Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 09:03:22

جان ئوت، جان ئەر....

ئائىلىدە ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئانچە-مۇنچە كىلىشەلمەيدىغان تەرەپلىرى بولۇپ تۇرۇپتۇ. دۇنيادا مۇكەممەل ئەر ياكى ئايال بولمايدۇ. ئىنسان بولغان ئىكەنمىز ئانچە-مۇنچە ئەيىپ نۇقسانلىرىمىز بولىدۇ. قىز بالا ئېرىدىن قېيداپ ئۆيگە يامانلاپ كەلسە كۈئوغۇلنىڭ تەڭ تىللىشىپ بەرمەي چىرايلىق نەسىھەت قىلىپ ئاپىرىپ قويغۇلۇق ئىكەن. كۈيئوغۇلنىڭ ئانچىكى نۇقسانلىرىنى دەپ قىز بالىغا گەپ ئۈگۈتۈپ ئارىغا سوغۇقچىلىق سالساق ياكى ئولتۇرغۇزىۋالساق بىر بولسا قىز بالا ئاتا-ئانىسىنى خىجىل قىلدۇرۇپ ئېرىنىڭكىگە قېچىپ بىرىۋالىدۇ، بىر بولسا قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ.


مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن.


ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قالغان ئاكا-سېڭىل تۇرمۇشلىرىنى جاپادا قامداپ ھەر ھالدا سالامەت چوڭ بوپتۇ. بۇلار بىر-بىرىگە كۆيۈملۈك ئامراق قىرىنداشلاردىن ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىڭلىسى بويىغا يېتىپ قوشنا يېزىغا ياتلىق بولۇپ كېتىپتۇ. قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئاكىسى ئامراق سىڭلىسىنى يوقلاپ كىلىش ئۈچۈن بارسا ئەر-خوتۇن ئىككىسى سوقۇشىۋاتقان، ئەر ھەدەپ سىڭلىسىنى ئۇرۇۋاتقاننىڭ نەق ئۈستىگە كىلىپ قىلىپ ئاچچىقىغا پايلىماي سىڭلىسىنى ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ياندۇرۇپ ئىلىپ كەپتۇ. بۇلار يولدا كەلگۈچە بەك توڭۇپ كەتكەن بولغاچقا ئوتۇن يېغىپ سىڭلىسىغا ئوت قالاپ بىرىپ يەنە ئوتۇن تەرگىلى كىتىپتۇ. بىر چاغدا قارىسا سىڭلىسى ئوتقا قاقلىنىپ ئۆزىنى ئىسسىتىپ ، بىلەك-پاچاقلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ - ۋايييي ئە،ئوتتەك ئە، جان ئوت، جان ئە داۋاتقانمىش...شۇنىڭ بىلەن ئاكىسى نۇمۇس قىلىپ كېتىپ سىېڭلىسىنى يەنە ئېشىكىنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ئاپىرىپ قويغان ئىكەن.


شۇڭا <<ئېيىق بولسىمۇ ئېرىم ياخشى ئىكەن>>، << خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى، بولمىسا يەردە>> يەنى قوپالراق ئېيتقاندا خوتۇن كىشى ئەرسىز بولغىنىدىن گۆرگە كىرىۋالغىنى ياخشى دېگەندەك گەپلەر بىكارغا چىقمىغان چېغى.


ئايال كىشى پاراسەتلىك بولسا ئەرنىڭ ناچىرى يوقمىكى دەيمەن. ئۆزى خالاپ تەككەن ئەرنىڭ يامان گېپىنى ئاتا-ئانىسىغا، ئاداشلىرىغا توشۇپ يۈرۈيدىغان چوكانلار ھۇشيار بولمىسا تۇرمۇشىنى ھاڭغا ئىتتىرىپ قويىدۇ. باشقىلارمۇ ئۆز تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قالايمىقان ئارىلاشمىغىنى تۈزۈك ئىكەن. بولمىسا ئا يېتىمدەك ئۆزى ئوسال بولۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. جان ئوت، جان ئەر دېگەن ھېكايىنى بايان قىلىپ بىرىمەن دەپ ئەتتىگەندە تاققا-تۇققا سۆزلەپ قويدۇم.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 09:28:56

ھەكىمنىڭ تاققا- تۇققا پارىڭىنىڭ داۋامى: يېقىندا بىر ئاكىمىزنىڭ تەنتەك ئايالى ھەدىسىنىڭ گېپىگە كىرىپ ئوماق بىر پەرزەنتىنى يىتىم قىلىپ بىر ئوبدان ئائىلىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. يەڭگىمىز ئارقىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ يېنىشىۋېلىش ئويى بارلىقىنى دېگەن ئىكەن، ئاكىمىز ئازماس بەندە بولماس، بوپتىلا بالامنىڭ ئانىسى، يەنە كېلىپ نەچچە يىل مەن بىلەن بىر ئۆينى تۇتتى شۇنىڭ يۈزىنى بولسىمۇ قىلاي.... دەپ يېنىشىپ قالدى. ھەكىمنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى بەرھەق! ئايال كىشى پاراسەتلىك، ئەقىللىق، غەرەز ئۇقىدىغان، سۆيۈملۈك بولسا ئەرمۇ سىرتقا قاراپ قالمايدۇ ھەم ناچار بولۇپمۇ كەتمەيدۇ. ئەر- ئايال دەپ ئاتىلىپ بىر ئۆيگە كىرگەن ئىكەن ئايال كىشى ھەر ئىشتا سوغۇق قان، ئىنچىكە بولۇش زۆرۈر. تويدىن بۇرۇن چىقمىغان مىجەز خۇلۇقلار بەلكىم تويدىن كيىن چىقىشى مۈمكىن، لېكىن بۇنىڭدىن قورقۇپ كەتكۈلۈكمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، سەۋر- ئەقىل بولسا ھەرقانچە يامان خۇلۇق بولسىمۇ يىلتىزىدىن كېسىپ تاشلىيالايمىز! ........ گەپنىڭ پوسكاللىسى ئايال كىشى ئۆزىگە چوقۇم پۇختا بولىشى كېرەك. ئەرلىرىمىزنىڭ «ناچار» بولۇپ كېتىشىنى، سىرتتىكى توشقانلارغا كۆز تىكىپ يۈرىشىنى، كەيىپ- ساپاغا بېرىلىشىنى كىمدىن كۆرىمىز؟ ئەلۋەتتە، ئۆزىمىزدىن كۆرسەك توغرا دەپ ئويلايمەن... بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋردە قىز- ئاياللار تېخىمۇ ئەقىللىقرەك بولمىساق بولمايدۇ.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 09:35:02

بۇ يازمىنى ئوقۇپ ئالدىنقى يىلى ناھىيەرىمىزدە يۈز بەرگەن بىر پاجىئە ئىسىمگە كىلىپ قالدى .



ئامبولاتورىيەمنىڭ يېنىدا ئۈزىنىڭ ھويلىسىنى مىھمانخانا قىلىپ ئاچقان كىچىك بىر مىھمانخانا بار ئىدى . ياتىقى پاكىز ھەم ئەرزان بولغانلىقى ئۈچۈن يېزدىن كەلگەنلەر مۇشۇ ياتاققا چۈشەتتى سودىسىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىدى .

بىر كۈنى ئەتىگەندە كەلسەم مىھمانخانىنىڭ ئالدىدا نۇرغۇنلىغان كىشلەر ھەم ساقچىلار توپلىشىپ كىتىپتۇ مەنمۇ قىزىقىپ نىمە بولغاندۇ دەپ بارسام تەخمىنەن 23-25 ياشلاردا بار بىر ئايال ئۈزىنى ۋە بالىسىنى زەھەرلەپ ئۈلىۋاپتۇ بىچارە نارسىدە 1 ياشقا ئاران توشقان ئوغۇل بالا ئىكەن . بۇنى ئاڭلاپ ئىچىم شۇنداق سىرىلىپ كەتتى بىچارە ئۈزى ئۈلىۋالغاننى ئاز دەپ نىمە دەپ بالىسىنىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ دەپ كەچكىچە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ ئىدىيەمدىن ئۆتمەي گاراڭ بۇلۇپ يۈردۈم .

كىيىن ئاڭلىسام ئۇ ئايال ئىرى بىلەن شۇنداق ئىناق ئۈتىدىكەن . لىكىن ئۇ ئايالنىڭ ئانىسى كىچكىنە ئىشلارغا قىزىنى ياندۇرۇپ ئەكىلىۋېلىپ ئىرىنىڭ ئۈيىگە بارغىلى قويماپتۇ . بىچارە ئانىسىغا شۇنچە يالۋۇرسىمۇ ئۇنماپتۇ ئىرىنىڭ ئۈيىگە بېرىۋالسا ئۇرۇپ ياندۇرۇپ ئەكىلىپ ئۇ ئۆيگە بارساڭ ئۈلىۋالىمەن دەپ قىزغا بېسىم ئىشلەتكەن ئىكەن كىيىن ئەر بىلەن ئۇ ئايالنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ سوغوقچىلىق چۈشكەن چېغى شۇنىڭ بىلەنئۇ ئايال ئاخىرى چىدىماي ئۈيىدىن چىقىپ كىتىپ ھېلىقى مىھمانخانىغا چۈشۈپتۇ ۋە ئۇدۇلدىكى ئاشخانىدىن تاماق يەپ چايغا چاشقان دۇرىسى سېلىپ ئىچكەننى ئاز دەپ بالىنىڭ سوسكىسىغا چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغىمۇ چاشقان دارىسى سېلىپ بالىغا ئىچكۈزۈپتۇ ۋە ياتاققا كىلىپ كېچىچە جان بىرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ھېلىقى ئانىغا ئاۋۇ يارىماس ئەرگە ۋە ئاشۇ بىچارە نارسىدىنى بولسىمۇ يۇرۇق دۇنيادا ياشىغىلى قويماي ئۈزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتكەن ئەقىلسىز ئايالغا ئاچچىقىم كىلىپ نەچچە كۈنگىچە گېلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمەي ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ كەتكەن ئىدى .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 09:56:10

يوقۇردىكى ئىنكاستىن قاتتىق ھەيران قالدىم ۋە غەزەپلەندىم. قانداق ئانا شۇنداق مەجبۇرلايدىغاندۇ ئۆلىۋالىمەن دەپ قورقۇتۇپ \"\"

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 10:02:05

مەنمۇ ئېىرى بىلەنبولغان زىددىيەت ئۈچۈن ،ئىرى تالاغا قاراپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆلىۋالغانلارنى خېلى كۆردۈم . تولۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم توي قىلغان 1يىل بۇرۇن ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئىكەن.ئايالى چىدىماي 8ئايلىق بالىسىنى تاشلاپ ،چىۋىن دورسى ئىچۋالدى . بەزى ئاياللار نىماداق قىلىدىكى زادى ؟كىچىككىنە خۇلىقى ،بىررەر قېتىملىق ئەركىلىشىبولسىلا نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەر چىقمايدۇ . قېيداپ ،ئۇنداق بۇنداق ئىش قىلسا بىز ئەرلەر شۇنداق ياخشى بولغىنىمىز بىلەنمۇ بەزىدە سەۋىر قاچىمىزتوشۇپ قېلىپ ........{:92:}

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:49:47


4- قەۋەتتىكى uyghurbalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ئەرلەر شۇنداق ياخشى بولغىنىمىز بىلەنمۇ بەزىدە سەۋىر قاچىمىزتوشۇپ قېلىپ ........ \"\"



ئىلانما بۇ ئۇيغۇر بالىغ.\"\"




helloworld يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:55:30

ئۇ ئايال ئاخىرى چىدىماي ئۈيىدىن چىقىپ كىتىپ ھېلىقى مىھمانخانىغا چۈشۈپتۇ ۋە ئۇدۇلدىكى ئاشخانىدىن تاماق يەپ چايغا چاشقان دۇرىسى سېلىپ ئىچكەننى ئاز دەپ بالىنىڭ سوسكىسىغا چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغىمۇ چاشقان دارىسى سېلىپ بالىغا ئىچكۈزۈپتۇ ۋە ياتاققا كىلىپ كېچىچە جان بىرىپتۇ .

======================

سىلەردىن خوش بوپكىتەي مۇشۇ كىچىك بالىغا ئائىت پاجىئەلەرنى دىمىسەڭلار ، چوڭدىن مىڭى ئۈلۈپ كەتسە كارىم يوق ، كىچىك بالىغا ئادەم چىدىماي قالدىكەن . تاماقنى ئارام خۇدا ، خۇشاللىق بىلەن يىگىلى قويساڭلار .

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:57:22

5- قەۋەتتىكى Ay^Tughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


4- قەۋەتتىكى uyghurbalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ئەرلەر شۇنداق ياخشى بولغىنىمىز بىلەنمۇ بەزىدە سەۋىر قاچىمىزتوشۇپ قېلىپ ........ \"\"



ئىلانما بۇ ئۇيغۇر بالىغ.\"\"




ئېلان ئەمەس .بايان .ياكى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 12:11:59

7- قەۋەتتىكى uyghurbalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى Ay^Tughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


4- قەۋەتتىكى uyghurbalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ئەرلەر شۇنداق ياخشى بولغىنىمىز بىلەنمۇ بەزىدە سەۋىر قاچىمىزتوشۇپ قېلىپ ........ \"\"



ئىلانما بۇ ئۇيغۇر بالىغ.\"\"




ئېلان ئەمەس .بايان .ياكى ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش \"\"

تېخىچە بويتاق دەيلى

yuksal327 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 14:18:17

ئەر-ئايالنىڭ تۇرمۇشىغا ئارلىشىپ تۇرمۇشىنى بۇزىدىغان ، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، بالىلىرىغا ئۆيىنى ياخشى تۇتۇش توغرسىدا نەسىھەت قىلماي ، ھە دېسىلا ئېرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ، قېيىنئانسىنى قانداق جايلاشىنى ئۆگتىدىغان ئائىلىلەر يوق ئەمەس ، ئىشقىلىپ ئايال كىشىنىڭ كاللىسى ئىشلىمىسە بىكار .....

bardam يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 17:23:15

پادىشاھنىڭ قىزىنى ئېيىق ئەپ قېچىپ نەچچە يىللاردىن كىلىپ ئاران تېپىپ تۇتۇپ كەلسە يەنىلا جاڭگالغا ئېيىق قېشىغا قېچىپ كەتكەننىڭ رىۋايىتى بار خەلىق ئارىسىدا ‹‹ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ ياخشى ئېيىق بولسىمۇ ئىرىڭ ياخشى››دىگەن ماقال تەمسىل ئۈچۈن.ئەر ئايال ئىشىغا تاشقى ھالەتكىلا قاراپ ئارىلاشمىغان ياخشى.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 10:21:41

\"\"\"\"\"\"\"\"
بەت: [1]
: جان ئوت، جان ئەر....