turan0999 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 16:03:57

ھون ،تۈرك ،ئۇيغۇر قاتارلق بىر قاتار مەسىلىلەرگە رەدىيە

ھون ،تۈرك ،ئۇيغۇر قاتارلق  بىر قاتار مەسىلىلەرگە رەدىيە



بۇ ئەسەرنى ئەينى يىلى (ئورخون تارىخ مۇنبىرى )گە يوللىغان ئىدىم، بىلىمىم چەكلىك  كۆپچىلىكنىڭ  تەنقىدى پىكىرى بىرىشىنى سورايمەن .



1. ھون نامى توغىرسىدا ..



بىز ھازىر ئاتاۋاتقان :«ھون« نامى ياۋرۇپادىن  كىرگەن ، يەنى خەن تىلىدا :«匈奴« دەپ خاتىرلەنگەن .

قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىزھلىمىغانمۇ ؟

12 -ئەسىردە ئۆتكەن ئىددقۇتلىق مەشھۇر تەرجىمان سىڭقۇلى سەلى تۇتۇڭ ئۆزى تەرجىمە قىلغان شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمالى دىگەن ئەسىردە :«匈奴»خىتىنى :«تۈرك يۈچۈل بۇدۇن« يەنى :«كۆچمەن تۈرك خەلقى « دىگەن مەندە  .



2. ئۇيغۇرنى تۈركتىن ئايرىپ قاراش  .



ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشنى تۈركلەردىن ئايرىپ قاراش بەزى بىر تەرەپلىمە قاراشلق  ئالقاپلارنىلا ئىشى خالاس ،  ئۇيغۇرلار توققوز ئوغوزلاردۇر ،تۈرىكلەر ئۇنداق ئەمەس دەيدۇ .

بىز بىلگە قاغان مەڭگۈتىشىغا نەزەر سالساقلار مۇنۇ خەتلەرنىڭ تاشقا ئويۇلغانلقنى كۆرەلەيمىز ، :« توققوز ئوغوز خەلقى ئەسلى ئۆز خەلىقىم ئىدى ،ئۇلار ئازغانلقى ئۈچۈن ياتلاشتى ......«  

مانا مۇشۇ يىتەرلىتۇر ،چۈنكى بۇ مەڭگۈ تاش كۆك تۈرىك قاغانلقى دەۋرىدە تىكلەنگەن .



3. ئۇيغۇر نامى توغىرسىدا .



ئۇيغۇر نامى بۇرۇندىنلا مىللەت نامى بولغانمۇ ياكى قەبىلە نامى بولغانمۇ ؟

ئۇغوزنامە داستانىدا :« مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانىمەن « دەپ خىتاپ قىلدى ئوغوزخان .  بۇداستاندا دىيىلگەن ئۇيغۇر نامى ئاددىلا بىر نەچچە قەبلىنىڭ ياكى مىللەت نامى بولماستىن بەلكى يۈزلىگەن قەبللەر بۈيۈك ئىتتپاقىنىڭ نامى ،يەنى بىر ئىتتپاقنىڭ نامى .

بۇنىڭ دەللى  توققوز ئۇيغۇر (ئۇغۇز )بۈيۈك ئىتتپاقى  ، ئىچكى تاشقى توققوز قەبللەر ئىتتپاقى .

دىۋاندا ، مەھمۇد كاھىشغەرى  ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى دەپ ئاتايدۇ .



4. ئورخون ئۇيغۇر خانلقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغىرسىدىكى خاتا قاراش



كۆك تۈرىك قاغانلقى 550-يىلى تۈمەن قاغان تەرىپىدىن قۇرۇلدى ۋە تۈمەن قاغانننىڭ ئوغلى مۇقان قاغان دەۋرىدە مىسلىسىز گۈللەندى ھەم 580-يىلى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككىگە بۆلىندى ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻙ قاغانلقى (582__630) ﺑﯩﻠﻪﻥ غەربى ﺗﯘﺭﻙ قاغانلقى (680__742) .

605-يىلى ئۇلۇق ئىلتەبىر سۈركېن ئېركىن  ئورخون بويىدا ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئورخون ئۇيغۇر خانلقنىڭ قۇرۇلغانلقنى جاكالىدى .مانا 605-يىلى ئورخون ئۇيغۇر خانلقنىڭ  قۇرۇلغان ۋاقتىدۇر . 744-يىلى بولسا كۆل بېلگە قاغان ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقنىڭ كۆك تۈرك قاغانلقنىڭ  ئورننى رەسمى ئالغانلقنى جاكالىغان  .





5. 845-يىلى ئۇيغۇرلار تاشقى موڭغولدىن كەلگەنگە رەدىيە :



840-يىلى مەركىزى ئۆلكە ئىغىر تەبىېئى ئاپەت  ۋە ئاسىى باش ۋەزىر قارا قوۋۇ باشلاپ كەلگەن قىرغىز قوشونى بىلەن قاغانبالق قارا بالغانسۇننىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى ،خانلق جىددى پەيىتتە پايتەخىتنى كۆچىرىش كىرەك ئىدى ، تىكېىنلەرنىڭ  قاغانلق ئورنى تالىشش كۈرەشلىرى كەسكەنلەشتى ،  ئۆگە تېكىن ئۆزىنى قاغان  دەپ ئاتىدى پانتېكىن ۋە بۆكۈتىېكن  يابغۇلۇق  ئۇنۋانىغا نائىل بولدى ، بىراق كىيىنكى ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى ،

مانا بۇ مەزگىل تاڭ خانلقى ئاجىزلاپ لىڭىشىپ قالغان ،ئەكىسچە تىبەتلەر ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىل بولوپ  ، تاڭ خانىلقغا ۋە ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقغا تەۋە بولغان يىپەك يولىدىكى موھىم شەھەرلەرگە يەنى دەشتىئاتا (دوڭخۇاڭ)قوچو ،قاراشەھەر ، كىرۇرەن ،ئۇدۇن ،سۇلى ، كۈسەن قاتارلق شەھەرلەرگە ئوت ئاچقان  تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلى ئىدى .

ئۈگە تىكىېن تىبەتلەر بىلەن قان كىچىپ جەڭ قىلىپ دەشتىئاتا نى چۆرىدىگەن ھالدا850 -يىلى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلقنى قۇرۇپ چىقتى .

پانتىكىن ئىددقۇتنى تىبەتلەر قورىشاۋۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ 847-يىلى ئىددقۇتتا ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئىددقۇت ئۇيغۇر خانلقنى قۇرۇپ چىقتى  ۋە بۆكۈتىكىن پانتېكىنگە  ھەمدەمدە بولوپ تىبەتلەرنى تەڭرى تېغنىڭ جەنۇبى شىمالدىن تەل-تۆكۈس قوغلاپ چىقاردى ۋە بۆكۈخانغا ئىلىك خان مەرتىۋىسى بەردى ۋە سۇلى غا ئورۇنلاشتى ،كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە كۆل بىلگە  قادىرخان ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئۇلۇق قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان  .

ئەمدى گەپكە  كەلسەك مەركىزى ئۆلىكدىن(ئورخون ئۇيغۇرلىرى) كەلگەنلەر  پان تىكىن رەھپەرلكىدىكى 15  قەبىلە ئەڭ كۆپ ھىساپلىساق  120مىڭ ئادەم بۆكۆتىكىنگە تەۋە بولغانلارنى تەخمىنى قوشقاندىمۇ 200مىڭ غان يەتمەيدۇ ........شۇمەگىلدە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ئاھالە سانى 1 مىليون ئەتراپىدا  ،   ئۇرخوندىن كۆچكەنلەرنىڭ ئىتتقاتى شامان بىلەن مانى دىنى ،چارۋۇچىلقنى ئاساس قىلدىغان قالاق كۆچمەن تىپپىك يايلاق خەلقى ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالدىكى خەلق بولسا بۇددا دىننى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتىكى ،شەھەرلەشكەن ،تارغىچىلقىنى (دىھقانچىلقنى ) ئاساس قىلغان ئىلغار مۇقىم ئولتۇراقلاشقان  خەلق .

ھەرقانداق كالىسى بار ئادەم بولسلا ماڭقۇرۇت بولمىسلا ئايرۋالالايدۇ .

كۆپ سانلق دىنى ،كەسىپى ،ئاساسى ئۇخشىمىغان خەلق قانداق بولوپ نەچچە يىل ئىچىدىلا ھەممسى  ئۇيغۇر ئاتالدى ؟ ئەلۋەتتە ئازسانلقنى ئاسمىلاتسىيە قىلدى ..... كۆپ سانلقلارتەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە قازاقىستان يايلاقلىرىغچە سوزولغان  غەربى ئۇيغۇرلار ئىدى .

ئەينى دەۋىردە قىرىنداشلىرىمىز كۆچۈپ كەلگەن .

سانلقلارتەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە قازاقىستان يايلاقلىرىغچە سوزولغانلار سىر-تاردۇش (شەرقى ئۇيغۇرلار ) ئۈچ قارلۇق (ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتپاقى ئىچىدە ) ،باسمىل (ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتپاقى ئىچىدە ) ياغما (توققوز ئۇيغۇرنىڭ غوللوق قەبلىسى ) .

يەنە شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى  840-يىلىدىن مىڭ يىللار ئىگىرى بىز بۇ يەردىتۇق .

گۇمان :

ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ كۆچىشى پەقەت ۋەپەقەت خەن تارىخى خاتىرلىرىدىلا  خاتىرلەنگەن ، تۇرپاندىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلغا تەرجمە قىلغان :«ئىزۇپ مەسەللىرى ..... ئودىسا «دەك يۇنان ئەپسانلىرى تېپىلدى ، يەنە كىلىپ بىز مەدەنىيەت كىرەلەشكەن يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەت، ئۇنىڭ  ئۈستىگە بىزدىن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بىزنى ماراپلا تۇردىغان پارىسلار ،تىبەتلەر ،ئەرەپلەر ،ھىندىلار  بار نىمە ئۈچۈن ئۇلار بىرەسىمۇ بۇ ۋەقەنى تىلغا ئالمىدى ؟ بىزدىن نۇرغۇن ئەدىپلار ئۆتتى مەيلى ئىددقۇت قاغانلقى مەيلى قارخانىلار نىمە ئۈچۈن بۇۋەقەنى بىرەسىمۇ تىلغا ئىلىپ قويمىدى ؟ ئۇيغۇرلار راست كۆچكەنمۇ ياكى كۆچمىگەنمۇ ؟



6.تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە



ئاتالمىش تارىخچىلار تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل تىلىدىن كەلگەن دېگەننى كۆپرەك ئۇچرىتىمىز. ئۇنداقتا موڭغۇللار بۇ ئاتالغۇنى زادى كىمدىن قوبۇل قىلغان؟

موڭغۇلارغا سىرتتىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ھەققىدە:

ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان <يىلىچىننىڭ موڭغۇلشۇناسلىق ھەققىدىكى ماقالىلىرى> ناملىق كىتابتا مۇنداق بايانلار بار: موڭغۇل تىلىغا ئوۋچىلىق مەزگىلىدە تۈركىي قاتارلىق تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر 30 پىرسەنت ئەتراپىدا؛ چارۋىچىلىققا ئاىت ئاتالغۇلرنىڭ 70 پىرسەنتىنى تۈرك - ئۇيغۇرلردىن قوبۇل قىلغان(مەسىلەن، بۇقا - بۇخ، مارال - مارال...)؛ دېھقانچىلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارغا تېرىقچىلىق - دېھقانچلىقنى ئۆگىتىشى

بۇ ھەقتە چىڭگىزخان زامانىسىدا چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار بار. تۆمۈر تۆۋرۈك يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ، دېھقانچىلىققا ئائىت مەخسۇس كىتابلارنى يازغان، يەنە تۇرپان، بېشبالىق ھەمدە ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا موڭغۇلىيەگە كۆچۈرۈلۈپ ئاپىرىلىپ، دېھقانچىلىققا سېلىنغان. بۇلار موڭغۇللارنىڭ دېھقانچلىق مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچىلاردۇر. ئۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار دېھقان دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەيتمەيتتى. تارىغچى، تارىمچى، دەپ ئاتايتتى. دېھقان ئاتالغۇسى پارىسچە.



مەنبە : ئىلى تارىخى ماتېرىيالىدىن ئېلىندى .





7. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى جەنۇبتىن كۆچۈپ چىققان دىگەنگە :



ئۇيغۇرلا ئىلىغا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كەلگەنمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ مانا بۇ سۇئال دائىم بېشىمنى قاتۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلا شىنجاڭغا مىلادى 840- يىلى كەلگەن، ئۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقتى دىيىشلىرىچۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كالتا تارىخنى دەستەك قىلىۋالىدۇ بەزى‹يولداش›لار. بۇنداق ۋاقىتتا شۇ تارىخى بايانى كىتاپلارنى ئېلىپ، كۈزىگە تىققۇم كىلىپ كىتىدۇ شۇلارنىڭ.



ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك، ئىلى ئۇيغۇرلىرى زادى قانداك شەكىللەنگەن؟ قانداق ئولتۇراقلاشقان؟



ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىۋى قىسمى سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان- ئىلى ۋادىسىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى سىياسى، مەمۇرى ۋە مەدىنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن قېتىملاپ قەيت قىلىنغان.



تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىدىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسى، تارىم ۋادىسى ۋە تىيانشان ئىتەكلىرى قەدىماىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئىدى. «ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىدىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقى ۋە غەرىبى ئىككى قىسىمغا بۈلۈندى.»، «غەرىپتىكى ئۇيغۇرلار ئىرىتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۈلۈنىڭ ئارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى.» (ھاجى نۇر ھاجى: «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 3-بەت). بۇ ئارلىق ئەلبەتتە ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرى كۆچمەن ھالدا ياشاپ كەلگەن. بۇلار كۆچمەن خەلىق بولغانلىقتىن، فىيۇدالىزىم تۈزۈمىگە ئاستا ئۆتكەن. بۇ كۆچمەن فىيۇدالىزىم چارۋىچىلىق خۇجۇلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى يايلاقلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا راۋاجلانغان. شۇ مەزگىللەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار « تارانچى» دەپ ئاتالغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ھىلىھەم ئۆزلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە تارىخچى دوكتۇر رىزانور « كونا زامانلاردىن بىرى تۈرۈك تارانچىلىرى سارىسۇ، ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارلىرىدا ۋە ئارىلىرىدا چۆپلۈكلەرنى سۇغارماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللار ياپمىشلەر، ھۇبۇبات ئەكمىشلەر، مىۋە ياغاچلارى يىتىشتۈرمىشلەر...... دۇنيانىڭ ھېچبىر يىرىدە بۇ تارانچىلاردەك تۇپرىقىغا يەرلىشىدىغان، ئۇنى سۈيۈدىغان ۋە مۇداپىيە ئىتىدىغان خەلق يوق.»، « ئىلى سۈزى تۈرۈكچىدە مەشھۇر دىمەكتۇر، تارىم- تۈرۈكچىدە تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئەتمەك دىمەكتۇر. ئەسلى تۈرۈكچىدە چۆپچىنى تارانچى دەر ئىدى». يەنە بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا «تارانچى» دىگەن سۆزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا بارلىقى، بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىگەن ئەسىرىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەھمۇت قەشقىرى «تارانچى» دىگەن سۆز (دىۋاندا تارىغچى دەپ ئېلىنغان) نىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «پۈتۈن تۈرۈك قەبلىلىرى ھۈنەر-كەسىپ قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا ئوخشاشلا ....‹چى› نى قۇشۇدۇ. مەسىلەن: ‹تارىغ- ئاشلىق› سۈزىدىن ‹تارىغچى-دېھقان› ....... دىگەن سۆزلەرنى ياسىغانغا ئوخشاش» (تۈركى تىللار دىۋانى، 2-توم 63-، 64- بەتلەر). بۇنىڭدىن ئىلى ۋادىسىدا قەدىمقى زامانلادىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «تارانچى» دەپ ئاتىلىشى مۇڭغۇللار ياكى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قۇيۇلغان نام بولماستىن، بەلكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ.



ئىلى ۋادىسىدا مىلادىدىن كىيىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغانلىقى ۋە كۈرەش قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتىرىياللار خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار «5- ئەسىردىن باشلاپ.... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئىتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى» (قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 2- بەت). تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 5- ئەسىردە سېلىنغان، شۇ چاغدا ئوتتىرا ئاسىيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت ماركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. 5- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋە تىيانشاندىكى يايلاقلار ئۈچۈن جورجانلارغا قارشى كۈرەش باشلىغان. جورجان تۈرۈكلىرىنىڭ قاغانى شىرون زامانىسىدا (مىلادى 400- يىلدىن 411- يىلغىچە) قاغانلىقنىڭ زىمىنى غەرىبى جەنۇپتا ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەرىپتە ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرىقتە چاۋشەننىڭ غەرىبىگىچە، شىمالدا ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان. ئۇيغۇرلا مىلادى 487- يىلى جورجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىللار) خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487-546- يىللار) قۇرغان. ياپۇنىيىلىك تارىخچى ئەنبۇ جيەنفۇمۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىگىز ھارۋىلىقلار يەنى تۇغلۇقلار 6- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا خىللىرى كۆپ، يۇقالماس مىللەت دەپ قارىلىپ كەلدى.»، «شۇنداق قىلىپ تۇغلۇقلار دۇنياغا تۇنۇلمىغان بولسىمۇ، لىكىن ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەدىن تاتىپ شەرىقى، غەرىبىي تۈركىستانغىچە بولغان بىپايان زىمىندا شۇ خىلدىكى مىللەتلەر قەيسەرلىك بىلەن كۈپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىر 7- ئەسىرنى كۈتۈۋالدى» (غەرىبىي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات. خەنزۇچە نەشىرى، 5-، 6- بەتلەر). دىمەك بۇنىڭدىن 6-7- ئەسىرلەردە ئىلى ۋادىسىنىڭ «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دائىرىسىدە بولغانىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.



بىز ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى يەنى شەرىقى ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى ماتىرىياللاردىنمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا دائىر ئاساسلارنى تاپالايمىز. شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىنمۇ بىز ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئىشەنچلىك مەنبەگە ئىگە بۇلالايمىز.



بىز ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ھازىرقى شىمالى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بايانلارنى ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىەە بىرىلگەن مۇقەددىمىسىدىنمۇ كۈرۈۋالالايمىز: «دەسلەپكى مەزگىللەردە شەرىقتەرەك جايلاردا، ھىچبولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئىتتىپاقى بولغان. بىرى ھازىرقى جۇڭغارىيە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ياشىغان بۇلۇپ، نايمان ئۇيغۇرلار، يەنى ‹سەككىز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى ئۇرقۇن دەرياسى بىلەن تولا دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان بۇلۇپ، ‹توققۇز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. توققۇز ئۇيغۇرلار غەرىبى جەنۇپقا قوغلىۋىتىلگەن چاغدا سەككىز ئۇيغۇرلار كونا ئورنىدا قېلىۋەرگەن. چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇلارنى مۇشۇ جايدا كۆرگىلى بۇلاتتى»(تارىخى رەشىدى، خەنزۇچە نەشىرى، 1- قىسىم 106- بەت).



ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى ماجرا ۋە تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن 839- يىلى يىمىرىلگەندى كىيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرىقى قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈتۈكۈن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، خانلىقنىڭ خەرىبى قىسمىدىكى كەڭ جايلارغا كۈچۈپ كەلدى. 840- يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىلىرىدىن بولغان ياغمىلار ۋە قارلۇقلار ئىلى، يەتتىسۇ ۋە چۇ رايۇنلىرىدا، يەنى ئىلگىركى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەرىبى زىمىنىدا، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان بىر ھاكىمىيەت قۇردى. كىيىنچە بۇ ھاكىمىيەتكە قەشقەر رايۇنىمۇ تەۋە بولدى... بۇ ھاكىمىيەت ‹قاراخانىلار› دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تەركىۋىدە... ياغمىلار ۋە قارلۇقلاردىن باشقا ...... چىگىللەر، ئاندىن باسمىل، توخسى، چارۇق.... قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. (تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز، 2-، 3- بەتلەر).



قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقى 9- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 850- يىلدىن 1250- يىلغىچە بولغان تۆت ئەسىر داۋامىدا قۇچۇ خانلىقىمۇ ھۈكۈم سۈردى. بۇ ئىككى ئۇيغۇر خانلىقى چەتئەل تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ‹غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقى› دەپ ئاتالدى.يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەكتى بولغان ياغما، توخسى، چىگىللەر قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئالاھىيدە رول ئوينىدى. قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ياغمىلار قەشقەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ‹قاراخانىلار خانى تۈركىي قەۋملىرى ئىچىدە جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ياغمىلاردىن چىقتى›، ‹ياغمىلار باشلىقىنى بۇغرا، قاراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتايتتى› (قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى). ‹ياغمىلارنىڭ خانى بۇغراخان دەپ ئاتىلاتتى، ھالبۇكى بۇ نامنىڭ تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام خانلىقى، يەنى... قاراخانىلار خانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز›. بىز مۇنداق خۇلاسىنى 10- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۈزۈلگەن قەدىمقى جۇغراپىيىلىك تارىخى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» ناملىق ئەسەردىنمۇ كۈرەلەيمىز.



ئىلى ۋادىسىنىڭ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەردە تىلغا ئىلىنىدۇ: «ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى تەخمىنەن بالقاش كۈلۈنىڭ شەرىقى چېتىگىچە، ھەمدە غۇلجىغىچە بارغان ھەمدە جۇڭغارىيىنىڭ غەرىبى چېتىگىچە كىڭەيگەن». (گرېنارد: ‹بۇغراخان ھەققىدە رىۋايەتلەر›) بۇ خانلىقنىڭ چېگرىسى ‹غەرىبى تىيانشاننىڭ شىمالى ئىتىكىدە، غۇلجىنىڭ شىمالىدىكى تەلكە تاغلىرىدىن شىمالغا قاراپ ئالاتاۋغىچە بارغان».(غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات). يۇقىرىقى تارىخى ماتىرىياللاردا ۋە «ھۇدۇدۇلئالەم» گە قىستۇرۇپ بىرىلگەن خەرىتىدە ‹غۇلجا› دىگەن نام ئۇچرايدۇ. بۇ پاكىتنىڭ ئۈزى ‹غۇلجا› دىگەن نامنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، ھىچبولمىغاندا 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.



چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بىرنەچچە پاكىتنى كۆرگىلى بۇلىدۇ: چىڭگىزخاننىڭ 2- ئوغلى چاغاتاي ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان ئالمالىقنى ئۆز خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلغان. ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى ئىلىدا تۇغۇلغان. ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكىمۇ ئىلىدا ياشىغان. ئۇنىڭ قەبرىسى چاپچال ناھىيىسىدىكى خونىخاي مازىرىدا.



چىڭ سۇلالىسى (1644-1911) ھۈكۈمرانلىقىنىڭ دەسلىۋىدە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەۋى، چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى باستۇرۇش جەريانىدا جۇڭغارىيىدىكى ئاھالىنىڭ ئاساسە دىگۈدەك يېرىمى قىرىپ تاشلانغان. چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمرانلىرى ھۈكۈمەت ئەسكەرلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارغا ئىستىكام قۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن قەشقەرىيىدىن ئىلىغا ئادەم يۆتكىگەن. 1759- يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كىيىن 6000 ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. ئۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلاردىن 600 ئائىلە قاينۇققا، 500 ئائىلە قاشقا، 1100 ئائىلە بولوبورغۇسقا، 900 ئائىلە جىرغىلاڭغا، 400 ئائىلە تاش ئۆستەڭگە، 600 ئائىلە بايتۇقايغا، 800 ئائىلە خونىخايغا، 500 ئائىلە دادامتۇغا، 600 ئائىلە ئارا ئۆستەڭگە ئۇرۇنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2000 ئائىلە ئۇيغۇر ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. بۇلار نىلقا، توققۇزتارا ۋە باشقا جايلارغا ئۇرۇنلاشقان.



200 نەچچە يىلدىن بىرى باشقا جايلاردىن ئىلىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قان-تەر تۈكۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، ئىلىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق،يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بولغان گۈزەل ۋادىغا ئايلاندۇردى. دىمەك، يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئىلى ۋادىسى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بۇلۇپ كەلگەن. ئۇلار بۇ ۋادىنى گۈللەندۈرۈش ھەم بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇلىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.





«گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.







قوشومچە :



ياۋۇرۇپا ھون قاغانىقى

4-ئەسىر ئەمدىلا كىرشىگە ياۋۇرۇپاغا  دەششەتلىك كۈنلەر كىلىشكە باشلىدى .

ئونوغۇر(ئون ئۇيغۇر ) قاتارلق ئۈچ قەبىلىدىن  تەشكىل تاپقان  قوشۇن يولتۇز قاغان باشچىلىقىدا  ئىتېل دەرياسىدىن تىز سۇرئەتتە ئۆتۆپ ئالانلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقادى ، ئالانلار ئامالسىز شەرىقى رىم دىن پانالق تىلىدى ،  شەرقى رىىم پانالق بىرىش بەدىلگە ئالانلارنى خورلىدى ،ئالانىلار شەرقى گوتلار بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، ھون قوشونغا بالامىر(مەنىسى : بالا قاغان )رەھبەلىك قىلغاندا شەرقى رىم ئىمپىريىسگە جازا يۈرۈشكە ئاتلاندى ، رۇئا  قاغانغا كەلگەندە شەرقى رىم ئىپىريىسىنىڭ  ئاز بىرقىسىم زىمننى ئىگىلەلىدى ۋە شەرقى رىمىنى ئولپان تۆلەش ھالىتىگە يەتكۈزدى .

«تەڭىرنىڭ جازاسى ،تەڭرى قامچىسى «  دەپ تەرىپلەنگەن ئاتىتلا (مەنىسى :ئاتا قاغان ، ) قاغان تەختكە چىقىپلا شەرقى رىم ئىمپىريىسى يوق قىلدى ،غەربى رىم ئىمپىريىسى ھەسسلەپ ئولپان تۆلەش بەدىلگە ئۆزىنى ساقلاپ قالدى .تەڭىرنىڭ قامچىسى ئاتالغان قاغان بىر ئايالنىڭ قولدا ئۆلتۇرۇدى .ئاتتلا دىن كىيىن 4ئەقىلسىز ئوغلىغا قالدى،  ياۋۇرۇپا ھون ئىمپىريىسى تىزلىكتە پارچىلنىپ كەتتى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى .



مەنبە: ئورخون شەجەرىسى(پەرھات جىلان ) ، يىپەك يولىدىكى توققوز ھىكىمەت(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  ) ، قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن  )،  ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (تورغۇن ئالماس ) .



مەۋلان تۇران

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 18:27:32

يۇقۇرقىلار بەرھەق،مەن يەنە شۇنى قوشۇپ قويايكى پۇتكۇل قورىغار(ھازىرقى شىنجاڭ)،يەتتە سۇ،ئىككى ئۇگۇز،ئۇتۇكەن ۋادىسى ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە زىمىن تۇرۇپ قانداقلارچە ئۇيغۇرلار ئۇز زىمىنىدىن((قوغلاۋىتىلدى))؟ بۇ ئەڭ قاملاشمىغان گەپ، پەقەت ۋابا- كىسەل قاپلىغان ئۇ زىمىندىن ئۇز مەملىكىتىنىڭ جەنۇبى تەرەپلىرىگە ئورۇن ئالماشتۇرغانلا يېرى بار،مۇنداق ئورۇن ئالماشتۇرۇش بۇندىن ئىلگىركى تارىخلاردىمۇ كۇپ يۇز بەرگەن، ئارادا ئوردىدىن چەتلەشتۇرۇلگەن ۋەزىر قۇۋلۇق باغا نىڭ ساتقۇنلۇغى تۇپەيلىدى تېچ كۇچۇش قاچ-قاچقا ئايلىنىپ كەتتى،بۇلاڭچىلارئۇز يېرىدە قار كۇپ يىغىپ ماللىرى تۇگەل قىرىلغان ئەشۇ ئاچ قالغان قىرغىزلار،

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 19:01:29

تارىخى تېمىلارنى كۆرسەم، ئورخۇن تورىنى سېغىنىپ قالىمەن. ئوبدان مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇراتتى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 19:50:59

ۋوي چوڭ دادا، ماۋۇ سۆز بىزدە ئىشلىتىلگىلى نەچچە ئۇزۇن بولدى؟ مەن ئاڭلاپ باقماپتىمەن جۇمۇ!

--«..پۇتكۇل قورىغار(ھازىرقى شىنجاڭ)..»



قورىغار دىگەن، شىنجاڭ سۆزىنىڭ ئۆز تىلىمىزدىكى تەرجىمىسى بولسا، شىنجاڭ گىزىتى دىگەننىمۇ قورىغار گىزىتى دەپ ئۆزگەرتىمىزمۇ يا \"\" ، بۇرۇنقى گېزىتلەردىمۇ خەنچە يېزىلىپ قالغان سۆزلەرنى تۈزەتتۇققۇ كېيىن.

سەل ھاياجان ھە، كەچۈرۈڭلار، پەقەت قورىغار دىگەن يۇرت نامى نەدىن- نەگىچە بۇنىمۇ بىلىۋالايلى..

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 19:54:17

、ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم تارىخي ۋەسقىلەر‹‹كونا تاڭنامە››ۋە‹‹يېىڭى تاڭنامە››دە ئۇچرايدۇ،بىراق بۇ ئىككى كىتاپنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ غەرىپكە كۆچكەنلىكى توغرىلىق مەلۇمات يوق،ئۇيغۇرلارنىڭ شەرىقتىن كۈچۈپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى دەسلەپكى پەرەزلەرنى خەنزۇ تارىخچىلىرى ئەمەس بەلكى رۇس تارىخچىلىرى19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇرغا قۇيۇشقا باشلىغان.....





‹‹ئىبراھىم مۇتئىي ماقالىلىردىن تاللانما››دىن  1979-يىلى نەنمىن تەنتەربىيە مەيدانىدا سۆزلەنگەن نۇتۇقتىن پارچە

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 20:17:29

ئۇيغۇر تارىخىنى نېمىشقا  تاڭنامە ، سۈينامە ، ۋاڭنامە ، ماۋنامە دىگەندەك ئوردا ماتىرىياللىرىدىن ئىزەيمىز ھەم مۇشۇنىڭدىن نەقىل كەلتۈرلۈپ ئاساس قىلىنىدۇ ؟



باشقا مەنبەلەر يوقما ؟

newtab يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 21:54:53

ت.ئالىماســنىڭ كىتابىدىن ئېلىنغان نەقىلنىڭ ئېتىبارى يوق، بىردەك خاتا دەيمىز  \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 22:03:03

باچكا «شىنجاڭ» نى ئۆزگەرتىمەن دېمەي جىم تۇرۇڭ   {:136:}  

كېيىنكى ئەۋلادلارغا نېمىشقا گۇجىياڭ ياكى لاۋجىياڭ دېمەي، شىنجاڭ دەيدىغان بولغىيتى دەپ ئويلىندىغانغا سۇئال قالسۇن

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 22:04:22

رۇسلان  ساقام ...........سىيىپ  كىرىپ  ئۇخلىغىنە ،تاڭنامە ، سۈينامە ، ۋاڭنامە ، ماۋنامە مىلەرنىڭ ئەسلى  نۇسخىسىنى ئوقۇ گالۋاڭ ،خەق  نىمە  دىسە  ھە  مۇشۇنداقكەن  دەپ  يۈرمەي  ، جىق كىتاپ كۆر \"\" شىڭشىسەي بىزنى  نامراتلىقتا  قويدى  دىگەندەك ئىنكاس  يېيىپسەن

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 03:10:55

راس،باچكا ئاغزىڭنى يۇم \"\"

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 07:47:39

مۇشۇ توغۇرلۇق ماتىرىيال ئاز ئىكەن.تۇنۇگۇن پىرافسسور سورىغانتى مەندىن تېخى..مەن ماتىرىيال كەمچىل.ياكى ئادەمنى قايىل قىلالمايدۇ دىسەم جىم بوپ قالدى..لىكىن يامان نۇمۇس قىلدىم ئەمما...

baturkorxat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 09:34:45

بىر كۈنى رۇسچەلوغەت ئارلاۋىتىپ ‹‹كەتمەن››دىگەن ئىسىمنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ،ئاستىغا ئۇيغۇرلارنىڭ دىھقانچىلىقتا ئىشلىتىلدىغان قۇرالى دەپ يىزىپ قۇيۇپتۇ،مۇشۇ سۆزدىن تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ دىھقانچىلىقتا قانچىلىك تەرەقى تاپقىنىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 10:02:44

مۇشۇ باھانىدە سورىۋالسام: بەزى ئالىملار ئۇيغۇرلارنىڭ تولۇس دەپ ئاتالغان ئەجدادىدىن ئىلگىرىكى ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ ھۇنلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولىشى مۈمكىن دەپ قارايدىكەن. ئۇنداقتا تولۇس ئالتە قەبىلە ئىچىدىكى بىر ئۇرۇق بولۇش بىلەن بىرگە قانداق تارىخىي جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن؟ ئەڭ دەسلەپكى شەكىللىنىش بىلەن بىرگە قانداق تەرەققىي قىلىپ كېڭەيگەن؟ نېمە ئۈچۈن تولۇسلار ھۇنلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولىشى مۈمكىن دەپ قارىلىدۇ؟ مۈمكىنچىلىككە قارىتا قانداق بايانلار مەۋجۈت؟

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:16:28

بەكمۇ كونا تەتقىقاتلاردا ((قورىغار)) دەپ ئۇچرايدۇ، سۇز مەنىسىدىن قارىغاندىمۇ بۇ ئۇيغۇرچە ئىسىم

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:20:45

قورىغارنىڭ مەنىسى نىمە@urdek بوۋا؟

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:44:22

توردىن ئىزدىسەم چىقىپ قالدى.

قۇرىغار : \"قۇرىغار\" كۆك تۈرۈكلەرنىڭ غەرىبى قىسىمىدىكى رايۇنلارنىڭ جۇغراپىيىلىك نامى بۇلۇپ ، ئەسلىدە \"قۇرى \"\" ، \"قۇرايا\" ( غەرب ) ، \"قۇرىغادۇ\" ( غەرىبى تەرەپكە ) دىگەن سۆزلەردىن كىلىپ چىققان .



西域 دىگەن گەپكە توغرا كەپ قالامدۇقانداق\"\"

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 15:58:12

بۇ مۇنداق گەپ:توپان بالاسىدا تاشقىن جەنۇپتىن شىمالغا ئۇرۇلۇپ تـاكى بىرىڭ بوغۇزىدىن ئۇتۇپ شىمالى قۇتۇپقىچە يامرايدۇ،غەرىپ تەرەرپتىن بولسا ئاتلانتىك ئوكىياننىڭ تاشقىنى باستۇرۇپ كىلىدۇ(تارىختىكى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەسىدەك)،مۇشۇ ئىككى تاشقىننىڭ كېسىشكەن ئورنى ئورال تاغلىرىغا دەل كىلىدۇ، رايۇنىمىز بولسا تاشقىن  ھۇجۇمىغا ئەڭ ئاز ئۇچرىغان ئورۇن بولۇپ قالىدۇ، شۇنداقلا سۇنىڭ قايغان ھەم نىسبەتەن تېيىز ئورنى بولغاچ باشقا رايۇنلاردىن بالدۇر سۇ تارتىلىپ قۇرۇق يەر بالدۇر كۇرۇنىدۇ،ھىچقاچان (قۇرى) دىگىنى غەرىپ كە مىسال قىلىنمايدۇ،بۇ كىينكى ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ غەرەزلىك بايانى،تۇركى چە بۇنداق تەرەپ ئىزھار قىلىنغان مەنبەمۇ يوق،

سۇز نىڭ ئىتمولوگىيسىدىن كۇرۇنۇپ تۇرۇپتىكى (قورىغار) سىزنىڭ ھەزىم قىلالىشىڭىزدىكى ئۇيغۇرچە سۇز.ئۇنۇڭ مەناسىنىمۇ ئۇزىڭىز قىياس قىلالايسىز.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 19:56:42

8- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رۇسلان ساقام ...........سىيىپ كىرىپ ئۇخلىغىنە ،تاڭنامە ، سۈينامە ، ۋاڭنامە ، ماۋنامە مىلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇ گالۋاڭ ،خەق نىمە دىسە ھە مۇشۇنداقكەن دەپ يۈرمەي ، جىق كىتاپ كۆر \"\" شىڭشىسەي بىزنى نامراتلىقتا قويدى دىگەندەك ئىنكاس يېيىپسەن



تىكىن ئاغا  ، سەندە ئاشۇ نامىلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بولسا (ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ) بولسا بىرىپ تۇرە ، قىشتا دەم ئالغاندا ئوقوي.  بىرىپ تۇرساڭ ئىچىشىمىز  \"\"  



  ھە راست ، مەن ئىنكاس يازدىم ، ئىنكاس يايمىدىم جۇما .




gunes يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 04:42:29

@urdek ئۆردەككا! توپان بالاسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى نەدىن ئالدىڭىز؟ نۇھ ئەلەيھىسسەلامنىڭ ۋەقەسى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ رىۋايەت تۈسىنى ئالغان ئۇچۇرلارنى پاكىت ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

\"ھېچقاچان `قۇرى` دېگىنى غەربكە مىسال قىلىنمايدۇ\" دەپسىز، ئەمما، كۆلتېكىن ئابىدىسىنىڭ 1.يۈزى 8،12،17،21،24 قۇرلىرىدا، بىلگە قاغان ئابىدىسىنىڭ 1.يۈزى 8،11،15،17،19،41 قۇرلىرى ۋە 2.تېشى 11.قۇرلىرىدا \"قۇرىغارۇ\" شەكلىدە، كۆلتىگىن ئابىدىسىنىڭ 2. يۈزى 11. قۇرى ۋە تۇنيۇقۇق ئابىدىسىنىڭ 14. قۇرىدا \"قۇرىيا\" شەكلىدە ئۇچرايدۇ ۋە غەرپ مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.(باشقا يەرلەردىمۇ ھارغۇچە بار ئەمما ھەممىسىنى يېزىشنى لايىق كۆرمىدىم) بۇ سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى يېزىشتىن ئاۋال قەدىمقى تۈركچىدىكى يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىلىرىنىمۇ دەپ ئۆتەي. چۈشىنىشىمىزگە ئاسان بولىدۇ.  1.  -a,-e,-ya,-ye 2. -gharu,-gerü,-qaru,-kerü3.. –qa,-ke  

تۆت تەرەپنى ئىپادىلەش شەكلى كۆكتۈرك دەۋرىدىلا سېستىمىلاشقان بولۇپ، ئۆڭرە-شەرقنى، بىريە-جەنۇپنى، قۇرىيا-غەرپنى ۋە يىريا شىمالنى ئىپادىلەيتتى. بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆڭگەرۈ، بىرگەرۈ، قۇرىغارۇ، يىرغارۇمۇ ئوخشاش تەرەپلەرنى بىلدۈرەتتى. ئۆڭرە ياكى ئۆڭگەرۈدىكى ئۆڭ ئالدى مەنىسىنى بېرىدۇ. يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى بىلەن بىرگە ئۆڭ تەرەپ يەنى ئالدى تەرەپ مەنىسىدە كېلىدۇ. قۇرىيا ۋە قۇرىغارۇدىكى قۇرى بولسا بۇنىڭ دەل قارشى تەرىپى بولغان ئارقا مەنىسىنى بېرىدۇ ۋە يۆنىلىش كېلىش بىلەن بىرگە ئارقا تەرەپ مەنىسىدە كېلىدۇ.(تۈركچىدىكى گەرى، قازاقچىدىكى كېرى، ئۇيغۇرچىدىكى كەينى،كېيىن ھەممىسى ئوخشاش تومۇردىن كەلگەن) بىريا ياكى بىرگەرۈ بېرى تەرەپ، يىريا ياكى يىرغارۇ يىراق تەرەپنى يەنى بېرى تەرەپنىڭ قارشى تەرىپىنى بىلدۈرىدۇ. قۇرىغارنىڭ قۇرۇق بىلەن ھىچ مۇناسىۋىتى يوق، كۆكتۈركچىدە قۇرۇقنى(سۇسىز) قۇرقاغ شەكلىدە يازىدۇ، بوش مەنىسىدىكى قۇرۇقنى قۇرۇغ شەكلىدە يازىدۇ. يەنى سۈپەت ۋەزىپىسىدە قۇرى دەپ بىر شەكىل ياكى سۆز يوق. قۇرۇتماق مەنىسىدە قۇرى- شەكلىدە بىر پېئىل بار ئەمما ئۇنىڭ قۇرىغار بىلەن ئىشى يوق. چۈنكى پېئىلغا كېلىش قوشۇمچىسى قوشالمايمىز.

\"ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ غەرەزلىك بايانى\"دەپسىز، مەيلى مەڭگۈ تاشلاردا بولسۇن، مەيلى قوليازمىلاردا بولسۇن، بۇ سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ. مەنچە بۇ يازمىلارنى\" ئوردا تارىخچىلىرىنىڭ غەرەزلىك قوللىرى تەگمىگەن\" دەپ ئېيتساق بولىدىغۇ دەيمەن؟  چۈنكى ھازىرقى سىياسىي ئۇقۇم بىلەن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى بىر سۆزگە مەنە بېرىش سەل قاملاشمىغان ئىش بولىدۇ.

\"تۈركىيچە بۇنداق تەرەپ ئىزھار قىلىنغان مەنبەمۇ يوق\" دېگەن سۆزىڭىزگە يۇقىرىقى مەنبەرلەر كۆرسىتىلدى.

تىل دېگەن بۇ پەن پاكىت دېگەننى ئاجايىپ تەلەپ قىلىدىغان يۈزى قېلىن نەرسە.  ئاغزىمىزدىن چىققان گەپنى چوقۇم ئىسپاتلىشىمىز كېرەك. مېنىڭ ئۆزىنى دۇنيادا بىر تۈركولوگ سانايدىغان بىر مۇئەللىمىم بار، تۈركىيەدە ئۆزىدىن باشقىنى ياراتمايدۇ. دېمىسىمۇ گابائىن، رادلوف، رەشىت رەھمەتى ئارات قاتارلىق بىز بىلىدىغان قېرىلار ئۆلۈپ، ياشلار يېتىشىپ بولالمايۋاتقان بۇ دەۋىردە دۇنيا بويىچە ئېتىراپ قىلىنىدىغان ساناقلىق  تەۋەرۈك تۈركولوگلارنىڭ بىرى. 40 يىلدىن ئارتۇق تۈركولوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، رەشىت رەھمەتى ئاراتنىڭ ئىشخانىسىنى ۋە   ئۈستىلىنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كەلگەن شۇ ئادەم چېغىدا دائىم: سۆزنىڭ ئېتىموگىيىسىگە چاقچاق قىلىشقا بولمايدۇ. مەن ھەممىنى بىلىمەن دىيەلىسەممۇ لېكىن سۆزلۈككە بىر نېمە دىيەلمەيمەن، چۈنكى بىر سۆزنىڭ نەدە ئۇچرايدىغانلىقى، قايسى خىل شەكىللەردە كۆرۈلگەنلىكى، كېيىنكى ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار تىلشۇناشلىق بىلىملىرىنىلا ئەمەس، بەلكى تارىخ، فىلولوگىيە.....  قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ\" دەيدۇ. ئادەتتە مۇئەللىمنىڭ يېنىغا بىرەر سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيىسىنى دەپ كىرسەم \" تاپقان مىسالىڭ ئۈچتىن ئاشمىسا، قېشىمغا كىرمە، ئۈچتىن ئاشسا ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ\" دەيدۇ.

كەسىپ دائىرەم ئىچىدىكى نەرسىلەر بولغاچقا سۆزلەپ قويدۇم.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-28 04:48:29

@gunes جىقراق گەپ قىلىپ بەرسىڭىز بولىدىكەن \"\"
بەت: [1] 2 3
: ھون ،تۈرك ،ئۇيغۇر قاتارلق بىر قاتار مەسىلىلەرگە رەدىيە