ئۈرۈمچى شەھرىدىكى 38ئورۇندا زاپاس گۆش تارقىتىلىدۇ[كۆچۈرۈلمە]
ئۈرۈمچى شەھەر ئاھاللىرى بۈگۈندىن باشلاپ 6-نۇيابىرغىچە 38 ئورۇندا زاپاس گۆش سېتۋالسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىز بەلگىلىگەن زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىلىرىدا گۆش سېتۋالغان ھەر بىر ئادەم بىر قېتىمدا پەقەت يېرىم قوينىڭ گۆشىنى ياكى ئون كىلوگىرام توڭلىتىلغان گۆش سېتۋالالايدۇ.
ئىگىلىنىشىچە ، زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىسىدا مەخسۇس خادىم تۇرغۇزۇلغان بۇلۇپ، يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگراممىنىڭ باھاسى 36يۈەن، توڭلىتىلغان قوي گۆشى بىلەن كالا گۆشىنىڭ 30يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن . (قانونچىلىق گىزىتىنىڭ 1-نويابىردىكى سانىدىن ئېلىندى)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!توۋا،مائاش تۆۋەن،باھانىڭ يۇقىرىلىقى.

2- قەۋەتتىكى gulbargi_11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنى دىمەمسىز ، مۇئاشى بارلارغۇ بىر ئاز ياخشى، مۇشۇ يەردىن چىققان كىرىمگە تايىندىغان دىھقانلارغا تەس بولدىغۇ.
كەسىپ ئۆزگەرتىپ تۆمۈر- كەپشەر قىلىۋاتقان تېرىقچىلار يەر تېرىشتىن باشقىسغا كارى يوق تېرىقچىلارنى ياراتمايۋېتىپتۇ دەيدۇ.. بۇ يىل ئۆزۈم باھاسى يۇقىرى، پاختا باھاسى چۇشۇپ كەتتى. پاختا باھاسى چۇشسىمۇ كىيىم-كىچەك باھاسى چۇشمەيدىيا. ھىيتلىق كىيىم ئالماقمۇ تەس بولۋاتىدۇ مۇشۇ كۈندە، بىر ئايلىق مۇئاشىم باللىرىمغا ئۆزەمگە كىيىم ئىلىشقا يەتمىگىدەك، نىمانداق قىممەتتۇ بۇ يىل كىيىملەر. نىمانداق ئەرزان بىزنىڭ بۇيەردە 45~50 كىچە ھەر كىلوسى تۈنۈگۈن يولدا بىر يەردە شۇنداق قوي گۆشى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى دەھشەت يۇقىرى بولۇپ ئۆچىرەتتا تۇرۇپ كېتىپتىكەن،ئەسلى مۇشۇ ئىشكەندە
باھاسىنىڭ شۇنداق ئەرزانلىقىدىن قارىغاندا شىنجاڭنىڭ قويىلىقىغا ئىشەنچ قىلغىلى بولمايدىغاندەك
بەت:
[1]