jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:15:47

پالاكەتچىلىك ، 2 - قىسىم

ھە قاچان يادىڭلىدا يوق ئېسىڭلاردا بار ، 5 يىل بۇرۇن بىر پالاكەت بالىتىم(http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=20739) ، كۆڭلۈمگە يارىشا ھازىرمۇ ئانچە مۇنچە پالاكەتچىلىكلەر بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ ، شۇغنىسى مۇشۇ ماشىنا ئالغاندىن بېرى تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ كەتتى دەڭلا ، ھېلى ئۇ ئىش ، ھېلى بۇ ئىش ...



1.  ماشىنا ئالغان يىل قىش ، خۇالىننىڭ ماشىنا توختۇتۇش مەيدانىغا نامازشام مەزگىلى بىلەن بېرىپ قالدىم ، قارىسام مەن كىرگەن تەرەپتە لىقلا ماشىنا ، ئوتتۇرىدا بىرلا يەر بىكار ، شاققىدە شۇ يەرگە تىقمايمەنمۇ دەپ ئۆزەمچە ئۇستىلىق قىلىپ (ماشىنىدىكى ئاغىنەمگە تېخنىكامنى كۆز كۆز قىلىپ سالغىنىممۇ يا )  ماينى غاقىرتىپ دەسسەپ كەينىگە ياندۇرۇپ شۇ يەرگە كىرمەمدىم ، رادار تىتىلدىسا ئارلىق تار بولغاچقا ئىككى ياندىكى ماشىنىلارغا تىتىلداۋاتىدۇ دەپ ماينى قويىۋەتمەپتىمەن ، تىت تىت تىت دىگەندىن تىتت دىگەن ئۇزۇن بىرلا ئاۋازغا ئۆزگەرگەندە يۈرىگىم غارتتىدە قىلدى ، دەرھال تورمۇزنى دەسسىدىم ، ئەمما غارت - غۇرت قىلىپ بىر ئاۋازلا چىقىپ توختاپ قالدىم ، شۇ پېتى توختىتىپ قارىسام ، سىتولبىنىڭ ئارقىنى باركەن ، ماشىننىڭ ئارقى دەل ئارقاننىڭ ھېلىقى ئاستىن - ئۈستۈن  U لارغا ئوخشايدىغان ئۇلىغۇچىسىغا تېگىپ باۋشىيەنگاڭ (بىخەتەرلىك رېشاتكىسى دەمدۇق ، يا قىسقارتىپلا بىشاتكا دەمتۇق يە) گە تېگىپ  بارمىقىمدا  OK قىلغانچىلىك يەرنى تېشىۋېتىپتۇ ، ئالغاندىن بېرى سىزىقمۇ سىزماي ئوبدان تۇتۇپ كېلىۋاتقان ماشىنىنى تۈشۈك قىلىپ قويۇپ ئىچىم سەت پۇشتى ، لەپ لەپ قار يېغىۋاتقان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يانتۇلۇقى بەكلا پەس بولغاچقا ئارقاننىڭ ئۈستىدىكى قار بىلەن قوشۇلۇپ مەن پەقەتلا دىققەت قىلماپتىمەن ،  ئاندىن كېيىن ئويلىدىم ،  ھۇ ئەخمەق ، شۇنچە خەق نىمىشقا ماشىنىسىنى توختاتماي ماڭا ئېلىپ قويىدۇ دەپ باقماي ئاقسالىق قىلغانغا تويە ، باكالىق پۇل بەرسىمۇ سانىۋال دىگەن ئەمەسما... دىگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم ،  قىلدىغان ئىشنى ئاغىنەمگە بۇيرۇپ قويۇپ ، ئۆزەم بەيگە مەيدانىدىكى ئۇيغۇر رېمونتچى باللارنىڭ قېشىغا بېرىپ ماشىنىنى تاشلاپ بېرىپ كەلدىم ،  ئەتىسى چۈشتىن كېين كەلسىلە دەپ ئۇزىتىپ قالغان بىر بۇرۇتلۇق يىگىت ، كەچتىسى بارسام چانمىغۇدەكلا ياسىۋېتىپتۇ ، پۈتۈن خىراجەت بولۇپ 120 سوم خەجلىدىم ، رازى بولۇپ ئاچىقىپ كەتتىم ، ئەتىسى كۈندۈزدە قارىساممۇ ئۇنداق ئىش بولغاندەك ئەمەس ، چېپ چېستەي تۇرىدۇ ، سىتىراخۇنىيەگە تېلفۇن قىلىشقا ئېرىنىپ قالدىم ، نۇمۇر كولايدۇ دەمدۇ ، ئىشقىلىپ ، شۇنداق بىر ئىش بولۇپ بۇرنۇمغا سۇ كىردى ، ھەر ئىش قىلغاندا ، بىر بالاسى بولمىسا ....دەپ ماقال تەمسىللەرنى ئوقۇپ كېتىمەن....



2. يەرمەنكە ئېچىلغان كۈنى كەچتە ئۇرۇق تۇققانلاردىن بىر ئەرخوتۇننى ئۆزەم تۇرۇشلۇق شەرقى جۇڭغاردىن ، ئۈرۈمچى يىكەنكۆل تەرەپكە ئاپىرىدىغان جىددى ئىش چىقىپ قالدى ،  چاتاق يېرى ئايالنىڭ شىنپىنجىڭى يوق بولۇپ نۇمۇرىنى بىلىمەن دىۋىدى ، دەتتىكام دەپ چازىدىن ئۆتتۇق ،  نۆۋەتچى ساقچى ھەممىمىزنىڭ گۇۋاھنامىسىنى تەكشۈرۈپ قايتۇرۇپ بەردى ، ھېلىقى ئايالنىڭكىگە كەلگەندە بولسا قايتا قايتا تەكشۈرۈپ بېقىپ ، ماۋۇ ئايالنى ئاۋۇ ئۆيگە ئەكىرىپ تەكشۈرۈڭلار دەپ بىر ۋاقىتلىق ياسالغان كەپىسىگە ئېلىپ ماڭدى ، قارىسام ئىككى قوراللىق ئەسكەر ئوتتۇرىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىۋاتىدۇ ، ئاچچىغىمنى باسالماي ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ، نىمە قىلۋاتىسىەن ، بۇ جىنايەتچىمىكەن بۇنداق ئېلىپ ماڭىدىغان دەپ قايناپلا كېتىپتىمەن ، ئۆزەمچە ماشىنا ۋە مېنىڭ رەسمىيەتلىرىم تولۇق ، ئۇ تۇققىنىمىزمۇ جىنايەتچى ئەمەس ، نىمە قورقاش دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشايمەن ، تازا كېرىلىپ ۋاقىراۋاتسام ماشىنلارنى توسۇپ يۈرگەن بىر ساقچى ماڭا قاراپ ئۇنىڭ نۇمۇرى خاتا كەن ، ھازىر ۋەزىيەت جىددى ۋاقىت ، بىز بىر نەچچە سۇئال سورايمىز ، سەن ھاياجانلانماي ماشىناڭنىڭ رەسمىيىتى بىلەن پىراۋاڭنى ئېلىپ ئاۋۇ ئۆيدە تەكشۈرت ئاۋال ،  قالغان گەپنى ھېلى دىيىشىمىز دەيدۇ ، خەپ دەپ قويۇپ كۆرسەتكەن ئۆيىگە كىرىپ تەكشۈرتكۈزدۈم ،  تەكشۈرۈپ بولۇپ ئىسپىرىت تەكشۈرىمىز دەپ پۈۋلىتىپ بېقىپ ئاخىرىدا زەھەرلىك چېكىملىك تەكشۈرىمىز دەپ بىر مېنىرال سۇنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ قاچان ماۋۇ قۇتىغا سىيىپ تەكشۈرتۈپ بولساڭ ئاندىن ماڭىسەن دەيدۇ ، شۇنچىلىك جىلە بولدۇم ، شۇنچىلىك خورلۇق ھىس قىلدىمكى دەردىمنى ئۆزەم بىلىمەن ،  ساقچىنىڭ دىگەن ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ تالاغا چىقىپ ، خاتا يېزىۋالغان نۇمۇرنى قايتا تېلفۇن قىلىپ توغرىلاپ ، قايتا تەكشۈرگۈزۈپ مېڭىپ بولغۇچىمۇ ئالاھەزەل 2 سائەت كېتىپتۇ ، ئەسلى مېڭىشنىڭ ئالدىدا يەنە بىر ۋاقىراپ - جاقىرۋېلىشنىمۇ ئويلىغان ، ساقچىنىڭ چىرايلىق خاپا بولماڭلا ، بىزنىمۇ توغرا چۈشىنىڭلا ، ھەممىسى سىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىڭلار ئۈچۈن دىگەن گېپى بىلەن بۇلارنىمۇ توغرا چۈشەندىم ، ھېلىقى ساقچى نىمە دەيدۇ دىمەيسىلەر ،  ساقچىنىڭ ئالدىغا مۇشۇنداق ھۆكۈرەپ كەلگەننى مۇشۇنداق تەپسىلى تەكشۈرسەك يېرىمىدىن كۆپرەكى يا ئىچىۋالغان يا چېكىۋالغان چىقىدۇ ، كاللىسى ساق كىشى ئۆزىنى قوغداۋاتقان كىشىگە ھۆكىرىمەيدۇ دەيدۇ ،  سەنمۇ خاپا بولما دەپ قولىنى چىڭ سىقىپ قويۇپ يولۇمغا ماڭدىم ، كازىۋەندە بىر تەكشۈردى ، بۇدا نۇمۇر توغرا بولغاچقا ، يەنە كېلىپ مەن ئۇلارغا ۋاقىرمىغاچقا تەكشۈرۈش مىنۇتتىلا تۈگەپ يولىمىزغا ماڭدۇق ، گەپ بولسا چىرايلىق قىلاي دەيمەنۇ ، بەزىدە ئاچچىغىمدا مۇشۇنداق تايىنى يوق جاقىراپ سېلىپ ئۆزەمگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق تېپىۋالىمەن ،  قاتناش ساقچىسىنى كۆرگەندە ئامال بار ئۇلارنىڭ رايىغا بېقىپراق گەپ قىلىپ ئامال بار ئەڭ قىسقا مۇددەت بىلەن ئۆتۈپ كەتمىسەك بىر ئىككى ئېغىز گەپ ئارتۇق كەتتىمۇ بولدى ، شوپۇرنىڭ ھالىغا ۋاي...



3. داشىزى ئاياغ شەھەرچىسىنىڭ ئالدىدا ئادەتتە ماشىنىلار توختاۋېرەتتى ، يولنىڭ كىرىش ئېغىزىدا پۈتۈن يول بۆلىكىدە ماشىنا توختىتىشقا بولمايدۇ دەپ ئېنىق بەلگە بولسىمۇ ماشىنىلار يەنىلا توختاۋېرەتتى ، يەرمەنكە دەپ بۇ ئادەت بۇزۇلۇپ ماشىنا توختىتىشقا قەتئىلا يول قويماس بولغان كۈنلىرىكەن ، مەن بىلمەپتىمەن ، ھەجەپ بۈگۈن ماشىنىلار ئاز توختاپتۇ دەپ خوشمۇ بوپتىمەن تېخى ، ئاياغ شەھەرچىسىنىڭ لېفىتىدا چىقىپ كېتىۋېتىپ قارا دىگەندەك قىلدى ، ئەينەكتىن قارىسام ماشىنامنىڭ سايرىغۇچلىرى سايراپ كېتىپتۇ ، بىر چوڭ ماشىنىنىڭ ئۈستىدە چىقىراپ سېگىنال بېرىپ كېتىپ بارىدۇ ، مېنىڭكىنى ماشىنىنىڭ ئۈستىگە ئاپتۇ ، ئارقامغا توختىغان بىر خوندانى سۆرەپتۇ ، يۈگرەپ چۈشسەم ئۈلگەرمىدىم ، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق دەپ جىلە بولۇپ ئۇدۇل 110 غىلا تېلفۇن قىلدىم  ، مۇشۇنداق ئەھۋال بولدى ، قانداق قىلىمەن دىسەم ، بارىدىغان يەرلەرنى تەپسىلى دەپ بەردى ،  ئۇ يەرگە بارسەم بۇ يەرگە بار دەيدۇ ، بۇ يەرگە بارسام ئۇ يەر ... ۋەزىيەت جىددى دەپ بۇ ئىشلار بەك بەك بەك تەستە پۈتۈپ ، نۇرغۇن ئاچچىق يۈتۈپ ، 200 سومنى تۆلەپ ماشىنىنى قولۇمغا ئالغۇچە دەل 48 سائەت كەتتى ،  تېخى بۇ مېنىڭ ئالدىراتقىنىمدىن ، مۇناسىۋەت ئىزدىگىنىمدىن بولدى ، بولمىسا ھەپتە ساقلا دىگەنلەرمۇ چىققان ئىدى ، ئىشىم تېخى قالدى ، 200 سوم جەرىمانە تۆلىۋالسام دىگەن ئارمان بىلەن تاكسىدا قاتراپ يۈرۈپ ، ساقچىغا تاماكا ئېلىپ دىگەندەك يەنە 200 سوم تۈگىگەن بولدى ،  خەپ دىدىم ئۆزەمگە ، زادى قائىدە قانۇن دىگەنگە بويسۇنماي ھەممە كىشى ئاسانلىقنى تالاشسا مانا مۇشۇنداق بولىدۇ ،  ئۆشرە زاكىتىمنىغۇ ۋاقتىدا بېرىمەن ، شۇنداقتىمۇ دىققەت قىلاي جۇمۇ ...... ئەيساجاننى ئويلاپ كەتتىم ، ئېسىت 400 سوم.


ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2011-10-29 11:44:51

جەۋلان ئاكا بىر گەپنى ئاڭلىغانمۇ سۈت بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دەپ...  ئاپپاق چاچ- ساقاللىق بوۋاي بولۇپ ماڭالمىغۇدەەەەەەك ھالغا كەپ قالسىڭىزمۇ پالاكەت قېرىندىشىڭىزدىن ئايرىلالمايسىز...  {:92:}  

پۇل تۆلەپ ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىدىغان شوپۇرلۇق مەكتەپتىن باشقا يەنە مۇنتىزىم تەربىيلەيدىغان ئورۇنلار توغرىسىدا ئازتولا ئۇچۇر-پۇچۇرلا بولسا بېرىڭلارچۇ؟ بىر يېرىم يىل تاشلاپ قوياپ تېخىنىكا قولدىن چىقىپ كېتىپتۇ...  \"\"

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:20:49

ما سەرالىقنى! ئۈرۈمچىنى دەشت - چۆللۈك دەپقاپمىتىكى؟

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:26:54

1- قەۋەتتىكى abdulehedنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما سەرالىقنى! ئۈرۈمچىنى دەشت - چۆللۈك دەپقاپمىتىكى؟



ھا ھا ھا ... شۇ جاڭگال شوپۇرلىرىدىن شەھەر شوپۇرلىرىغا ئۆتۈپ بولغۇچە بولغان ئىشلار\"\"

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:32:59

پالاكەتچىلىكىڭىزگە قۇشۇپ قوياي.كونسۇل كوچىسىدا ئىزدىنىشلىقلار مىھمان قىلىمەن دىسە ئىسىڭىزدە يوق ماشىنا توختىتىپ سالماڭ. ئىككى سائەتتە بىر رەسىمگە تارتىۋالىدىغان بولۇۋاپتۇ.

سىرتنىڭ نۇمۇرىدا بەخت يولى يەنى شىنجاڭ 1- نۇمۇرلۇق تۇخۇ قۇرۇمىسى تەرەپكە ئۆتۈپ قالماڭ تۇخۇ يەيمەن دەپ. ئاپپارات تارتمايدۇ.ئەمما يەكشەنبە كۈندىن باشقا كۈنىدە دائىم بار. تۇتۇۋالسا 200 كوي 3 نۇمۇر.

يەنئەن يولىدىن ئۇدۇل كىلىپ كۆۋرۈك ئاستىغا كەلگەندە يا سولغا بۇرۇلۇپ شىنخۇا جەنۇبى يولىغا يا ئوڭغا بۇرۇلۇپ ئىتىپاق يولىغا كىتىڭ.ئىسىڭىزدە يوق بىر ئىش سەۋەپلىك ماشىنىنىڭ رولىنى بۇراپ شۇ ئۇرۇندىن كەينىڭىزگە قايرىلسىڭىزلا 200 كوي.

بۇلار مىنىڭ پالاكەتچىلىكىم.گېزىت كۆرمىگەنلىك سەۋەبىدىن تۆلىگەن چىقىملىرىم. تەڭرىتاغ تورىدا خوش ياقسا يازىدىكەن.بولمىسا يوق.

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:37:16

يەنە بىرى قاپتۇ راس. ئىتىپاق يولىدىن چىنە زاۋۇتى دوقمۇشىغا كەلگەندە سولغا قايرىلدىغان قىزىل چىراقتا قايرىلىپ سالماڭ،مەيلى كېچىسى،مەيلى كۈندى،ساقچى بولسۇن بولمىسۇن،سىرتنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ كارى يوق تارتىدىغان ئاپپاراتتىن بىرى بار.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:38:19

ئىسىڭىزدە يوق بىر ئىش سەۋەپلىك ماشىنىنىڭ رولىنى بۇراپ شۇ ئۇرۇندىن كەينىڭىزگە قايرىلسىڭىزلا 200 كوي.

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

مەن ئادەتتە بۇنداق قىلمايمەن ، ئامال بار ئالدىدىن ئەگىلىپ قايرىلىمەن ، ئۇزۇن يىللىق ئادىتىم ،ئەمەلىيەتتە جىق ۋاقىتمۇ ، جىق مايمۇ كەتمەيدىكەن ... رەھمەت ئەجرىم !

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:46:33

يەنە سەرالىقلار ۋە مەندەك ئالتىشەلىكلەرگە ئايان بولغايكى، 12- ئاي ئاخىرىغىچە بىلىپ بىلمەي ئۈرۈمچىمىزگە كەپقېلىپ ئۆستەڭ ياكى قۇدۇق بويىدا توختىغىنى ئېسىدە يول بويىدا زامانىۋى ئېشەك ھارۋىسىنى تېزەكلىتىپ توختىتىپ قويۇپ، ئېگىز بىنالارغا ھەيرانۇ - ھەس ھاڭۋېقىپ قالسا، يوغااااااااااااااااااااان ئالتە نومۇر تارتىلىدىكەن  {:92:}

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 01:47:17

قەشقەردە ئۇچىرىغان پالاكەتنى قۇشۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ. ھەمكارلاشقان بالىنىڭ شىيەندەي ماشىنىسىدىن بىرى بار ئىكەن. پوسكامدىن ھايداپ تىنىچ ئامان كەلدۇق. تازغۇنغا كىلەي دىگەندە بەك ھىرىپ قالدىم سىلە بىردەم ھايدىسىلا دىدى.ماقۇل دەپ ھايداپ 2-دوختۇرخانا ئالدىدىن قايرىلىپ پەن-تېخنىكا سارىينىڭ ئالدىدىن كونا بېكەتكە ئاز قالغان يەردە قورساق بەك ئېچىپتىكەن.كەينىمىزگە قايتىپ تاماق يەيلى دىيىشىپ قايرىلىپتىمەن.كەچ سائەت يەتتە يېرىم بولاي دىگەن ۋاقىت. ساقچى موتۇسىنىمۇ كۆرمەپتىمەن. قايرىلىپ ئىككى مىنۇت ماڭمايلا كەينىمدىن كەپ بولدى.200 كوي دەيدۇ. ئاۋۇ بالا تونۇشلىرىغا تېلېفۇن قىلىپ يۈرۈپ ئاران قۇتۇلدۇق. قورسىقى ئاچمامدىغاندۇ بۇ خەقلەرنىڭ.. تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا بولغان ئىش..

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 08:31:18

ماينى غاقىرتىپ دەسسەپ كەينىگە ياندۇرۇپ شۇ يەرگە كىرمەمدىم ، رادار تىتىلدىسا ئارلىق تار بولغاچقا ئىككى ياندىكى ماشىنىلارغا تىتىلداۋاتىدۇ دەپ ماينى قويىۋەتمەپتىمەن

..............................

كەينىگە  ياندۇرغاندا  ماينى  دەسسەپ  كىرگەن  بولساڭ  ئۇستا  شوپۇركەنسەن  \"\"





ماۋۇ  باۋشەن  يولىدىن  نەنزىگو قاتناش بېكىتىگە  ماڭىدىغان  يولنى  تاق  يۆلۈنۈشلۈك  قىلىپ  قويۇپتىكەن،مەن  بىلمەي  مېڭىپتىمەن(ئالدىمدا  كېتىۋاتقان  جىقلا  ماشىنا  بار ) \"\" ،شۇنىڭ  بىلەن  ھەممىمىزنى تۇتتى،200سوم تۆلەيسەن  دىگەنتى،مەن  ئۆزەمچە  ئۈرۈمچىدىكى  تونۇش  بىلىشلەرگە تېلىفون  قىلىپ «ماۋۇ  ئىشقا  ئامال  قىلىڭلار »دەۋاتسام ،قاتناش  ساقچىسى  كېلىپ« ئۈرۈمچىدە  يۈرۈش  كېنىشكىسى  قېنى » دىدى (كېنىشكە  ئالىدىغان  يەردىن ئۆتۈپ  كېتىپتىكەنمەن،كەينىمگە يېنىشتىن  ئېرىنىپ  ئالمىغان ) ................ ئالماپتىمەن  دىسەم ، نىمە  دەيدۇ  دىسەڭلار «  ئاۋۇ تېلىفۇن  قىلىۋاتقان  ئاغىنەڭگە  دەپ  قوي،يەنە 200 سوم  قوشۇلدى »   {:107:}  بۇ  نەس  باشقان  يەردە  تۇرىۋەرسەن 400سومغا  يەنە 200سوم  چاپلانمىسۇن  دەپ  تالۇننى دەرھال يازغۇزۇپ  قاچتىم  \"\"

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 10:16:53

ئاقسالىق قىلىپ بولمامدۇ @erktekin بۇرادەر ،  \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 12:59:11

مەن مەتۇ نەنمېندىن يەنئەن يولىغا ماڭغاندا باراتنىڭ كەينىگە چۈشۈپتىمەن،ھېلىمۇ سەزگۈرلىكىم،غاچچىدە توختاپ مەسچىتنىڭ ئالدىدىكى قىسىلچاققا كىرىپ ئەھۋالغا قاراپ باقسام خاتا مېڭىپ قويغان گەپ،كەينىمدىن كەلگەن ئۈرۈمچىنىڭ ماشىنىسىمۇ نىمە بولغىنىنى بىلمەي بىرمۇنچە مېڭىۋېتىپ كەينىگە يېنىۋاتىدۇ....  {:92:}

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 13:48:51

بارات  \"\"  \"\"  \"\"  سەت كەپتۇ \"\"

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 15:27:26

مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ قالسام ماشىنامنى ئۇددۇل بىرەر مېھمانخانىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا قويۇپ قۇيۇپ،ياتاقنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن تاكسىغا ۋە ياكى ئاپتۇبۇسقا ئولتۇرۇپ ئىشىمنى بىجىرىمەن.

ئۈرۈمچىدە5يىل ئوقۇغىنىم بىلەن مۇشۇ ماشىنا بىلەن ماڭسام يوللارنى پەقەت پەرق ئېتىپ كېتەلمەيدىكەنمەن.تېخى ئاشۇ توختاتماقچى بولغان مېھمانخانىنى تېپىش ئۈچۈنمۇ يول باشلىغۇچ(导航仪) ئىشلىتىمەن.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 18:43:24

ئۈرۈمچىنىڭ قاتناش يوللىرى يايلاقىتتىكى بوۋرسىقىنڭ ئۇۋىسىدەك بولۇپ كەتتى .



ئېلىنپلاملام كەتتىڭىزما بولدى قاتناش ساقچلىرىغا  يوق دېگەن گەپ . دەھشەت بوپ كەتتىغۇ بۇ يەر .


Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 19:51:52

نەقىل:

يەنە بىرى قاپتۇ راس. ئىتىپاق يولىدىن چىنە زاۋۇتى دوقمۇشىغا كەلگەندە سولغا قايرىلدىغان قىزىل چىراقتا قايرىلىپ سالماڭ،مەيلى كېچىسى،مەيلى كۈندى،ساقچى بولسۇن بولمىسۇن،سىرتنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ كارى يوق تارتىدىغان ئاپپاراتتىن بىرى بار.

==================================================================

   خاتا ئۇقىۋالدىڭىزمۇ قانداق، ئۇ يەردىن سولغا قايرىلسىڭىز تاتمايدۇ. لېكىن ئەتىگەن سائەت 7 لەردىن باشلاپ كەچ 7 لەرگىچە قاتناش ساقچىلىرى ساقلاپ تۇرىدۇ

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 23:59:43

بارات پەيدا بولغاندىن بۇيان سال قالايمىقانلىشىپ كەتتى ،لىكىن ئۈرۈمچى دىمىگەن بىلەن ھېلىمۇ قالايمىقان ئەمەسكەن،ماۋۇ دالىيەن دىگەن شەھەر نىمانداق قالايمىقان ،قاتناش يوق دەيدىكەنمىز بۇ يەردە .بارات ،تىرامۋاي،ئاممىۋى ئابتوبۇس،تاكسى ،ئەسكى جوڭبا،ھەممىسىلا بىر يولغا كىرىۋېلىپ ،،،،،ۋاي-ۋۇي !!!!

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-29 01:27:15

15- قەۋەتتىكى tarimiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بارات پەيدا بولغاندىن بۇيان سال قالايمىقانلىشىپ كەتتى ،لىكىن ئۈرۈمچى دىمىگەن بىلەن ھېلىمۇ قالايمىقان ئەمەسكەن،ماۋۇ دالىيەن دىگەن شەھەر نىمانداق قالايمىقان ،قاتناش يوق دەيدىكەنمىز بۇ يەردە .بارات ،تىرامۋاي،ئاممىۋى ئابتوبۇس،تاكسى ،ئەسكى جوڭبا،ھەممىسىلا بىر يولغا كىرىۋېلىپ ،،،،،ۋاي-ۋۇي !!!!



ھېلىمۇ ئۈرۈمچىدىكى قاتناشنىڭ ھالىغا شۈكرى ، ئىشقىلىپ كېچىكسەكمۇ دىگەن يەرگە دىگەن لىنىيە بىلەن بارالايمىز ، پۇت قول بىلەن قوشۇلۇپ ئىنكاس چاققانراق بولمىسا ئۈرۈمچىدە ماشىنا ھەيدەيمەن دىمىگەن تۈزۈك


دالىيەندىن قايتىپ كەلدىم دەڭ ، ھىم ، تىشلىقمىكەن ؟\"\"

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-29 08:23:18

قايتىپ كەلمىدىم،تۇرىۋاتىمەن.بار تېخى يەنە 2 يىل

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2011-10-29 10:22:16

ھەي.... ئاخشام تەكشۈرسەم  9-ئاينىڭ 16-كۈنى ،يېرىم سائەت ئىچىدە 2 قېتىم سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن 400 يۈەنلىك ئۇچۇر تۇرمامدۇ   {:92:}
بەت: [1] 2
: پالاكەتچىلىك ، 2 - قىسىم