mux يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 10:48:14

ھەر قايسى ئەللەردىكى ئەڭ قىزىقارلىق چاقچاقلار[تەرجىمە]

گىرمانىيە: بىرەيلەن بازار ئايلىنىۋېتىپ بىر پالچىنى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇ ئىچ پۇشۇقىنى چىقارماقچى بولۇپ، پالچىنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. پالچى قولدىكى ئەينەك شارىكقا سىنجىلاپ قارىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا دەپتۇ: ئەپەندىم سز ئىككى بالىنىڭ دادىسى ئىكەنسز.


خاتالاشتىڭىز-- دەپتۇ ئۇ پالچىغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ،-مەن ئۈچ بالىنىڭ دادىسى.


- ھا ھا ھا سىز بىلمەيدىكەنسز، بىرى سزنىڭ ئەمەس ئىكەن.


ۋىنگىرىيە: دوختۇر


- سز مىنىڭ گىپىم بويىچە ئوخلىغاندا دېرىزىنى ئېچۋەتتىڭىزمۇ؟   شۇنداق دەپتۇ بىمار.


- ئۇنداقتا سزنىڭ دەم سىقىلىشىڭىز يوقالدىمۇ؟


- ياق، بىراق مىنىڭ قول سائىتىم، تېلىۋىزۇر ۋە خاتىرە كومپيۇتىرىم يوقاپ كەتتى.


پورتىگالىيە: بىرەيلەن قەدىناس دوستىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ. دوسىتى ئۇنى تۆرىگە باشلاپ، ئۆيىدىكى قىزنى چاقىرىپ:


- دىپلوم، بىزگە ئىككى ئىستاكان قەھۋە دەملەپ بېرىڭە،- دەپتۇ.


- نىمە دىگەن غەلىتە ئىسىم بۇ ، نىمىشقا بۇ ئىسىمنى قويدىڭىز؟


- قىزىمنى ئۇنىۋېرسىتېقا ئوقۇشقا ئەۋەتكەندىم، مۇشۇنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ.


تايلاند:


- تېز بولۇڭلار، بولمىسا كېچىكىپ قالىمىز،- بالىلار باغچىسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بالىلارغا ۋارقىردى.


- نېمىشقا ئالدىرىتىسز؟- دەپ سورىدى بىر كىچىك دوسىت.


- تېز بولمىساق كېلەر سائەتلىك دەرىسكە كېچىكىپ قالمىز.


كىچىك دوسىت مۈرسىنى قىسىپ قويۇپ دېدى:    بولمىسا ئالدىرسىڭىز ئۆزىڭىز مېڭىۋىرىڭ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 11:43:02

ئاۋۇ پورتۇگالىيەلىكنىڭ چاقچىقى نىمە مەنىدە؟ قىزى لېزبىيەن دىمەكچىمۇ ياكى؟ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 11:46:33

دىپلوم ئورنىغا بالا تۇغۇپ كۈتۈرۈپ كەپتۇ شۇ \"\"  \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 11:48:22

2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىپلوم ئورنىغا بالا تۇغۇپ كۈتۈرۈپ كەپتۇ شۇ \"\"  \"\"


ئۇ دىگەن ئۇيغۇرچە چاقچاققۇ \"\"،بىزنىڭ چاقچىمىزنى ئۆزىنىڭ قىلۋاپتۇ\"\"

kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 11:50:17

بۇلارنىڭ يۇمۇر تۇيغىسى نىمانداق تۆۋەندۇ!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 11:51:57

\"\"  \"\"

ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بالىسىنى كۈتۈرۈپ ئۈيىگە كىرگىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم

شۇڭا چەتئەل يۇمۇرى بولسا كېرەك

شىۋىتسارىيە فىرانسىيە دىگەندەك دۆلەتلەردە نىكاھسىز تۇغۇلغانلارنىڭ سانى يىڭى تۇغۇلۋاتقان بوۋاقلار سانىنىڭ يېرىمىدىن ئاشىدۇ....

kamandaz يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 11:56:47

مۇش ئاۋۇ باش سۈرىتىڭىزنى ئالماشتۇرىۋەتسىڭىز بولمامدۇ. ئادەمنى بەك بىئارام قىلىدىكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 11:58:12

نوچى تۇرمامدۇ  {:90:}

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 12:01:17

نەرىگە كۈلۈشنى بىلەلمەي كۈلۈپ كەتتىم.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 12:04:31

@ziyali بار. ئاشۇنداق بىر كۈلدۈرگە بار ئۇيغۇرلارئىشلىگەن. تاپالمىدىم لىكىن ئىزدەپ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 12:09:52

@UyghurBalighبىر كۈنى ئەپەندىم دەپ باشلىۋالسىڭىز مىڭ يىل بۇرۇنقى يۇمۇر بولىدۇ ئاغىنە \"\"

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 15:09:33

جىك  ئاپىسى بىلەن دادىسىنىڭ شىرىن ئاي ئۇتكۇزگەن ۋاقىتلىردىكى رەسىملەرنى كۇرۇپ دادا سىلەر نىمىشقا مىنىمۇ ئىلىپ بارمىغان ئىدىڭلار دەپ سۇراپتۇ

جىك نىڭ دادىسى :بالام سەنمۇ بارغان بىرىشتا مەن بىلەن بىرىپ كىلىشتە ئاپاڭ بىلەن قايتىپ كەلگەن ،،،،(چەت ئەل يۇمۇرى)

\"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 16:03:24

زىمننىڭ قىزقكەن ھەممدىن جۇمۇ...ھاھاھاھا

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 21:52:11

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 22:01:59

دېپلوم چەتئەلچە گەپ بولغاندىكىن، بۇ چوقۇم چەتئەلنىڭ يۇمۇرى.  {:92:}   ئۇيغۇرلار بالىلىرىغا ئاساسى جەھەتتىن چەتئەلچە ئىسىم قويمايدۇ، بىژ قانچىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا \"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-11-3 22:05:51

قىزىنىڭ قىزى چاي قۇيغۇدەك شۇنداق چوڭمىدۇ؟ \"\"  قانداق ئويلىساممۇ كاللامدىن ئۆتمىدى...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 00:28:55

15- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قىزىنىڭ قىزى چاي قۇيغۇدەك شۇنداق چوڭمىدۇ؟ \"\"  قانداق ئويلىساممۇ كاللامدىن ئۆتمىدى...

يۇمۇرچە تەپەككۇر قىلسىڭىز، كاللىڭىزدىن ئىتتىكلا ئۆتىدۇ. كۈلىدىغان يېرىگە تازا كۈلىۋېلىپ، باشقا يېرىنى ئۇنتۇپلا كېتىڭ.

selma يوللانغان ۋاقتى 2011-11-4 07:30:54

مەن ئەرەبنىڭ يۇمۇرىدىن بىرنى دەپ بېرەي،بىر كۈنى بىر ئەرەب بېدۋېن ھېچكىم يوق بىر چۆللۈكتە ،ئىنسان ئەھلى قىلمايدىغان ئەسكى ئىشتىن بىرنى قىپتۇدە، ئاندىن« ئى ئاللاھ،ھەممىسى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ،ئە ئۇزى بىللاھى مىننەش شەيتانى رەجىم»دەپ گۇناسىنى شەيتانغا ئاتماقچى بوپتىكەن،شەيتان ئۇ ئىشنى كۆرۈپ تۇرۇپتىكەن دەرھال «ئەي ئىنسان سەن بىز شەيتانلارمۇ قىلمايدىغان ئىشنى قىلىپ تېخى مۇشۇنداق دەمسەن ،  ئە ئۇزى بىللاھى مىننەش ئىننەك(مەنىسى- مېنى سەندەك ئادەمدىن يىراق قىلسۇن ئوخشايدۇ.)» دەپتۇ....

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-11-5 19:58:04

نىمىش قىلغاندۇ ئۇ ئەرەب؟  {:107:}
بەت: [1]
: ھەر قايسى ئەللەردىكى ئەڭ قىزىقارلىق چاقچاقلار[تەرجىمە]