[كۆچۈرۈلمە] رۇسىيە رادىئاتسىيەدىن قوغدايدىغان ۋاكسىنىنى ياساپ چىقتى
[كۆچۈرۈلمە] رۇسىيە رادىئاتسىيەدىن قوغدايدىغان ۋاكسىنىنى ياساپ چىقتى
مەنبە: نۇر تورى، http://nur.cn/html/news/35984.shtml
[رۇسىيە «ئاساس ۋە ئەمەلىيەت» ھەپتىلىك ژورنىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر خەۋىرى] رۇسىيەنىڭ بىئولوگىيە دوكتۇرى ۋىئاچېسلاۋ مارلېيېۋ رادىئاتىسىيەدىن قوغدايدىغان ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى تاماملىدى. بۇ كەشپىياتقا نەچچە يىل بۇرۇنلا ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى، ھازىر ئاخىرى رىئاللىققا ئايلاندى.
مارلېيېۋ رادىئاتىسىيەدىن مۇداپىئەلىنىدىغان ۋاكسىنىنىڭ ھەرىكەتلىنىش پرىنسىپىنى تۇنۇشتۇردى. ئەگەر جانلىقلار رادىئاتىسىيەگە ئۇچرىسا، تەن ھۆجەيرىلىرىدىكى بىر قىسىم ئاقسىلدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ، توكسىن بىلەن يۇقۇملانغانغا ئوخشايدۇ. رادىئاتىسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىسى ئالاھىدە ئانتىتېلانى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق بۇ توكسىنلارنى يوقىتىدۇ. ۋاكسىنا قان سۇيۇقلۇقى قاتارلىق بەدەن توقۇلمىلىرى سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى باسقۇچلاردىكى سىناقلاردىن ئۆتتى. ھەر قايسى سىناقلارنىڭ نەتىجىلىرى ئىنتايىن ياخشى بولدى. ۋاكسىنىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان ھايۋانلار ئەجەللىك زور مىقداردىكى رادىئاتىسىيەگە ئۇچرىسىمۇ، يەنىلا ھاياتىنى ساقلاپ قالالىدى. ئادەمنىڭ تەن ھۈجەيرىلىرىدىكى توكسىنلارمۇ ۋاكسىنىدىكى ئانتىتېلا تەرىپىدىن تازىلىۋىتىلدى.
رادىئاتىسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىسى ئۆسمىشۇناسلىق ۋە يادرو رادىئاتىسىيەسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە زور رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ راك كىسىلىنى خىمىيەلىك داۋالاشنىڭ ئەكىس تەسىرىنى يەڭگىللىتەلەيدۇ، يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا ياشاۋاتقان ئاممىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسرايدۇ. فۇكۇشىمادىكى يادرو ئېلېكتېر ئىستانسىسىدا يادرو ئىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ياپونىيە ئىلگىرى مارلېيېۋدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. رۇسىيە ئالىملىرى قولىدىكى ھازىر بار بولغان تەخمىنەن 1000 تال ۋاكسىنا سۇيۇقلۇقى ۋە رادىئاتىسىيەگە قارشى قان زەردابىنىڭ ھەممىسىنى ياپونىيەگە تاپشۇرۇپ بەرگەن.
ئامېرىكىنىڭ رادىئاتىسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىسىنى مۇھىم دەپ بىلىشى پىلانىتلار ئارا ئالەمگە سەپەر قىلىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ۋاكسىنا تەتقىقاتى يادرو پىلانىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى. چەكسىز پىلانىتلارغا تۇتىشىدىغان ئۇزاق مۇساپىدە، ئالەمدىكى رادىئاتىسىيە ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ بەدىنىگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، رادىئاتىسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىسىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.
----
روسىيە قولىدىكى ھەممە ۋاكسىنا ۋە قان زەردابىنى ياپۇنىيىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن؟؟ قالتىس مەرتلىك بوپتۇ بۇ.
---
مۇشۇ ئابزاسنىڭ يۇشۇرۇن مەنىسى بار دىيىلسە، ئامېرىكا ئاللىقاچان ياساپ بولغان بولۇشى مۇمكىن، ھەم ياپۇنغا بەرمىگەندەك قىلىدۇ. {:107:} {:107:} {:107:} {:107:}
ئەمىسە ئاتوم بومبىسى پارتىلىسىمۇ قورقمىساق بولغۇدەك {:90:} {:90:} چاغان كەلسە ئاتوم بومبىسى ئېتىپ ئوينامدۇ تېخى

بىلىك مۇنبىرىگە قايسىڭلار چىقىسىلەر ئاغىنىلەر؟
@Abdiweli نىڭ ئىمزاسىنىڭ بۈگۈنكى سانىنىڭ ئاخىرىدا، پېقىرنىڭ «زاۋۇتى يوق مىللەت ساۋاتسىز مىللەت» دىگەن تېمامنىڭ بىلىكتىكى نەشىرىگە مەنبە ئەسكەرتىلمەپتۇ..
ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ قويدۇم، «ئەسلى مەنبە: ئانايۇرت تورى» دەپتىكەن راست..
4 ئاي بۇرۇنقى ئىزدىنىش ئادرىسى: http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=40681
بىلىك ئادرىسى: http://bbs.bilik.co/thread-24377-1-1.html
بىلىكتە بۇ تېمىنىڭ كاللىسىغا :ئەسلى مەنبە : ئانايۇرت تورى
دەپ يېزىپ قويۇپتىغۇ ! باشتا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، بېشىدا باركەن راست. ئىشقىلىپ ھېچقايسى توردا مەنبە ئىزدىنىش دىمەپتۇ.{:92:}
7- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
باشتا دىققەت قىلماپتىكەنمەن، بېشىدا باركەن راست. ئىشقىلىپ ھېچقايسى توردا مەنبە ئىزدىنىش دىمەپتۇ.
ئەمىسە ئانايۇرتتىكىلەر باش جىنايەتچىكەن، قالغانلىرى ئەگەشكۈچى ئاتۇم سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدىغان جايلارغا تولىمۇ لازىمكەن بۇ ۋاكسىنا ....مەسلەن مالەن ، لوپنۇر دىگەندەك....