juxkun يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 11:59:46

كىشىلەر سەل قارايدىغان Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋاتقان 8 خىل سەۋەب[تې










ھەممىمىز كومپيۇتېرنىڭ توك مەنبە كونۇپكىسىنى بېسىپ بولغۇچە Windows قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزىنىڭ كۆرۈنۈشىنى ئارزۇ قىلمىز،

لىكىن ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپۈيلىدىن بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشمايلا قالماي، تېخى پات-پات كومپيۇتېر قېتىۋالدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە Windows قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشى Windows نىڭ مەسلىسى ئەمەس بەلكى بەزى ئۈسكۈنە ۋە قوللىنىشچان يۇمتال(يۇمشاق دىتال) لار كەلتۈرۈپ چىقارغان، تۆۋەندە سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ كىتىشىدىكى 8 خىل سەۋەبنى كۆرۈپ سىزمۇ كومپيۇتېرڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ، سىزنىڭ كومپيۇتېرڭىزدىمۇ ئاشۇنداق مەسلىلەر بارمۇ؟

1. USBلىق قاتتىق دىسكا ۋە سايىچى( (Scannerقاتارلىق ئۈسكۈنىلەر.

ئەگەر كومپيۇتېرڭىزغا سايىچى( (Scannerقاتارلىق ئۈسكۈنلەر چېتىلغان بولسا ياكى كومپيۇتېر قوزغۇلىۋاتقانداUSB لىق قاتتىق دىسكا ئۇلانغان ھالەتتە بولسا، ئۇلارنى ئۈزىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ، Windows ئۈستەل يۈزى بۇرۇنقىدىن بالدۇرراق كۆرۈنەمدۇ قانداق. ئادەتتە USB ئېغىزىنىڭ ئۇلنىش سۈرئىتى ئاستىراق، شۇڭلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئۈسكۈنىلەر ئۇلانغان ھالەتتە بولسا كومپيۇتېرنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئامال بار كومپيۇتېر قوزغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن USB ئېغىزغا ئۇلىندىغان ئۈسكۈنىلەرنى چېتىڭ. ئەگەر USB ئېغىزغىغا ئۇلىنىدىغان ئۈسكۈنلەر بولمىسا BIOSقا كىرىپ USB ئۇلىنىش ئېغىزىنى ئېتىۋېتىڭ.

ئەسكەرتىش : Windows قوزغالغاندا ھەر قايسى ئۇلانغان قوزغاتقۇچلارنى بىر قېتىم تەكشۈردىغان بولغاچقا ئوپتىك قوزغاتقۇچتا دىسكا بولسا ، قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

2. ئىشلەتمەيدىغان تور دىسكىلارنى ئۈزۋېتىڭ.

Windowsنىڭ قايتىدىن ئۇلىندىغان تور ئۇلىنىشلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن  ئىشلەتمەيدىغان تو دىسكىلارنى (Network driver،网络驱动器) توختىتىپ قويۇش كىرەك. «كومپيۇتېرىم»(我的电脑) نى ئېچىپ بۇرۇن ئۇلانغان تور دىسكىلارغا ئەكىلىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ «ئۈزۈش» نى باسسىڭىزلا بولىدۇ.

3. ھۆججەت ياكى پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش

بەزى WindowsXP نىڭ كەسپىي نۇسخىسى قاچىلانغان كومپيۇتېرلاردىمۇ قوزغىلىش ناھايتى ئاستا بولۇپ كىتىدۇ، ھەتتا 1 مىنۇت 40 سىكۇنتتىنمۇ كۆپ! خۇددى سېستىما قېتىپ قالغاندەكلا، سېستىما قوزغالغاندىن كىيىن ئۈستەل يۈزىمۇ كۆرۈنمەيدۇ، كومپيۇتېردا ھېچقانداق ئىنكاس يوق، 1 مىنۇتتىن كىيىن ئاندىن نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى Bootvis.exe ھۆججىتى قوزغالغاندىن كىيىن ، ئىچىدىكى Mrxsmb.dll ھۆججىتى كومپيۇتېرنىڭ قوزغىلىشىغا 67 سىكۇنت ۋاقىت قوشۇپ قويىدۇ.

بۇ مەسلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن سېستىمىنىڭ ھۆججەت ۋە پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش ئىختىدارىنى توختىتىۋەتسەكلا بولىدۇ: (باشلاش›››تەڭشەك›››تور ۋە بۇراپ تورغا چىقىش) نى چىكىپ چىققان كۆزنەكتىن «يەرلىك ئۇلىنىش»قا ئەكلىپ مائۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چىكىپ «خاسلىق»نى تاللايمىز. ئېچىلغان كۆزنەكتىن « بۇ ئۇلىنىش تۆۋەندىكى تاللانغان بۆلەكلەرنى ئىشلىتىدۇ» نىڭ ئاستىدىكى « Microsoft تورىنىڭ ھۆججەت ۋە پىرىنتېردىن ئورتاق بەھىرلىنىش» دىگەن تۈرنىڭ ئالدىدىكى تاللاش تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئىش پۈتىدۇ.

ئەسكەرتىش: Microsoft مىكروسوفىت شىركىتى Bootvis.exe ھۆججىتىگە قارتا كۆپ قېتىم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېلىپ بېرىپ WindowsXP نىڭ قوزغىلشىنى تىزلەتتى. بۇ قورالنى چۈشۈرۈڭ http://bootvis.soft32.com/

4. ئادەمنىڭ ئىچىنى پۇشۇردىغان تور كارتىسى

ئەگەر تەڭشەش مۇۋاپىق بولمىسا ، تور كارتىسىمۇ سېستىمىنىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ تور كارتىسى ئىشلەتمەيدىغان كومپيۇتېرلىرىڭىز بولسا تور كارتىسىنى سۇغۇرىپ چىقىرۋېتىڭ، ئاشۇنداق قىلسىڭىز سېستىمىنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئەگەر سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىز دائىرلىك تور ئىچىدە بولسا، تور كارتىسى قوزغاتقۇچى پىروگىراممىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ، ئادەتتە ئاپتوماتىك ھالدا DHCP مۇلازىمىتېر ئارقىلىقIP ئادرىسىغا ئىرىشىدۇ، بىراق كۆپ قىسىم شىركەت ۋە دائىرلكى تورلارنىڭ DHCP مۇلازىمىتېر بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئىشلەتكۈچىلەر تور كارتىسىنى ئاپتوماتىك IP ئادرىسىغا ئىرىشىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويسا، توختىماستىن دائىرلىك توردىن DHCP مۇلازىمىتېر ئىزدەيدۇ،  تاكى IP ئادرىسىغا ئىرىشىكىچە ياكى ئۇلىنىش ئۈزۈلۈپ كەتكۈچە، بۇ تەبىئىيلا قوزغىلىش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا دائىرلىك توردىكى كومپيۇتېرلارغا ئەڭ ياخشىسى مۇقۇم IP ئادرىىسى بىكتپ بىرىش كىرەك.

5. قاتتىق دىسكا رايونلىرىدا خاتالىق كۆپ

ئەگەر2000 Windows نى SP3 ياكى SP4 غا دەرىجىسىنى ئۆستۈرمىگەن بولسىڭىز Windows قوزغۇلۇش سۈرئىتى ئاستىلاپ كىتىدۇ. شۇڭا SP4 غا يېڭىلىۋېلىڭ. ھەمدە قاتتىق دىسكىنى بەك كۆپ رايونغا ئايرىماڭ. چۈنكى Windows قوزغالغان ۋاقىتتا چوقۇم ھەر بىر دىسكا رايونىنى تونۇشى كىرەك، دىسكا رايونىنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا تونۇش مەشغۇلات ۋاقتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

6. ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر بەك كۆپ بولسىمۇ بولمايدۇ.

ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەر بەك كۆپ بولۇپ كەتسمۇ سېستىمىنىڭ قوزغۇلىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. Windows ھەر قېتىم قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزىنى كۆرسەتكەندە ، ئۈستەل يۈزىدىكى تىزلەتمە بەلگە ۋە سىنبەلگىلەرنى بىرمۇ-بىر ئىزدەپ ئۇلارنى قاتىدۇ، سىنبەلگە قانچە كۆپ بولسا ، سەرىپ قىلدىغان ۋاقتىمۇ كۆپ بولىدۇ دە ئەلۋەتتە. شۇڭا بىز ئىشلەتمەيدىغان سىنبەلگىلەرنى ئۆچۈرۋېتىشىمىز كىرەك.

ئەسكەرتىش : بەزى ۋىرۇسخورلار سېستىما قوزغۇلۇپ ئۈستەل يۈزى كۆرۈنۈشتىن بۇرۇن ۋىرۇس تازلاش ئىقتىدارى ئېچىلغان بولۇپ ، ۋىرۇس تازلاش جەريانى بىرمۇنچە ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ، ئەگەر سىزمۇ ۋىرۇسخورنىڭ ئاشۇ ئىقتىدارىنى ئېچىپ قويغان بولسىڭىز ئىتىۋەتسىڭىز ئۈستەل يۈزى تىزراق كۆرۈنىدۇ.

7. خەت شەكلى كۆپ بولسىمۇ چاتاق

گەرچە مىكروسوفىت(Microsoft) Windows قا 1000~1500 گىچە خەت شەكلى قاچىلىغىلى بولىدۇ دىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قاچىلانغان خەت شەكلى سانى 500 دىن ئېشىپ كەتكەن ھامان چاتاق چىقىدۇ، مەسلەن : پروگىراممىدىكى «خەت شەكلى» تىزىملىكىدىكى خەت نۇسخلىرى كۆرۈنمەسلىك دىگەندەك . ھەمدە Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ كىتىدۇ. شۇڭا ئىشلەتمەيدىغان خەت شەكىللىرىنى ئۆچۈرۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، خاتا ئۆچۈرۋېتىپ كۈتۈلمىگەن ئاۋارچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن خەت شەكلى ھۆججەتلىرىنى زاپاسلىۋېلىش كىرەك.  Windows نىڭ خەت شەكلى ھۆججەتلىرى X:WindowsFonts مۇندەرىجىسى ئاستىدا بولىدۇ.

8. مىكروسوفىت(Microsoft) ئۆزى تېرىغان بالا

بىر قانچە يىل بۇرۇن WindowsXPنىڭ بەزى ياماقلىرى سېستىما قوزغىلىش ۋە ئېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋەتكەن. ( مەسلەن: Q328310 نۇمۇرلۇق ياماق سېستىمنىڭ قوزغىلىش ۋە ئېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىپلا قالماي يەنە رويخەتنى قۇلۇپلاپ قويغان.) ئەگەر سىز مەلۈم ياماقنى يېڭىلىغاندىن كىيىن سېستىما قوزغىلىش سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتسە ، تەكشۈرۈپ بېقىڭ بەلكى ئاشۇ ياماقنى يېڭىلاش كەلتۈرۈپ چىقارغان چاتاق بولىشى مۇمكىن.

مەنبە : يولۇچى بلوگى



nurdiyar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 12:32:06

ئىزدىنىشتا ئۇزۇن بوپتىكەن جۇشقۇنباينىڭ كومپىيۇتېر ھەققىدە يازغان تىملىرنى كۆرمىگىلى پات پات كىرىپ تۇرۇڭ بۇرادەر..........   يېڭى بىلوگىڭىزنىڭ ئېلانى كەندە بۇ  {:107:}    {:107:}

begtash يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 12:40:09

مىنىڭ كومپيۇتېرىممۇ تىزلا قوزغىلىدۇ، لىكىن تەخمىنەن 30 ئەتراپىدا ھەر قانداق مەشغۇلات دەرھال ئىجرا بولمايدۇ، 30 سىكونىتتىن كىيىن بۇيرۇق بەرگەن ھەممە نەرسە تەڭلا سەكرەپ چىقىدۇ.
بەت: [1]
: كىشىلەر سەل قارايدىغان Windows نىڭ قوزغىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋاتقان 8 خىل سەۋەب[تې