يانفوندا ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلاش يۇمشاق دېتالى
ئامېرىكىنىڭ فانتازىيلىك كىنولىرىدا قارشى تەرەپنىڭ يانفونىغا ئاساسەن ئۇنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ ئىز قوغلايدىغان ئىشلارنى كۆرىمىز. بۈگۈن ئاشۇنداق ئىقتىدارى بار بىر يۇمشاق دېتالنى ئۇچىرتىپ قالدىم. ئىشەنمەيراق يانفونغا قاچىلاپ باقسام راستلا ئورۇن بەلگىلەپ ئىز قوغلىغىلى بولىدىكەن.


بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ پىرىنسىپى مۇنداقكەن:
يۇمشاق دېتال يانفوندىكى GPS قۇرۇلمىسى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى ئورۇننىڭ كوئوردىناتىنى ئېنىقلاپ ھەر 5 ياكى 10 سېكۇنىتتا (قانچىلىك ۋاقىتتا يوللىشنى ئۆزىمىز بەلگىلەپ بېرىدىكەنمىز) تورغا يوللاپ بېرىدىكەن. ئاندىن بىز تور بەتتىكى خەرىتىدىن ئىز قوغلايدىكەنمىز. ئۆزىنىڭ خەرىتىسىمۇ باركەن، Google Earth قىستۇرمىسنى قاچىلساق Google خەرىتىسىدىنمۇ ئىز قوغلىغىلى بولىدىكەن.
خوتۇنىڭىزنىڭ يانفونىغا قاچىلاپ قويسىڭىز، ئاپامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ، رېستۇراندا يۈرسە يالغان گەپ قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىكەنسىز

يانفۇنىڭىز يۈتۈپ كەتسىمۇ ئاسانلا تېپىلالايدىكەنسىز (ئەلۋەتتە ئوغىرى ئېلىۋېلىپ، ئوغرى يانفۇننى ئىتىۋەتسە ئىز قوغىلىغىلى بولمايدۇ)
يەنە ئوغىرلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى بار ئىكەن. SIM كارتىنى ئالماشتۇرۋەتسە ئالدىن بەلگىلەپ قويغان باشقا نومۇرغا توختىماي قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش، بەلگىلەپ بەلگەن دائىرە (شەھەر، رايون) سىرتىغا چىقىپ كەتسە باشقا نومۇرغا ئۇچۇر ئەۋەتىش دېگەندەك...
قېنى ئىشلىپ بېقىڭ
راست، بۇ دېتال Android سىستېمىلىق يانفونغا قاچىلىندۇ. يانفوننىڭ GPS ۋە تور ئىقتىدارىنى ئېچىپ تۇرۇپ مەشغۇلات قىلىڭ.
چۈشۈرۈش ئادېرسى
يانفونغا قاچىلاپ ئىجرا قىلدۇرغاندىن كېين ئۈستىدە نۆۋەتتىكى ئورۇننىڭ كوئورودىناتى كۆرۈنۈپ، ئەڭ ئاستىداhttp://122.194.5.241:8080/gps دىن باشلانغان ئۇزۇن بىر ئادېرىس كۆرۈندۇ، شۇ ئادېرسنى كومپىيۇتېردا (يانفوندا) ئاچسىڭىز يانفوننىڭ تۇرۋاتقان تەپسىلى ئورنى كۆرۈندىكەن.
ئۇ ئادېرسنى كومپىيۇتېردا تۇنجى قېتىم ئاچقاندا Google Earth قىستۇرمىسنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇنى يەرنى بېسىپ قاچىلىۋەتسىڭىز بولىدىكەن.
دىققەت: بۇ يۇمشاق دېتالدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللىنىشقا بولمايدۇ. شۇنداق ھەرىكەتلەر بىلەن شوغۇللانسىڭىز پۈتۈن ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.
مەنبەسى: ئالپ تورى
بۇ دېتالنى 255 يۇەن دەپ سېتىۋاتمامتى خەنزوچە بىر توربەتتە...1- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ دېتالنى 255 يۇەن دەپ سېتىۋاتمامتى خەنزوچە بىر توربەتتە...
ماۋۇ ھەقسىز. بەك پۇل بېرىتىم دەپ تۇرۋالسىڭىز ياق دېمەيمەن

بىراق بەزى ئىقتىدارلىرى مادىتالغا يەتمەيدىكەن . بولىدىغان دېتالكەن ، ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي


ئاۋۇ سۈرەتتە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ . سىرىتتا ناماز ئوقۇيدىغانغا قارىتا شەرىئەتتە قانداق ئېنىق چۈشەنچە باردۇ؟ ئىقتىداى بولىدىكەن بىراق Android دىن باشقىسىغا قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن ئەمەسمۇ

مىنىڭكىدە http://122.194.5.241:8080/gps بۇ ئادرىس ئېچىلمىدى .
مېنىڭ بىلەي تېشىمدا ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن بۇ سېستىمىنى.
مەندىكىسى Android تېلفونىنىڭ ئەڭ ناچىرى ئوخشايدۇ ، بىر نەرسە قاچىلىساملا ئىچكى ساقلىغۇچ توشۇپ كەتتى دەپ ئجرا بولمايۋاتىدۇ . 中兴N600 نىڭ پىنسىيىگە چىقىدىغان ۋاقتى بولغاندەك قىلىدۇ ، CPU نىڭ ئەڭ ناچىرىنى ئىشلىتىپتىكەن بۇ تېلفونغا.7- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، 6- قەۋەتتىكى ehsan99 نىڭ باش سۈرىتىدە بىرىنىڭ ناماز ئوقىۋاتقان كۆرنىشى باركەن . ئادەتتە ئۇيغۇرلاردا ناماز ئوقۇغاندا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرمايدىغان جايدا ناماز ئوقۇيدىغان قائىدە بار ، سىرىتتا ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلسە بىرەر تام تۈۋىنى تېپىپ تامغا قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ ھىچ بولمىغاندا ئالدىغا بىر تال تاياقنى توغرا قويۇپ ناماز ئوقۇيدۇ.
ئاۋۇ سۈرەتتە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ . سىرىتتا ناماز ئوقۇيدىغانغا قارىتا شەرىئەتتە قانداق ئېنىق چۈشەنچە باردۇ؟
ئۇ رەسىمدىكىسىنى ئۇيغۇر دەپ كىم دىدى سىزگە؟ ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئۇيغۇرلار ئۇنداق يەردە ناماز ئوقۇسا قانۇنسىز دىنىي پائالىيە بىلەن شوغۇللاندى دەپ سولاپ قويىدۇ.
tayirt
ئۇ ئادېرسنىڭ كەينىدە يەنە 201111 ... دېگەندەك سانلار بار. مەن ئۇ يەرگە مىسال ئۈچۈن ئادېرسنى تولۇق يازمىدىم. مېنىڭ يانفۇنۇم چىقىرىپ بەرگەن ئاادېرسنى تولۇق يېزىپ قويسام سىلەر مېنىڭ ئېنىق ئورنۇمنى بىلىۋېلىپ ئىز قوغلىيالايسىلەر.
يانفونغا ئاۋۇ دېتالنى قاچىلغاندىن كېيىن چىقىرىپ بەرگەن ئادېرسنى ئېچىڭ.
11- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ ، 6- قەۋەتتىكى ehsan99 نىڭ باش سۈرىتىدە بىرىنىڭ ناماز ئوقىۋاتقان كۆرنىشى باركەن . ئادەتتە ئۇيغۇرلاردا ناماز ئوقۇغاندا ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرمايدىغان جايدا ناماز ئوقۇيدىغان قائىدە بار ، سىرىتتا ناماز ئوقۇشقا توغرا كەلسە بىرەر تام تۈۋىنى تېپىپ تامغا قاراپ ناماز ئوقۇيدۇ ھىچ بولمىغاندا ئالدىغا بىر تال تاياقنى توغرا قويۇپ ناماز ئوقۇيدۇ.
ئاۋۇ سۈرەتتە ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدىن ئادەملەر ئۆتۈشۈپ تۇرغاندەكلا تۇرىدۇ . سىرىتتا ناماز ئوقۇيدىغانغا قارىتا شەرىئەتتە قانداق ئېنىق چۈشەنچە باردۇ؟
ئۇ رەسىمدىكىسىنى ئۇيغۇر دەپ كىم دىدى سىزگە؟ ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئۇيغۇرلار ئۇنداق يەردە ناماز ئوقۇسا قانۇنسىز دىنىي پائالىيە بىلەن شوغۇللاندى دەپ سولاپ قويىدۇ.
ھى ھى ھى .... مەن ئۇنى ئۇيغۇر دىمىدىم ، كۆرىنىشىدىنلا ئۇيغۇر ئەمەسلىكى چىقىپ تۇرغاچ ئۇيغۇرلار مۇنداق قىلىدۇ ئاۋۇ كىشى ئىنىڭدەك قىلىۋېتىپتۇ . شەرىئەتتە نىمە دىگەن دەپ سورىماقچى. ئامېرىكىنىڭ فانتازىيلىك كىنولىرىدا
-------------
بۇنى فانتازىيەلىك فىلىمغا ئەمەس بەلكى ۋەھىمىلىك، ئوغرى قاراقچى تۇتىدىغان، دېلو ئەنزە ئېنىقلايدىغان نورمال ۋەقەلىك ئەكىس ئېتىدىدىغان فىلىملارنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
يەنە تۇرمۇش فىلىملىرىدىمۇ بار، مەسىلەن «Gossip Girl\"
10- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەندىكىسى Android تېلفونىنىڭ ئەڭ ناچىرى ئوخشايدۇ ، بىر نەرسە قاچىلىساملا ئىچكى ساقلىغۇچ توشۇپ كەتتى دەپ ئجرا بولمايۋاتىدۇ . 中兴N600 نىڭ پىنسىيىگە چىقىدىغان ۋاقتى بولغاندەك قىلىدۇ ، CPU نىڭ ئەڭ ناچىرىنى ئىشلىتىپتىكەن بۇ تېلفونغا.
سېرىق چوقاينىڭ ئىشلەپچىقارغان Android تېلفۇنلىرىنى ھەرگىز ئالماڭ ، بۇنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇڭ ، قارىغاندا يانفونىڭىز دىتالنى بىۋاستە يانفونغا قاچىلايدىكەن ، كارتىغا قاچىلىسا بۇنداق بولمايدۇ ، چوڭ دېتال ۋە ئويۇنلارنى قاچىلىيالايسىز ...
ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردىلىكىنى باشقىلارغا ئۇقتۇرماي دېسىڭىز :
1. GPS نى تاقاڭ .
2. GPRS نى تاقاڭ .
...
..
ئەڭ ياخشىسى تېلفوننى ئېتىپلا قۇتۇلۇڭ. {:92:} ئاۋۋال خوتۇننىڭ تېلفونىغا قاچىلاپ ، ھەممىنى تەڭشەپ بولۇپ قولىغا تۇتقۇزىمىز. ئاندىن ئۆزىمىز كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەرىتىدىن كۆزىتىمىز ؟
17- قەۋەتتىكى hawaskarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۋال خوتۇننىڭ تېلفونىغا قاچىلاپ ، ھەممىنى تەڭشەپ بولۇپ قولىغا تۇتقۇزىمىز. ئاندىن ئۆزىمىز كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ خەرىتىدىن كۆزىتىمىز ؟
دەل شۇنداق.
ئالدىغا نەيزە، ياكى تاياقتەك بىر نەرسە قويۇپ قويىدۇ. بۇ،سەجدە قىلىدىغان جاينى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن.
بەت:
[1]
2