dellبىلەنasusتىن قايسىسىنى تاللاي؟
خاتىرە كومپىيۇتېر ئالاي دىگەن ئىدىم قىزىلبايراقتىن،ئىككىدىن بىرنى تاللىيالمىدىم.
DELL:
cpu:i5-2430
ئىچىكى ساقىلىغۇچ:2G
قاتتىق دىسكا:640G (ئايلىنىش قېتىمسىكونت7200)
كۆرسىتىش كارتىسى:(قوش سىنكارتا،مۇستەقىل كارتىنىڭ سىغىمى1G،كەڭلىكى128) مۇستەقىلى: ati hd 6630m، توپلاشتۇرۇلغىنى:intel hd Graphics3000
usb3.0ئىككى،usb2.0بىر تال
ASUS
cpu:i5-2430
ئىچىكى ساقىلىغۇچ:2G
قاتتىق دىسكا:500G (ئايلىنىش قېتىمسىكونت5400)
كۆرسىتىش كارتىسى:nvidia gt540m,سىغىمى1G،كەڭلىكى128
usb3.0بىر،usb2.0ئىككى تال
باشقا پەرقلىرى: DELL نىڭ سەپلىمىسى asusدىن ياخشى،لېكىن asusنىڭ ئىشلىنىش پۇختا ھەم سىپتىدەك بىلىندى چىرايلىقكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە asusپەقەت قىزىمايدىكەن،dellبولسا خېلىلا قىزىپتۇ، جىق يەرگە كىرىپ سېلىشتۇرۇپ باقتىم قىزىشىنى.بۇ جەھەتتە پەرق خېلى زور.باھاسى ئوخشاش4900(توردا ئازراق ئوخشىمايدىكەن ،لىكىن مەن بۇيەردە ئالالايدىغان ئەڭ ئەرزان باھا مۇشۇ ئوخشاش)
توردا:
قايسىسى پۇختا ئىشەنچلىك؟قايسىسىنى ئالسام بولار؟
ئاۋۇ خاشۇنىڭ كومپيۇتىرى K43مۇ ياكى N43مۇ ؟ ئاۋۇ Dell inspiron ئوخشىمامدۇ؟ مەنمۇ ئىزچىل بۇ كومپيۇتېرلارغا دېھقەت قىلىۋاتىمەن. توردا كۆپۈنچە خەقنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا Dell inspiron بەك قىززىيدۇ دەپ تۇرىدۇ. شۇڭا خاشۇنى ياخشىراق كۆدۈم ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىممۇ خاشۇ. 3كۈن ئۆچۈرمىسەممۇ قىززىمايدۇ ئالدىراپ. 联想 نىڭ thinkpadنى ئىلىڭ ، ئالاھىيدە سەتەڭ كۆرۈنمىسىمۇ ،ماسلىشىشچانلىقى ۋە سوۋۇتۇش جەھەتتە دىگەن يىرىڭىزدىن چىقىدۇ. مەن ئاۋۇ خاشۇ دىگەن كومپىيۇتېرنى ئىشلتىپ باقمىدىم،لىكىن ئاۋۇ دىل ماركىسىدىكى كومپىيۇتېرنى ئىشلەتسىڭىز ئاستىغا يوغان مۇز پارچىسى ھىچبولمىغاندا چوڭراق شامالدۇرغۇچتىن بىرنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز دورا دۇكىنىدىن قىززىتما دورىسى تىپىپ كىلىپ تەييارلاپ تۇرۇڭ.بولمىسا قىززىپ بولالماي ئايلىنىپ كىتىدىكەن.يىڭى ۋاقتىدا مۇنداق مەسىلە كۆرىلىۋاتقان كومپىيۇتېر يىشى بىر يەرگە بارغاندا ئىنىقكى سەكتە بىمارىغا ئايلىنىپ سىزنىمۇ كىسەل قىلىپ قويىشى مۇمكىن...1- قەۋەتتىكى kamandazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاۋۇ خاشۇنىڭ كومپيۇتىرى K43مۇ ياكى N43مۇ ؟
ASUS A43ئىكەن
3- قەۋەتتىكى nurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئاۋۇ خاشۇ دىگەن كومپىيۇتېرنى ئىشلتىپ باقمىدىم،لىكىن ئاۋۇ دىل ماركىسىدىكى كومپىيۇتېرنى ئىشلەتسىڭىز ئاستىغا يوغان مۇز پارچىسى ھىچبولمىغاندا چوڭراق شامالدۇرغۇچتىن بىرنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.ئۇنىمۇ قىلالمىسىڭىز دورا دۇكىنىدىن قىززىتما دورىسى تىپىپ كىلىپ تەييارلاپ تۇرۇڭ.بولمىسا قىززىپ بولالماي ئايلىنىپ كىتىدىكەن.يىڭى ۋاقتىدا مۇنداق مەسىلە كۆرىلىۋاتقان كومپىيۇتېر يىشى بىر يەرگە بارغاندا ئىنىقكى سەكتە بىمارىغا ئايلىنىپ سىزنىمۇ كىسەل قىلىپ قويىشى مۇمكىن...
شۇنداق،دېل بەك قىزىيدىكەن، لېكىن asus نىڭ سەپلىمىسى يۇقىرى ھەم ماركىسى داڭلىقراق(مېنىڭ قارىشىمچە،شۇنداقمۇ؟) گەرچە قىزىسىمۇ بەلكىم يەنىلا ياخشى چىقارمۇ دەپ بىلەلمەي ئولتۇرىمەن. ئىككىسىدىن بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە ASUSنى تاللاڭ DELLنىڭ قىزىپ كىتىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن كۆرسۇتۇش كارتىسى ATIبوغانلىقىدا ،لېكىن DELLنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىن ئاسانلا چاتاق چىقىدىغان ئادىتى بار ، شۇڭلاشقا خاشونى ئېلىشىڭىزنى قوللايمەن مەنمۇ يېقىندا شىركەتكە مۇشۇ باھا ئەتىراپىدا بىرنى ئالماقچى ئىدىم، ماۋۇ تېما ۋاقتىدا يوللانغاندەك قىلىدۇ

dell ئىرلاندىيەنىڭ بولسا ھىچنىمىگە قارىماي ئېلىۋېرىڭ . بولمىسا asus نى ئىلىڭ
ئىككىلىسنى مەن ئۆزەم بىر قوللۇق ئىشلىتپ باققان .
10- قەۋەتتىكى destinyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىشلەنگەن ئورۇنغا قاراڭ .
dell ئىرلاندىيەنىڭ بولسا ھىچنىمىگە قارىماي ئېلىۋېرىڭ . بولمىسا asus نى ئىلىڭ
ئىككىلىسنى مەن ئۆزەم بىر قوللۇق ئىشلىتپ باققان .
ئۈرۈمچى قىزىلبايراقتا ئېرلاندىيەدە ئىشلەنگىنىنى تاپقىلى بولماسمىكى. مېنىڭ كۆرگىنىم جۇڭگۇدا ئىشلەنگىنى.
9- قەۋەتتىكى dilaraنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىككىلەنمەي ASUSنى ئېلىڭ. تۇلا قىزىۋالىدىغان خاتىرە كومپىيوتېرنىڭ كاشىلىسى بەك تۇلا. بىر كۈندە يەتتە-سەككىز سائەت ئۇچۇق قويۇپ ئىشلەتسىڭىز، قىززىپ، ئىكران قارا بولىۋېلىپ، ئۈچ-تۆت كۈن ئېچىلماي «ئىش تاشلاپ» يېتىۋېلىشى بار. مېنىڭ ACER كومپىيوتېرىم بۇرۇن شۇنداق بولغانتى. ھازىر COMPAQ ئىشلىتىۋاتىمەن، بۇ يامان ئەمەس چىقتى.
ئۈچ-تۆت كۈن ئېچىلماي «ئىش تاشلاپ» يېتىۋالسا مەنمۇ شۇنى بانا قىلىپ يېتىۋالمايمەنمۇ؟ مەن ئاساسلىقى ماتىريال كۆرۈش ۋە يېزىشقا ئىشلىتىمەن، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئېنىقلا كومپىيۇتېرنىڭ ئوچۇق تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن...
7- قەۋەتتىكى DILYAR717نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
DELLنىڭ قىزىپ كىتىشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن كۆرسۇتۇش كارتىسى ATIبوغانلىقىدا ،لېكىن DELLنىڭ قاتتىق دىسكىسىدىن ئاسانلا چاتاق چىقىدىغان ئادىتى بار ، شۇڭلاشقا خاشونى ئېلىشىڭىزنى قوللايمەن
مېنىڭ بۇرۇن ئشلەتكىنىمنىڭ كۆرسىتىش كارتىسىمۇ ئېي تى ئاي ئىدى، لېكىن ئۇنچە قىزىمايتتى. بۇرۇن ئىشلەتكىنىممۇخاشۇ ئىدى ، خېلى ياخشى چىققان، لېكىن مەن ئۆزگەرتىپ باقاي دەپ، باشقىلار دېل بەك ياخشى، ماركىسى داڭلىق دەپ، شۇنىڭ بىلەن بارسام دېل قىزىپ ئادەمنى ئىككىلەندۈرۈپ دىگەندەك.
ئەگەر بۇلاردىن باشقا ماركىدىكى تېخىمۇ ياخشىسى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار، ياخشى بولسا ئېلىۋېرىمەن، ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن ئۇنچىلىك پۇلنى چىقارغاندا ئادەم بەك ئويلىنىپ قالىدىكەن...
2- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
联想 نىڭ thinkpadنى ئىلىڭ ، ئالاھىيدە سەتەڭ كۆرۈنمىسىمۇ ،ماسلىشىشچانلىقى ۋە سوۋۇتۇش جەھەتتە دىگەن يىرىڭىزدىن چىقىدۇ.
thinkpad نىڭ كومپىيۇتېرى ئەسلى IBMنىڭكىدەك ياخشى چىقامدۇ؟ 联想thinkpad بىلەن IBMنىڭ پەقەت ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىش مۇناسىۋىتىلا بارمۇ ياكى باشقا ئىشلەش جەھەتتىكى تېخنىكىلىق مۇناسىۋەتلىرىمۇ بارمۇ؟ ASUS نى ئېلىڭ، مەنمۇ بەك ئامراق بۇ ماركىدىكى كوميۇتېرغا. تاختا ئالسىڭىز asus نى تللىسىڭىز ھەقىقەتەن زىيان تارتمايسىز ، لېكىن مىنىڭ لەپتوپ ئىشلىتىش تەجىربەمگە قارىغاندا يەنىلا Dell ياخشىراقمىكىن
17- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تاختا ئالسىڭىز asus نى تللىسىڭىز ھەقىقەتەن زىيان تارتمايسىز ، لېكىن مىنىڭ لەپتوپ ئىشلىتىش تەجىربەمگە قارىغاندا يەنىلا Dell ياخشىراقمىكىن
ئۈستىدىكى ئۇلانمىدىن ئىككىسىنى سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟مەنمۇ Dell ياخشىمىكىن دەپ ئويلىغان،لېكىن قىزىشى ھەقىقەتەن پەرقلىقكەن، قىزىشى زادى خاتىرە كومپىيۇتېرغا نىىسبەتەن بەك مۇھىممۇ؟ ئىككىسىنىڭ سەپلىمىسى ئاساسەن ئوخشاش،بولۇپمۇ CPU،دىمەك چىقىرىدىغان ئىسسىقلىق ئوخشاش. ئىسسىقلىق چىقىرىش ئېغىزىنىڭ تىمپىراتۇرسى ئوخشاش، پەقەت ئاستى تەرىپىلا شۇنداق پەرقلىق،ASUSنىڭ ئاساسەن قىزىمايدىكەن.
14- قەۋەتتىكى esinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇرۇن ئىشلەتكىنىممۇخاشۇ ئىدى ، خېلى ياخشى چىققان، لېكىن مەن ئۆزگەرتىپ باقاي دەپ، باشقىلار دېل بەك ياخشى، ماركىسى داڭلىق دەپ، شۇنىڭ بىلەن بارسام دېل قىزىپ ئادەمنى ئىككىلەندۈرۈپ دىگەندەك.
ئەگەر بۇلاردىن باشقا ماركىدىكى تېخىمۇ ياخشىسى بولسا تەۋسىيە قىلساڭلار، ياخشى بولسا ئېلىۋېرىمەن، ئوقۇغۇچى بولغاندىكىن ئۇنچىلىك پۇلنى چىقارغاندا ئادەم بەك ئويلىنىپ قالىدىكەن...
ئۇنداق بولسا ئەڭ ياخشىسىنى ئالىمەن دىسىڭىز بىراقلا SONYئېلىڭ بۇنىڭ ئالدىغا ئۇتىدىغان لەپتوپ يوق