Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:12:14

80خالتا بلوگىدىن قۇربان ھېيتلىق تەكلىپ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداشلار


80خالتا بلوگى (www.80halta.com )نى يېزىشقا باشلىغىلىمۇ خىلى يىللار بولۇپ قاپتۇ. قارىسام ھازىر تورداشلار دەماللىققا كىرىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىزدىمەكچى بولسا ئۆزىگە لازىملىق ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىغا ئىرىشەلىگىدەك كۆلەمگە ئىگە بولغاندەك بوپتۇ. مۇشۇ ھالەتكە ئەكەلگىچە ئۆزۈممۇ كۆپ ئەجىر قىپتىمەن. تورداشلارمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئىلھام-مەدەتلەرنى بىرىپ تۇرۇپتۇ. كىلىش ئالدىدا تۇرغان مۇبارەك قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن 80خالتا بلوگ نامىدىن بارلىق تورداشلىرىمغا سەمىمى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە مۇنداق بىر پائالىيەت ھەققىدە تورداشلاردىن ئىختىيار ئەتكەنلەرنى 80خالتا بلوگىغا تەكلىپ ئەتمەكچىمەن.


بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە تىل سەۋيەسى بارلار 2 پارچىدىن تەرجىمە ماقالە تەييارلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بىرىدۇ. ماقالىنىڭ تېمىسى ئاساسلىقى ساقلىقنى ساقلاش، خەلقئارادا دىققەتنى قوزغىغان تېببى ئۇچۇر ياكى خەۋەرلەر، زامانىمىزدىكى ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغۇچى ئامىللار دېگەندەك مەزمۇنلار بولسا بولىدۇ. ماقالە تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن 80خالتا بلوگىدا ئىسم-شەرپىڭىز بىلەن قوشۇپ ئىلان قىلىنىدۇ.


بۇ ئەجىرىڭىزگە بىزنىڭ قىلىپ بەرمەكچى بولغىنىمىز :


دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي ھەسەل: بىر كىلو (بۇ ھەسەل ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇر - 80خالتا دۇكىنىدىكى ئالىي دەرىجىلىك ھەسەل ئۇچۇرلىرى دېگەن تېمىدىن كۆرۈڭ!


ھېيتلىق داستخىنىڭىزغا دەملىگىنى خۇشپۇراق ئېسىل چېچەك چاي: بىر بولاق ( تەخمىنەن 200 گىرام ئەتراپىدا)


ئادرىسىڭىز ياكى تېلفۇن نۇمۇرىڭىز بىلەن ئىسمىڭىزنى بەرسىڭىز كىرانى ئۆزىمىز تۆلەپ يەتكۈزۈپ بىرىمىز. تاللىغان تەرجىمە ماقالىسى ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ۋە ياخشى چىقسا قۇياش نۇرىغا تويدۇرۇپ پۇشۇرغان بىر قۇتا ئېسىل ئاپتاۋى گۈلقەنتىمىزمۇ ئىشتىھايىڭىزدا بولىدۇ. بۇلار سىزنىڭ قىلغان ئەجىر-ئەمگىكىڭىزگە نىسبەتەن ئىلىپ ئېيتقاندا ئەرزىمىسىمۇ بىرزات ئەپەندىمنىڭ كىچىككىنە كۆڭلى دەپ بىلگەيسىز. سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا تەرجىمە قىلىپ سۇنغان ئەمگىكىڭىز 80خالتا بلوگى ئۈچۈن قىلىپ بەرگىنىڭىز بولۇپ قالغاي!


بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشنى ئىختىيار قىلغۇچى تورداش مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۇچۇر بەرسە ياكى 13565662787 يانفۇنغا قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە يوللاپ بەرسە بولىدۇ. ئەسەر تەرجىمە قىلىنىپ پۈتكەندە birzatjan@qq.co غا ۋورد شەكلىدە يوللاپ بەرسە ياكى ئىزدىنىشنىڭ ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: بۇ تېمىدا ئېيتىلىۋاتقان تەرجىمە ئەسەرلەرنى 80خالتا بلوگىدىلا ئىلان قىلىمىز. باشقا تور بەتلەردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ.


پائالىيەت ۋاقتى : قۇربان ھېيت كۈنىگىچە


تەكلىپ قىلغۇچى: بىرزات


سورۇن: 80خالتا بلوگى (www.80halta.com )

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:36:57

ھېكىم ،مېنىڭ ئىزدىنىشقا يوللىغان ماقالىلىرىمدىن خالىغان ئىككىنى تاللىۋالامسىز؟  {:92:}   ئىشخانىغا ئەۋتسىڭىز ھەسىىلىڭىزنى ئېچكەچ تىمىڭىزنى تەستىقلاي  {:92:}

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:40:04

ئۇنداق قىلساقمۇ بولىدۇ ، لىكىن 80خالتا ئۈچۈن يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ بەرمەملا...ئىزدىنىشقا سەل ۋاقىتتىن كىيىن يۆتكەپ قوياي   {:92:}  بەك پەچەت چىقىۋاتىدۇ سىلىنىڭ تەرجىمىلەر. ھەسەل ئىچىدىغانلا بالىكەنلا زادى \"\"  \"\"  \"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:43:22

ئۇيغۇرچىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلسەكمۇ بولامدۇ ؟ مەسلەن ئەلداۋا ، تۆت تادۇ ، 80 خالتا دىگەندەك تور بەتلەردىن

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:47:22

3- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇرچىدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلسەكمۇ بولامدۇ ؟ مەسلەن ئەلداۋا ، تۆت تادۇ ، 80 خالتا دىگەندەك تور بەتلەردىن

بۇ پائالىيەت ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ خەنزۇچە ياكى ئېنگىلىزچە تىل سەۋيەسى بارلار 2 پارچىدىن تەرجىمە ماقالە تەييارلاپ ماڭا ئەۋەتىپ بىرىدۇ دېگەن قۇرلارغا دېققەت قىلماپسىلىدە پىنھانباي.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:49:54

ئەمدى دەيمىنا كۆچۈرسەممۇ شۇ ئۇيغۇر خەلقىم ئۈچۈن كۆچۈرمەنچۇ .

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 18:04:07

بىر چاغدا بىرسى ماقالەمنى كۆچۈرۈپ تور بېتىدە ئىلان قىپتىكەن. بۇ ماقالە كىتاب ياكى ژورنالدىن كۆچۈرۈپ ئىلىنغان يازما ئەمەس ئىدى، ئۆزۈمنىڭ ئىجادىي يازمىسى ئىدى، ھېچبولمىغاندا ماقالە مەنبەسى بىلەن ئاپتۇر نامىنى بولسىمۇ قىستۇرۇپ قويماپسىلە دېسەم، بۇ تېبابەت سىلىنىڭ شەخسىي مۈلۈكىلارمىدى يا، ھەممە ئادەم پايدىلانسا ياخشى ئەمەسما، شەخسىيەتچى ئىكەنلىكىڭلارنى پەملىگەن زادىي دەيدۇ.

قوتۇر ئامۇت توغرىسىدا چوڭلاردىن سوراپ يۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ تەجىربىلىرى بىلەن قوشۇپ بىر تېما يازدىم، قىستۇرما رەسىمگە باللىرىمنىڭ ئوخشىغان قوتۇر ئامۇتلارنى قولىدا تۇتۇپ يەۋاتقان كۆرۈنىشى بار ئىدى. رەسىم ئۈستىگە 80خالتا بلوگ ئادرىسىنى يېزىپ قويدۇم. مەلۇم تور بەت تېمىنى كۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلغاننى ئاز دەپ رەسىم ئۈستىدىكى تور بەت ئادرىسىنى ئۆچۈرۈپ ئۆزىنىڭ تور بەت ئادرىسىنى يېزىۋاپتۇ. بالا مېنىڭ تۇرسا نۇمۇس قىلماي شۇنىمۇ ئۆزىنىڭ قىلىۋالماقچى بوپتۇ. ئىشقىلىپ ئۇنداق نۇمۇسسىزلىقلارنى كۆپ كۆپ كۆردۈم.

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 18:11:23

http://www.dawrim.biz/makala/618.aspx

بۇنى دەملا .... ئاۋۇ ئوغۇل سېلىنىڭ ئوغۇل شۇدۇ

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 18:13:04

شۇ ئىدى. ئاۋۇ بىر تەخسە ئامۇت بىلەن ئىككى ئوغۇل مېنىڭ ئىدى.  بىردەمدە تېپىپ يوللاپ بوپلا \"\"

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 18:14:36

بىز دىگەن چىمۇ .... پىنھان ئاكاش دىگەن مەن جۇما   {:92:}

kamil85 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 18:14:38

بىرزاتكا بالا سىلىنىڭ بولغان بىلەن ئامۇت شۇلارنىڭمۇ يا؟  \"\"

asabi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:20:01

80 خالتنىڭ ئىشلىرىغا ئامەت تىلەيمەن \"\"  \"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:29:29

5- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمدى دەيمىنا كۆچۈرسەممۇ شۇ ئۇيغۇر خەلقىم ئۈچۈن كۆچۈرمەنچۇ .



\"\" نومۇس ھە.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:59:04



     ئالدىراشچىلىقتا  ئۇزۇن بوپتۇ كىرمىگىلى. كىرىپ قارىساممۇ سىزدەك بىلىپ بولالمايمەن مەزمۇنلىرىنى.شۇڭا ئۆزىڭىز دەپ بېرىڭ: يېقىندىن بۇيان  قانداقراق مەزمۇنلار كەم بلوگىڭىزدا؟ شۇنىڭدىن ۋەكىللىك ئىككى تېمىنى تاللىۋالاي.

    غەرب تىبابىتىنىڭ تولۇق كۇرس دەرسلىك كىتابلىرى يېرىم مېتىر نېرىدىكى جاۋەندە تىزىقلىق تۇرۇپتۇ. تەرجىمىگىمۇ بۆلەكچە ھەۋىسىم ھەم ئاز-تولا تەجرىبەممۇ بار.

    قەشقەرگە بارغاندا دۇكىنىڭىزنىڭ ئىشىكىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان،لېكىن سەت تۇرارمۇ، مۇنبەرداشتۇق دەپ كىرسەم بىزدەك نامسىزلارنى تونۇماي چېنىۋالارمەنمۇ دەپ كىرمەپتىكەنمەن. \"\"

    ھېيىتقا قانچىلىق قالدى باللا راست؟

Batush يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 20:08:50

مەن تېزىملىتاي . مەيلى ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە بولسۇن بولىۋىرىدۇ .

مېنىڭ شىنجاڭدىن ئەكىلىۋالغان چىلان ھەسىلىممۇ تۈگەپ قالغىلى تۇرۇپتىكەن . مەيلى  ، ماڭا سوۋغا قىلمىسىلىرىمۇ پۇلىنى ئۆزۈم تۆلەپ ،ئەۋەتىپ بەرسىلىرىلا بولدى . ھىلىمۇ نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىلا بىرزاتكا....

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 20:30:00

13- قەۋەتتىكى muzatdنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئالدىراشچىلىقتا ئۇزۇن بوپتۇ كىرمىگىلى. كىرىپ قارىساممۇ سىزدەك بىلىپ بولالمايمەن مەزمۇنلىرىنى.شۇڭا ئۆزىڭىز دەپ بېرىڭ: يېقىندىن بۇيان قانداقراق مەزمۇنلار كەم بلوگىڭىزدا؟ شۇنىڭدىن ۋەكىللىك ئىككى تېمىنى تاللىۋالاي.

غەرب تىبابىتىنىڭ تولۇق كۇرس دەرسلىك كىتابلىرى يېرىم مېتىر نېرىدىكى جاۋەندە تىزىقلىق تۇرۇپتۇ. تەرجىمىگىمۇ بۆلەكچە ھەۋىسىم ھەم ئاز-تولا تەجرىبەممۇ بار.

قەشقەرگە بارغاندا دۇكىنىڭىزنىڭ ئىشىكىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان،لېكىن سەت تۇرارمۇ، مۇنبەرداشتۇق دەپ كىرسەم بىزدەك نامسىزلارنى تونۇماي چېنىۋالارمەنمۇ دەپ كىرمەپتىكەنمەن. \"\"

ھېيىتقا قانچىلىق قالدى باللا راست؟



ماقالىنىڭ تېمىسى ئاساسلىقى خەلقئارادا دىققەتنى قوزغىغان تېببى ئۇچۇر ياكى بەس-مۇنازىرىلەر، زامانىمىزدىكى ئىنسانىيەت ساغلاملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلغۇچى ئامىللار دېگەندەك مەزمۇنلار بولسا بولىدۇ. ئىشقىلىپ خەلقىمىزگە پايدىلىق بولغان، 80خالتا بلوگىنىڭ خاسلىقىغا ماس كەلگۈدەك ئىسىل تېمىلار بولسا بولىۋېرىدۇ. ھېيتقا 15 كۈنچە ۋاقىت قالدى. ئىشقىلىپ ئۆزۈڭلارغا بەك بېسىم قىلىۋالماي ...بەك ئۈلگۈرمىسە ھېيتتىن كىيىن قالسىمۇ مەيلى..\"\"


دەرسلىك كىتابتىن تەرجىمە قىلىدىغان بولسىلا يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكى ھەققىدە ئاممىبابراق چۈشەندۈرۈلگەن بىرەر بابنى تەرجىمە قىلىپ باقاملا يا؟ ئەسلى مەنبەلىك قان بېسىم، ئىككىلەمچى قان بېسىم دېگەنلەرنىڭ پەرقى، تەكشۈرتۈش، داۋالاش، كۈتۈنۈش چارىلىرى دېگەنلەر ھەققىدە بولسىمۇ بولىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ھەمدە ئالدىنى ئىلىش چارىلىرى دېگەندەك سەل ئەمىلىيرەك ماتىريال بولسا تېخى ياخشى.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 20:33:52

ئامۇت يەۋاتقان بالىلار رەسىملىرى بەك ئوچۇق چىقىپتۇ. ئەللاھ بالىلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر، يانماس ئىمان ئاتا قىلغاي.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 20:41:34

ھەسەل دەۋاسى ئەمەس، بۈگۈن ئەتىگەن تۇرۇپلا ھېيىتقا قانچە كۈن قالغاندۇ زادى دەپ خىيال قىلىپ قالغان،تېمىنىڭ ئىسمىنى كۆرۈپ شۇ خىيالىمدىن كەچكەچ مۇنداقلا سوراپ قويغان.  {:136:}

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 20:47:37

بىرزاتكا  ،ئەگەر مماقالىمىز بلوگلىرىدا ئىلان قىلىنسا ، مۇكاپاتنى يۇرتقا بارغاندا  ئېلىۋالساقمۇ بۇلامدۇ ياكى ؟مەن ساقلاپ بەرمەيتىم ياكى ئۈسۈمىنى بەرسىلە ،ئۈسۈمى ئۈزىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ ،بالىسى ئانىسىدىن يوغىناپ كەتتى ،دەپ تۇرۋالماسلا ........ \"\"  \"\"   {:92:}    {:92:}

يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 20:50:27

ئۆزىمىز يازغان بولساقچۇ؟ \"\"
بەت: [1] 2 3
: 80خالتا بلوگىدىن قۇربان ھېيتلىق تەكلىپ