Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 11:29:57

قوياش ئېنېرگىيىسى شامال مۇنارى

قايتا ھاسىلسىز ئېنېرگىيىلەرنىڭ خوراپ تۈگىشىگە ئەگىشىپ، بىئو ئېنېرگىيە، ھاسىلىۋى ئېنېرگىيىلەر بارغانچە دىققەتنى تارتىۋاتىدۇ. قوياش نۇرى ئېلېكتىر تاختىسى، دېڭىز دۇلقۇنى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىمىزگە يېڭى بىر ئەزا قوشۇلدى.



بۇ يېڭى ئەزانىڭ مەن بىلىدىغان توردا تۇنجى بولۇپ ئاتالغان ئىسمى، شۇنداقلا مەن قويغان ئىسمى ():


«قوياش ئېنېرگىيىسى شامال مۇنارى ئېلېكتىر ئىستانسىسى»



ئۈستىدىكى ئىسىم 19 بۇغۇم بولدى، كەينىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسى دىگەننى چىقىرىۋەتسەك 12 بۇغۇم بولىدۇ، بۇ ئىسىمنى قىسقارتىپ «قۇياش نۇرى شامال مۇنارى» دىسەك 9 بۇغۇم بولىدۇ. «كۈن نۇرى شامال مۇنارى» دىسەك 8 بۇغۇم بولىدۇ.


سېلېشتۇرما ئاتالغۇ: «كۈن نۇرى ئېلېكتىر تاختىسى»


سىلەر ئاسان قۇبۇل قىلالايدىغاننى بېكىتىپ ئۇمۇملاشتۇرايلى، چاخچاق ئاتالغۇلار قۇبۇل قىلىنمايدۇ، تازىلىنىدۇ، رەھمەت.




قوياش نۇرى شامال مۇنارىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى، مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، نۇر قايتۇرغۇچ ئەينەك ۋە ياكى پارنىك ئارقىلىق قوياش نۇرىنى يىغىپ، ئىسسىق ھاۋا شەكىللەندۈرۈلىدۇ. ئېگىزلىكى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر كېلىدىغان مۇنار (تۇرخۇن) ئىچىدە بۇ ھاۋا يوقىرىغا ئۆرلەيدۇ، مۇنار تۈۋىدىكى چاقپەلەك ھاۋا ئېقىمىدا ئايلىنىپ توك چىقىرىدۇ.



تۇرخۇن ئۇچىدىكى ھاۋا تىمپراتۇرىسى 20 سىلسىيە گىرادۇسقا، تۇرخۇن تۈۋىدىكى ھاۋا 70 سىلسىيە گىرادۇسقا يېتىپ، تۇرخۇن ئىچىدە ھاۋا ئېقىمى سائىتىگە 55 كىلومېتىرغا يېتىدۇ (15 مېتىر ھەر سىكونت).




رەسىملەر:


ئىسپانىيىدە قۇرۇلغىنى:


ئاۋىستىرالىيىدە قۇرۇلماقچى بولغىنى:



ئامېرىكا يېقىن كەلگۈسىدە مۇشۇنداق مۇناردىن ئۈچ- تۆتنى قۇرماقچى بولغان بولۇپ، ئېگېزلىكى بىر كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، ئۇ قارىماققا ناھايىتى ئېگىز بىر تۇرخۇندەك كۆرۈنسىمۇ، ھېچقانداق كېرەكسىز گاز چىقارمايدۇ. 200 مىڭ ئائىلىگە توك تەمىنلىيەلەيدىكەن.


30 يىل ئىلگىرى، 1982- يىلى ئىسپانىيىدە بىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 195 مېتىر، پارنىكىنىڭ دىئامېتىرى 244 مېتىر، ئۇ بىر سىناق قۇرۇلما بولۇپ، توك چىقىرىش مىقدارى 50Kw ، تەننەرخنى تۈۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئەرزان ماتىرىياللاردىن ياسالغان بولۇپ، 1989- يىلى چىققان بىر بوراندا پاچاقلىنىپ كەتكەن.


توك چىقىرىش مىقدارى 200MW (مېگا ۋات) قا يېتىدىغان بىر مۇنارنىڭ پۈتۈشى ئۈچۈن بىر مىليارت ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىغان بولۇپ، بىر كىلوۋات سائەتنىڭ تەننەرخى 20 دوللار، بۇ كۈن نۇرى ئېلېكتىر تاختىسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن مۇنار قانچە چوڭ ياسالسا ئۈنۈمى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، نەچچە كۇۋادرات كىلومېتىر ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.


كۈن نۇرى شامال مۇنارىنىڭ ئېنېرگىيە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى، كۈن نۇرى ئېلېكتىر تاختىسىنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئاسراش ئاسان، تەننەرخى تۈۋەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 11:43:54

بۇمۇ بولىدىغان تەسەۋۋۇركەن جۇمۇ.

تۇرپاندا قۇياش ئىنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىش تۈرىنىڭ بەك ئىستىقبالى بار ئىدى. يازدا ھاۋا ئۇچۇق كۈنلەر كۆپ بولىدۇ ئەمەسمۇ.

قۇمنىڭ تىمپىراتورىسىمۇ 80 گىرادوستىن يۇقۇرى بولىدۇ. مۇشۇ ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىمكانىيىتى بارمىدۇ باچكا.

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 12:42:57

كۇن توك تاختىسى

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 12:48:15

قۇياش باتارىيەسى تېمپۇراتۇرىغا سەزگۇر، قانچە ئىسسىق بولسا ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ. شۇڭا 80 گىرادۇسلۇق ئىسسىق مۇھىت بەك ماس كىلىدۇ دىگەن خاتا گەپ. بۇنىڭدا قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى، تېمراتۇرا يۇقىرى بولمىسىمۇ بۇلىدۇ.


kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 13:37:35

4- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇياش باتارىيەسى تېمپۇراتۇرىغا سەزگۇر، قانچە ئىسسىق بولسا ئىقتىدارى تۈۋەنلەيدۇ. شۇڭا 80 گىرادۇسلۇق ئىسسىق مۇھىت بەك ماس كىلىدۇ دىگەن خاتا گەپ. بۇنىڭدا قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى، تېمراتۇرا يۇقىرى بولمىسىمۇ بۇلىدۇ.




مۇشۇ 80 گىرادوسلۇق قۇم ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسىدىن پايدىلىنىشنىڭ باشقىچەئىمكانىيىتى بارمىدۇجېك.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 14:17:24

قوياشتىن كەلگەن فوتۇن ئىنىرگىيەسىنى قۇياش باتارىيەسى ئارقىلىق ئىشلىتىدۇ، ئىسىقلىقنى بولسا concentrator ئارقىلىق ئىشلىتىدۇ، قۇمدىكىسىنى، يەردىكىسىنى بولسا geo-energy دەيدۇ، لېكىن قۇمدىكى ئىسسىقلىقنى پايدىلىشنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش تېخى قوللانغاننى كۆرمىدىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 14:38:56

@kuyaxoghli، بۇنىڭغا مۇنداق ئويلىغان ئىدىم ئۆتكەن ئايدا:


مەسىلىنى ئىككى نۇقتىغا ئايرىساق: 1، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى مەركەزلىشىشى كېرەك؛ 2، سۇۋۇتۇش، تىمپراتورا پەرقى بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ.

شۇڭا، تۇرپاندىكى يالقۇنتاغدىن بىر تونىل ئاچساق، ياكى تەڭرى تاغ بىلەن يالقۇنتاغ جەنۇبىي ئېتىگىگىچە بىر چوڭ كارىدور ئاچساق، بۇ تەييار بولسا ھېچ ئىش قىلمىساقمۇ، قىشۇ- ياز، كۈندۈز- كېچە توختىماس شامال پەيدا بولىدۇ. چاقپەلەكنى قويساقلا توك چىقىدۇ.


تاغ باغرىدىن تاغ چوققىسىغىچە يانتۇ لەمپە تونىل ياساپ قويساقمۇ شامال پەيدا بولاتتى ئىچىدە..


يەنىلا ھېساپلاش كېرەك چىقىمى بىلەن ئون يىللىق قايتۇرۇش كىرىمىنى..


بۇ تەسەۋۋۇرنىڭ پىرىنسىپىنى چۈشىنىش ئاسان، تەڭرى تىغىدىكى ئۇلانئوسو جىلغىسى (خاتالاشمىسام تۇرپاندىن ئۈرۈمچىگە ئۆتىدىغان جىلغىنى مۇشۇنداق ئاتايدۇ) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى شامال ئېلېكتىر چاقپەلەكلىرى دەل مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە ھەركەتلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ: تەڭرى تاغ باغرىدىكى سۇغۇق ھاۋا، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئىسسىق شالاڭ ھاۋا يۇقىرىغا ئۆرلەشتىن قالغان بوشلۇققا يەر بويلاپ ئېقىش ئارقىلىق، ھازىر توختىماي ئىشلەۋاتىدۇ.



مېنىڭ تەخمىنەن سانىشىمچە، ئۈرۈمچى تۇرپان يوقىرى سۈرئەتلىك يولى بويىدىكى، تۇز كۆل ئەتىراپى شامال توك چاقپەلەكلىرى، پارچە ساقال سايلىقىدىكى شامال توك چاقپەلەكلىرنىڭ سانى، 2500 دىن 4000 غىچە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا 5000 تۈۋرۈكتىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھەر بىرىنىڭ دىئامېتىرى 30 مېتىرغا يېتىدۇ! قۇۋۋىتى 50KW ئەتىراپىدا بولۇشى مۇمكىن، مۇشۇ بويىچە، بۇ ئىككى شامال توكى مەيدانىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى ئاللىقاچان بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن تەڭلىشىپ بولدى!


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 14:40:20

@Jeck، ئەگەر، سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولسا، قۇم ۋە نۇر قايتۇرغۇچ ئەينەك بىلەن سۇ قاينىتىپ، پار تۇربىنسى ئارقىلىق توك چىقارساقچۇ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 16:34:58

باچكا مەن ئويلىغاندەك ئويلاپسىز. ئۇزۇن بولدى مەنمۇ مۇشۇ ئىسسىقلىقتىن شەكىللەنگەن سۇ ھورىدىن قانچىلىك ئىنىرگىيە ھاسىل بولار دەپ ئويلاپ يۈرگىلى.

تەجرىبىخانىلاردا كىچىك تەخسىدە باكتىرىيە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئەۋرىشكىلەرنى سۇۋاشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچى يۇمىلاق سىم بار. ئاسان قىزىتىلىپ باكتىرىيەسىز قىلىش ئۈچۈن نېكىل كوبالت قېتىشمىدىن ياسىلىدىغۇ دەيمەن. ئىسپىرت لامپىسىدا قىزىتقاندا ناھايتى تىز قىزىپ چوغلىنىدۇ، ھەم بەك تىز سوۋۇيدۇ لېكىن. مۇشۇنداق قېتىشمىنى كەڭ تاختىلىق قىلىپ ياساپ ئۈستىگە مۇۋاپىق قىلىپ قۇياش نۇرى تىك چۈشىدىغان قىلىپ قۇم يېيىتىلسا نۇرغۇن ئىسسىقلىق ئىنىرگىيىسى يىغىلىشى مۇمكىن ئىدى.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 13:32:08

baqkaنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئىسپانىيىدە قۇرۇلغىنى:



\"\"


ئاۋىستىرالىيىدە قۇرۇلماقچى بولغىنى:

\"\"\"\"\"\"





بۇ قۇياش شامال ئېنىرگىيە ئىستانسىسى ئەنئەنىۋى قۇياش ئېنىرگىيەسىگە ئوخشىمايدىكەن .


بۇ قۇياش نۇرىدىكى ئىسسىقلىقنى بىر نۇقتىغا يېغىپ ،تىمپىراتۇرىنى ئۆرلىتىپ ئاندىن ھور تۇرۇبىنىنى ئايلاندۇرۇپ توك چىقىرىدىكەن .(مەن مۇشۇنداقراق چۈشەندىم \"\")



\"\"


http://img.ca800.com/product/20100128/20100128145517101.gif


ماۋۇ بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى قۇياش ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش سىستىمىسى.



يۇقارىدىكى قۇياش شامال ئىنىرگىيە سىسىتمىسىنى ياز كۈنلۈكى تۇرپانغا قويسا پايدىلىنىش قىممىتى راستىنلا ئاشقۇدەك .

بەت: [1]
: قوياش ئېنېرگىيىسى شامال مۇنارى