宅男 دېگەن بۇ خەنچە سۆزگە مۇۋاپىق سۆز تاپساق
تۈنۈگۈن بىر ماتېريال ئوقۇپ كىتىپ بارسام بۇ سۆز نەچچە يەردە ئۇچۇردى. خەنچە لۇغەتلەرگە قارىسام بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆيدىن چىقمايدىغان،تور ئويۇنىنى بەك ئوينايدىغان،ئىجتىمائىي ئالاقە قىلمايدىغان ياكى جىق قىلمايدىغان دېگەندەك ئېنىقلىما بېرىپ قويۇپتۇ.سۆزنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى ياپۇن تىلى ئىكەن. شىنلاڭ مىكروبېلوگىغا يېزىپ قويسام 10 دەك باللا تەرجىمە قىپ بېقىپتۇيۇ بىراق بەك جايىغا چۈشمەپتۇ.
ئۇيغۇرچە نېمە دېسەك جايىغا چۈشكەن بولىدۇ؟ سىلەر بىر نېمە دەپ بېقىڭلار قېىنى.
مەن ھازىرچە بۇشاڭ بالا(ئەر) دېسەك قانداق بۇلار دېگەننى ئويلاپ قالدىميۇ بىراق بۇمۇ بەك جايىغا چۈشكەندەك ئەمەس....
غىلاپ بەندىسى {:106:} «كۈلتۈك» دېگەن سۆزنى لۇغەتتە مۇنداق چۈشەندۈرۈپتۇ:(1) ئىسىم، بۆشۈكتىكى بالىلارنىڭ تەرەت قىلىشى ئۈچۈن بۆشۈككە مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرغان تەرەت قاچىسى، جاك؛
(2) سۈپەت، ئىچى بوشاپ قالغان، ئىچى كاۋاك بولۇپ قالغان (قار ھەققىدە). مىسال: كۈلتۈك قار.
تېما يوللىغۇچىنىڭ چۈشەندۈرىشىدىن قارىغاندا، ئۇنداق كىشىلەر كۈن بويى ئۆيدىن چىقماي، جەمئىيەت بىلەن ئانچە ئارىلاشماي، ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەنلا بولۇپ كۈن ئۆتكۈزسە كېرەك. بۇنداق بولغاندا جەمئىيەت بىلەن شۇ كىشى ئوتتۇرىسىدا ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە مەلۇم بوشلۇق پەيدا بولۇشى مۇمكىن. موشۇ تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىككىنچى خىل مەنىسى بويىچە «كۈلتۈك ئەر» دېسە قانداق بولار؟
لېكىن، تىلىمىزدا بۇنداق خاراكتىردىكى ئادەملەرنى ئاتايدىغان بىر سۆز بارئىدى، ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن. «ئۆي بەندىسى» دەپمۇ قوياتتى مېنى بەزىدە چوڭلار ھەپتىلەپ ئۆيدىن چىقماي كىتاب ئوقۇيالايدىغان كىچىك ۋاقىتلىرىمدا... ئۆي كۈلتۈگى لڭتاسما ، ياكى تاسما ،دىسەك بولامىكى كۈلتۈك ئەر ئۆيگە بېكىنىۋېلىپ كىتاب كۆرۈپ سىرتقا چىققىلى ئۇنىمىسام ئاپام ۋاي كۈلتۈك بالام دەپ قوياتتى،موماممۇ كۆپ دەيدىغان بۇ گەپنى ياپۇن تىلىدىن كىرگەن オタクخەنچىدە 宅男宅女دەپ ئېلىنۋاتىدۇ.
ئەسلى مەنىسى بىكار ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى بىرەر قىزىقىشىغا سەرپ قىلىپ،جەمىيەت بىلەن بولغان باردى كەلدىسى ئاساسى جەھەتتىن ئۈزۈلۈپ قالغان،بار بولغىنىدىمۇ قىزىقىشى دائىرىسىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر توپى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.مەن بۇنىڭدا بىرەر كىشىنى مەسخىرە قىلىش مەزمونى بارلىقىنى بايقىمىدىم.
لىڭتاسما،بوشاڭ..........دىگەندەك مەسخىرە خاراكتىرلىق ئىسىملار بولمايدۇ توۋا نىمانداق سەت تەرجىمە قىلغاندۇ بۇ گەپنى،بالىلارنىڭ تەرەت قاچىسى دەپتۇ يۇلغۇن لۇغەتتە ئاپام بۇنى ئۇنمۇ يە كۈلمۇ بىر نەرسە قاچىلايدىغان نەرسە دىگەندەك قىلغان
5- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توۋا نىمانداق سەت تەرجىمە قىلغاندۇ بۇ گەپنى،بالىلارنىڭ تەرەت قاچىسى دەپتۇ يۇلغۇن لۇغەتتە ئاپام بۇنى ئۇنمۇ يە كۈلمۇ بىر نەرسە قاچىلايدىغان نەرسە دىگەندەك قىلغان
كۈلتۈك دىگەن گەپنىما؟ ھە شۇنى @uyghurbaligh ،چوڭلار تولا دەيدىغان ئۇ گەپنى ئۇنداق سەت گەپ بولسا دىمەس بولغىيدى كۈلتۈك دىگىنى شۇ تەرەپ قاچىسىغۇ
5- قەۋەتتىكى nusratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
توۋا نىمانداق سەت تەرجىمە قىلغاندۇ بۇ گەپنى،بالىلارنىڭ تەرەت قاچىسى دەپتۇ يۇلغۇن لۇغەتتە ئاپام بۇنى ئۇنمۇ يە كۈلمۇ بىر نەرسە قاچىلايدىغان نەرسە دىگەندەك قىلغان
كۈلتۈك--ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئاستىغا يەنى بالىنىڭ تەرەت قىلىدىغان ئورنىغا ئورنۇتۇپ قويىدىغان ، ئادەتتە كىگىزدىن تىكىدىغان خالتىدەك نەسە شۇ . ئىچىگە كۈل قۇيۇپ قويىدۇ ، بالا تەرەت قىلىپ بولغاندا تۆكىۋېتىدۇ .
{:136:} كىتاپ ئوقۇپ ئۆيدە ئۇزاقراق ئولتۇرۇپ كەتسەم ئاپاممۇ «كۈلتۈك بولۇپ ئولتۇرامسەن ئۆيدە» دەپ قوياتتى. ياۋايى ‹‹ئۆيدىن چىقماس ھېچيەرگە بارماس ئەر›› دەپ تەرجىمە قىلايلى قەپەزجان كۈلتۈك بالام..
ئاڭلىمىغانلا گەپكىنا بۇ...
تۈزۈكرەك ئىسىم تېپىڭلار ،مەسخىرە تىپىدىكى ئىسىملارنى قويماي .... كۆپلىگەن تەرەققىي قىلغان دۆلەت ۋە رايۇنلاردا بۇنداقلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ ،چۈنكى زىيادە خىزمەت ،ئۈگىنىش بېسىمى كەسپتە تىرىشچان كىشىلەرنى مۇشۇنداق قىلىۋىتىدۇ ،ئۇلارنى زاڭلىق قىلسا بولماس ...‹پىنھان ئەر › ‹پىنھان ئايال› دەپ ئالسا قانداق بولار.ياكى ئوموملاشتۇرۇپ <پىنھانلار> دىسىچۇ ؟.....