uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:29:17

سۇلياۋ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى[تەرجىمە]


سۇلياۋ(ئىنگىلىزچەPlastic)--يۇقىرى مالكولىدا سىنتىزلەنگەن دەرەخ يىلىمىنى ئاساسى ماتېرىيال قىلغان ،ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا خۇرۇچ مەسىلەن پلاستىكلىقنى ئارتتۇرغۇچى رېئاكتىپ(增塑剂)،تۇراقلاشتۇرغۇچى دورا(稳定剂)،كۆيۈشنى توختاتقۇچ(阻燃剂)،سىلىقلاش رېئاكتىپى(润滑剂)،رەڭلىگۈچ(着色剂)قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئىش قوشۇلغان پلاستىك ماتېرىيال ياكى موقۇملاشتۇرۇلۇپ گىرەلەشتۈرۈلگەن قاتتىق ماتېرىيال.


سۇلياۋ 20-ئەسىرنىڭ كەشپىياتى بولۇپ ،بارلىققا كەلگەندىن بۇيان ئىشلىتىلىش دائىرسى ناھايىتى كەڭ بولماقتا.

سۇلياۋنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىشلىتىلىش ئورنى ئېلېكترنىڭ ئىزولياتورى ئىدى .فېنول- فورمالدېھىد سمولىسى(酚醛树脂)(باكېلىت) بايقالغاندىن بۇيان سۇلياۋ يوقىرى بېسىملىق توك ۋە نېپىز ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



دۇنياغا پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە سولياۋ ئېغىر مۇھىت مەسلىسىمىمۇ ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ كەلدى.سۇلياۋ ئەخلەتلىرىنىڭ پارچىلىنىشى ناھايىتى قىيىن بولۇپ ،قاتتىق براك ماددىلارنى كۆپەيتىۋېتىدۇ.ئەگەر دېڭىزغا تاشلانسا ،سۇ جانلىقلىرى ئۇقماستىن يىمەكلىك ئورنىدا يەپ سېلىپ نەپەس،ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى توسۇۋېلىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قېلىپ ،دېڭىز-ئوكيان ئېكلوگىيەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،بەزى سۇلىياۋلار مەسىلەن پولى ۋىنىل خلورىد(聚氯乙烯،PVC) ۋە پولى كاربونات(Polycarbonates،聚碳酸酯) مەلۇم شارائىتتا زىيانلىق ماددا قويۇپ بېرىپ ئىچكى ئاجراتما ئىقتىدارىغا ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .شۇڭلاشقا سۇلياۋ بۇيۇملارنى ئاز ئىشلىتىش مۇھىت ئاسراش ۋە سالامەتلىك ئۈچۈن مۇھىم بىر خىزمەت ھېسابلىنىدۇ.



پولى ئېتىلېن تېرېفتالات(PET)


كۆپ كۆرۈلىدىغان مېنېرال سۇ بوتۇلكىسى ،كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنىڭ(كولا) قۇتىسى مۇشۇنىڭدىن ياسىلىدۇ.70گىرادۇسقىچە قىزدۇرغاندا شەكلى ئۆزگىرىپ ئادەمگە زىيانلىق ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن ياسالغان ماددىنى 10ئاي ئىشلەتكەندىن كىيىن راك پەيدا قىلغۇچى ماددا DEHPنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇنداق بوتۇلكىلارنى ماشىنا ۋە ئۆينىڭ ئىچىگە قويۇپ ئاپتاپقا قاقلاشقا، ئىچىگە ھاراق ۋە ماي(ئىستىمال قىلىدىغان)نى قاچىلاشقا ھەرگىز بولمايدۇ.




يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى پولى ئېتىلېن(HDPE)


دائىم كۆرۈلىدىغان ئاق رەڭلىك دورا بوتۇلكىسى، پاكىزلەش بۇيۇملىرى،يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى مۇشۇنىڭدا ياسىلىدۇ .بۇنداق بۇيۇملارنى قايتىدىن ئىستاكان قىلىپ ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.ھەمدە ئىچىگە نەرسە تولدۇرۇپ ساقلاشقا قەتئىي بولمايدۇ .بۇنداق بۇيۇملارنى پاكىزلەش ناھايىتى تەس بولۇپ، قايتا ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ.





پولى ۋىنىل خلورىد(PVC)



يامغۇرلۇق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، سۇلياۋ پەردە،سۇلياۋ ،سۇلياۋ قۇتا قاتارلىقلار مۇشۇ ماددىدىن ياسىلىدۇ. سۈپىتى ياخشى ،باھاسى ئەرزان بولغاچقا ئىشلىتىلىش ئومۇملاشقان.81گىرادۇس ئىسسىققا چىدايدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا زىيانلىق ماددىلارنى كۆپلەپ ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.بۇنداق سۇلياۋنى يېمەكلىكلەرنى ئوراپ قاچىلاشقا ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدۇ.ئەگەر مۇنداق سۇلياۋدا يىمەكلىك قاچىلانغان بولسا سېتىۋالماسلىق كېرەك.




پولى ئېتىلېن(PE)



يېڭى ساقلاش پەردىسى .سۇلياۋ يەردە مۇشۇ ماددىدا ياسىلىدۇ .قىزدۇرۇلغاندىن كىيىن زىيانلىق ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.بەدەنگە كىرگەندىن كىيىن سۈت بېزى راكى ، تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئەقلىكەمتۈكلۈك قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى ساقلاش پەردىسىنىڭ قازانغا كىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

پولى ستىرېن(PS)


تەييار چۆپ قاچىسى ۋە تىز تاماق قاچىسى مۇشۇ خىل ماددىدا ياسىلىدۇ.يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا ئۇچرىغاندا راكنى پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ .شۇڭا تىز تاماق قاچىسىغا شورپا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قاچىلاشقا بولمايدۇ. مىكرو ئوچاقتا تەييار چۆپ پۇشۇرۇپ يېيىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ.




مۇناسىۋەتلىك تورلاردىن تەرجىمە قىلىندى.



bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:34:07

ئۇيغۇر بىلىگ، ئەڭ ياخشىسى بۇ ماقاللىرىڭىزنى بىرزات ھەكىمگە ئەۋەتىپ بېرىپ ئۆيگە قۇربان ھېيىتلىق دەملەپ ئىچىدىغانغاچاي بىلەن ھەسەل ئېلىڭ، ئەگەر بويتاقچىلىقتا ماڭا لازىمى يوق دىسىڭىز قىزلارنىڭ ئادرىسىنى ھەكىمگە دەپ بەرسىڭىز سىزنىڭ نامىڭىزدا ئەۋەتىۋېتەر{:92:}

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 18:36:29

ئۇيغۇراخىۇننىڭ تىرىشچانلقى تېخىمۇ زىيادە بولغاي. ئەمما: ئۇيغۇراخۇن تېما يازدى، دەپ ئۇچۇر كېلىۋېرىپ ئۇچۇرنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇم.

qaxmazilal يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:05:31

ئىنسانلار تۇرمۇشغا ئەڭ چوڭ تەسر كۆرسەتكەن ۋە ئەڭ ئېغىر بۇلغۇما ئېلىپ كەلگەن كەشپىيات..........

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:46:16

قانداق لاۋزا كەشىپ قىلغان بولغىيتىكىنتاڭ بۇ سۇلياۋنى ياق سۇلياۋ خالتىنى

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:48:10

ماۋزۇسىنى تەرجىمە قىلالماي قاپتۇ \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 21:48:18

كاۋچۇك دەرىخىنى يۇرتلىرىمىزدا بىر باقساق بولاتتى بۇرادەرلەر.. \"\"

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 08:52:15

شۇڭا ئەينەك پوتولكىدا قايناقسۇ ئىچىلى!

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 09:13:51

ئۈزى قولايلىق ئەرزان ھەم ئىشلىتىشچانلىقى يۇقىرى بولغان بىلەن زىيانلىق تەرەپلىرى بەكلا كۆپ لىكىن شۇنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئىشلىتىشكە مەجبۇرمىز چۈنكى بۇنىڭ ئورنىنى ئالالىغىدەك بۇنىڭدىن ياخشى قولايلىق ھەم ئەرزان نەرسە تېخى كەشىپ بۇلۇنمىدى .
بەت: [1]
: سۇلياۋ ۋە ئۇنىڭ زىيىنى[تەرجىمە]