UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 15:24:27

جەڭ ئېلان قىلىشقا پېتىنالامسىز؟

ئادەم بەدىنىنىڭ فىزئولوگىيەلىك يۇقىرى چېكى





ئەنگلىيە ‹يېڭى ئىلىم-پەن ژۇرنىلى›نىڭ خەۋرىدە مۇنداق دېيىلگەن: فېزئولوگىيەلىك نۇقتىدىن قارىغاندا ئادەم بەدىنى مۇرەككەپ ھەمدە ناھايىتى ئاجىز سىستېما.ئەمما مەلۇم ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئادەم بەدىنىڭ فېزئولوگىيەلىك ئىقتىدارى ‹بەك كۈچلۈك›. مەسىلەن ئادەم ئۇدا 264سائەت ئۇخلىمىسا چىدايدۇ.ئادەم ئەڭ ئېغىر بولغاندا 263.5كىلوگرام نەرسىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرەلەيدۇ.11.35مىنۇت نەپەسلەنمەي تۇرالايدۇ. ئەڭ ئېگىز بولغاندا دېڭىز يۈزىدىن 9000مېتىر ئېگىزلىكتە ھايات كەچۈرەلەيدۇ .





ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تەنھەرىكەتچىسى Andy Bolton ئادەتتىكى ئەرلەردىن 5-6ھەسسە قاۋۇل بولۇپ،ئامېرىكا Ohioئىشتاتىدىكى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش تېرىنىرى Dan Wathenنىڭ دېيىشچە بولتۇننىڭ 245كىلوگراملىق شىتانكىنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرۈشى ئادەتتىكى ئىش ئىكەن .ئۇ ئەڭ ئېغىر بولغاندا 263.5كىلوگرام نەرسىنى كۆتۈرۈپ باققان ئىكەن.



1963-يىلى 12-ئاينىڭ 28كۈنى ،ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى 17ياشلىق Randy Gardner ئەتىگەن سائەت 6دە ئويغۇنۇپ كەتكەندىن كىيىن پەقەت ئۇخلىيالمىغان .ھەمدە ئويغاق ھالەتتە(پەقەت ئۇخلىماي)1964-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە يۈرگەن ،جەمئى 264سائەت، ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئۇزۇن ئۇخلىماسلىق رېكورتى ھېسابلىنىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتا Gardnerناھايىتى چارچىغان بولۇپ،دىققىتىنى يىغىش ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلىگەن. بەدەننىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرىغان .گەپ قىلىش ئاڭلىشى ئېنىق بولمىغان .ھەمدە بىرخىل خىيالى تۇيغۇ شەكىللەنگەن .ئالىملارنىڭ تەكشۈرۈشىچە ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ھېچقانداق روھلاندۇرۇش دورىسى ئىشلەتمىگەن ئىكەن .

ئۇزۇن ۋاقىت ئۇخلىماسلىقنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى ئېغىر بولۇپ ،ئالىملار چاشقاننى تەجرىبە قىلىپ 14كۈن ئۇخلاتمىغان نەتىجىدە چاشقان ئۆلۈپ قالغان .



نۇرغۇنلىرىمىز نەپەسلەنمەي 1مىنۇت تۇرىشىمىز مۇمكىن، ئەمما دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن تىنماي تۇرغان جېنىس رېكورتى ساھىبى Stephane Misfud ئۇدا 11مىنۇت 35سىكۇنت تۇرغان .

Misfudبېشىنى سۇغا تىقىپ تۇرغان ،ئۇنىڭ يۈزىگە تىگىپ تۇرغان سۇ سوغۇق سۇ.ئۇ ۋاقىتتا يۈزدىكى قان تومۇرلار تارىيىدۇ، قانلار يۈرەك ۋە مېڭىگە ئاقىدۇ ،بۇ ۋاقىتتا يۈرەك سوقۇشى ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەيدۇ.ھەمدە پۈتۈن بەدەننىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈش چىقىرىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ .ئەگەر داۋاملىق مۇشۇنداق مەشىق قىلسىڭىز يۈرەك سوقىشىڭىز مەشىق قىلمىغانلارنىڭكىدىن 2ھەسسە ئاستا سوقىدۇ .



ئېگىز جايلارنىڭ ئادەم بەدىنىگە ئاجايىپ تەسىرى بار.كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ قىزىل قان ئاقسىلى كۆرسەتكۈچى چوڭ بولىدۇ . ئادەم ئوكسىگېن كەمچىل جايدا تۇرغان ۋاقىتتا ئەڭ ئالدى بىلەن بېشى قايدۇ،ئۇزۇن مۇددەت 5000مېتىردىن ئېگىز جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ مۇسكۇلى تارتىشىپ قالىدۇ. ئۆپكىگە جاننى ئالغۇچى ماددىلار يىغىلىپ قالىدۇ، مىڭە ھەجىمى چوڭىيىپ كېتىدۇ.ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت 7500مېتىردىن ئېگىز جايلاردا تۇرسىڭىز ،ئوكسىگېن كاملاپ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئادەم زادى قانچىلىك ئېگىزلىكتە ياشىيالايدۇ ؟ بولىۋىيە نوپۇسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك 4000مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتە ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلاردا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامتى كۆرۈلمىگەن .نۇرغۇن چىلىلىق كان ئىشچىلىرى 5800مېتىردىن يۇقىرى ئېگىزلىكتە ھەپتىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلالايدۇ .سىز پەقەتلا ئېگىز مۇھىتقا كۆنۈپ باقمىغان بولسىڭىز جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئاچىقىپ قويسا 2مىنۇتتىلا ئۆلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.1999-يىلى Babu Chiri Sherpa جۇمۇلاڭما چوققىسىدا 21سائەت ياشاپ رېكورت ياراتقان .Babu Chiri Sherpaيەنە بىئولوگىيە جەھەتتە ئانالىز قىلىپ ئادەمنىڭ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەڭ ئېگىز يېرى 9000مېتىر بولغۇدەك دەپ يەكۈن چىقارغان .



مەنبە:u148تورى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 15:44:31

باشقىسىنى دىمىگەندىمۇ ئاۋۇ 264 كۈن ئۇخلىمىغان ئادەمگە قول قويدۇم. مەن مەلوم سەۋەپتىن ئۇخلىماي 50 سائەتكە بارغاندا پەقەت چىدىماي ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 15:45:44

مەن قىلالمىغۇدەكمەن، ئەڭ ياخشىسى شۇ بىر قوينىڭ گۆشىنى كۆتۈرۈپ، 15سائەت ئۇخلىماي، ساپ ھاۋادىن قانغۇدەك نەپەسلىنىپ،6-قەۋەتتىكى ئۆيۈمدە جىم ياشسام بولغىدەك.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 16:16:44

مەن كېچىچە كومپيۇتېرخانىنىڭ سىستېمىسىنى ئوڭشاپ، بىر يېرىم سائەتلىك كېچىلىك ئۇيقۇدىن كېيىن كۇرسانتلارغا سەھەرلىك دەرس ئۆتكەندە، ئاغزىم ئۆز ئالدىغا مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى جۆيلىگەن {:107:}    54 سائەتلىك تاماقسىز ۋە ئۇيقۇسىز ئۇيۇن ۋاقتى ئاخىرلىشىپ ئاشخانىغا ماڭغاندا، بەدىنىم ئۆزەمنىڭ ئەمەستەك، يىنىكلەپ لەيلەپ يۈرگەن (پۇخادىن چىققان..).\"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 16:32:08

باچكا سىلىمۇ دىققەت قىلسىلا، ئىككى ئادەمگە مەسئۇل بولىدىغان گەپ بار \"\" @baqka

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 16:39:40

رەھمەت قەھۋە قىز\"\"، ھېلىمۇ 10 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىشلار ئىدى، كېيىن ئاپتاپتا ئەمگەك قىلىپ ئىككى يىلدا ئوڭشالدىم. @espresso


سىناق، @baqka .


kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 16:49:42

مىنىڭ بىشىمنى سۇغا تىقىپيۈرەك سوقۇشىنى ئاستىلاتقىم كىلىۋاتىدۇ\"\"\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 21:20:38

ئۇخلىمىغان رىكورتىم 35 سائەت بىلەن 40 نىڭ ئارلىقىدا بارمىكى.

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 22:04:45

مېنىڭ 48 سائەت، لېكىن ھازىرمۇ خېلى شاشلىشىپ قالىدىغان چاغلىرىم بار، ئەمدى دىققەت قىلمىسام يۈرەك چىدىمايدىكەن.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 22:10:12

قويۇڭلار ئۇ ئېگىزلىك رېئاكسىيىسىنى( يەرلىك تىلدا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكنى ئىس تۇتۇۋالدى دەيدۇ)...... بەك قورقۇنچلۇق،دەھشەت...

مەن بىر قېتىم تاغقا ئېكىسپېدىتسىيىگە چىقىپ ناھىيە مەركىزىدىن 60كىلومېتېر كېلىدىغان يېزىغا چىقىپ ئۇ يەردىن پىيادە مېڭىپ 1.5كۈنلۈك يىراقلىققا بارغاندا چوققىغا يامىشىۋاتقاندا ئىس تۇتماسمۇ،بېشىم شۇنداق دەھشەت ئاغرىپ يۈرەك سوقۇشۇم قۇلاقلىرىمغا ئاڭلىنىپ ھۆ تۇتۇپ كەتتى، كۆز ئالدىمغا يېشىل پەردە تۇتۇپ قويغاندەك كۆرۈش سېزىمىم غۇۋالىشىپ نەرسىلەر بەكمۇ خىرە كۆرۈنۈشكە باشلىدى،نەپەس ئېلىشىممۇ قىيىنلىشىپ كەتتى، قۇسۇشقا باشلىدىم.......

دەرھال توختاپ ئۆزەمنى ئوڭدىسىغا تاشلىۋەتتىم-ياتتىم،2-3 سائەت ئەتراپىدا ياتقاندىن كېيىن ئوڭشالدىم،تاس قالدىم ئەرشكە سەپەر قىلغىلى.......

شۇنىڭدىن كېيىن بىر قېتىم يىلان چاققان ئارغامچىنى كۆرسىمۇ قورقىدۇ دىگەندەك تاغ،ھەر قانداق ئېگىزلىككە بېرىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم.......

\"\"

sandhouse يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 22:16:41

30-40 سائەت ئۇخلىماي خىزمەت قىلىپ ، ئاندىن كوچا ئايلانساڭلا بەك پىچەت بولىدۇ . مەن ھەر دائىم شۇنداق قىلىمەن .ئاندىن ئۆيگە بىرىپ گۇپلا چۈشىمەن .

ANSARIY يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 22:41:57

ئۇخلىمىغىلى نەدىكى ۋاقىتكى ئۇ\"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 00:32:51

10- قەۋەتتىكى sandhouseنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

30-40 سائەت ئۇخلىماي خىزمەت قىلىپ ، ئاندىن كوچا ئايلانساڭلا بەك پىچەت بولىدۇ . مەن ھەر دائىم شۇنداق قىلىمەن .ئاندىن ئۆيگە بىرىپ گۇپلا چۈشىمەن .

راس جۇمۇ، كىچىچە تورخانىدا ئولتۇرۇپ، تاڭئاتقاندا قايتىپ چىقىۋاتقاندىكى تۇيغۇمۇ بەك پەيزى ھە؟! لەيلەپ مېڭىۋاتقاندەك ... خىروئىن چېكىدىغانلارنىڭ شۇنداق ھوزۇرلىنىپ كېتىشلىرىگە قاراپ، شۇ تورخانىدىن چىققانداك تۇيغۇدا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن\"\"

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 10:34:29

مىنىڭ تورخانىدا ئەڭ ئۇزاق تۈنەش رىكورتىم 28 كۈن 6-7 يىل ئىلگىرى 2 دوستۇم بىلەن تورخانىغا بىر كىرىۋېلىپ كۈندە تاماق يىگىلى سىرىتقا چىققاندىن باشقا ۋاقىتتا شۇ تورخانىدىن چىقمايئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ 28 كۈننى ئۆتكۈزۈپ 29 كۈن بولغاندا پەقەت چىدىماي ئۆيگە قايتىپ بىر كۈن قوپماي ئۇخلاپتىكەنمەن .

ئەڭ ئۇزاق ئۇخلىماسلىق رىكورتىم 60 سائەتقۇ دەيمەن ياشلىق ھەممە نەرسىنى كۆتىرىدىكەن ھازىر كۈندە بىرەر سائەت ئۇيقۇم كام قالسا چىدىمايمەن .

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 11:30:50

مېنىڭ ئەڭ ئۇزاق ئۇخلىمىغان رىكورتىم40سائەت ئەتراپىدا.

ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىقى ۋاقتىمدىكى بىر جۈمە كۈنى كۈندۈزى ئادەتتىكىدەك دەرس ئوقۇدۇم،كەچلىكى تورخانىدا كەچلىدىم،ئەتىسى يەنە تورخانىدا بىركۈن ئولتۇرۇپ ياتاقنى تاقايدىغانغا ئۈلگۈرۈپ كىرىپ كەتكەن.ھېسابلاپ باقسام40سائەت چىققۇدەك.

كەسىپكە چىققاندىن كىيىن تېخى يەنە بىر ساۋاقدىشىم بىلەن بىللە 4كۈن تورخانىدىن چىقماي ئۇيقۇ كەلسە ئورۇندۇقتا ئۇخلاپ ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلېرىممۇ بولغان.ئەمما مۇشۇ 4كۆن تورخانىدىن چىقماي ئولتۇرغان ئىش ماڭا ھەم پايدا ھەم زىيان قىلدى.زىيىنى:سىنىپ مەسئولى تازا ئەدىپىمنى بەردى،تەييارلىقتىكى نەتىجەم بىلەن ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالايتىم،بۇ مۇكاپاتمۇ يوق بولدى.پايدىسى:شۇنىڭدىن كىيىن تورخانىدا قەتئىي كېچىلىمەيدىغان بولدىم،ھېلىقى شۇ ۋاقىتلاردا تازا مودا بولغان«رىۋايەت»دىگەن ئويۇننىمۇ شۇنىڭدىن كىيىن ئۈزۈلكېسىل تاشلىدىم.

lonelyness يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 15:32:04

ئاۋۇ 28 كۈن تورخانىدىن چىقمىغان بالاڭزىغا قول قويدۇم .

مەن كەچتە بىر ئاز كەچ يېتىم قالسام ئەتىسى ئەتتىگەن قوپالمايمەن .نەچچە ئون سائەت ئۇخلىماسىلىىق دىگەن قانداق گەپ ئۇ؟؟؟؟؟

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 15:35:40

مەنمۇ بۇرۇن 36سائەت تورخانىدىن چىقماي ئولتۇرۇپ باققان. \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 16:10:03

12- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

راس جۇمۇ، كىچىچە تورخانىدا ئولتۇرۇپ، تاڭئاتقاندا قايتىپ چىقىۋاتقاندىكى تۇيغۇمۇ بەك پەيزى ھە؟! لەيلەپ مېڭىۋاتقاندەك ... خىروئىن چېكىدىغانلارنىڭ شۇنداق ھوزۇرلىنىپ كېتىشلىرىگە قاراپ، شۇ تورخانىدىن چىققانداك تۇيغۇدا بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن {:181:}

ماۋۇ تورخانىدىن چىققاندىكى تۇيغۇ راستلا بەك پەيزى لېكىن. بۇرۇن دائىم ئەرزان، تور سۈرئىتى تېز دەپ كېچىسى تورغا چىقىدىغان. ئەتىسى تورخانىدىن چىقىپ سۈت چاي ئىچىۋىلىپ كىرىپ ئۇخلايدىغان بولساق بەك راھەت بولاتتى. ئالى مەكتەپ دىگەنزە...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 17:35:16

ئۇخلىماسلىق ھاراق ئىچىش قاتارلىقلار بەسلىشىدىغان ئىش ئەمەس ، ئۆزەڭلارنى ئاسراڭلار بالىلار
بەت: [1]
: جەڭ ئېلان قىلىشقا پېتىنالامسىز؟