buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:06:37

ياپونچە قىزىقارلىق پاراڭلار[تەرجىمە]

<94ياشلىق بوۋام>





  94 ياشلىق بوۋام بىزنىڭ ئۆينىڭ يېنىدا تۇرىدۇ.ئۇ دائىم ۋېلىسپىتىنى مىنىپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.قەيەرگە بارىدىغىنىنى سورىسام،ياشانغانلار ساناتورىيىسى ئىكەن.


<ھەر كۈنى بارىدىغانغا  شۇنچىلىك كۆڭۈللۈك يەرمۇ ؟>دەپ سورىسام<ئۇ يەردە 70-80 ياشلاردىكى قىزچاقلار بار>دەيدۇ.ئەسلى مۇنداق ئىكەندە.(قىزچاقلار تېخى.ھا ھا ھا)


<بۇرۇندىن ئاققان قان>





  مونچىدا يۇيۇنىۋاتقان دادام تۇيۇقسىز ئەنسىز ۋارقىراپ كەتتى.


  -چاتاق بولدى!چاتاق بولدى!قايسى بىر يەردىن بۇرنۇمدىن قان ئېقىۋاتىدۇ.


  زادى دادامنىڭ قەيەرىدىن بۇرنىدىن قان ئاققىنىنى بىلەلمىدىم.



<خاتا سۆزلەپ قويۇش>





  ئالدىنقى كۈنى دادام ئوغۇل دوستىدىن ئايرىلىپ كەتكەن سىڭلىمغا تەسەللىي بېرىمەن دەپ:


  -سەن!! ئادەم دېگەن چىراي ئەمەس-دېيىشىغىلا سىڭلىم :


  -سېنىڭ چىرايىڭ ئادەم ئەمەس-دەپ سۆز قايتۇردى.(ئەسلى ئادەمگە چىرايلا مۇھىم ئەمەس دېمەكچى ئوخشايدۇ)



<غەلىتە دوختۇرخانا>





  دادام دوختۇرخانىدا ياتماقچى بولۇپ،دوختۇرخانا بىلەن ئالدىن كېلىشىپ قويۇپ قاچان دوختۇرخانىغا بېرىپ ياتماقچى بولغانلىق جاۋابىنى ئۆيدە كۈتۈپ ئولتۇردۇق.ئويلىمىغان يەردىن دوختۇرخانىدىن تېزلا خەۋەر كېلىپ:


  -ئەتىدىن باشلاپ دوختۇرخانىغا كېلىپ يېتىڭ.


  تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ئىشتىن تەييارلىقى تولۇق پۈتمىگەن دادام ئويلىمايلا:


  -ھازىر سالامەتلىكىم ئانچە ياخشى ئەمەس،دوختۇرخانىدا ياتىدىغان ئىشنى سەل كەينىگە سۈرۈپ بېرەمسىز؟-دەپ سالدى.


  دوختۇرخانا تەرەپمۇ ھېچقانداق غەلىتىلىك ھېس قىلماي دادامنىڭ دېگىنىگە قوشۇلدى.


مەنبە:http://xmbs.jp/KYOUFU


تېمىلىرىم ئىزدىنىش تورىغىلا مەنسۈپ. باشقا مۇنبەرلەرگە خالىغانچە كۆچۈرۈپ چاپلىماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.رەھمەت.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:20:44

كەيندىكىسى بولدىكەن  {:92:}

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:25:38

ياپونلار غۇلجىغا بارسا ئۈچىيى ئالمىشىپ قالغۇدەك

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:41:01

بۇ يۇمۇرلارنى ياپۇنچە ئاڭلىسا نوچى تويۇلامدۇ يە؟

ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى كۆرۈپ ھېچ بىر كۈلگۈم كەلمىدىيا؟

ۋە ياكى مېنىڭ كۈلكە ھۈجەيرەم كەملەپ كەتتىمۇ يا؟  {:107:}

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:42:37

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!

  ياپونلارنىڭ قىززىقچىلىقى بىز بىلەن ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ.ئەمما بەزىيۇمۇر-چاقچاقلىرى ھەقىقەتەن قىززىق.

  بىر قېتىم ئىككى ياپونلۇققا ئۇيغۇرچە بىر يۇمۇرنى دەپ بەردىم.يۇمۇر تۈگىگەندە ئۇلاردا ھېچقانداق ئىنكاسمۇ يوق،چىرايىدا ئۆزگۈرۈشمۇ يوق،كۈلۈپمۇ قويمىدى.ئاخىرىدا بولماي ‹قىززىقمىكەن› دەپ سورىسام،‹ھەئە،قىززىق ئىكەن› دېگەن گەپ بىلەن تۈگىدى. \"\"

zapar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:44:30

غۇلجا يۇمۇرلنرىى چۈشەنمەيدۇ ئۇلار.

buduxkak يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 14:50:20

توغرا،ياپونچە كۆرسە ھەقىقەتەن قىزىقارلىق.بەزى گەپلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا ئۇيغۇرچىغا ئانچە توغرا كەلمەيدىغان يەرلىرى بار ئىكەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 16:40:48

راستلا كۆپ مەنە بېرىپ قويىدىغان گەپلىرى بارما ئىككى بىسلىقتەك؟



سەل قارايمىز بىلەن بىر گەپنى ئالماشتۇرۇپ قويغاچقا ئاتوم بومبىسى چۈشكەن دەيدىغۇ ئۇلارغا..

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 18:03:06

يۇمۇرمۇ بايان ماقالىسىمۇ بۇ

function يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 20:14:08

ئشىقىلىپ يۇمۇر دېگەنگە ئۆز قەۋمىنىڭكىگە چۈشىنىپ كۈلىدىغان گەپ ئوخشايدۇ.
بەت: [1]
: ياپونچە قىزىقارلىق پاراڭلار[تەرجىمە]