بىرزات شىركىتى قۇرۇلدى
كۆپ ئىككىلىنىشلەردىن كىيىن ئاخىرىدا <<بىرزات>> نامنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئەنگە ئالدۇردۇم. ئىككىلىنشلەر دېگەندە <<بىرزات>> نىڭ لۇغەتتە بىر كىشى، داڭلىق ئادەم دېگەن مەنىسى بار بولسىمۇ بەزىلەر بۇ ئىسىمغا نىسبەتەن گۇمانىي قاراشتا بولدى. ئۇلارنىڭ خاتا چۈشەنچىسى ئاساسلىقى مۇنداق ئىدى: بىر زات دېگەن ئۇلۇق ئاللاھقىلا قارىتىلىشى مومكىن، ئادەمگە بۇنداق دەپ لەقەم ئىشلىتىش، ياكى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلەتسە قانداق بولىدۇ ... دېيىشلەر بولدى. ئىلگىرى مۇشۇ ھەقتە يازغان بىرزات دېگەن ئىسىمنى لەقەم قىلىشىمدىكى ئارقا كۆرۈنۈش ماۋزۇدىكى يازمامدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختالغان ئىدىم. ئۇنىڭدىكى ئۆزۈم ئىزدىنىپ ئوتتۇرغا قويغان قارشلىرىم ئاساسىدا تور ۋاستىسى بىلەن تونۇشقان دوستلىرىمدا چۈشەنچە ئايدىڭلاشتى. ئۆزۈممۇ دېلغۇللۇقتىن قۇتۇلغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ۋاقىت ئەجرىم سىڭگەن <<بىرزات>> دېگەن نام بۇندىن كىيىنكى ھايات يولۇمدا كىشىلەرگە ئۆزۈمنى ئىپادىلەيدىغان لەقەم، ئۆزۈمگە خاس بولغان مەھسۇلاتلارنى خىرىدارلىرىمغا سۇنغاندا ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايدىغان ماركام بولۇپ قالدى. 4-5 -ئايلاردا بىرقانچە بۇرادەرلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا << بىرزات شىركىتى >> قۇرۇلدى. شۇندىن كىيىن شىركەتنىڭ بىجىرىدىغان رەسمىيەت ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ ئاساسەن بىر ياقلىق بولدى. تۇنجى قەدەمدە <<بىرزات شور كۆرپىسى>> بازارغا سىلىندى. (بىر-قانچە كۈن ئىچىدە بۇ مەھسۇلاتنىڭ تەپسىلىي رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلىرى تەييارلىنىپ ئايرىم يوللىنىدۇ). بۇ كۆرپىگە جاڭگالنىڭ شور تۇزى ئاساسى ماتىريال قىلىنغان بولۇپ بىخەتەر بولغان قىززىتش قۇرۇلمىسى ئارقىلىق قىززىتىلىدۇ. ئىشلىتىش ئىنتايىن قولاي بولۇپ يۆتكەشكە قولاي، كەچتە سىلىپ يېتىپ ئەتتىگىنى يۆگەپ قويسا بولىدۇ. ئۈنۈم جەھەتتە <<شور كاڭ كارۋىتى>>لاردىن قىلىشمايدۇ. تەنەرقىمۇ كۆپ ئەرزان. بۇ مەھسۇلاتنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى - سوغۇقتىن بولغان بارلىق ساقسىزلىقلارغا سىرتىدىن مايلىنىپ ئىشلىتىشكە ماس كىلىدىغان ئالاھىدە دورا ماتىرياللىرىدىن تەييارلانغان ماي سەپلەندى. رېماتىزىم، بوغۇم ئاغرىقلىرى، سۆڭەڭ ئۆسۈپ قالغان، مەزى بېزى ياللۇقى، بۆرەك ئاجىزلىقى دېگەندەك كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن بولغان بەل-پۇت ئاغرىيدىغان، پۇت-قوللار ئىسسىمايدىغان، كۆپ تەرلەيدىغان، قان سوۋۇپ ئۆزىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدىغانلار، ھەر خىل ئاياللار كېسەللىرى بىمارلىرى ھەم سوغۇقجان كىشىلەر ئالاھىدە تەييارلانغان مايدا مۇناسىپ ئورۇنلارنى مايلاپ بىردەم ئۇۋۇلاپ بەرگەندىن كىيىن شورى قىززىتىلغان كۆرپىگە كىرىپ ياتىدۇ. قىززىتىلغان شور تۇزنىڭ قاننى قىززىتىپ تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئىچىشى ھەم نىرىپلارنى جانلاندۇرىشى بىلەن قوشۇلۇپ سىرتىدىن ئىشلەتكەن ماينىڭ تەسىرى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئالدىن قىلىنغان سىناقتا بۇ ئۇسۇلدا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلگەندە بەزى سوغۇق مىجەزلەر، بەل-پۇتى سوغۇق ھەم ئاغرىيدىغانلار بۇ كۆرپىدە بىر كېچە يېتىپلا ئەتىسى ئۆزىنى ئىنتايىن يەڭگىل ھەم تېتىك ھېس قىلغان. بەزىلەرگە 2-3 كۈن ياتقاندىن كىيىن ئاندىن ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ بۇ كۆرپە ھەر بىر ئائىلىدە بىرسى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن. مەيلى پۇت-قوللىرى ئاغرىيدىغان چوڭلار ۋە باشقا سوغۇقجان ئەر-خوتۇنلار، كېچىلىرى سىيىپ ياتىدىغان ، تولا زۇكام بولىدىغان بالىلارغىمۇ ياخشى ئىكەن، دېيىشتى.
شۇنداق قىلىپ << بىرزات>> شىركىتىنىڭ تۇنجى مەھسۇلاتى بازارغا سىلىندى. مەن ئويلايمەن ، بىز ئالدىمىزدا سالماقچى بولغان تېبابەت، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، يەرلىك ، ئىسىل داۋايى غىزا ئوزۇقلۇقلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ ئىستىمالىدا ئىشەنچلىك ھەمدە <<بىرزات>> نامىغا خاس ئۆزگېچىلىكلەرنى نامايان قىلغۇسى. ئىنشائاللاھ!
يازما مەنبەسى: http://www.80halta.com/article/586.htm



مۇبارەك بولسۇن بىر زاتجـــــــا ن !



خەيرىلىك تىلەكلىرىڭلارغا ھەشقاللا بۇرادەرلەر!!! مەن سوغۇقچان كىشى، ھازىرلا بىرنى ئالدىن زاكاس قىلىپ قوياي بىرزاتكا.
2- قەۋەتتىكى avarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆزەڭ يالغۇز قۇرغانما؟![]()
ماركىنى ئۆزۈم ئىلىپ قويغان، شىركەتنى بىر-قانچە بۇرادەرلەر قۇردۇق دېدىمغۇ؟ مەن دۇكىنىمدا ئولتۇرۇپ كەسپىي، تىجارىي ئىشلىرىمنى قىلىۋېرىمەن.


مۇبارەك بولسۇن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ياخشى باشلىنىش،كىيىنكى مەزمۇت قەدەملەرنىڭ ئۇلى،مۇبارەك بولسۇن... پۇل تېپىشقا ئېپى بار تىۋىپكەن بۇ. جاڭگالدىكى شورنى كۆرپىنىڭ ئىچىگە تىقىپلا پۇلغا ساتىدىغان...{:92:}
قوللايمىز. مۇبارەك بولسۇن. مۇبارەك بولسۇن .{:92:} ئالدىن بىلەن مۇبارەك بولسۇن بىرزات ئەپەندىم ، ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىڭىز تېلېۋىزوردا ئېلان بېرىۋاتقان جىق مەھسۇلاتلاردىن ياخشى ، ئەمدى لېكىن سەمىمىي تەكلىۋىم ماركامنى داڭلىق ماركا قىلاي، تونۇتاي ، مەھسۇلاتلىرىم تېخىمۇ جىق سېتىلسۇن دېسىڭىز ھازىر ئۇچۇر ئېلان دەۋرى ، تېلېۋىزوردا ئېلان بەرمەي بولمايدۇ ، ‹‹ ياخشى مەھسۇلاتنى ئېلان قىلمىسا ، خۇددى چىرايلىق قىزنى قاراڭغۇ ئۆيگە قاماپ قويغاندەكلا بىر ئىش ›› دەپ قويىدىكەن چەتئەل ئېلانچىلىرى ، مانا ئىزدىنىشتا ئېلان بەردىڭىز بىز بىلدۇق دېگەندەك . ئەگەر شۇنداق پىلانىڭىز بولسا ، ئېسىل مەھسۇلاتلىرىمدىن تېخىمۇ جىق ئادەم بەھىرلەنسۇن دېسىڭىزسىزگە شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان باھا جەدىۋىلىنى ئەۋەتىپ بېرەي ، كۆرۈپ بېقىڭ . قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن .