مول تەسەۋۋۇرلۇق تەكشىلىك ئېلانلىرى
تور ئارلاپ خەنزۇچە مۇنبەردە تۆۋەندىكىدەك تەكشىلىك ئېلانلېرىنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم،تەسەۋۋرۇغا ھەقىقەتەن بايكەن.
1.پىچاقنىڭ ئېلانىكەن،بىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن جايىدا تۇرماي ياغاچ غىلاپنى كېسىپ چۈشكەنلىكىنى ئىپادىلەپتۇ.
2.“extra”ماركىلىق سېغىزنىڭ ئېلانىكەن،سېغىزنىڭ ياخشىلىقىدىن چىشىڭىزنى ئاسراپ،قوشۇقنى چىشلىسىڭىزمۇ ئۈزىۋەتكىدەك قىلىۋېتىدۇ دىگەن مەنانى بىلدۈرۈپتۇ.
3.pepsiكولانىڭ ئېلانىكەن،بۇ كولانى ئىچسىڭىز ئورۇقلىتىپ مۆشۈكنىمۇ چاشقان تۆشىگىگە پاتقۇدەك قىلىۋېتىدۇ دىگەن مەنانى بىلدۈرۈپتۇ.
4.سۈتنىڭ ئېلانىكەن،بۇ سۈتنى ئىچسىڭىز سىزنى كۈچلەندۈرۈپ،ئەينەك ئىستاكانغىمۇ چوڭقۇر بارماق ئىزلېرىڭىزنى چىقىرىۋېتەلەيدىكەنسىز.
5.ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ ئېلانى.ئاۋازىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئاۋۇ ئىككى پىكاپنى ئۆرىۋېتىپتۇ.
6.پىۋىنىڭ ئېلانى،ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن ھەممە نەرسە ئېرىشقا باشلىغاندا پەقەت سەنلا مېنى قۇتقۇزالايسەن.
7.كوكا كولانىڭ ئېلانى.كولانىڭ نوچىلىقىدىن تەڭرىنىڭمۇ ئىچكىسى كېلىپ كېتىپ ئىستاكانغا چۈشمەي يۇقۇرىسىغا ئۆرلىگەن.
8.يەر ياڭىقىنىڭ ئېلانىكەن،دانىسىنىڭ چوڭلىقىدىن پىلنىڭمۇ كانىيىدە تۇرۇپ قالغانلىقىنى ئىپادىلەپتۇ.
9.Covergirl Teens ماركىلىق لاكنىڭ ئېلانىكەن.ئىككى كۆزىنى ياخشى سېلىشتۇرۇپتۇ.
10.قىڭراقنىڭ(菜刀) ئېلانى
11.بىخەتەرلىك قالپىقىنىڭ ئېلانى.كارۋاتتا ياتقان كىشى ئاشۇ قالپاقنى كىيگەچكە ئېغىر يارلانغان بولسىمۇ،بېشى ساق قالغان.
12.ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنىڭ ئېلانى.
13.چاڭ توزاڭ سۈمۈرگۈچنىڭ ئېلانى.
14.ئاپتۇموبىلنىڭ ئېلانى،سۆرئىتىنىڭ تېزلىكىدىن شولىسى يوقاپ بولغۇچە خېلى يەرگە بېرىپ بولغان.
15.پىلاستىرنىڭ ئېلانى.بۇ پىلاستىرنى چاپلاپ قويسىڭىز ھەتتا تېمساھمۇ ئاغزىنى ئاچالمايدۇ.
16.Glassex Windowماركىلىق ئەينەك تازلاش سۇيۇقلىقىنىڭ ئېلانىكەن.
17.siemens ماركىلىق چاڭ توزان سۈمۈرگۈچنىڭ ئېلانىكەن.ئاۋازىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كۆپچىلىكنىڭ تىياتىرخانىدا مۇزىكا ئاڭلىشىغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمىگەن.
18.Wolfماركىلىق قىزىل مۇچ قىيامىنىڭ ئېلانىكەن،ئۇنى يىگەنلەرنى قول قاقلاپ قۇرۇتقۇچ(烘手器)نىڭ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بۇلىدىكەن.
19.ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسىنىڭ ئېلانى.ئادەتتىكى ھاشارەتلا ئەمەس،ھەتتا ئۆمۈچۈك پالۋاننىمۇ ئۆلتۈرەلەيدىكەن.
20.سوغۇرتا شىركىتىنىڭ ئېلانىكەن.مەزمونى:ھەتتاكى ئۆمۈچۈك پالۋان بىلەن شەپەرەڭ پالۋاننىڭمۇ قېرىپ ئۆز جېنىنى باقالمايدىغان ھالغا قالىدىغانلىقى،ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ كۈچىنىڭ بارىدا سوغۇرتا ئېلىپ قويۇشى كېرەكلىكى ئىپادىلىنىپتۇ.
خەتكۈچ سېلىپ قوياي، ماڭا لازىم بولىدىغاندەك تۇرىدۇ ...
چەتئەللىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ھەم يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ.

نوچى ئېلانلار ئىكەن.
3- قەۋەتتىكى buduxkakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!!
چەتئەللىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى ھەم يېڭىلىق يارىتىش كۈچىگە ھەقىقەتەن قول قويماي بولمايدۇ.![]()
نوچى ئېلانلار ئىكەن.
دەنشى كورمەيدىكەنسىزدە؟ بىزنىڭ چەتئەلنىڭكىدىن يامان، ئېلاندىكى كىشىلىرىمىزنىڭ قەسەم ، ۋەدىلىرىنى ئاڭلايدىغان بولسىڭىز ... ئاي-ھاييييي.
ئۆزەمدە بارلىرىنى چىقىراي دېسەم قانداق چىقىرىشنى بىلەممىدىم~~ چوقۇم بىرەر توربەتتىكى رەسىمنى ئۇلىنىش قىلىپ چىقىرىشىمىز كېرەكما ؟ ئۆزىمىزنىڭ كومپىيوتېرىدىكى رەسىملىنىچۇ ؟
ئون يىلنىڭياقى بۇ مۇنبەرنىڭ نۇسخىسى يىڭىلىنىۋىرىپ...قاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيدىغان بوپقاپتىمەن . دەپ بېرىڭلار ~يەنە باش شەكلىنى ئۆزىمىز خالىغان رەسىمگە ئۆزگەرتىشنىمۇ ~
5- قەۋەتتىكى sparkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۆزەمدە بارلىرىنى چىقىراي دېسەم قانداق چىقىرىشنى بىلەممىدىم~~ چوقۇم بىرەر توربەتتىكى رەسىمنى ئۇلىنىش قىلىپ چىقىرىشىمىز كېرەكما ؟ ئۆزىمىزنىڭ كومپىيوتېرىدىكى رەسىملىنىچۇ ؟
ئون يىلنىڭياقى بۇ مۇنبەرنىڭ نۇسخىسى يىڭىلىنىۋىرىپ
...قاملاشتۇرۇپ ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيدىغان بوپقاپتىمەن . دەپ بېرىڭلار ~يەنە باش شەكلىنى ئۆزىمىز خالىغان رەسىمگە ئۆزگەرتىشنىمۇ ~
شۇنداق ،ئۆزىڭىزدە بار رەسىمنى باشقا بوشلۇققا چىقىرىپ ئاندىن رەسىم ئادىرسىنى چاپلايسىز. باش شەكلىمۇ شۇنداق بولىدۇ.

مەسىلەن قايسى بوشىلۇققا ؟ رېنرېن غا قويسام بولامدا ؟ئېنىق سورىۋالاي دېدىم سىلە نەگە قويىسىلە ئادەتتە ؟ مەن ئادەتتەpoco.cnغا قويىمەن. رېنرېن، چ چ بوشلۇقى ،بەيدۇ دىگەنلەر سىرىتقا ئۇلانما قىلىشنىى قوللىمايدۇ .
7- قەۋەتتىكى sparkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@uyghurbaligh
مەسىلەن قايسى بوشىلۇققا ؟ رېنرېن غا قويسام بولامدا ؟ ئېنىق سورىۋالاي دېدىم سىلە نەگە قويىسىلە ئادەتتە ؟
ئۇيغۇر بالىغ دىگەن تور بەتكە قويسىڭىز بولىدۇ.مانا تولۇق ئادىرىسىhttp://www.poco.cn/
ئەمىسە سىزنىڭ تېمىڭىزغا قاراپ قالدۇق.
@uyghurbalighياخشى گەپ ، رەھمەت .. ھەقىقەتەن قالتىسكەن تەسەۋۇرغا تۇشۇپتۇ لايھىلىگۈچنىڭ كاللسى{:107:}