niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-30 20:20:28

ھىكايەت چاڭموزا يۈسۈفخان



ھىكايەت چاڭموزا يۈسۈفخان



موللا بىلال بىننى موللا يۈسۈپ (نازىمى)



سۈخەن ناقىلى سۆز سارى قىلدى ئەرم،


گۈلىستان نەزم ئارا قىلدى بەزم.


كى تارىخ نەبىغە ھەزارۇ دۇ سەد،


ۋە پەنجا ۋە ھەشەددا ئەردى ئەدەد.


يىلى ئەردى ئات، ئايغا ئەردى سەفەر،


خوجام كەلدى دەپ خەلقغە بولدى خەبەر.


كەلىپدۇر خوجا كەنت كەتمەن ئارا،


خوجام كەلدى دەپ خەلق قىلىپ ماجەرا.


تەمام خەلق كەلىشىپ تەۋاف ئەيلەشىپ،


بەرىپ نەزرى بىسيار سەۋاب ئەيلەشىپ.


سوراپ ئاندا خەلقلەر خوجام ئاتى كىم،


كى ئەۋلادى كىم، ئاتى كىم، زادى كىم.


دېدى ئىسمى رەسمىم يۈسۈفخان خوجا،


ئاتامىزنىڭ ئاتى ئۆمەرخان خوجا.


بۇ سۆزنى ئىشىتىپ تەمامى ئەبىد،


بۇ چاڭموزەغە بولدى شۇلدەم مۇرىد.


خەلايىق كەلىشىپ قىلىپ گىريە زار،


خۇسۇسەن، روزە مۇئەززىن بولۇپ بىقەرار.


بۇ چاڭموزەغە تۇرفەئىخلاس ئېتىپ،


ئۆزىنى بۇلار چاكارى خاس ئېتىپ.


ئالىپ يۈردى چاڭموزەنى ئۆيمۇ-ئۆي،


جەھانغە سالىپ شورەشى ھاي-ھۇي.


ئاچانوقۇ خەلقى خوجام كەلدى دەپ،


كى شۇڭقار ئېلىگە دۇئا بەردى دەپ.


كى دارتامتۇ، غالجات، دولاتۇ ئېلى،


خۇنۇخاي، ئىكى بۇغرا خەلقى خېلى.


خاتۇن-قىزلارىنى قىلىشىپ نىياز،


بۇ چاڭموزە بىرلە دىيىشىپ كى راز.


قاسىم شەيخ بىرلە شەيخ دۇرۋا قۇلى،


باقى شەيخ، مەمەكلەر بولۇپدۇر قۇلى.


جۇ ئاخۇن كى تۇڭگانلار خەلفەسى،


كى چاڭموزەغە قىلدى ئىخلاس بەسى.


كى تۇنگان، چانتۇ ئىشىتىپ تەمام،


بۇ چاڭموزەغە خىزمەت ئەتتى مۇدام.


كى دەۋلەت نەزەر ، باقى شەيخ، مەمەك،


«خوجام» دەپ بۇلار قىلدى ئوقەتنى تەرك.


سەتى ئەبۇلئەزىز، قەمەرىدىن يۈز بەگى،


مىرئالىم شەيخۇل بەگ، ئەمىن يۈز بەگى.


ئوسمان غەزنەچى بىرلە، يولداش مىراب،


«خوجام كەلدى» دەپ كۆزىدىن تۆكتى ئاب.


ۋەلى خوجا دەپ قىلمادى ئېتىقاد،


كى ئىخلاس قىلىپ، قىلمادى ئىنقىياد.


قىلىپ ئېتىقاد شەيخ دەۋلەت نەزەر،


تەمامى خەلايىقغە قىلدى خەبەر.


ئالىپ يۈردى چاڭموزەنى ئۆيمۇ-ئۆي،


كى خەلق نەزرى ئەيلەپ تىۋە، ئات، قوي.


تولۇپ بۇ خەبەر بۇ ئىلا شەھرىگە،


تۈشىپ غۇلغۇلە چۇن بىر بەھرىغە.


كىچىك-چوڭ خەلايىق تەمام ئاڭلادى،


بارىپ تەۋاف ئىتەلىن دىبان چاغلادى.


بىلال بۇ زەماندا ئىدىلەر كىچىك،


كىچىكلىكدە ھەم ئەيلەر ئەردى پۈتىك.


چاڭموزەغە خەلايىقلار ئىخلاس ۋە ئەقىدە قىلاشىپ، ھەر تەرەپدىن نەزرى-نەزۇر ئالىپ كەلىپ دۇئالار ئالغانى. چاڭموزە ئۆيىنىڭ ئىچىگە پەردە تارتىپ، يۈزىگە نىقاب تارتىپ، خەلايىقلەرگە ئۆزىنى كۆرسەتمەي ياشۇنغانى. خەلايىقلار بۇ كىشى ئۇلۇغ خوجا ئىكەن دەپ ئەقىدە-ئىخلاسى زىيادە بولغانى.


نەزم


رىۋايەت قىلۇر راۋىيى نۇكتەدان،


كى چاڭموزەدىن مەن قىلاي سۆز بەيان.


دېدى بىر كۈنى ئۇشبۇ چاڭموزە نېز:


«ماڭا راسلاڭىز خالىرەك ئۆينى تېز.


بۇ ئۆيگە كىرىپ مەن ئىبادەت قىلاي،


مۇرىد بولسە ھەر كىم ماڭا قول ئالاي».


بۇ سۆزنى ئىشىتىپ تەمام خاسۇ ئام،


تاپىپ خالى ئۆينى قىلىپ ئېھتىمام.


قىزىل پەردە تارتىپ بۇ ئۆي ئىچرە تېز،


يۈزىگە نىقاب تارتتى چاڭموزە نېز.


بۇ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرەلمەي كىشى،


يەساۋۇلغە ئەيتۇر، كى بولسە ئىشى.


بۇ ھەيبەتنى كۆردى تەمام ئامۇ خاس،


ئەدەب ساقلاشىپ كىرمەيىن جۈملە ناس.


ئەگەر ئەرزى بولسە دەيەلمەي ئاڭا،


كى بەلكى قىلالماي، كى چۇنۇ چەرا.


ئانىڭ ھەيبەتىدىن بۇ خەلق قورقۇشىپ،


سىپاھگەرلىكى بەلكى ھەددىن ئاشىپ.


خەلايىق بۇ ئۆينىڭ ئىچىگە كىرىپ،


ھەر ئايماق-ئايماق زىيارەت قىلىپ.


خەلايىق قىلىپ بىر-بىرىگە خەبەر،


بۇ چاڭموزەغە بەردى سىم بىرلە زەر.


بۇ چاڭموزەغە بارچە ئادەم كەلىپ،


بەرىپ نەزرى بىسيار، دۇئالار ئالىپ.


«خوجام، ئاھ خوجام» دەپ تەمام خاسۇ ئام،


كى ئاھۇ فىغانلار قىلىشىپ تەمام.


ھەمە مال-ئەمۋالىنى قىلدى فەدا،


دېيىشىپ بولۇر بىزگە دەپ رەھنەما.


قىلىپ خىزمەتىن بارچە ئارمان بىلەن،


قايۇ ئىشنى بۇيرۇر، قىلۇر جان بىلەن.


بولۇپ خىزمەتىدە تەمامى كىشى،


مۇنىڭ خىزمەتىن قىلماق ئولدى ئىشى.


بىلال سۆزنى ئاز-ئاز قىلىڭ، مۇختەسەر،


ئۆتۈپدۇر ھەر ئىشدىن بېرىڭ تېز خەبەر.


ئەلقىسسە، ئىلا شەھرىدە بىر شەيخ زەمان ۋەلى يەزدان مۇھىب خۇدائى شەيخ مۇھەممەد گادائى رەھمەتۇللاھ ئەليەنىڭ بىر ئوغلى قالغان ئەردى. ئاتىنى ئابدۇشەرىف ئاخۇن دەرلەر ئەردى. ياش، نەۋجەۋان، دىلسۆز زەمان ئەردى. سىياھ رىش، ئاھۇ چەشمە، شىرىن زەبان، ماھى تابان سىفەت ئەردى. خۇش روي ۋە خۇشخۇي، شىرىن كەلام ئەردى. بۇ ئەر دائىم زىكر ئاللاھنى ۋەرد قىلىپ، ئەسنا ئەشىرنى ئەبەس ئۆتكۈزمەس ئەردى. گاھ-گاھ تىجارلىق ھەم قىلۇر ئەردى.


نەزم


بار ئەردى ئىلا ئىچرە ئەھلى سەلەف،


ئۇلاردىن قالىپ ئەردى نىكۇ خەلەف.


خەلەف ئىسمى ئەردىكى ئابدۇلشەرىف،


خىرەدمەندى ھەر بابدا ئەردى زەرىف.


مۇدام ياد ئەتىپ زىكرى ئاللاھنى،


دەۋامەت ئوقۇپ قۇلھۇۋەللاھنى.


دىلىغە خۇدا يادىنى زەم قىلىپ،


خۇدا خەۋپىدىن كىرپىكىن نەم قىلىپ.


يەنە گاھ-گاھى تىجارەت ئۈچۈن،


قىلۇر ئەردى سودا خىراجەت ئۈچۈن.


بار ئەردى خۇنۇخايدا ئاشنالارى،


ھۈسەيىن خوجا دەپ دىل ئاگاھلارى.


بۇ ئابدۇشەرىف ئاخۇنۇم بىر كۈنى،


خەرىد ئەيلەدى نەچە رەڭ دارۇنى.[76


]


ئالىپ ئۇد، ئەنبەر، ئىپار، زەفەران،


لاچىندانە، دارچىن، سەدەف، مامىران.


كى ئۈستخۇددۇس، بەھمەن، تۇدرى،


بالادۇر، رەۋەند، نېلۇفەر، كۇندۇرى.


سۆرۈنجان، خولىنجان، كابابە، سەلىخ،


بىنەفشە، سانا، بادىيان، تەبىخ.


كەبىر، كەرەپشە ۋە سەندەلى سەپىد،


كى ئەسفەر زاك، جىنتيانا، ھەدىد.



دۇرۇيۇ تەۋار، بەقەسەم، شايەلەر،


خوتەن زىلچەسى، رەخت، چىراغپايەلەر،


قۇلۇپۇ، قوبۇزۇ، كى زەنجىر، شىكال،


كى يىڭنە، تەمۇنە، سەلاسىل، غەلال.


بۇلارنى ئالىبان كېمەدەن ئۆتۈپ،


بارۇر ئەردى ئاتغە بۇلارنى يۈدۈپ.


كى ھەمراھ بولۇپ يولدا ئىكى كىشى،


كى چاڭموزەغە بارماق ئەردى ئىشى.


بۇ چاڭموزەنىڭ ۋەسفىنى سۆزلەشىپ،


ئانىڭ خىزمەتىن قىلغالى كۆزلەشىپ.


شەرىف ئاخۇن ئەيددى: «ئايا ئىكى تەن،


كى تەئرىف قىلۇرسەن قايۇ تەننى سەن؟»


بۇلار ئەيددى: «كەلمىش خوقەندىن خوجام،


ئاتىنى ئاتايدۇر يۈسۈفخان خوجام.


ئىشىتىپ كۆرەي دەپ بارۇرمىز» دېدى،


«خوجامنىڭ دۇئاسىن ئالۇرمىز» دېدى.


شەرىف ئاخۇن ئويناپ دېدى: «ئەي كىشى،


مەنىڭ بىرلە باردۇر خوجانىڭ ئىشى.


بارىپ مەن خوجاڭنى تۇتارمەن» دېدى،


«كى ئەژدەر سىفەتلىك يۇتارمەن» دېدى.


ئويۇنغە سالىپ قىلغان ئەردى بۇ سۆز،


خوجاسىغە يەتتى ئىكەۋ دىۋە يۈز.


كىرىپ ئىكەۋ چاڭموزەنىڭ قاشىغە،


قولىنى قويۇپ يىغلادى باشىغە.


بۇ چاڭموزە ئەيتۇر: «نە يەردە شەھەر،


شەھەر سارىدە نە ئىكەنمىش خەبەر؟»


دېدى ئىكىسى: «ئەي خوجام ئاڭلايىڭىز،


دۇچار ئولدى بىزلەرگە بىر باتەمىز.


كى بىزگە خوجاڭنى تۇتارمەن دېدى،


كى ئەژدەر بولۇبان يۇتارمەن دېدى.


مۇنى دەپ كى چوقۇردا قالدى شۇل ئەر،


كى بىز تېز كەلىپ سىزگە بەردۈك خەبەر.»


بۇ چاڭموزە دېدۇر: «ئانىڭ ئاتى كىم،


كى ئەۋلادى كىم، ئاتى كىم، زاتى كىم؟»


دېدىلەر: «ئىمىش ئاتى ئابدۇشەرىف،


ئۆزى باخىرەد، نەۋجەۋان ھەم زەرىف».


شەرىف ئاتىنى ئاڭلاپ بۇ چاڭموزە تېز،


يۈرەكى ئاغىپ بولماق ئولدى گۇرېز.


چەراكى شەرىف باي دېگەندىن بۇ مەرەز،


ئالىپ قاشقان ئەردى بۇ چاڭموزە قەرز.


شەرىف بايدىن ئالمىش تۈمەن تەڭگە پۇل،


شەرىف باي كەلىپدۇر دەپ ئولدى مەلول.


مەنى تۇتقالى كەلدى دەپ خەۋپ ئەتىپ،


بۇ چاڭموزەنىڭ باشى قالدى قاتىپ.


دېدى: «ئاھ ئۇرۇپ ئول مەنىڭ دۈشمەنىم،


ئانى قەتل قىلغان كىشىدۇر جانىم.


ئانى ئۆلتۈرۈر بولسە ئول باشىمىز،


دۇ ئالەمدە بولغاي قارىنداشىمىز.»


مۇنى ئاڭلادىلار باقى شەيخ، مەمەك،


كى دەۋلەت نەزەر شەيخ، قىلۇرغە ھەلاك.


بۇ ئۈچ تەن دېدى: «ئەھدەسىدۇر ماڭا،


قىلۇرمىز شەرىف باي باشىنى جۇدا».


بۇ چاڭموزە ئاڭلاپ بولۇپ تۇرفە شاد،


دېدى: «تېز ھەلاك ئەيلەڭىز كەلسە پات».


شەرىف ئاخۇن ئانداغ قەزاغە بارىپ،


قوناق بولغان ئەردى مازارغە بارىپ.


بۇ دەۋلەت نەزەر شەيخ، باقى شەيخ بارىپ،


ئابدۇشەرىف ئاخۇن قاشىغە كىرىپ.


مەمەك بىرلە كىردىكى، بەردى سەلام،


كى بىر-بىر كۆرۈشتى قىلىپ ئېھتىرام.


دېدى: «ئاخۇنۇم تاغدا مالدار تولا،


ئالىپ بارسا سودانى تاغقە بولا.


كى مالدار كىشى سودانى كۆپ ئالۇر،


كى بىر پۇلغە ئون پۇلچە نەپئى بەرۈر.


تاۋار، زىلچەلەرنى ئالىپ، قوي بەرۈر،


بەش-ئون ئاقچەلىق سوداغە ئۇي بەرۈر.»


شەرىف ئاخۇن ئەيدى: «يولىدۇر قايان،


بولۇپدۇر كېچە ئەرتە بولغۇم رەۋان.»


بۇلار ئەيددى: «بۇ كۈندە بارماق كەرەك،


بارىمىز بارىپ سودا قىلماق كەرەك.»


بۇ ئاخۇننى زور بىرلە ئاتلاندۇرۇپ،


دىگەردىن نامازشامغەچە يول يۈرۈپ.


باقى ئات چاپىپ سەتى زەمىن بەلەند،


كى بىر تاسما ئارقاننى قىلدى كەمەند.


كەمەندى سالىپ ئاخۇنۇم ھەلقىغە،


يۈگۈرتۈپ كى سۆدرەپ كەرەدۇر كەرە.


كى بىر مۇنچە يەرگە بۇ سۆدرەپ بارىپ،


يوغان تاش بىلە باشلارىنى يارىپ.


بۇ ئۈچ ناكەسىلەر شەھىد ئەيلەدى،


ئەدەن باغىنى تېز خەرىد ئەيلەدى.


كى يەنچىپ بۇلار تاش بىلە باشىنى،


تەنى ئۈستىگە دۆبۈلەپ تاشىنى.


كى تاغنىڭ كامارىغە مەدفۇن ئېتىپ،


ئۈچى مالىنى تەقسىم ئەيلەپ كەتىپ.


كى ئالماي خەلايىق بۇ ئىشدىن خەبەر،


تاپالماي مۇھىبلار خەبەردىن ئەسەر.


بۇ ئابدۇشەرىف ئاخۇن ئۆلدى نىھان،


يوق ئولغانى خەلقلەرغە بولدى ئەيان.


«قايان باردى بولغاي بۇ ئاخۇن» دېدى،


ئانىڭ ئۆلگەنىنى كىشى بىلمەدى.


ئايا نازىمى، سىز بەرىڭ بىر خەبەر،


نەچۈك ئىش بىلە تاپتى مۇندىن ئەسەر.


خىرەد كىم تەخەييۇل ئاتىنى چاپىپ،


سەھايىف گۈلىستانى ئۆزرە يەتىپ.


سەھايىف ئۈزە جىلۋە ئەيلەپ قەلەم،


بارىپ ھەر تەرەپكە سۈرۈبان رەقەم.


رەقەم گۈلىستانىدا گۈل ئاچىلىپ،


خىرەد غۇنچەسى ھەر تەرەپ ساچىلىپ.


لىسان قۇمرىسى ئاندا «كۇ-كۇ» دېدى،


نە «كۇ-كۇ» دېدى بەلكى «ھۇ-ھۇ» دېدى.


زەبان تۇتىسى كىم تەكەللۇم تۈزۈپ،


خىرەد بەھرىدە مىسالى غەۋۋاس ئۈزۈپ.


ھىكايەت دۇررىنى ئالىپ بەھرىدىن،


بۇ تاڭسۇق ھىكايەتنى قىلدى مۇبەيان.


بولۇپ گەۋھەر سۆزنى مەن تىزغۇچى،


تىلىمدۇر بەھانە، قەلەم سىزغۇچى.


بۇ سۆز گەۋھەرىنى ئەيان ئەيلەيىن،


مۇھىبلەرغە بىر-بىر بەيان ئەيلەيىن.


يۈرۈر ئەردى نەچەند بالا قوي باقىپ،


ۋە بەئزەلەرى ئات، كالا-ئۇي باقىپ.


كى پەيدا بولۇپ كەلدى بىر شىر مەرد،


ياشىل جەندە بىرلە ئۇرۇپ ئاھ سەرد.


كى بىر دۆبە تاشنىڭ يانىغا كەلىپ،


كى بىر مۇنچە تۇپراق قولىغە ئالىپ.


دەر ئەردى بۇ ئادەم قىلىبان فىغان:


«ئالاي بىر قانىڭغە ھەزار قەترە قان».


كەلىپ ھەر كۈنى يىغلار ئەردى بۇ كەس،


بالالار قاچىپ كەتتى ئەيلەپ كى تەرس.


قاچىپ كەلدىلەر ئۆيلەرىگە تەمام،


ئاتالار دېدى: «نەمە بولدۇڭ بالام؟».


دېدىلەركى: «ھەر كۈن كېلۇر بىر كىشى،


كى ئاتمىش ۋە يەتمىشكە يەتمىش ياشى.


كى تاغنىڭ تۆپىدە قىلۇر گىريە زار،


ئىشىتكەن كىشىلەر بولۇر بىقەرار.


ياشىلدۇر كەيگەن ئانىڭ جەندەسى،


كۇلاھى ياشىلدۇر، كى ئەمامەسى».


بۇلار ئاڭلاپ ئەيددى: «بىر ئەي خۇدائى،


بۇدۇر روھ پاكى مۇھەممەد گادائى.


بۇ شەيخنىڭ كى پەرزەندى ئۆلگەن ئىكەن،


ئانىڭ قانى مۇندا تۆكۈلگەن ئىكەن».


دېدى، ئاتلانىپ چىقتى نەچەند تەنان،


بالالار بىلە بولدى تاغقە رەۋان.


ئوشۇل دۆبە تۇپراقنى ئاچتى ھەمان،


كى ئابدۇشەرىف ئاخۇن ئولدى ئەيان.


بۇ كەلگەن كىشىلەر تانىدى كۆرۈپ،


كى قانلىغ ساقالىن كۆزىگە سۈرۈپ.


مۇھىبلەر ھەممە ئاندا تۇتتى ئازا،


تۇتۇپ ماتەمىن كىيدى بارچە قارا.


مۇھىبلەر بۇ ۋاقىئەنى يازىپ تەمام،


بۇ يازۇغە مۆھرىنى باسىپ تەمام.


بەرىپ نامەنى قاسىدىغە ھەمان،


باقى ھاكىمبەگ سارى قىلدى رەۋان.


يۈرۈپ قاسىدى تېز، ئۆتۈپ بەھرىدىن،


كەلىپ باقى بەگ ئورداسىغە ياقىن.


يەساۋۇلغە بەردى تۇتۇپ نامەنى،


مۇھىبلەر ئىبەرگەن بۇ ھەنگامەنى.


يەساۋۇل ئالىپ نامەنى ناگەھان،


بەنەزدىك ھاكىمبەگ ئولدى رەۋان.


تۇتۇپ بەردى ھاكىمغە بۇ نامەنى،


ئوقۇپ كۆردى بەگ ئۇشبۇ ھەنگامەنى.


بۇ بەگكە يەتىپ تۇرفە ھەنگامە غەم،


بۇ بەگ شادلىغى بولدى ئەندۇغە زەم.


بۇ بەگ ئاتلانىپ باردى جاڭجۇڭغە تېز،


ھەممە ۋاقىئەتنى بەيان قىلدى نېز.


ئىشىتىپ كى جاڭجۇڭ بولۇپ دەرغەزەپ،


ھۆكۈم قىلدى چوڭلار يىغىلسۇنكى دەپ.


خەبا ئانبال، دارىن، كالا دالارىن،


كەلىبان كۆرۈندى كىرىپ ھەر بىرىن.


بۇ جاڭجۇڭ بۇلارغە ئەيان ئەيلەدى،


بۇ چاڭموزە كارىن بەيان ئەيلەدى.


تۇ دارىن كى تېز، تۈن كى ئاتلاندىلار،


خۇنۇخاي سارىغە يەتىپ باردىلار.


تۇتۇپ ئۇشبۇ چاڭموزەنى دەر مەھەل،


ئاياغقە كىشەن سالدى، قولغە غەلال.


كى دەۋلەت نەزەر شەيخ، مەمەك، باقى،


بۇلارنى تۇتۇپ باغلادىلەر تېخى.


قاسىم شەيخ، دەرۋاقۇلى شەيخنى ھەم،


تۇتۇپ قەددىنى غۇل بىلە قىلدى خەم.


سەكسەن يۈز باشىنى تۇتۇپ باغلادى،


بۇلارنى قىيىن قىلغالى چاغلادى.


ئوسمان غەزنەچى بەگكە يەتتى خەبەر،


ھەراسان بولۇپ ئىچتى دەرھال زەھەر.


جۇ ئاخۇنمۇ ئاڭلاپ زەھەر ئىچتى تېز،


خەلايىق كى قورقۇپ قىلىشتى گۇرېز.


كى جاڭجۇڭ بۇ چاڭموزەنى كەلتۈرۈپ،


ئانىڭ قول-ئاياغىنى باغلاپ، تاڭىپ.


ئىكى ئىلكىدىن بەند ئەيلەپ ئاسىپ،


تىلىنى تۈۋىدىن پىچاقدا كەسىپ.


پەشانەسىدىن تېرەسىنى سويۇپ،


كى خەنجەردە ئىكى كۆزىنى ئويۇپ.


ئىكى ئىلكىنى جەينەكىدىن كەسىپ،


كى چاڭگاك بىلەن ئەمچىكىدىن ئاسىپ.


كەسىپ ئاندا ئىكى ئاياغىنى ھەم،


يۈرەكىغە تىغ ئۇردى بولدى ئەدەم.


كى دەۋلەت نەزەر شەيخ، باقى شەيخ، مەمەك،


باشىنى كەسىپ ئەيلەدىلەر ھەلاك.


قاسىم شەيخ، دەرۋاقۇلى شەيخنى تېز،


كى بىجىن سارىغا ئىبەردىكى نېز.


سەكسەن يۈز باشىغە ئۇرۇبان چۇبۇق،


بارىنىڭ بويۇنىغە سالدى قوبۇغ.


ئابدۇشەرىف ئاخۇن تەنىنى ئالىپ،


كەفەنگە ئالىپ، نەئىش ئۆزرە سالىپ.


كۆتۈرۈپ شەھەرنىڭ كى غەرب سارىدە،


كى مەدفۇن ئەتىبان ئاتا يانىدا.


ھەممە يۈز باشى كۇفرىدىن قىلدى تەرس،


بۇ غەۋغايى ھەم ئاخىرى بولدى فەست.


كەتۈر ساقىيا، بىزگە جامى فەرەھ،


فەرەھ جامىدىن تولدۇرۇپ بىر قەدەھ.


ئانى قەترە تامدۇرمايىن سۈبفۈرەي،


بولۇپ مەست يارنىڭ ۋىسالىن سۈرەي.


ئەگەر قىلسە دىلبەر ۋىسالىن كەرەم،


ۋىسالى مەيىدىن ئىچەي دەمبەدەم.


بىلال بول، خامۇش سۆزنى قىلماي داراز،


لەتىفە كەلام تاپساڭىز قىلما ئاز.


بۇ چاڭموزە دىگەن ***چە سۆزدۇر، يەنى ئۇزۇن ساچ دىگەن بولۇر، ئاما ئاتى يۈسۈفخان خوجا ئەردى، مۇسۇلمان ئەردى.


نەزم


بۇ چاڭموزە كىم ئەھلى ئىمان ئىدى،


ئۆزى ئەھلى ئىمان مۇسۇلمان ئىدى.


كى ساچلىغ ئۈچۈن ئانى چاڭموزە دەر،


كىشى كۇفرىدىن مەھمەلاتلارنى يەر.


ئاتا قويغان ئاتى يۈسۈفخان ئەرۇر،


ئاتاسى ئاتى ھەم ئۆمەرجان ئەرۇر.


قازائى ئالىھى ئاڭا يۈزلەنىپ،


ئارادە خۇدا بىرلە مۇندا كەلىپ.


قازا يەتكەن ئەردى كېسىلدى باشى،


ئاڭا تەئن قىلماڭ بۈگۈن ئەي كىشى.


مۇسۇلمانغە تەئن ئەتمەك ئەرمەس رەۋا،


رەۋا كۆرمەدىلەر رەسۇلى خۇدا.


ئۇلار روھىغە بىل، دۇئا ئەيلەگىل،


خۇدايىمغە ھەمدۇ سانا ئەيلەگىل.


بىلال ئەيددى مۇندا قىلىبان دۇئا،


بارىسىغە رەھمەت ئاتا قىل خۇدا.


بۇ ۋاقىئەغە قىرىق تۆرت يىل بولغان، تارىخىغە بىر مىڭ ئىكى يۈز توقسان توقۇزدا بۇ نەزم تەھرىر قىلغاندۇر. ئات يىلى ماھ رەبىئۇلئەۋۋەلنىڭ تۆرتى، دۇشەنبە كۈنىدە.


ۋاللاھۇ ئەئلەم بىسەۋاب.



نەشرگە تەييارلىغۇچى: نىجات سوپى.


(ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور.)









سۇخەن - سۆز، نۇتۇق.




ناقىل – نەقىل قىلغۇچى، ئېيتقۇچى، يەتكۈزگۈچى.




سارى – تەرەپ، تامان، ياق.




نەبى – پەيغەمبەر.




ھەزار – مىڭ.




دۇ – ئىككى.




سەد – يۈز.




پەنجاھ ـ ئەللىك.




ھەشەد – سەككىز.




ئەدەد – سان، ساناق، ھېساب. (يۇقىرىدىكى تۆت مىسرادىكى سۆزلەر ئەبجەد ھېسابى بويىچە ئەسەر ۋەقەلىكىنىڭ ھىجىرىيە 1258-يىلى يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ مىلادى 1842-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.)




سەفەر – ھىجرى تارىخ يىلىدا 2-ئاي.




كەتمەن - يەر نامى، ھازىرقى قازاقىستان تەۋەلىكىدە.




ماجەرا – يۈز بەرگەن ئەھۋال، جاڭجال، ماجىرا.




تەۋاف – تاۋاب، زىيارەت.




بىسيار – تولا، بىر تالاي.




زادزات – بالا، پەرزەنت، ئەۋلاد.




ئىشىتمەك – ئاڭلىماق.




ئەبىد – بەندە.




گىريەگىريە زار – يىغا-زار، كۆز يېشى تۆكۈش.




مۇئەززىن – مەزىن، ئەزان ئېيتقۇچى.




تۇرفە – ئاجايىپ.




چەكار – چاكار، خىزمەتكار.




شۇرەششورىش – غەۋغا، توپىلاڭ؛ ھاياجان.




ئاچانوقۇ – يەر نامى، ھازىرقى چاپچال ناھىيىسىدە.




ئىكى – ئىككى.




دارتامتۇ، غالجات، دولاتى، خۇنۇخاي، ئىككى بۇغرا (چوڭ بۇغرا، كىچىك بۇغرا) – يەر ناملىرى. دارتامتۇ (داردامتۇ) ھازىر غۇلجا شەھرىگە قاراشلىق يېزا. دولاتى، خۇنۇخاي، چوڭ بۇغرا، كىچىك بۇغرا قاتارلىقلار ھازىرقى چاپچال ناھىيىسى تەۋەلىكىدە. غالجات بولسا قازاقىستان دائىرىسىدە.




نىياز - تەقدىم، ھەدىيە.




راز – ئىچكى سىر.




بەسى – تولا، كۆپ.




مۇدام – ھەمىشە، دائىم.




بۇ ئىككى مىسرادا ھەرىكەتنىڭ بولۇشسىز شەكىلدە كېلىشى ئەسەر مەزمۇنى بىلەن سىغىشمايدۇ.




ئىنقىيات – بويسۇنۇش، تەۋە بولۇش، ئىتائەت.




تىۋە – تۆگە.




ئىلا – ئىلى؛ غۇلجا.




چۇن – ئوخشاش، كەبى.




بەھر – دەريا، دېڭىز.




پۈتىك – پۈتۈك، خەت، خاتىرە.




ياشۇنماق – يوشۇرۇنماق، بېكىنمەك، پىنھان بولماق.




راۋىيى نۇكتەدان – ھېكمەت سۆزلىگۈچى، رىۋايەت قىلغۇچى.




  نېز – يەنە، ھەم.




خاسۇ ئام – كۆپچىلىك.




ئېھتىمام- ئەھمىيەت بەرمەك.




جۈملە ناس – ھەممە كىشى.




چۇنۇ چەرا – ئۈزۈلمەس تالاش، بەس-مۇنازىرە؛ نېمىشقا، نېمە ئۈچۈن.




سىپاھگەرلىك – ئەمەلدارلىق كىبىرى.




سىم – كۈمۈش.




ئەمۋال - «مال» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى، ماللار، ئەشيالار، مال-دۇنيا.




رەھنەما – يول كۆرسەتكۈچى.




قايۇ – قايسى.




مۇختەسەر – قىسقىراق.




نەۋ جەۋان – ياش يىگىت، يىگىت.




دىلسۆز - يۈرەكنى كۆيدۈرگۈچى؛ دىلى كۆيگەن، يۈرىكى ئۆرتەنگەن؛ جانكۆيەر، غەمخور، مېھرىبان.




سىياھ – قارا.




رىش – ساقال، قىل.




ئاھۇ –كېيىك.




چەشم – كۆز.




زەبان – تىل، نۇتۇق، زۇۋان.




ماھى تابان – پارلاق، نۇرلۇق ئاي.




سىفەت – سۈپەت.




خۇش روي –خۇش چىراي.




كەلام – سۆز، گەپ، نۇتۇق.




زىكر – سۆزلەش، تىلغا ئېلىش، بايان قىلىش.




ۋەرد – قىزىلگۈل، ئەتىرگۈل.




ئەسنا – زامان، پەيت، چاغ، ۋاقىت.




ئەشىر – ئوندىن بىرى.




ئەبەس – بىھۇدە،پايدىسىز، ئورۇنسىز، بىكار، بىكارغا.




تىجارلىق – تىجارەت.




ئەھلى سەلەف – ياخشى ئاتىنىڭ بالىلىرى.




نىكۇ خەلەف – ياخشى ئەۋلادلار.




  خىرەدمەند – ئەقىللىق، دانا.




زەرىف – پاك، پاكىز، گۈزەل، خۇش مىجەز، خۇش چاقچاق؛ ھوشيار، ئەقىللىق.




زەم قىلماق – قوشماق، جەملىمەك، يۈكلىمەك.




ئاشنا – دوست، بۇرادەر.




دىل ئاگاھ – كۆڭلى تۇيغان، دىلى سەزگەن.




خەرىد – سېتىۋالماق.




دارۇ – دورا.




يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ئۇد، ئەنبەر، ئىپار، زەپىران، لاچىندانە، دارچىن، سەدەپ، مامىران، ئۈستقۇددۇس، بەھمەن، تۇدرى، بالادور، رەۋەن، نېلۇپەر، كۇندۇر، سۆرۈنجان، خۇلىنجان، كابابە، سەلىخ، بىنەپشە، سانا، بادىيان، تەبىخ (قايناتما)، كەبىر، كەرەپشە، سەندەلى سەپىد (ئاق سەندەل)، ئەسفەر زاك (سېرىق زاك)، جىنتيانا، ھەدىد» قاتارلىقلار ئۇيغۇر تېبابىتىدە دائىم قوللىنىلىدىغان دورا ماتېرىياللىرىنىڭ ناملىرىدۇر.




دۇرۇيۇ تەۋار – تاۋار-دۇردۇن.




چىراغپايە – يەنى چىراغپاي، چىراغدان.




تەمۇنە – چوڭ يىڭنە.




سەلاسىل – كىشەن، زەنجىر، كويزا.




غەلال – «غۇل»نىڭ كۆپلۈك شەكلى، كىشەن، بويۇنتۇرۇق، زەنجىر ھالقا.




ۋەسف – تەرىپلەش، ماقتاش، سۈپەتلەش.




تەئەرىف – تەرىپلىمەك.




خوقەن – يەنى قوقان، شەھەر نامى، ھازىرقى ئۆزبەكىستان تەۋەلىكىدە.




ئىكەۋ – ئىككى، ئىككىسى.




ئىكەسى – ئىككىسى.




باتەمىز – ئىدراكلىق، پەم-پاراسەتلىك.




چوقۇر – يەر نامى.




باخىرەد – ئەقىل-ھوشقا ئىگە، ئەقىللىق، دانا.




گۇرېز – قېچىش، قاچماق.




چەراكى – كۈنكى.




مەلول – مالال بولغان؛ غەمكىن، خاپا؛ قايغۇلۇق




دۇئالەم – ئىككى ئالەم، يەنى پانى ۋە باقى ئالەم.




تۇرفە – ئاجايىپ.




قەزا – تەقدىر، تەڭرى ئىرادىسى.




قوناق بولماق – مېھمان بولماق.




مازار – يەر نامى، يەنى خۇنۇخاي مازار.




بولا – بولىدۇ، بولۇر.




نەپئى – نەپ، پايدا.




ئۇي – پىچىۋېتىلگەن كالا، ئۆكۈز.




زور – زورلاش، مەجبۇرلاش.




سەتى زەمىن بەلەند – ئېگىز يەر يۈزى.




كەمەند – سىرتماق.




ھەلق – تاماق، بوغۇز.




سۆدرەپ – سۆرەپ، سۆرىتىپ.




كەرەدۇر كەرە – قايتا-قايتا.




ئەدەن – يەمەندە ئەڭ ياخشى مەرۋايىتلىرى بىلەن مەشھۇر بولغان بىر ئارالنىڭ نامى.




خەرىد – ۋەيران قىلماق، تالىماق.




مەدفۇن ئەتمەك – كۆممەك.




مۇھىبلار – يېقىن كىشىلىرى.




نىھان – يوشۇرۇن، مەخپى، يوشۇرۇنغان.




خىرەد – ئەقىل، ھوش، پاراسەت.




تەخەييۇل – خىيال قىلىش، خىيالىغا كەلتۈرۈش.




سەھايىف – ۋاراقلار، سەھىپىلەر، بەتلەر.




رەقەم ئەيلەمەك – يازماق، پۈتمەك.




رەقەم – سان، رەقەم؛ يېزىق، يېزىش؛ مەكتۇب، نامە.




لىسان – تىل.




قۇمرى – تورغاي تىپىدىكى قۇش، بۇلبۇل.




كۇكۇ، ھۇھۇ – قۇشلارنىڭ ائۋازىغا تەقلىد قىلىنغان سۆزلەر.




تەكەللۇم – سۆزلەش، پاراڭ سېلىش، سۆزلىشىش.




تاڭسۇق – تەملىك.




نەچەند – نەچچە، بىر نەچچە.




سەرد – سوغۇق، قاتتىق، ئېغىر.




كەس – كىشى، شەخس.




تەرس - قورقۇش، قورقۇنچ، ۋەھىمە، خەۋپ.




جەندە – دەرۋىشلەر تونى.




كۇلاھ – باش كىيىم، تاج.




ئەمامە – سەللە، دەستار.




تەنان – ئادەم.




ئازا – ھازا.




يازۇ – يازما ماتېرىيال.




قاسىد – ئەلچى، خەۋەرچى.




ئىبەرمەك – ئەۋەتمەك. بەزىدە «يىبەرمەك» دەپمۇ يېزىلغان.




ھەنگامە – ھادىسە، ۋەقە.




ناگەھان – دەررۇ، شۇ سائەتتە.




ئەندۇئەندۇھ – غەم، قايغۇ، ئەلەم، دەرد، رەنج.




جاڭجۇڭ – جاڭجۈن، گېنىرال. يەنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كۈرەدە تۇرۇشلۇق ئىلى گېنىرال مەھكىمىسىنىڭ گېنىرالىنى كۆرسىتىدۇ.




مانجۇلارنىڭ ئەمەل ناملىرى.




كار – ئىش، ھەرىكەت؛ تەسىر، زەخمەت.




غۇل – كىشەن، بويۇنتۇرۇق، زەنجىر ھالقا.




خەم - ئېگىلگە، پۈكۈلگەن.




قىيىن قىلماق – سوراق قىلماق، قىينىماق.




ھەراسان – قورققان، ۋەھىمىگە چۈشكەن.




ئىلك – قول، بىلەك.




ئەدەم – يوق، يوقلۇق؛ نابۇت، ئۆلۈم.




بىجىن – بېيجىڭ.




چۇبۇق – چىۋىق.




بارى – ھەممىسى.




قوبۇغ – قوۋۇق.




نەئىش – جىنازا، تاۋۇت.




كۇفر – دىنسىزلىق، كاپىرلىق.




فەرەھ - خۇرسەنلىك، خۇشلۇق، كۆڭۈل خۇشلۇقى.




سەبفۈرەي – سۈمۈرەي.




دەمبەدەم – ئۈزلۈكسىز، ئۈزۈلدۈرمەي، ئارقىمۇ ئارقا.




داراز – ئۇزۇن.




لەتىفە - لەتىپە، نازۇك مەنىلىك سۆز، ئاجايىپ ھېكايە.




ئاما – ئەمما، لېكىن.




قازائى ئالىھى – خۇدانىڭ تەقدىرى.




تەئن – تەنە قىلىش، كىشىنىڭ نۇقسان ۋە كەمچىللىكلىرىنى يۈزىگە سېلىش.




مىلادى 1882-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.




رەبىيۇلئەۋۋەل – ھېجىرىيە كالىندارى بويىچە 3–ئاينىڭ نامى.




قۇرئان ئايەتلىرىدىن پارچە بولۇپ، مەنىسى «توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر» دېمەك.



niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-30 21:07:05

مەنبە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2011-يىلى 1-سانى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتاپلىرىدا چاڭموزا دېگەن گەپنى ئۇزۇن قالپاق دەپ ئىزاھلىغان. بىراق ئەسەردە ئۇزۇن چاچ دېگەن مەنىدە دېيىلگەن. دەرسلىك كىتاپقا بەرگەنلەرنىڭ نېمىشكە چاڭموزىنى ئۇزۇن قالپاق دەپ ئىزاھلىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم.

دەرسلىك كىتاپتا يەنە چاڭموزا يۈسۈپخاننى ئىلى سۇلتانلىقى دەۋرىدە قوقاندىن كەلگەن پوچى مەخمۇت دەپ بېكىتكەن يەرلىرىمۇ بار. دەرسلىك كىتاپ تۈزگەنلەر داستاننى ئوقۇپ باقمىغانمىكىن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-30 21:37:05

يەنە نەچچە يۈز يىل ئۆتسە، نەۋىرلەر ئىزدىنىشنى كۆرۈپ چۈشىنلەرمۇ؟ ياكى يۇقارقىدەك بىر تالاي، ئىزاھ سۆزلەرنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولارمۇ؟ \"\"

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-30 22:34:38

نىياز قارىي باركەن -ھە؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-30 22:43:41

1- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنبە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2011-يىلى 1-سانى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىك كىتاپلىرىدا چاڭموزا دېگەن گەپنى ئۇزۇن قالپاق دەپ ئىزاھلىغان. بىراق ئەسەردە ئۇزۇن چاچ دېگەن مەنىدە دېيىلگەن. دەرسلىك كىتاپقا بەرگەنلەرنىڭ نېمىشكە چاڭموزىنى ئۇزۇن قالپاق دەپ ئىزاھلىغانلىقىنى چۈشەنمىدىم.

دەرسلىك كىتاپتا يەنە چاڭموزا يۈسۈپخاننى ئىلى سۇلتانلىقى دەۋرىدە قوقاندىن كەلگەن پوچى مەخمۇت دەپ بېكىتكەن يەرلىرىمۇ بار. دەرسلىك كىتاپ تۈزگەنلەر داستاننى ئوقۇپ باقمىغانمىكىن.

گۈلەننىڭ «تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇمىغان بولسىڭىز بىر ئوقۇپ چىقىڭ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 13:23:05

yolyar يوللىغان ۋاقتى  2011-10-30 22:43 static/image/common/back.gif
1- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنبە «ئىلى دەر ...

ئۇ ماقالە مۇنبەردە بارمىكىن؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 14:16:54

رىۋايەتلەردىكى چاڭموزا ئاخۇنۇم ...:o

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 20:26:37

niyazdixan يوللىغان ۋاقتى  2014-3-24 13:23 static/image/common/back.gif
ئۇ ماقالە مۇنبەردە بارمىكىن؟

ئىزدەپ بېقىڭ، تور دۇنياسىدىن تېپىلىشى مۇمكىن.
بەت: [1]
: ھىكايەت چاڭموزا يۈسۈفخان