turan0999 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 15:58:28

[كۆچۈرۈلمە]ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسى ۋە تەركىبى









ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسى ۋە  تەركىبى  

مۇشۇ تارىخى  ئەسەر يازغانلار قولاقلىرىنى يوپورۋىلىپ يازمدىغاندۇ دىگەن قاراشقا كىلىپ قالدىم . چىدىمغانلقىتىن بو ئەزغىنە مۇلاھىزنى ئوتتورغا قويماقتىمەن كەڭ ئوقورمەنلەرنىڭ تەنقىدى پىكىر بېرىشنى چىن دىلىمدىن ئۈمۇت قىلىمەن .

ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ھونلار  بولسىمۇ ، بەزى ئاتالمىش يوغان سەللە ئۇنۋانلق تارىخچى ئەدىپلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنى ھونلاردىن ئايرىپ قارغاننى  ئازدەپ تۈركلەردىنمۇ ئايرىپ قاراپ ئەزەلدىن بىر ئاتا بىر ئانىدىن بولغان قىرىنداش  ئۆتكەن قەۋىمىنى بىر-بىردىن   ھەدەپ ئايرىشقا ئۇرۇندى ، بۇ بەئەينى ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى پۈتۈن بىر ئۇيغۇر مىللىتىنى  تارانچى ۋە قەشقەرلىك ئىككى مىللەتكە ئايرىشقا ئۇرۇنغاندەكلا ئىش  .تارىخى پاكىتلار تاغدەك بولسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەپچىللىك بىلەن قاچۇرۇپ ھىلگەرلىك بىلەن راسنى يالغان ،يالغاننى راست ، بۈگۈن  كۆمۇپ ،ئەتىسى 3000-يىللق  تارىخى يادىكارلىقنى قىزىۋلىش ، ياخشىچاق بولىمەندەپ ئالتۇننى كۆرسىتىپ قويوشتەك مايمۇن ئويىنى ئويناشتى .


توققۇز ئوغوز توققوز ئۇيغۇر ۋاريانتىنى دەستەك قىلىپ ئۇلىنىشتىكى بارلق مونبەرلەربەسبەستە دەبدەپە قىلىپ ئۇزۇننى قىسقا قىلىپ قويدى ،  سىر-تادۇشنى قارلۇقلارنى قانقىل ئاتالغانلارنى، ئون ئوق ،ئۈچ ئوق ، ئاق ھونلارنى ،ياۋرۇپاغا بىسىپ كىرگەن ئونوغۇر قەبىلىرىنى يەنى ئاتىللا ھون تەڭىرقۇتلۇق ىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتى ،كىلىپ چىقىشنى يىلنامە ۋە مەدەنىيەت ھەم تىرتورىيە جەھەتتىن تارايتىشقا ۋەياكى بىر تۇققان قىرىنداشلانى ئايرىشقا ئۇرۇندى .

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ تەركىبىنى تىخىمۇ ئىچىكىرلىسەك :  

تۇر   تۇرا   تۇران (يەنى تۇران ) ھون (تۈرك يوچول بۇدۇن يەنى كۆچمەن تۈرك ) توغلۇق ، ئاق ھون (ئۇلۇق ياۋچىلار  يەننى ياۋلارنى زىمىنىغا كەلتۇرمىگۈچىلەر )، ساكلار ،توخالار ،ئاندىن ئون ئۇيغۇر  توققوز ئوغوز  توققوز ئۇيغۇر (بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىللىرى بىرلەشمە ئىتتپاقى ) ، قەبىلىلەر ئىسمىنىڭ يوقىلىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىلىنىشنىڭ ئاساسى جەھەتتىن تاماملىنىشى .



تارىخ ھامان تارىخ  :  


ئۇغۇزنامە داستانىدا تەسۋىرلەنگەن ئۇغۇزخان ئۇبرازى ۋە ئۆتمىشى ئۇلۇق تارىخى شەخىس ھون تەڭىرقۇتلۇقىنىڭ قاغانى باتۇر تەڭىرقۇت بىلەن ئوخشاش ، ھون سۆزىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسى تۈرك يوچول بۇدۇن يەنى كۆچمەن تۈرك خەلىقى دىگەنلىكتۇر ،    قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانلىرى ئۆزلىرىنى  تۇران قاغانى مەشھۇر  «قاراخان» (ئەفراسىياپ ، ئالىپ ئەرتۇڭا ) نىڭ ئەۋلادىدىن دەپ قارىغانلىقى .

  ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن تۇرالارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھۇنلار، تۈركلەر بىلەن قان قېرىنداش ئىدى.  تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سىسىتېمىسىدىكى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ .



قەدىمكى چاغلاردا ھۇن ياكى تۈرك دەپ ئاتالغان خەلقلەر ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭجەنۇب شىمالىدا ياشىغان ئىدى. ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار نەتىجىسىدە ئالتاي تاغلىرىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى چاغلارغا دائىر نۇرغۇن قەۋرىلەر تېپىلغان. بۇ قەۋرىلەردىن چىققان ھۇنلار ۋە تۈركلەرنىڭ جەسەتلىرى ناھايىتى ئېگىز بويلۇق، قاۋۇل ئۇستىخانلىق ئادەملەردىن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسكىلىتلىرى بىلەن ئوخشاش، ئۇلار قاڭشالىق، يۈزلىرى ئاق سۈزۈك، قاۋۇل ئىدى. ھۇنلار ئېگىز بوي، قاۋۇللىقى، چىرايى قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرنى قەدىمكى جۇڭگو تارىخىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ .  

مىلادىنىڭ 735 - يىلى قۇتلۇق ئىلتىرىش قاغانلىقىنىڭ (مىلادىنىڭ 681- يىلىدىن مىلادىنىڭ 743 - يىلغىچە) قاغانى بىلگە قاغان (مىلادىنىڭ 716 - يىلدىن 735 -يىلغىچە) خاتىرىسىگە ئورخۇن دەرياسىنىڭ بويىغا مەر مەر تاشتىن قويۇلغان مەڭگۈتاشتا توققۇز ئوغۇزلار مەن بىلەن نەسىلداش ئىدى،ئۇلار ئازغانلقى ئۈچۈن ياتلاشتى دېيىلگەن. يادىكارلىقتا ئېيتىلغان توققۇز ئۇغۇزلاردەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى بولۇپ، ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە (مىلادىنىڭ 605 - يىلدىن 845 - يىلغىچە) شەرقىي ئۇيغۇرلار،غەربى ئۇيغۇرلار دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنەتتى .

ھۇنلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەر دىنىي ئېتىقات جەھەتتىن شامانىزمغا ئېتىقات قىلىشاتتى. شۇنداقلا بۆرىنى مۇقەددەس ھېسابلاپ، ئۇنى بەختنىڭ ئالامىتى دەيدىغان تۇتېمىزمغا ئىشىنەتتى.ئوغۇز داستانى ئېگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسەئەرگىنە قۇن داستانى قاتارلىق يىلنامە، داستانلاردىكى بۆرى ھاققىدە ئەپسانىلەر، مانا شۇ بۆرى تۇتېمى ھەققىدىكى ئېتىقادنى كۆرسىتىدۇ. يۇقىرىدا ھۇن، ئۇيغۇر، تۈركلەرنىڭ نەسلى خۇسىسىيەتلىرى، تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، تۇتېم ۋە دىننىي ئېتىقادى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشاشلىقى ھەققىدە كەلتۈرگەن پاكىتلار، ئۇلارنىڭ قان قېرىنداشلىقىنى، ئېرقىي جەھەتتىن سېرىق تەنلىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا بولسا كېرەك .  

قان قېرىنداشلىق جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاش بولغان ھۇنلار، ئۇلۇغ ياۋچىلار، ئۇيسۇنلار، قاڭلىلار، ئالانلار، ئۇيغۇرلار، تۈركلەرنىڭ شەرقتىكى موڭغۇل نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن، ئوتتۇرا ئاسىيادا ئارىئان نەسلىگە مەنسۇپ بولغان خەلقلەر بىلەن ئۆزئارا چېتىشىپ سىڭىشىپ كېتىشتىن، تۈركى تىلدا سۆزلىشىدىغان، قان قېرىنداشلىقى جەھەتتىن بىر - بىرىگە يېقىن كېلىدىغان نۇرغۇن تۈركى مىللەتلەر كېلىپ چىققان .

مەسىلەن: ئۇلار شەرقىي سىبىرىيىدىكى لىنا دەرياسىنىڭ بويىدا ياشايدىغان خاكاسلار (قەدىمكى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى) گەنسۇدىكى سالالار، سېرىق ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، باشقۇردلار، تاتارلار،تۈركمەنلەر، مورداۋالار، چۇۋاشلار، ئوكرائىنادىكى قالاچلار، كاۋكازدىكى چىركەسلەر، داغان تاتارلىرى،  ئىراقتىكى ئەزەربەيجانلار، ئىراندىكى قالاچلار، تۈركىيە تۈركلىرىدىن ئىبارەت . يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈركىي خەلقلەر ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، جۇغراپىيە جەھەتتىن ئالغاندا، ئۇلارنىڭ ياشىغان تېررىتورىيىسى، ئاسىيانىڭ شەرقىدىن غەربىگە ۋە غەربىي جەنۇبىغا قاراپ، بىر تۇتاش ھالدا سوزۇلۇپ كەتكەن .  

مەن خەن تارىخى ئەسەرلىرىدىكى ئىسپاتلارنى ئىلىشنى خالىمىدىم  چۈنىكى بۇپاكىتلار مەنچە يىتەرلىك .


ئاپتۇرى : مەۋلان تۇران

urdek يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 18:02:30

بۇيۇك تەرجىمان -سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئۇزىنىڭ خەنچىدىن  تەرجىمە قىلغان كىتاپلىرىنىڭ بىرسىدە مۇنداق دىگەن،(( شيۇڭنۇ لار تۇرىك يۇچۇل بۇدۇن شۇدۇر) سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ 9- ئەسىردە جىم بالىق (ھازىرقى جېمىسار) دا ياشاپ ئۇتكەن شائىر ۋە تەرجىمان.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2011-11-26 09:44:19

ئۇيغۇر ئۇ بىر مىللەتنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمەس، پەقەت قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ بىرلەشمىسىدۇر .

http://www.abai.kz/content/i-yr-bir-ltty-ana-aty-emes-asym-m-simi-myrza


dilhumar يوللانغان ۋاقتى 2011-11-26 18:19:32

http://www.abai.kz/content/i-yr-bir-ltty-ana-aty-emes-asym-m-simi-myrza   

بۇنى ئوقۇپ باقتىم . كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى  \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-11-26 19:26:36

كۆڭلۈڭىزنى يېرىم قىلماڭ. بۇنچە گەپ سۆزلەرگە كۆڭلىڭىز يېرىم بولۇپ جان توشۇمايدۇ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 19:29:36

مەھمۇت قەشقىرى -دىن ئۇيغۇر چىقىدۇ      تۈركىي تىللار دىۋانىدىن تۈرك چىقىدۇ   بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرككە تەۋە ئىكەنلىگى چىقىدۇ ،



مۇنداق دىسەم ئىزدىنىشتا بەزىلەر بۇنى ھىچنىمىگە تەڭ قىلمايدۇ

wares1944 يوللانغان ۋاقتى 2012-5-15 02:53:50

ئۇيغۇرلارنى تۇرۇكلەردىن ئايرىپ قاراش ئوزى بىر چوڭ خاتالىق.
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە]ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسى ۋە تەركىبى