NALAN يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 04:39:34

مەن،ئۆزۈم ۋە بالا ئېمىتىش[تەرجىمە]

بۇ ماقالىنى بالا ئىمىتىۋاتقان بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىدە كۆرگەنىدىم، كەچتە قىلىدىغان ئىش يوق ئۆزلەشتۈرۈپ يوللاپ قويدۇم.



بەزىدە بالىسى يېڭى تۇغۇلغانلارنىڭ ئۆيىدە مۇشۇنداق گەپلەرنىڭ ئاڭلاپ قالىمىز. تېمىنىڭ بانىسىدا ئانچە مۇنچە بالا توغرۇلۇق گەپ چىقسا يىغىپ قويۇپ پايدىلىنامىز دەپ ئويلىدىم.



يېقىننىڭ ياقى ئىككىگە بۆلۈنگەندەك ھېس قىلىمەن ئۆزەمنى. مەن ۋە ئۆزەم. بۇ ئىككىمىز ھەر كۈنى سوقۇشۇپ تۇرىمىز. مەن دەيمەنكى: "بالا خېلى چوڭ بولۇپ قالدى، مۇشۇنچىلىك ئەمسە بولار،ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجىمۇ تۈگىدى، ئەمدى سۈتتىن ئايرىشىم كېرەك".  شۇنىڭ بىلەن ئىچىمدىكى مەن قارشى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ:" بۇ قىشنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاندىن ئايرىساق؟ بەلكىم بالا قىشتىن ئاغرىماي چىقىۋالار؟



-بالا سۈتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن كېچىسى تېخىمۇ ياخشى ئۇخلايدىكەن، قارا ساڭىمۇ راھەت ئۇخلىمىغىلى قانچىلىك بولدى؟



- ئەمىسە بالىنى ئەمگۈزمىسەڭ، بالىنى قانداق ئۇخلىتىسەن؟ كېچىسى ئۇخلىمىسا قانداق قىلىسەن؟



بۇ مۇنازىرە مۇشۇنداق داۋاملىشىپ كېتىۋىرىدۇ، ھىچ ئاخىرى چىقمايدۇ.  يامان يېرى بۇ مۇنازىرىگە قاتنىشىدىغانلار ئىككىمىزلا بولساق بولغىنى، جاپا تارتمايدىغان ئەمما  توختىماي ۋەز ئېيتىدىغانلارنىڭ نەسىھەتلىرى ئېشىپ چۈشىدۇ بەزىدە.



بەزى كۈنلىرى قەتئىي قارارغا كېلىمەن، كېچىسى ئىمىتمەيمەن دەپ. كېچىدە بالا ئويغىنىپ يىغلاشقا باشلايدۇ. پەپىلەيمەن، ئالدايمەن، سىلايمەن، ئۆزەمچە ئۇنىڭ چۈشىنەلەيدىغان تىلى بويىچە ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشىمەن، ئاخىرى بولماي بىر يېرىم سائەتكە يېقىن تىركىشىشتىن كېيىن ئاق بايراقنى چىقىرىپ، جەڭچىمىزنىڭ ئوزۇقىنى بېرىپ ئۇخلىتىمەن. بالىنىڭ كۆزى يۇمۇلغاندا، باياتىن بېرى شۇنچە ئاۋاز چىقارساق مىت قىلماي ياتقان ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى كېلىدۇ:  يامان نېمىدە، يەنە دىگىنىنى قىلغۇزدى.  ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي كۆزۈمنى يۇمىمەن.



بالىنىڭ دادىسىغا قويۇپ بەرسەم، بالىنى ئۈچ يېشىغىچە ئەمگۈزىشىم كېرەك،(1794-يىلىدىكى پرۇسىيە قانۇنىدا، بالىنىڭ دادىسىغا بالىنى قانچىلىك ئېمىتىشنى قارار قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنمىش، بەزىدە بىزنىڭ ئۆيمۇ بىلىپ بىلمەي پرۇسىيە چىگرىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالامدىكىن دەيمەن ). ئۈچ ياش دېگەننى ئاڭلاپ قۇيقا چاچلىرىم دىڭ تۇرۇپ كەتسىمۇ، دۇنيا بويىچە بالا ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ(30 ئاي) بىزنىڭ كۆنگىنىمىزدىن خېلىلا ئۇزۇنلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن.



ئۆينىڭ ئىچىدىكى دىموكراتىيە يول قويغان دائىرىدە ھەقلىرىمگە ئىگە چىقىشقا تىرىشساممۇ ئىككى قارشى بىر سان بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىمەن. بۇنىڭغا چىدىماي ئۆزەمگە بىر ئىلمىي ئاساس ئىزدەشكە باشلايمەن. قولۇمدا شاھانە بىر ئىلمىي بانا بار، يەنى قولۇمدىكى كىتاپتا ، ئالتە ئايلىقتىن كېيىن بالىنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ بالىنىڭ كېيىنكى يېتىلىشىدە بىر زىيانلىق تەرىپىنىڭ يوقلىقى يېزىقلىق، لېكىن ئاخىرىدا يەنە،بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىككى-ئۈچ ياشلىق ۋاقىتلىرىدا ئېمىتىشنىڭ بالىغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن " دەپ قوشۇپ قويغان. بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئەتراپىمدا يۈرۈپ" چوپچوڭ بولۇپ قالغان بالىنىمۇ ئەمدىرەمدۇ، بالىنىڭ روھىي ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ" دېگەنلەرنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمدا غۇڭۇلداشقا باشلايدۇ. ئامىرىكا بالىلار دوختۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا قارىغاندا، بالىنى ئىككى ئۈچ ياشقىچە ئېمىتىشنىڭ بالىنىڭ مەيلى ئۆسۈپ يېتىلىشى مەيلى روھى ساغلاملىقى جەھەتتە بىر ئەكىس تەسىرى يوقمىش.



بالىغا زىيىنى يوقكەن، بۇنىغۇ بىلدۇق دەيلى، يا ئانىغا قانداق تەسىرلىرى باركەن ؟  بالا ئىمىتىدىغان ئايال مەيلى خالىسۇن، مەيلى خالىمىسۇن تۇرمۇش رېتىمىنى بالىنىڭ ئېمىش سائىتىگە قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەدەنىي بايلىقلارنى بالا ئۈچۈن ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا بەدەن ھارىدۇ،(لېكىن بالا ئېمىتكەچكىمۇ بىلمىدىم،  قانچىلىك يېسەممۇ سەمىرمەسلىكتەك بىر پايدىلىق تەرىپىدىن كۆز يۇمالمايمەن ) .   بەزىلەردىن بالىلىرىنىڭ ئۆزلىكىدىن سۈتتىن ئايرىلغانلىقىنى  ئاڭلىغانىدىم، ئەجەبا مېنىڭمۇ شۇنداق بولارمۇ دەم خال خىيال قىلىشقا باشلايمەن.



يېقىندا ئالغان بىر كىتابقا قارىسام، بىر ياش، بالىلارنى سۈتتىن ئايرىشنىڭ ئالتۇن چېغى ھېساپلىنىدىكەن،چۈنكى بۇ ۋاقىتقىچە بالا  ئانا سۈتىدىن كېرەكلىك ئوزۇقلۇقلارنىڭ ھەممىسى ئالغان بولىدىكەن، ھەم بىر ياشلىق بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش كۈچى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ياشتىكى بالىنى بىر نەرسىلەرگە ئادەتلەندۈرمەك بىر قەدەر ئاسان بولىدىكەن. ئىككى ياشقا كىرگەن بالىلاردا دېگىنىمنى قىلغۇزىمەن دېگەن ئىدىيە شەكىللىنىشكە باشلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن سۈتتىن ئايرىماق تېخىمۇ تەسكە چۈشىدىكەن. قولۇمدىكى يەنە بىر ماتىرىيالدا"بالىنىڭ ئىنكاسى، روھى ھالىتى بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ خالىغىنى بىلەن چوڭلارنىڭ خالىغىنى ئارىسىدا پەرق كېلىپ چىقىدۇ" دەپ يېزىقلىق. ئىشقىلىپ ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلگەن بىر قاراش يوق.  ئەڭ ئاخىرىدا كۆزۈم شۇ قۇرلاردا:  بالىغا نىسبەتەن بىر ئىشنى ئالدىرىماي، ئاستا-ئاستا ئۈگىتىش، ئۇنى بىردەمنىڭ ئىچىدە زورلىغاندىن بەكرەك ئۈنۈم بېرىدۇ، ھەم بۇ جەرياندا بالا ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىشقا پۇرسەت تاپالايدۇ....



شۇنداق قىلىپ يەنە ئىچىمدىكى ماڭا تەسلىم بولىمەن:  بوپتىلا، بۇ قىش چىقىپ باقسۇن قېنى، بەلكىم ئۆزى سۈتتىن چىقىپ قالار.....

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 08:15:23

بالىنى ئېمىتكەن ۋاقتىدا   ئاستا -ئاستا ئۈچ ۋاق تاماقنى ئاشلاشتۇرۇپ بېرىش ،باشقا ۋاقىتلاردا قوشۇمچە قىلىپ بىرەر ئىككى قېتىمدىن ئېمىتىپ بېرىش ئارقىلىق ،بالىنىڭ  سۈتكە بولغان يېلىنشچانلقىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن،شۇندىلا بالا سىرتقى يىمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇپ كېتىپ سۈتتىن ئۆزى چىقىپ كېتىدىغان ئۆزى بېيىپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللىندىكەن.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 09:01:03

nalanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

...


ئىشقىلىپ ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلگەن بىر قاراش يوق.


...



«قۇرئان كەرىم» دە بوۋاقنى ئېمىتىش مۇددىتى ھەققىدە ئېنىق ئايەت بار.

POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 10:01:15

«قۇرئان كەرىم» دە بوۋاقنى ئېمىتىش مۇددىتى ھەققىدە ئېنىق ئايەت بار.

==================================================

ئۇنداقتا قانچىلىك ئىمىتسە بۇلىدىكەن؟

POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 10:02:05

«قۇرئان كەرىم» دە بوۋاقنى ئېمىتىش مۇددىتى ھەققىدە ئېنىق ئايەت بار.

==================================================

ئۇنداقتا قانچىلىك ئىمىتسە بۇلىدىكەن؟

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 12:14:36


4- قەۋەتتىكى polo211نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«قۇرئان كەرىم» دە بوۋاقنى ئېمىتىش مۇددىتى ھەققىدە ئېنىق ئايەت بار.

==================================================

ئۇنداقتا قانچىلىك ئىمىتسە بۇلىدىكەن؟



مۇناسىۋەتلىك ئايەت.



ئانىلار (بالىلارنى ئىمىتىش مۇددىتىدە) تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا، تولۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. ئاتا-ئانىلارنى قائىدە بويىچە يىمەك - ئىچمەك ۋە كىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى  كېرەك. كىشى پەقەت قولىدىن كېلىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىنىدۇ. ئانىنى بالسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق، ئاتىنىمۇ بالىسى سەۋەبلىك زىيان تارتقۇزماسلىق لازىم.(ئەگەر ئاتا ئۆلۈپ كەتسە) ئۇنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ( يەنى ئانا بولغۇچىغا نەپىقە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش قاتارلىقلارنى ) ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.  ئەگەر  ئاتا- ئانا كېڭىشىپ (بالىنى ئىككى يىل توشماستىنلا ) ئايرىۋەتمەكچى بولسا ، ئۇلارغا ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر بالىلىرىڭلارنى  ئىنىكئانىلارغا  ئېمىتمەكچى بولساڭلار ،قائىدە بويىچە ئۇلارنىڭ ھەققىنى بەرسەڭلارلا سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ.  اللەدىن ( يەنى اللەنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ) قورقۇڭلار، بىلىڭلاركى، اللە سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلەرنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. « سۈرە بەقەرە 233 - ئايەت»


بۇ ئايەتكە كۆرە  اللە  سۈبھانۇ ۋەتەئەلا  بالىلارنى تولۇق ئېمىتىش مۇددىتىنى ئىككى يىل دەپ پەرز قىلدى.




Aziz يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 12:20:17

3- قەۋەتتىكى polo211نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇنداقتا قانچىلىك ئىمىتسە بۇلىدىكەن؟

\"\"



«قۇرئان كەرىم»، 2-سۈرە، سۈرە بەقەر، 233-ئايەتنىڭ بىر قىسمى


(مەدىنە نەشرى 39-بەت)

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 12:24:49

چوڭ بالامنى مەن بىلىم ئاشۇرۇشقا كەتكەندە ئايرىۋەپتىكەن(2ياشتىن ئاشقان)، قانداق ئايرىلغىنىنى ئۇقمۇدۇم،كىچىكى 2 ياشقا كىرەي دىدى، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئايرىيمەن دەپ ئىمىتمىۋېدى، كىچىسى بالام دىگەن شۇنچىلىك يىغلاپ كەتتىكى، بۇۋاخقىچە ئانداق ئېچىنىشلىق يىغلىغېنىنى ئاڭلىماپتىكەنمەن، ئاخىرى چىدىماي چىقىپ بۇيرۇق بىلەن ئىمىتكۈزدۇم، ئارىلىقتا يەنە نەچچە قېتىم ئەتىدىن باشلاپ ئايرىيمىكىن دەپ قوپۇپتىكەن، پىرسىيەچە دادا ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ قويمۇدۇم، قېنى قىش ئۆتۈپ باقمىسۇنمۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 12:38:20

مەنغۇ بالىلارنى ئىككى ياشتىن ئاشقىچە ئىمىتكەن . ئايرىش ۋاقتىدا چىداپ تۈرۈپ چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قوياتتىم ، ھەپتىدىن كىيىن بارسام ئۇمۇ ئۇنتۇپ قالدىكەن ، باشتىكى ئىككى كۈن غەلۋە قىلدى ، كىيىن كۆندى ، ئىنسان بالىىنىڭ كۆنمەيدىغان نىمىسى بار دەپ قوياتتى ، ئاپام ،

بىراق قوشماقلارنى باقماق بەك تەس، بىرسى يىغلىسا يەنە بىرسىمۇ تەڭ يىغلاپ ، بىرسىنى ئىمىتكەندە بىرسىگە سوسكىدا سۈت بېرەتتىم ، ئىككى بۆشۈكنىڭ ئارىسىدا ئاز قالىتىم ئۆمۈچۈك پالۋانغا ئايلانغىلى ، يەنە تېخى تاماق ئېتىشمۇ بىر مەسىلە دەڭلا ! ،

بىر بوشۇكنى كارۋاتقا ، بىرنى پەسكە قويىۋىلىپ قايسى غەلۋە قىلسا تەۋرەتكەچ بىر قولۇمدا خېمىر يۇغۇرۇپ رېكوت يارتىۋەتكەن .  {:92:}

gaqa يوللانغان ۋاقتى 2011-10-31 17:54:31

بالا قوشماق دەڭ \"\"

ئاللا باللىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي....

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 02:58:37

شەھلا ھەدەمنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ قاقلاپ كۈلىۋېتىپ شاپپىدە توختاپ قالدىم. ئاپاممۇ سىڭلىم ئىككىمىزنى چوڭ قىلغۇچىلىك شۇنداق جاپا تارتىپ كىتىپتىكەن.ئىككىمىزنى بېقىپ،كۈندە ئون نەچچە كىلومىتىر يولنى ۋېلىسىپىت بىلەن بېسىپ خىزمەتكە بېرىپ،خىزمەتتىن قايتىپ دادامغا تاماق ئېتىپ...بەزىدە تولا قەغىشلىك قىلىپ كەتسەك مۇشۇ بالىلار قاچانمۇ چوڭ بولار دەپ كىتەتتىكەن،ئۇيغۇر ئانىلار ئەڭ جاپاكەشمىكىن دەيمەن دۇنيادا   \"\"

تورغا قارىسام ئانا سۈتىنىڭ بالىغا ھەم ئانىغا بولغان پايدىلىرىنى يېزىپ قويۇپتىكەن تەرجىمە قىلىپ باقتىم.

1.ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلارنىڭ رېئاكسىيە خاراكتىرلىق كىسەللىكلەر بىلەن زىققا كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە قىلىنغان سىتاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا تۆت ئايدىن ئۇزۇن ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلارنىڭ يۇقىرىقى نەپەس يولى ئېغىر يۇقۇملىنىش نىسبىتى، بۇرۇن ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتى كۆرىنەرلىك تۆۋەن بولغان.

2. ھەزىم قىلىش كىسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتى تۆۋەن بولىدۇ.

3.جىددى خاراكتىرلىق ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسپىتى تۆەنلەيدۇ.

4.ئانا سۈتى ئىمىپ چوڭ بولغان كىشىلەرنىڭ يۇقىرى خولېستىروللۇق قان كىسىلى،راك كىسەللىكلىرى،لىمفا ئۆسمىسى قاتارلىق ئېغىر كىسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇشى ئانا سۈتى ئەممەي چوڭ بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدۇ.

5.ئانا سۈتى ئىمىۋاتقان بالىلارنىڭ سۈيدىكىنىڭ كىسلاتالىقى تۆۋەن بولۇپ،كاسسىلىرىغا تەمرەتكە،ئۇچۇق چىقىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

6.ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە DHA(تولۇق ئاتىلىشىω-3 ئومىگا ئۈچ ياغ كىسلاتاسى)  يەنى بالىنىڭ مىڭىسى ۋە كۆرۈش پەردىسىنىڭ يىتىلىشىدە مۇھىل رول ئوينايدىغان ماددا بولۇپ ،بۇخىل ماددىنى كالا سۈتى بىلەن بالىغا تولۇقلاش مۇمكى بولمايدۇ.شۇڭا بەزى تەتقىقاتچىلار ئانا سۈتى ئەمگەنلەر كالا سۈتى ئەمگەن بالىلارغا قارىغاندا ئەقىللىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ بىراق بۇنى مۇتلەقلەشتۈرېۋېتىشكە بولمايدۇ.  

7.ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلارنىڭ نېرىپ ھەركەتلىرى ئەڭ يۇقىرى پاللىدە ياخشى تەرەققى قىلىدۇ. بارماقلارنىڭ قاماللاش ئىقتىدارى بىلەن نېرىپلارنىڭ تەرەققى قىلىشى سۈت ئىمىش ۋاقتىنڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ،يەنى قانچە ئۇزۇن ئەمسە يۇقىرىقى ئىقتىدارلىرى شۇنچە ياخشى تەرەققى قىلالايدۇ. بۇ بالىنى تۆت-بەش ياشقىچە كىرگۈچە ئەمگۈزۈش كىرەك دىگەن گەپ ئەمەس ئەلۋەتتە  \"\"

8.تاڭلاينىڭ ياخشى تەرەققى قىلىشى بىلەن چىشلارنىڭ مايماقلىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئومۇمەن ئانا سۈتى ئەمگەن بالىلارنىڭ كىسەل بولۇش نىسبىتى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. بوۋاقلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك يىتىلىش باسقۇچلىرىنىڭ ياخشى تاماملىنىشنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بىز بالىلارنى بىر يېرىم ياشتى ئىككى ياشقىچە ئەمدۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

    بالىنى ئەمدۈرۈشنىڭ ئانىغا بولغان پايدىلىرى:

1.ھامىلدارلىق ھورمونىنىڭ داۋاملىق ئىشلەپ چىقىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

2.ئوكىستوتسىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشنى ئىلگىرى تۇغۇتتىن كىيىنكى قاناشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ،سۈرۈپ بالىياتقۇنىڭ تېز مۇددەتتە يىغىلىپ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق بولىدۇ.

3. ئانىنىڭ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەن ئېغىرلىقىغا قايتىشىغا پايدىلىق بولىدۇ،ھەيزنىڭ نورماللىشىشنى تېزلىتىدۇ.

4.سۆڭەكنىڭ مىنراللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كۆكرەك راكى بىلەن بالىياتقۇ راكىغا گىرىپتار بولۇش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ.

Horma يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 13:08:52

يېقىندا جىيەنىمنى ئايرىماقچى ئىدۇق ،ماڭا بەك ئامراق ،شۇڭا بالىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەكىلىپ قويىدىغان  ،مەن ئايرىپ بېرىدىغان بولغان ،لېكىن مېنىڭ ھېچقانداق تەجرىبەم يوق .بالىنى ئايرىپ بېرىدىغانلار نېمىلەرنى تەييارلىۋېلىشى كېرەك(كېچىدە بېرىدىغانغا كالا سۈتى،قايناقسۇ دېگەنلەردىن باشقا ) ،نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ،بالا ھازىرغىچە ئېمىزگە ئېمىپ باقمىغان ،9 ئايلىقتىن كېيىن قايناقسۇنىمۇ سوسكىدا ئىچمەي ،نەيچىلىك قاچىدا ئىچەتتى ،ھازىر پىيالىدىلا ئىچىدۇ .ئاپىسى قانچە كۈندىن كېيىن كەلسە بولىدۇ ؟ ئاپامغا تېلفون قىلىپ بەر دەپ تۇرۇۋالسا قانداق قىلىش كېرەك ؟ تەجرىبىسى بارلار ،تەجرىبەڭلەرنى  سۆزلەپ بەرسەڭلار .

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2011-11-1 15:38:37

نۇسرەت بەك ياخشى نەرسىلەرنى يوللاپتۇ، كۆپ رەھمەت.

بالا ئېمىتىش ئۇلۇغ، ئەمما بەك مۇشەققەتلىك ئىش، بالىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئانا- بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى ئويلاشقاندا يەنىلا قۇربانلىق بەرمەي بولمايدۇ.

دۇنيا مىقياسىدا بالىنى ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئېمتىش توغرىسىدا تەشۋىقاتلار بولۇۋاتىدۇ، سەۋەبى نۇسرەتنىڭ ئىنكاسىدىكىدەك. پەقەت جوڭگۇلۇق ئانىلارلا پەرزەنتلىرىنى ئېمىتىشتىن قاچسا كېرەك. بوۋاقلار سۈت پاراشوكىدىن تولا مەسىلە چىقىۋېرىپ، ئېمىتىدىغانلار كۆپىيىپتۇدەك.

pain333 يوللانغان ۋاقتى 2011-12-13 11:12:07

بالىنى ئۆزى ئېمىتگەندە سەمىرىپ قالمايدۇ، تۇغۇتتىن بۇرۇنقى گۈزەل فىگورسىنى ئەسلىگە قايتۇرىۋالغىلى بولىدۇ، مۇشۇنداق تەشۋىق قىلغاندا ئۆزى ئېمىتىدىغانلار كۆپىيدۇ. بەزىدە ئانىلاردىن سۇت چىقماي كۆڭۈل بەك يېرىم بولىدۇ.
بەت: [1]
: مەن،ئۆزۈم ۋە بالا ئېمىتىش[تەرجىمە]