ئەگەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بىر يىل كېيىن ئاخىرلاشسا ............
روسىيەنىڭ AK47 ،ئامىرىكىنىڭ M16 مىلتىقلىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسى . دۇنيادىكى تۇنجى 100% لىك ئاپتۇماتلىك مىلتىق،كېچىدە كۆرۈش ئۈسكىنىسى سەپلەنگەن .
180 توننىلىق تانكا ،ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەن يىلپىز تىپلىق تانكىنىڭ زەربە بېرىش،قوغدىنىش ئىقدىدارى جەھەتتىن 10ھەسسە يۇقۇرى .
تۈنجى باشقۇرىلىدىغان بومبا
تۇنجى رىئاكتىپ ئايرۇپىلان
رۇسلار ئوغرىىلىغان تېخنىكا بويىچە ئىشلەپ چىققان،ئەينى يىللىرى دۇنيانى ۋەھىمىگە سالغان مىكويان15 تىپلىق كۈرەشچى ئايرۇپىلان
ئاندىن قالسا ئاتوم بومبىسى .............. شۇ چاغدىكى گېرمانىيە ئاتوم تەتقىقات ئورگىنىنىڭ باشلىغى قەستەن | بىر ئاتوم بومبىسى ياشاش ئۈچۈن يۈز توننىلاپ ئۇران كىتىدۇ دەپ گېتلىرنى ئالداپتىكەنمىش .
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ بىر يىل كىيىن ئاياقلىشىشى بىلەن ھېچقانداق مۇانسىۋېتى چىقمىدىغۇ ؟يا مەن بەك دۆتمۇ ؟ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ بىر يىل كىيىن ئاياقلىشىشى بىلەن ھېچقانداق مۇانسىۋېتى چىقمىدىغۇ ؟يا مەن بەك دۆتمۇ ؟ مۇشۇ قۇراللار جەڭ مەيدانىدا ئىشلىتىلىپ قىېلىشى، ئاتوم بومبىسى گىرمانىيەگە تاشلىنىشى مومكىنتى دىمەكچىما؟
2- قەۋەتتىكى tarimiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ بىر يىل كىيىن ئاياقلىشىشى بىلەن ھېچقانداق مۇانسىۋېتى چىقمىدىغۇ ؟يا مەن بەك دۆتمۇ ؟
نىمە دەيدىغاندۇ ؟مەكتەپ ئوقۇغانمۇ يا؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
3- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ قۇراللار جەڭ مەيدانىدا ئىشلىتىلىپ قىېلىشى، ئاتوم بومبىسى گىرمانىيەگە تاشلىنىشى مومكىنتى دىمەكچىما؟
يۇقارقى قوراللار گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا ئۇرۇشقاا سالغان قوراللار ،ئامىرىكا،ئەنگىلىيە ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاتوم بومبىسىغا ئېرىشىشى گېرمان ئالىملىرىنىڭ تۆھپىسى .
5- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
3- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ قۇراللار جەڭ مەيدانىدا ئىشلىتىلىپ قىېلىشى، ئاتوم بومبىسى گىرمانىيەگە تاشلىنىشى مومكىنتى دىمەكچىما؟
يۇقارقى قوراللار گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىش ھارپىسىدا ئۇرۇشقاا سالغان قوراللار ،ئامىرىكا،ئەنگىلىيە ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئاتوم بومبىسىغا ئېرىشىشى گېرمان ئالىملىرىنىڭ تۆھپىسى .
ئەمسە يازمىڭىزنىڭ تىمىسى بىلەن مەزمۇنىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى؟ كۆڭلۈمدىكىنى تاپ دەپ تىپىشماق ئىيتىۋاتامسىز؟
گېتلىرنىڭ قولىغا ئاتوم چۈشۈپ قالغان بولسا ...پاھ ماندا ئىش بولىتى ئۇ چاغدا {:136:} توۋا... ساق بالىتى.ئوڭشىلىپ كېتەر ئەركىتېكىن،سىلىدەك ئوقىماپتىكەنمىز،چېچىمغا قارىساممۇ بىر مۇنچە تۇرىدۇ ،قارىغاندا تاقىر باش بولغۇچە ئۆگەنسەم ئاندىن سىلى يازغان تېمىنى چۈشىندىغان بولىدىغان ئوخشايمەن .تمىڭىزدا ياكى بۇ قوراللارنىڭ ياسالغان ۋاقتى يوق،ياكى «بازارغا»سېلىنغان ۋاقتى يوق ،ھېچ بولمىغاندا تەتقىق قىلىغان ۋاقتىمۇ يوق ،قورالدىن بىر مۇنچىنى ئەكەپ تىزىپ قويسىلىرى ،دۇنيا ئۇرىشىدا ئىشلەتكەن قورالمىدۇ ياكى ئىشلەمەي قويغان قورالمىدۇ دىگەن سۇئال شەكىللىندىكەن ئادەمدە ،قورساقتىكىلىرىنى بىلىدىغانغا سىلىنىڭ ئاياللىرى چىڭ كەلگەن بىلەن بىز بوش ئەمەسما. بۇ قوراللار گېرمانىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان قوراللار. ئەركتېكىن ئۇرۇش بىر يىل كېچىككەن بولسا بۇ قوراللارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىپ ئۇرۇش ۋەزىيىتى باشقىچە بولغان بولاتتى دېمەكچى.
بىراق ئادەم ئامىلى بىرىنچى بولغاچقا بۇر قوراللارنىڭ بەزىلىرى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئانچە چوڭ رول ئوينىيالماىغان.
باشقۇرىلىدىغان بومبىنى 1944-يىلى ئىشلىتىپ لوندوننى بومباردىمان قىلىپ ئەنگلىيەلىكلەرنى بەك ئالاقزادە قىلىۋەتكەن. بىراق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر گېرمانىيەنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا بازىلىرىنى چارلاپ بىلىۋېلىپ ھەممىسىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىپ ۋەيران قىلىۋەتكەن.
ئاۋۇ رېئاكتىپ ئايرۇپىلاننى گىتلېر كۆرۈپ بومبا قاچىلايدىغان يېرى يوقكەن بۇنىڭ، يوقات دەپ بىرمۇنچە ئاۋارە قىلىپ ئاخىرىدا بۇلارنىمۇ ئىشلىتەلمىگەن.
ئاتوم بومبىسىغا كەلسەك، گېرمانىيەنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش ئىشلىرى دەسلەپتە ئامېرىكىدىن ئىلگىرى بولغان. بىراق 1942-يىلى ئەنگلىيە جاسۇسلىرى گېرمانىيەنىڭ نورۋىگىيەدىكى ئېغىر سۇ ئالىدىغان زاۋۇتنىڭ ئورنىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن ئەنگىلىيە ئالاھىدە ئەترەت ئەۋەتىپ زاۋۇتنى پارتىلىتىۋەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە ئاتوم بومبىسىنى ياساپ چىقالمىغان.
ئاۋۇ يوغان تانكىلار ئاساسەن گىتلېرنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياساپ چىقىلغان بولۇپ ئۇرۇشتا ئانچە رولى بولمىغان. ئۇنىڭدىن كىچىك يىلپىز، يولۋاس تىپلىق تانكىلار (بىراق باشقا تانكىلارغا سېلىشتۇرغاندا بەكلا يوغان) مۇ ئۇرۇشتا ئىشلىتىگەن بولۇپ، كۈتكەن ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. گېرمانىىە تانكا قىسىملىرىنىڭ ئاتىسى گۇدىرىئان ئۇنداق يوغان تانكىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تازا قوللىمىغان. تانكا بەك يوغان بولۇپ كەتكەندە ھەركەتچانلىقى يوقۇلۇپ، بىر دۆۋە تۆمۈر تەسەكنى دۇشمەننىڭ ئىستىھكامىغا تاشلاپ قويغاندەك بولۇپ قالىدۇ. دەپ قارىغان.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە گېرمانىيە گېنېراللىرى بىلەن ئەسكەرلىرىنىڭ ساپاسى قارشى تەرەپتىن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇپ بولغانلىقى، گىتلېرنىڭ ھەممىگە ئارىلىشىۋېلىپ گېنېراللىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى بوغقانلىقىدىن بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ. مۇستەبىتلىكىدىن مەغلۇپ بولغان كازاپىغا ئوخشاش.
ستالىنمۇ مۇستەبىت بولسىمۇ ئۇرۇشنىڭ دەسلىپىدە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا چىققاندىن كېيىن، ئۇرۇشنى ژۇكۇپتەك گېنېراللىرىغا قويۇپ بېرىپ، ئۆزى تاماكىسىنى چېكىپ ئولتۇرۇپ بەرگەچكە سوۋېتنىڭ كۈنى كېيىن سەل ياخشىلىنىپ قالغان. {:107:} خاپا بولماڭ ئەمىسە ھە ،مەن تېخى ئەسكەرلەرنىڭ كىيىملىرىدىن بولسىمۇ مېنىڭ دەۋاتقىنىمنىڭ گېتلىر گېرمانىيىسى ئىكەنلىگىنى بىلەمدىكىن دەپ ساددا ئويلاپ جىق چۈشەنچە بەرمەپتىمەن {:107:} {:107:} بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي . 2-دۇنيا ئۇررۇشىنىڭ يەنە بىر تەرىپى،قۇياش پاتماس ئېمپىريەنىڭ غالىلپلار قاتارىدىن ئورۇن ئىلىپمۇ،يەنىلا كىچككىنە بىر ئارالغا بەنت قىلىنىشى،گىرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپمۇ،ھەتتا ئىككىگە بولۈنىۋىتىلىپمۇ،يەنىلا بۈگۈنكى كۈندە بىرلىككە كىلەلىشى، ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.