كۇرس تەپسىلاتى:


دەرس ھەر دۈشەنبەدىن- پەيشەنبەگىچە 3 سائەتتىن ئۆتىلىدۇ (بۇ ۋاقىتلار تېخى ئېنىق بېكىتىلگىنى يوق).


جەمئىي 16 ھەپتە بولۇپ، 2 ھەپتە دەم ئالىدۇ، ساپ دەرس ۋاقتى 14 ھەپتە داۋاملىشىدۇ.


تەربىيىلەش دەرسىنى چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار ئۆتىدۇ.


تەربىيىلەش جەريانى پۈتۈنلەي ئېنگلىز تىلى ئارقىلىق بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئېنگلىز تىلى سەۋىيىسى ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى ھالەتتە بولۇشى كېرەك.


ياتاق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. ھەمدە ئوقۇغۇچىلار شىركەت تاللىغان خەنزۇلار بىلەن بىللە تۇرىدۇ. مەقسەت شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلىنى پىششىقلىۋېلىشى ۋە خەنزۇ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىۋېلىشى ئۈچۈندۇر.


كۇرسقا پەقەت 10 ئوقۇغۇچىلا قوبۇل قىلىنىدۇ.


دەرستە بەزى تاپشۇرۇقلار بېرىلىشى مۇمكىن.


كۇرسقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.


تەربىيىلەش تاماملانغاندا، ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىلىدۇ.


ئوقۇش تاماملانغاندىن كېيىن، شىركەت ئوقۇغۇچىنىڭ ئېھتىياجى بويىچە، بۇ قېتىملىق تەربىيىلەش ئوقۇغۇچىنىڭ قىسقىچە تارىخىدا تىلغا ئېلىنسا بولىدۇ، شىركەتمۇ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىدۇ.



ئوقۇش پۇلى:


جەمئىي ئوقۇش پۇلى 8760 يۈەن (خەلق پۇلى، كۇرس ھەققى، ياتاق ھەققى ۋە ماتېرىيال ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).


قوبۇل قىلىنىدىغان سان چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، 500 يۈەن زاكالەت پۇلى ئېلىنىدۇ. ئەگەر زاكالەت پۇلىنى تاپشۇرماي، سان توشۇپ كەتسە، شىركەت مەسئۇل بولمايدۇ. زاكالەت پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ. كېيىن كۇرس ھەققىگە كىرگۈزىۋېتىلىدۇ.


ئوقۇغۇچىلار پۇلنى تاپشۇرۇپ ئوقۇشنى خالىمىسا ياكى يېرىم يولدا توختاپ قالسا، ئوقۇش پۇللىرى قايتۇرۇلمايدۇ.



kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 16:00:13

بىر ئاغىنەمنىڭ ئىنىسى يارغولدا ساياھەت يىتەكچىسى ئىدى. مەن يەتكۈزۈپ قوياي ياخشى خەۋەردەك قىلىدۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 11:07:34

بولسا شۇنداق قىلىڭ، بىر ئۇيغۇر بولسىمۇ ياخشىراق تەربىيەنىڭ نەتىقىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى كۆپكە ئاڭلاتسۇن!

بۇ ئۇچۇر ئىشەنچىلىك. ئېلخەتتە ئالاقىلاشسىڭىز، سىزگە چەتئەللىك تېلېفون قىلىپ، ئېنگلىز تىلىڭىزنى سىنايدۇ. ئەگەر ئېنگلىز تىلىڭىز بەك ناچار بولسا، كۇرسقا قوبۇل قىلمايدۇ. تىل سەۋىيەسى ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇراھال بولۇشى كېرەك.



خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا، مەنمۇ چەتئەللىكلەر رىياسەتچىلىك قىلغان كۇرسلارغا قاتناشقان ئىدىم. ئۇلار كۇرسنى ھەقىقەتەن ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارىدىكەن. ئوقۇتۇش ئۇسلوبى ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي، مەزمۇنلارمۇ بەك مول بولىدىكەن. مۇمكىن بولسا، مەزكۇر كۇرسقا ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭمۇ قاتنىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

tokchi يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 16:15:42

ياخشى ئۇچۇر ئىكەن، رەھمەت!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-7 14:22:02

\"\"  \"\"  \"\"  \"\"

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 19:54:34

ئۇلارنىڭ ئېلخەت ساندۇغىدىن سەل چاتاق چىققاندەك قىلىدۇ.

مۇمكىن بولسا languagesandmore@gmail.com  بۇ ئادرىسقا خەت ئەۋەتسىكەن، دىگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى.

كەچۈرسىزلەر!

koktash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-8 19:54:44

ئۇلارنىڭ ئېلخەت ساندۇغىدىن سەل چاتاق چىققاندەك قىلىدۇ.

مۇمكىن بولسا languagesandmore@gmail.com  بۇ ئادرىسقا خەت ئەۋەتسىكەن، دىگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇمنى تاپىلىدى.

كەچۈرسىزلەر!
بەت: [1]
: ئېنگلىز تىللىق ساياھەت يېتەكچىلىرىگە![تەرجىمە]