UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 14:49:56

ھايۋان بىلەن ئادەمنى شالغۇتلاشتۇرۇش[تەرجىمە]





ئەنگىليەدىكى نۇرغۇن تەجرىبىخانىلارنىڭ مەخپى ھالدا ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسىنى ئىشلىگىلى ئۈچ يىل بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.(خەۋەر مەنبەسى:http://news.163.com/11/0726/02/79RUREMP00014AED.html)


كۆپچىلىك بەلكىم فانتازىيىلىك فىلىم ‹ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش›نى كۆرگەن بولىشى مۇمكىن،ئەمما بۇ قېتىملىقى ھەقىقى خەۋەر ،ئەنگلىيە ‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،ئەنگلىيىدىكى نۇرغۇن تەجرىبەخانىلارنىڭ ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى ئىشلەۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى .ھەمدە ئىلىم پەن دۇنياسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئادەم بىلەن ھايۋاننى زادى قانداق شالغۇتلاشتۇرىدۇ ؟ نۆۋەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل ئۇسۇل بىلەن بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ .





1.ئادەمنىڭ ئىسپېرما ياكى تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى ھايۋاننىڭ تۇخۇم ياكى ئىسپېرما ھۈجەيرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش.


بۇنداق قىلىشنى نۇرغۇن مىللەت ۋە دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى ۋە ئەدەپ ئەخلاقى قەتئىي قوللىمايدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىيىش،ياشاش جەھەتتە ئايرىلىش بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئادەم ۋە تەرەققىيات جەريانىدا قانداشلىق مۇناسىۋىتى يىراق بولغان ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنى بىرىكتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس.شۇڭلاشقا كۆپىنچە ئەھۋالدا بۇ خىل ئۇسۇلدىن ئەنسىرەش كەتمەيدۇ.


2.ئادەمنىڭ غول ھۈجەيرىسىنى ھايۋانلارنىڭ تۆرەلمىسىگە كۆچۈرۈش


غول ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنىشى بىر قەدەر تۆۋەن بولغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇ ھايۋانلارنىڭ ھامىلىسىگە كۆچۈرۈلسە ،يىتىلىش جەريانىدا ھايۋانلارنىڭ تېنىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.بۇ ساھەدە خەلقئارادا ئەڭ داڭلىق بولغان كىشى ئامېرىكا نىۋادا ئۇنېۋرسىتىتىنىڭ(University of Nevada, Reno)ئوقۇتقۇچىسى Esmail Zanjaniبولۇپ، ئۇ 2007-يىلى ئۇ 15%ئادەم ھۈجەيرىسى بار قوزىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان .ئۇنىڭ تەتقىقات گورۇپىسىدىكلەر ئادەمنىڭ يىلىك ھۈجەيرىسىنى قوينىڭ تۆرەلمىسىنىڭ قورساق بوشلۇقىغا ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇپ ،بىر قاتار مۇرەككەپ تەڭشەشلەر ۋە ماسلاشتۇرۇشتىن كىيىن ئاخىرى بۇ قوزىچاققا ئېرىشكەن .ئەمدى بۇ قوزا چوڭ بولسا قانداق بولىدۇ ؟ بىر كۆزى ئادەمنىڭ يەنە بىر كۆزى قوينىڭ بولارمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس.ئادەمنىڭ غول ھۈجەيرىسى بۇ يەردە پەقەت خىشنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.يېتىلىش جەريانىدا قوي ھۈجەيرىسىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا قوينىڭ مەلۇم ئەزالىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ .ئالىملارنىڭ بۇ تېخنىكىنى قوللىنىشتىكى مەقسىتى ئادەمنىڭ غول ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ، ھايۋانلارنىڭ تېنىدە ئادەملەرنىڭ ئەزاسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئۇ ئارقىلىق بىمارلارغا ئەزا يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.




3.ھايۋاننىڭ ئەزاسى ۋە توقۇلمىسىنى بىۋاستە ئادەمگە يۆتكەش.


1964-يىلى 2-ئايدا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ‹ئىلىم-پەن›ژۇرنىلى ‹ تۈرلەر ئارا بۆرەك يۆتكەشنىڭ كىلىنىكىدا قوللىنىشىغا ئائىت ئىككى مىسال›دېگەن ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى Keith Reemtsmaۋە ئۇنىڭ ئىشداشلىرىنىڭئىككى ئورانگىتانىڭبۆرىكىنى سۈيدۈكتىن زەھەرلەنگەن ئىككى بىمارغا يۆتكىگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار. ھايۋاننىڭ بۆرىكى ئادەمگە يۆتكەلگەندىن كىيىن بىرىنچى بىمار 10كۈندىن كىيىن باشقا ئەزالىرى زەئىپلىشىپ،يەنە بىر نەپەر بىمار ئىككى ئايدىن كىيىن ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن .

ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىنىڭ سەۋەبى يەكلەشكە قارىشى تۇرۇش دورىسىنىڭ تەسىرى بولۇپ، كۆچۈرۈلگەن ئەزانىڭ بىنورمالسىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان .ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋانلارنىڭ ئەزاسىنى ئادەمگە كۆچۈرسە ئادەملەرنىڭ ھايۋانلار ئارىسىدا تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى .شۇنىڭدىن كىيىن بۇ خىل تەجرىبىنى ھېچكىم قايتا قىلىپ باقمىغان . ئەگەر ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا 100%ھالدا ئەزا يېتىشتۈرۈپ چىقسا ئۈچىنچى خىل ئۇسۇلنىڭ ئەھمىيىتى يوق .ھەمدە ھايۋانلاردىن تارقىلدىغان كېسەللىكلەرنى توسۇش ئۈنۈمى 2-خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈملىك بولىدۇ .



4.كلون تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئادەم ھۈجەيرىسىنىڭ يادروسىنى ئېلىۋېتىپ،باشقا ھايۋانلارنىڭ تۇخۇم ھۈجەيرىسىگە يۆتكەپ ،يېڭى بىر ھامىلە يېتىشتۈرۈپ چىقىش.

بۇنداق ھۆجەيرىنىڭ گېنلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى(99%)ئادەمنىڭ،ھايۋان ھۈجەيرىسى پەقەت خوندۇرۇسۇما DNAبىلەن تەمىنلەيدۇ . ئالىملارنىڭ بۇ تۈرنى تەتقىق قىلىش مەقسىتى ئادەم بەدىنىدىكى بەزى ھالقىلىق گېنلارنىڭ قانداق قىلىپ رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئېنىقلاش .ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئادەمنىڭ غول ھۈجەيرىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتىن ئىبارەت.نەزىيە جەھەتتىن ئويلىشىپ نۇرغۇن دۆلەتلەر ئادەم ھامىلىسىنىڭ غول ھۈجەيرىسىگە بولغان تەتقىقاتقا نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويغان .1998-يىلى كلىنتون بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، ھايۋاننىڭ ھۈجەيرە يادروسىنى يۆتكەشنى چەكلىگەن .كورىيەلىك ئالىملار ئەڭ بۇرۇن ئىتىنى كىلونلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئادەم ھامىلىسىنى كلونلاپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان .

2007-يىلى 9-ئاينىڭ5-كۈنى ئەنگلىيە سۈنئى ئۇرۇقلاندۇرۇش ۋە ھامىلە تەتقىقاتى باشقۇرۇش ئىدارىسى(HFEA) بىر تۈرلۈك قانۇن لاھىيەسى ماقۇللاپ ،قاتتىق نازارەت ئاستىدا تۆتىنچى خىل ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى ئىشلەشكە يول قويۇش ھەمدە بۇنداق ھامىلە يېتىلىپ 14كۈن ئىچىدە چوقۇم ئۇ ھامىلىنى يوقىتىۋېتىش كېرەكلىكىنى ئېلان قىلدى .

شۇنىڭدىن كىيىن لوندون پادىشاھلىق ئىنستىتۇتى(King"s College London) نېكاسىت ئۇنىۋېرسىتېتى(Newcastle University)ۋە ۋارۋېك ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ( Warwick University) تەجرىبىخانىلار مۇشۇ خىل تەتقىقات ئىشلەش ھوقۇقىغا ئېرىشتى ...

بۇ يەردە ‹ئەنگلىيە پوچتا گېزىتى› خەۋىرىدىكى ئۈچ يىلنىڭياغى ئېلىپ بېرىلغان ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش تەجرىبىسى دەل مۇشۇ 4-خىل ئۇسۇلىدىكى قانۇنلۇق ئۇسۇلنى كۆرسىتىدۇ.



مەنبە:http://songshuhui.net/archives/58125

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 15:25:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!

مەن بۇندىن نەچچە يىل بۇرۇن تېلىۋىزوردا بىر نەرسىنى كۆرگەن ئېدىم.ئامېرىكىدا بىر ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا ئىشلەيدىغان ئادەم ئويۇنچۇق ئايرۇپىلاننىڭ پىرقىرىغۇچىنى ئوڭشاۋاتقاندا،پىرقىرىغۇچ پىرقىراپ كېتىپ بىر بارمىقىنى ئۈزىۋېتىدۇ.ئۇ ئادەم دوختۇرخانىغا بارغان بولسىمۇ ئۇ بارماقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۇ ئادەم بىر تەتقىقاتچىنىڭ يېنىغا بارىدۇ،تەتقىقاتچى ئۇ ئادەمنىڭ بارمىقىغا ئاپئاق ئۇندەك نەرسىنى سۈركەپ قويىدۇ.بارمىقى ئۈزۈلگەن ھېلىقى ئادەم بارمىقىدىكى ئۆزگۈرۈشنى خاتىرىلەپ مېڭىش ئۈچۈن ئىككى ھەپتە ئۇدا بارمىقىنى رەسىمگە تارتىدۇ.ھەربىر پارچە رەسىمدە ئۇ ئادەمنىڭ بارمىقى يىرىڭداپ ماڭىدۇ.ئەمما بارماقنىڭ ئۇزۇنلىقىدا ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىدۇ.ھەيران قالارلىقى،ئىككى ھەپتىگىچە ھېلىقى بارماق ئۆسۈپ چىقىدۇ.

زىيارەتتە ھېلىقى تەتقىقاتچى:‹‹بىز بۇ نەرسىنى تېخى رەسمى يولغا قويمىدۇق.بۇ تېخى بىر سىناق.كېيىنچە بۇ نەرسە جەڭدە پۇت-قوللىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەنلەرگە ھەمدە پۇت-قوللىرى يوقلارغا خۇشاللىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.››دەيدۇ.

DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 15:31:39

مۇشۇ توغرۇلۇق دەششەت بىر Conspiracyبار. سۈيقەست نەزىرىيەسى مودا بوپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارغا يېڭى بىر سۈيقەست نەزىرىيەسى سۇنايمىكىن   {:92:}. \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 16:18:25

ھېلىقى ئادەم بىلەن ھايۋاننى شالغۇتلاشتۇرۇش دىگەن بەك قاملاشمىغان كىنو.   {:136:}

مۇشۇ كاللىسى بەك ئىشلەپ كەتكەن ئالىم دىگەنلەرنىزە...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 21:03:40

شۇ كىنودىنمۇ ئايانكى، تەبىئىي قانۇنىيەتكە ئەركىلەشكە بولمايدۇ.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 22:59:52

كچىكچاغلاردائوينايدىغان 恐龙时代دىگەنئۇيۇن ئېسىمگە كېلۋاتىدۇ. ئاخىرى ھېلىقى دۇمچەك پىروففىسور دىنىزاۋۇرغا ئايلىنىپ كېتىدىغۇ\"\"

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 21:58:28

مەن بازارغا چىققاندا ئېگىزلىكى 3 مېتردىن ئاشىدىغان ئادەملەر ياكى ئىتباش، ئۆچكە بەدەن ئادەملەرنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىدا مەندىن يول سورىشىنى ياقتۇرمايمەن.

ياۋروپا ئالىملىرى قارىغاندا ھېتلىرنىڭ مەخپىتى تەجرىبە ماتىرىياللىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئەمدىلەتىن ئاشكارلاپ سىناۋاتقان بولسا كېرەك.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 22:32:47

بايا بىرسى چ چ غا«چوشقا-قوي» نىڭ رەسىمىنى ئىۋەتىپتۇ.قارىسام كىرىشتۈرگەن رەسىم ئەمەس. «خۇدايا توۋا ! » دەپ قالدىم


\"\"




http://jionger.com/show/5242

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-4-27 09:57:42







      قارىماققا مىجەزى ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ شالغۇتلىشىشىدىن پەيدا بولۇپ قالغان مەخلۇققىلا ئوخشايدىغانمەخلۇقلاردىن تورداشلار ئارىسىدىمۇ يوق ئەمەسقۇ!

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 19:32:22

بىر مۇيسىپىت كىشىنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان ئالخىمىيەگە ئائىت بىر قەدىمقى قوليازمىنى كۆرگەن، پارىس تىلىدا يېزىلغان بۇ كىتابنىڭ ئىسمى ئەسرارى قاسىمى بولۇپ، بۇ كىتابتا ئەركەك ئادەم بىلەن چىشى مايمۇننى چېتىشتۇرۇش ئارقىلىقئادەم بىلەن مايمۇن ئوتتۇرىسىدىكى بىر خىل جانلىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ تەجرىبىلىرى خاتىرلەنگەن. مەن بۇ كىتابنى كۆرۈپ ئ.ەپسانە بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما يېقىنقى زامانلاردا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كلون تەجرىبىلىرىنىڭ نەجىسىگە قاراپ بىزنىڭ قەدىمقى ئالخىمىكلارنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەسلىكىنى ئويلاپ قالدىم.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-4-26 23:45:23

@yolyarئۇلار چوشقىنىڭ بىر تۈرى، شالغۇت ئەمەس. ياۋروپا تەرەپتە بار دىيىشىدۇ. ئادەتتىكىسىدىن نەچچە ھەسسە قىممەت . لېكىن يەنە شۇ نىجىس شۇ.
بەت: [1]
: ھايۋان بىلەن ئادەمنى شالغۇتلاشتۇرۇش[تەرجىمە]