kitabqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 15:11:00

لېيىغان بۇلاقنى ئوقۇغانمۇ؟(300يۈەن)

ئۇيغۇر خەلىقصنصڭ ئاتاقلصق يازغۇچصسص جالالصدصن بەھرامنصڭ مەشھۇر بولغان <<لېيصغان بۇلاق>>رومانصنص ئوقۇغانمۇ؟ ناۋادا ئوقۇمصغان بولسصڭصز،ئوقۇشنص خالصسڭصز ياكص ئۆزصڭصزنصڭ قصلصپ ساقلاپ قويۇشنص خالصسصڭصز مەن بصلەن ئالاقصلصشصڭ پەقەتلا 300 يۈەن.(1يۈرۈش 7قصسصم)ناۋادا 5 يۈرۈش ئالسصڭصز 280 يۈەن،10 يۈرۈش ئالسصڭصز250 يۈەن. ناھايصتصمۇ ئەرزان سۈپەتلصك مال.

ئالاقصلشصش نومۇرص: 13899943496(ئۈرۈمچص) قەيسەر.



لېيصغان بۇلاق رومانصدصن پارچصلار:

ئۈچ دوست

«دۇنيانىڭ تىلىكى، سەمەرىدۇرىمىز،

ئەقىل كۆزىدىن قارىسى-جەۋھەرىدۇرمىز.

تۈگەرەك جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەك،

شەكسىز ئۇنىڭ كۆزى-گەۋھەرىدۇرىمىز،»

-ئۆمەر ھەييام                                          

مەن خاتىرەمنى ئېچىپ، ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە شائىر ئۆمەر ھەييامنىڭ بۇ روبائىيسىنى ئوقۇغۇنىمدا، ئىختىيارسىز چوڭقۇر ئويغا چۆكىمەن. ئىنسان، ھايات، دوستلۇق بۇرچى توغرىسىكى تارىخى ۋەقەلەردە رېئال كەچۈرمىشلەر كۆز ئالدىمىزدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلايدۇ. شۇلار ئارىسىدا ئاپتاپتەك چاقناپ، ئالماستەك جۇلالىنىپ تۇرغان بىر ئابىدە نامايەن بولىدۇ. كۆز نۇرۇم بۇ ئابىدە ئۈستىگە مۇجەسسەملىشىدۇ، خىيال قۇشلىرىم قاناتلىنىشقا باشلايدۇ. بۇ ئابىدە قەلبىمنىڭ ئەڭ خىلۋەت، ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆمرۈم بۇيى ساقلنىپ كېلۋاتقان ئەينى يىللاردىكى دوستلارنىڭ سىمايىسى ۋە ئۇلارنىڭ خاتىرسىدۇر......

يىللار ئۆتكەنسىرى، خاتىرەمدە ئۆچمەس بۇلۇپ، بارلىق سىمايە سۈپىتىدە بارغانسىرى چاقناپ تۇرىۋاتقان، جۇلالىنىۋاتقان ئەنە شۇ دوستلارنىڭ ئېلغار پىكىرلىك، ئۆتكۈر زېھنىلىك، ئىستىدادلىق ۋە قابىل كىشلەردىن بولغانلىقىنى ئويلايمەن....شۇنداق، ئۇلار دەۋىرنىڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان ئەلنىڭ ئۈمۈدى، شۇ دەۋىر ياشلىرىنىڭ سەرخىللىرى ئىدى. ئۆمەر ھەييامنىڭ روبائىيسىدا ئېيتىلغاندەك جاھاننى ئۈزۈك دەپ بىلسەڭ، ئۇلار شەكسىزكى، شۇ ئۇزۇكنىڭ كۆھەر كۆزى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى رەسسام، بەزىلىرى مۇزىكانت، بەزىلىرى ماتىماتىك، بەزىلىرى ھۆسىن خېتى بىلەن مەشھۇر ئىدى. يۇمشاق مۇئامىلىلىك، نازۇك تەبىئەتلىك، خۇشخۇي، شىرىن سۆزلۈك يىگىرمە ياشلار ئەتراپىدىكى بۇ يىگىتلەر يۈرىكىدىكى گۈزەل ۋە ئۇلۇغۋار ھەمدە ئىزگۈ تىلەكلەرنىڭ يالقۇنى بىلەن ھالال، مەردانە ياشايتى. ئۇلار ئاددى-ساددا، كەمتەر ئىدى. راسىت سۆزلۈك، ئىنساپ-دىيانەتلىك، رەھىمدىل يىگىتلەر ئىدى. ئۇلار تۈندە يانغان يۇلتۇزلار ئىدى، ئۆركەشلەپ ئاققان دەريا ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرگەن ئوقۇتقۇچىلار ئىدى. ئۇلار مۇنبەردە تۇرۇپ، ئەۋلادلارغا ئىلىم نۇرىنى چاچاتتى، ئىلىم نۇرى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچاتتى. ئەمما «سىنىپى كۈرەش»نىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭى ئەۋج ئالغان پەلەك چاقى تەتۈر چۆگىلىگەن ئاشۇ زامان بىلەن ئۇلارنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ، زۇلۇم قامچىسى بىلەن ھەر دەقىقە تامچىلاپ تۇراتتى،لېكىن ئۇلار ئازاپ-ئوقۇبەت، قايغۇ-ئەلەم قاپلىغان شۇ شىۋىرغانلىق يىللاردىمۇ «تۈننىڭ يېڭى بارلىقىغا»ئىشىنىپ، ئۆزلىرىگە تەسەللى تاپاتتى. جاپا-مۇشەققەتلىك، ئېغىر مۇھىت ئىچىدىمۇ ئىجاد، مىھنەت ۋە ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرى يولىدا، ئۆزلۈكسىز تىرىشاتتى، ئىزدىنەتتى، قان-تەر ئاققۇزاتتى. بۇ يولدا، بىر-بىرىگە ئىلھام -مەھەت بېرىشەتتى. ئۇلارنىڭ نام-شۆھرەت، ئەمەل-ئۇنىۋان، ھۇزۇر-ھالاۋەتتى قىلچىمۇ تامايى يوق ئىدى. پەقەت، قوللىرىدىكى ئىلىم ئاچقۇچىنى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش ئۈچۈن جاپا چېكىپ ئىشلەيتى.

ئۇلار ئۆز-ئارا ئەسرا بولۇپ قالغان چاغلىرىدا، ئاجايىپ قىزغىن، چوڭقۇر مەنىلارغا ئىگە سۆھبەرلىرىنى قۇراتتى. بەدىئىي ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە، ھايات ۋە تۇرمۇش توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرەلەرنى ئېلىپ باراتتى. ھاياجانلىنىپ، قىزىشىپ مۇناىرىلەرنى ئېلىپ باراتتى. شېئىرىيەتنىڭ خىلمۇخىل ژانىرلىرىدا قەلەم تەۋرىتىشەتتى. لېكىن ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان جۇدۇن-چاپقۇنلۇق ھەرىكەتلەر بۇ مەرىپەت مەشئىلىنى كۆتۈرگەن گۇناھسىز ئىستىدات ئىگىللىرىنىڭ ھايات چېچەكلىرىنى تۆكۈپ، ئۆزلىرىنى بەرگى خازان قىلىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ھاياتى قىيانغا چۈشكەن سېرىق يۇپۇرماقتەك، شۇ قىياننىڭ دولقۇنلىرىدا بىئىختىيار لەيلەپ ئۆتەتتى....

يىللار خۇددى ئاق چوققىلىق تاغلار ئۈستىدىن سۈرۈلۈپ ئۆتكەن بۇلۇتلاردەك بىر-بىرسىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كەتتى، ئېزىز باشلارغا قىرو چۈشتى، نۇرانە يۈزلەرگە يىللار قىيانلىرى يول-يول ئېرىقلارنى قازدى. بېشىمىزدىكى تال-تال ئاق چاچلار، يۈزلىرىمىزدىكى سىزىق-سىزىق قورۇقلار ئاشۇ ئۆتمۈش يىلارنىڭ شاھىدى ۋە يالدامىسى بولۇپ قالدى. ئىز تورى بەك ياخشى

دەرۋەقە، ئاق چاچلىرىمىزنىڭ ھە تېلىغا ئازاپلىق يىللارنىڭ تامغىسى بېسىلغان، يۈزلىرىمىزدىكى تارام-تارام ئېرىقلاردا ھەسرەت-نادامەت ئېقىنلىرى ئاققان....بىز ئۇ يىللاردىن پەقەت ئاقارغا چاچ، ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك قورۇقلارنىلا ئېلىپ قالالىدۇق.

ھۆرمەتلىك كىتاپخان! بۇ روماننى ئوقۇغۇنىڭىزدا، بەلكىم سىز ئۇلارنى قەيەردىدۇر كۆرگەندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالارسىز، بەلكىم، ئۇلاردىن بىرى كۆتۈلمىگەندە ئۆزىڭىزگە ئوخشاپ قالار، شۇنداق بولغىنىدا مېنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشتىكى تىرىشچانلىقىم، مەقسەت-نىشانلىرىم زايە كەتمىگەن بولار ئىدى.

شۇنداق، ھايات يولى بىر ئايىغى چىقماس جاڭگال. ئۇنىڭ باغرىنى قاپلاپ ياتقان ياۋا-چاتقاللار، تىكەندەك ئازغانلار،جىغانلار....مانا بۇ تۇرمۇش ئىكەن....ئادەم ئۇنىڭدىن يول تېپىپ ئاخىرىغا چىقىپ بولغۇچە بەلكىم مۈكچىيىپ، كۆزلەرنىڭ گۆھىرى تۆكۈلۈپ، چاچلارغا قىراۋ قونىدىكەن.

22-بەت      

تەكەببۇر ئەيلىمە زىنھار مىگەرچە ئاسمان بولساڭ،

ئۆلەرسەن ئاقىبەت بىر كۈن سۇلايمان پادىشاھ بولساڭ...

مۇشنى كۆرمىدىڭمۇ باش چىقاردى بورىيا بولدى، ق

ئۈزۈمنى كۆرمىدىڭمۇ يەردە ياتتى تۇتىيا بولدى.

                                                                                                                                                                      106-بەت.

-بۇرۇنقى زاماندا بىر ئوۋچى بار ئىكەن.....ئۇ ئورماندا بىر كىيىكنى ئۇچىرتىپتۇ، ئاتاي دىسە ئوقى قالماپتۇ....ئوۋچى كىيىككە ھىيلە ئىشلىتىپتۇ: «ئەي ئالتۇن رەڭلىك كىيىك، سەن مەن بىلەن كەت...سىنى ئاسرايمەن، دۈمبللىرىڭنى سىلايمەن....سۇنىڭ سۈزۈكىنى، ئوتنىڭ ئۇچىنى بىرىمەن... يىگىنىڭ ئالدىڭدا، يىمىگىنىڭ كەينىڭدە بولىدۇ... سەن چەكسىز بەخىتكە ئېرىشىسەن»دەپ يالۋۇرۇپتۇ. كىيىك ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ماقۇل بوپتۇ ۋە ئوۋچىنىڭ كەپىسىگە كەپتۇ. ئەمما بىر چاغدا ئاستا كەينىگە قارىغۇدەك بولسا، ئوۋچى پىچىقىنى بىلىگەچ:«ئەجەپ قىلتىقىمغا چۈشتى بۇ ئەخمەق!» دېگۈدەك....كىيىك قېچىپتۇ. ئوۋچى ئارقىدىن ئۇنىڭغا ئوق ئۈزۈپتۇ....كىيىك يارىدار بوپتۇ...ئۇ يىقىلا-قوپا، ئاخر بىر جىلغىغا يىتىپ كەپتۇ، ئەمما قاياقتىندۇر پەيدا بولغان ئاجايىپ چىرايلىق بىر كىيىك ئۇنىڭ جاراھەتلىرىنى يالاپ مەلھەم قىلىپتۇ، يۆلەپتۇ، يول باشلاپ پىنھان جىلغىلاردىن، چىغىر يوللاردىن ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈپ، بىر بۇلاق بېشىغا ئەكەپتۇ. چىرايلىق كىيىك:«مەن بىلەن كەت!.....دەپتۇ». يارىدار كىيىك پۇشايمان ياشلىرىنى تۆككەن ھالدا:«مەن بولسام كالتە پەم، ئەقىلسىز، ياخشى-ياماننى پەرق ئىتەلمەيدىغان بىر دىۋەڭمەن...ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر ئالدامچىنىڭ بەدىنىمدە قالدۇرغان جارائىتى بار. بۇ جارائەت يۈرىكىمگە كۆچتى....‹جىسمانى جارائەت تىزلا ساقىيار، روھى جارائەت مەڭگۈ قالار...›دېگەن گەپ بارغۇ؟....لېكىن سەن شۇنچە بەرنا، شۇنچە سۇمباتلىق، ئاجايىپ گۈزەلسەن!...مەن ساڭا قانداقمۇ بويلىشاي؟.....سەن گوياكى ئاسماندىكى چولپانسەن، مەن بولسام يەردىكى شام چىراقمەن!...»دەپتۇ...ھەر ئىككىلا كىيىك يىغلاپتۇ...

توۋا دەيتى ئۇ ئىچىدە: «بىرسى خوتەنلىك، بىرسى قەشقەرلىك، يەنە بىرىسى غۇلجىلىق بولسىمۇ، ئۇلار گويا بىر تۇغقان قېرىنداشلاردىنمۇ چارە ئۆتىشىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا يالغان، ياسالمىلىق، ساختىلىق ئارىلاشقان ئەمەس، شۇنداق! بۇ ئۈچ دوستنىڭ ھاياتىدىكى ئورتاق ئارزۇ-ئىستەكلەر، غايە-نىشانلىرى، پاك يۈرەكلەرنىڭ ئوخشاش سوقۇشلىرى....ياخشىلىققا، ساخاۋەتكە، ۋاپادارلىققا مايىل ساپ كۆڭۈللىرى ئۇلارنى تەبىئىي ھالدا بىر تەن-بىر جان قىلىپ قوشۇۋەتكەنىدى، دوستلۇقنىڭ، دوست تاللاشنىڭ مىزانى نىمە؟ ئەلۋەتتە، ۋاپا، باراۋەرلىك ۋە سەمىمىيەتتۇر...دوستلۇققا ھۆرمەت ھەر ئىككى تەرەپتىن بولىشى كېرەك. سېنى ھۆرمەت قىلىشقا قىسىنغان، ئەكسىچە ھۆرمىتىنى سەندىن ئايىغان كىشى قانداقمۇ دوست بولالىسۇن! ئۇ مۇتىھەملىكتۇر!

270-بەت.                              

دىلبىرىم، سەندەك يەنە ئارامى جانىم يوق مىنىڭ،

تال بويۇڭدەك يەنە بىر سەۋرى راۋانىم يوق مىنىڭ....

بولمىغاي ئالەمدە سەندەك ئاب مەسەللىك نازىنىن،

سۆزلىرى قەندەك لەزېز شېرىن زەبانىم يوق مىنىڭ....

رەھىم قىلغىل مەن يىتىم بىچارىگە ئەي دىلرابا،

سەندىن ئۆزگە ھېچ قەيەردە مېھرىبانىم يوق مىنىڭ...

338-بەت.                                 

بىز بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا،

كۆز ياش ئەمەس، شادلىق قۇبۇلسۇن.

مۇھاببەت ۋە ئۇنىڭ تۇيغۇسى،

ئۆمۈر غايەت گۈزەل تۇيۇلسۇن...

ھاياتىڭنى ئويلىما زىنھار،

ئۇ غەملەرگە قىلىدۇ غەرق.

كىملەر ياخشى ۋە كىملەر يامان،

ۋىجدان بىلەن ئەيلىگىن پەرق.

سۆيگۈ سازى، يۈرەك تارىمنى،

ئۆمۈرۋايەت تەرك ئەتمە، چەك.

دوستلىرىڭ ۋە سۆيگىنىڭ بىلەن،

خوشاللان ۋە بىللە ئەلەم چەك.

بەلكى ئەرتە ئۇلار بىلەن نەق،

ئۇچراشماسمىز ئويناپ كۈلگىلى.

بەلكى ئەرتە ئۆلۈپ كىتەرمىز،

بۇ بىۋاپا ئۆمۈر تۈپەيلى.

462-بەت.                              

سەھەر باغ ئىچىدە ئولتۇرسام، چېچەك پۈركۈپ سابا كەلدى،

كۆڭۈل گۈلشەنىنى يەلپۈپ ئەتىر ھىدى شىپا كەلدى،

شۇدەم يۈز ئاچتى يار ۋەسلى، كۆرۈندى لالىدەك ئەتلەس،

باھاردەك جىلۋە ناز ئەيلەپ، باھار بويلۇق زىبا كەلدى،

سىياھ دەيمەنغۇ قاشنى، مىسالى ئوت قاراشنى.

يۈزىدە نۇر، جىلۋە تەبەسسۇمدىن تۇتۇپ گۈل دىلرابا كەلدى،

قىيامى تاتلىق، قەددىنى سۈمۈرمەك بىر قەدەھ بىرلە،

گوياكى سۆيگۈ جامىدا تولۇق مېھرى-ۋاپا كەلدى،

قېنى شادىمان، غەنىمەت دەم، شېرىن سۆھبەتكە ئەشيان قۇر،

ۋىسال تاڭغا ئېرىشتىڭ، ئەجەپ پەيزى سابا كەلدى.

ئۆتتى غەمسىز بالىلىق، دەۋرىم-ئاشۇ دەۋرانىم مىنىڭ،

ياندى بىر پەس بەرق ئۇرۇپ ئۆچتى ئۇ گۈلخانىم مىنىڭ. !

ئەركە تايدەك شوخ ئىدىم، ئۆركەشلىگەن دەريا ئىدىم،

تاڭغا نۇر چاچقان ئىدى كۆكلەردە چولپانىم مىنىڭ.

ئاق ئۈرۈكتەك شوخ چېچەك ئاچقان ئىدىم كۆكلەم چېغى،

ئۆتتى كۆكلەم، ئاق چېچەكتەك تۆكتى گۈلىستانىم مىنىڭ.

يورغا يىللار ھېچ تۇتۇق بەرمەي ئۆتۈپ كەتتى، دەرىخ،

قومغا سىڭگەن تامچىدەك ئۆتتى ئاشۇ ئەنىم مىنىڭ.

چۆچەك ئېيتاتتى مېنى ئەللەي ئېتىپ جانىم ئانام،

بەختىيارلىق ئىچرە ئۆتكەن ھەر شەبىستانىم مىنىڭ.

ئاھ، ئاشۇ غەمسىز دەرۋىر قايتىپ يەنە كەلسە ئىدى،

گۈللىسە بىر پەسكە دەيمەن ئۆمرى بوستانىم مىنىڭ.

كەتتى ئۆمرۈمنىڭ گۈزەل بىر پارچىسى ئەمدى ئۇزاپ،

ۋادەرىخا، قالدى مىسكىن دىلدا ئارمانىم مىنىڭ.

462-بەت.                              

-ئاھ! ئانا دەريا....ئەزىزىم دەريا...دېدى شادىمان مەخمەلدەك قىرغاقلارغا كۆز تىكىپ....سەن خوتەن دىيارىغا ھاياتلىق، نىجاتلىق، بەرىكەت ئېلىپ كېلىسەن....خەيىر-ساخاۋىتىڭ شۇنچە چەكسىزدۇر، بىراق، مىننەت قىلمايسەن!....خۇددى خوتەن دېھقانلىرىدەك ساددا-ئاقكۆڭۈلسەن!..... سېنىڭ قاشتېشى سۆيگەن سۇلىرىڭ گوياكى ئابى كەۋسەردۇر...ھەر قەترەڭ جان ئاتا قىلغۇچى زەمزەمدۇر!...


«جاپاكەش ئۇكام نەبى !   

   مەن خېتىمنى سەن ئۈچۈن ئەمەس ، ئۈزەم ئۈچۈن يېزىۋاتىمەن . سەن پۈتكىن – پۈتمىگىن بۇ گىپىم راست ، نىمە   ئۈچۈن دەپ سورىمامسەن ؟ مەن ساددىلىغىمدىن ، گۈدەكلىكىمدىن ، شەخسىيەتچىلىكىمدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ، گۇناھلىرىم ، رەزىللىكلىرىمنى ئەخلاق تارازىسىغا سېلىپ دەڭسەپ كۆرمەكچىمەن . مەن زادى مۇشۇ ئازغىنە ھاياتىمدا ئادەمدەك ياشىدىممۇ يوق ، دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تاپماقچىمەن . مەن بۇ خەتنى ساڭا يېزىشتا كۆپ ئويلاندىم ، ئەخلاق مىزانلىرىدىن چەتنەپ كەتتىممۇ قانداق ؟ دەپ ئۆز – ئۆزەمدىن سورىدىم ، ئەممە يۈرىگىم ماڭا : « نەبىمۇچوڭ بولدى ، ئاق – قارىنى پەرىق ئەتكۈچىلىكى بار » دەپ مەدەت بەردى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەپ كىلىۋاتقاب بىر – بىرىگەزىددىيەتلىكقارمۇ – قارشى بولغان سەرگۈزەشتىلەرنى ئەينەن قۇيىۋالمىسام ، ھېكمەت ، ماھىگۈل ۋە سىنىڭ ئالدىڭدا ئەبىدىلئەبەت قارا قاغا بۇلۇپ قالغۇدەكمەن ، شۇڭا ، ھايا – نۇمۇسنى بىر چەتكە قايرىپقېلىنلىق قىلىشقا توغرا كەلدى .

مەن ئون ئالتە يېشىمدا ھېكمەتكە ئاشىق بولغىنىم راست ، بۇنى مەن شاللاقلىق دېيەلمەيمەن ، دەسلەپتە كۆرمىسەم ئۇنتۇپ كېتەرمەن دەپ ئويلىدىم ، نەدىكىنى ، ھەر قاچان خىيالىمدىن چىقمايدۇ ، تەنھا قالغانلىرىمدا سېغىنىمەن ، ئويلايمان ، ناھايتى كۆپ ئويلايمەن ! مەن ئۇنى ساراڭلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغانىدىم . ھېكمەت ھەر شەنبە بوستاندىن كىلىپ بولغىچە مەكتەپتىن قېچىپ بولسىمۇ گۈلباغدا ساقلايتتىم ، ئۇنىڭ قارىسى كۆرۈنگەن ھامان ئارقىسىدىن ئەگىشىپ ياكى ئالدىغا ئۈتۈپ قايرىلىپ قاراپ ماڭاتتىم ، ئۇ گۈلزىبا ئاچامنىڭ قورۇسىغا كىرىپ كەتكەندىن كىيىنلا ، خۇددى قۇزىسىنى يۇقاتقان كىيىكتەك بۇيۇن قىسىپ قالاتتىم ... مىنىڭ تۇتقىدەك ساپىقىم ، ئېسىلغۇدەك ئېلىنچۈكۈم بولمىسىمۇ ، قەلبىمدە نىمە ئۈچۈندۇر ئاجىز ئۈمىد يىپىئۆمۈچۈك تورىدەك ئېسىلىپ تۇراتتى . مەن سېغىنىش پىراقلىرىمغا توي – تۈكۈن ، مەرىكىلەردىن داۋا تاپاتتىم ، چاقىرسىمۇ ، چاقىرمىسىمۇ باراتتىم ، ئېيتىڭا نەبى خۇدا كۆڭۈلگە سالغان ئىشىق سەۋدانى كىممۇ ئەيىپلىيەلىسۇن ؟! لېكىن ، مەن قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلالايمەنكى ، ھېكمەتنى غايىۋانە ياخشى كۆردۈم ، گۈلزىبا ئاچام ھەققىدە پىتنە – پاسات تارقاتمىدىم ، پەقەت گۇناھ ھېسابلانسا ، ھەسەت قىلغىنىم راست ! ، كىيىن گۈلرۇزنىڭ سۈيقەسىتلىك ئېرىقىغا سۇ ياقىلىغىنىمغا ئۈزەم ئىقرار ( مەن بۇ توغۇرۇلۇق ئۆز ۋاقتىدا ھېكمەتكە دېگەن ئىدىم ) . مەن يەنە بىر رەزىللىكنى دادىللىق بىلەن ساڭا دەپ بىرەي : ئەگەر گۈلرۇزنىڭسۈيقەستى ئىشقا ئاشسا ، ھېكمەت گۈلرۇزنى ئالمايتتى ، بۇ يەردە ئەڭ خەتەرلىك رەقىپ ماھىگۈل ئىدى ، ئۇ ماڭا رەقىپ بولغىنى بىلەن مەنئۇنىڭغا كۈشەندە بۇلالمايتتىم ، چۈنكى ئۇ ھەممە تەرەپتىن مەندىن ئۈستۈن تۇراتتى ، گۈلزىبا ئاچام تۈگىگەندىن كىيىنمۇ بۇ رەھىمسىز رېئاللىق مېنى داۋاملىق ئازاپلاپ تۇردى . قىش – زېمىستانلارداتاماق ئېتىپ قوشكۆلگە يوقلاپ چىقسام ، ئۇ قوپاللىق بىلەن : « سىز كىم بۇلىسىز ؟ مەن سىزنى تۇنىمايدىكەنمەن ؟ » دەپ گەمىگىمۇ باشلىمىدى . ئەگەر مۇرات ئاچچىقلىمىغان بولسائۇ مېنى ئاشۇ ئايدالادىنلا يولغا سېلىپ قويغان بۇلاتتى . ھېكمەت سامبۇسىدىن ( كۆڭلۈم ئۈچۈن ) بىرنى يەپ بۇلۇپ : « بۇنىڭدىن كىيىن كەلگۈچى بولماڭ ، بۇ يەردە تۈزۈمىمىز قاتتىق » دەپ ھەيدىۋەتتى . قوشكۆلدىكىلەر شەھەرگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ، مەن خېلى يېقىنلىشىپ ، ئۇتۇنۇپ باققان بولساممۇ ، ئۇ كۆز قىرىنىمۇ سالمىدى . نەبى ئۇكام، مەن مۇھەببىتىم يۇلىدا ھارماي – تالماي ئات سالغىنىم راست ، بىز لوپتا ئىنقىلاپ قىلغان ۋاقتىمىزدا ، مەن ئۇنىڭغا ئەخلاقى جەھەتتىن ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ ، ئارىمىزدىكى توڭ خېلى ئېرىگەندەك بولدى . بىراق ، ماھىگۈلدىن ئەنسىرەپ تۇراتتىم ، بۇ توغرۇلۇق ئىنىق جاۋاپقا ئېرىشەلىسەملا نىمە قىلىشىم ماڭا ئايان بۇلاتتى . شۇڭا ، بىر كۈنى مەن ئۇنىڭ ئۆيلىنىشى ھەققىدە گەپ ئېچىپ :« دۇستلىرىڭىز بىرەر قىزنى كۆرسەتكەنمىدى ؟ » دەپ سورىدىم. ئۇ :« ماھىگۈلنى سايە قىلىشقانىدى ، ئۇغۇ پەزىلەتلىك قىز ... ئۆزەممۇ ... لېكىن... » دەپ توختاپ قالدى . مەن ئاسماقچىلاپ : « ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەمدۇ ؟ » دېدىم . ھېكمەت : « بۇنىڭ ئەكسىچە ! ... ئەمما ماھىگۈل بىر تۇققان سېڭلىمدەكلا بۇلۇپ قاپتىكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇغۇچۇم تۇرسا ... » دېدى . مەن ئۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ۋاقىرۋەتكىلى ، ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلغىلى تاسلا قالدىم . چۈنكى ، ھېكمەتنىڭ ئىنسانى پەزىلىتى ، ياخشى كۆرۈشنى تەرك ئېتىپ ، « سىڭلىسى » ، « ئوقۇغۇچىسى » غا ئۆيلىنىشكە ئىجازەت بەرمەيدىكەن .

ئۇكام نەبى ، مەن قېلىنلىق قىلىپ يۈرەككە تالىق سىرلارنى ئاشكارلىۋەتكەنلىكىمدىن ئەجەپمۇ نۇمۇس قىلىۋاتىمەن ، ئامالىم قانچە ، مىنىڭ مەڭگۈ مايلىق قاپاق بۇلۇپ قالغۇم يوق ! شۇنىمۇ ئىقرار قىلىشىم كېرەككى ، مەن ھېكمەتنىڭ ماڭا ئىگىلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتكەندىن كېيىنلا ، دۇستلىرىنى ئىزلىدىم . كامىل ، مۇرات ، زۈمرەت ، نەفىسەلەر ئۇنى قىستىدى ، ئەزەلدىن دوستلىرىنىڭ لەۋزىنى يىرىمىغان ھېكمەت ئاخىرى ئۈزىنى قۇربان قىلدى . ئەرلەر ئۇزاپ ماڭغان چاغدا ، ھېكمەت بىلەن مۇراتنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەن ئىدى ! مەن شۇ چاغدىلا ھېكمەتنىڭ مىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىغىنى ھېس قىلغان بولساممۇ ، تېگىۋالساملا بولدى ، كېيىنكى تۇرمۇش ئۆزلىگىدىن ياخشىلىنىپ كېتىدۇ ، دەپ خام ئويلىغانكەنمەن ... بۇلۇپ ئۆتكەن بىر ئىش يادىمغا كەلسىلا ھەم كۈلگۈم كېلىدۇ ھەميىغلىغۇم كېلىدۇ . بىر كىچىدە ھېكمەت « گۈلزىبا ... زىبا ... »دېگىنىچە جۆيلۈپ تۇرۇپ كەتتى ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇمۇ ، مەنمۇ جىمىپ قېلىشتۇق ، ئۆي ئىچىدە ئۇشۇق – تۈشۈك سۆز بۇلۇنمايتتى . بىر كۈنى ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ سوراپ تۇرىۋالدىم . ھېكمەت مىنى ياخشى كۆرمىگىنى بىلەن كۆڭلۈمنى ئايايتتى . ئۇ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كېتىپ : « ماگىزىنغا كىرىپ ، <ئاۋۇ چۆگۈن نەچچە پۇل> ، دىسەم ،< مۇنچە پۇل > دېدى ، < ئالە پۇلۇڭنى ، ئەكە چۆگۈننى > دەپ ئېلىپ چىقىۋاتسام، قاياقتىندۇر پەيدا بۇلۇپ قالغان گۈلزىبا : « چۆگۈننى نېمىشقا ئالدىڭىز ؟ » دەپ ئۇرۇشۇپ كەتتى ، ئۇنىڭغا قانچە قىلىپمۇ چۈشەندۈرەلمىدىم ، ئۇ ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدىقانچە ۋاقىرساممۇ توختىمىدى .... » دەپ سۆزلەپ بەردى . مەن ئۈزەمچە تەبىر بېرىپ : « گۈلزىبا ئاچام ئۇدۇنيادىمۇ سىزنى ئويلايدىكەن ، ئۇشۇق نەرسىگە پۇلنى بۇزماڭ دېگەن بىشارەتنى بەرگەن چېغى » دەپ قويدىم . بىراق ، بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بەكمۇ كېچىكىپ چۈشەندىم ، ئەسلىدە ئۇنىڭ سېتىۋالغان چۆگۈنى مەن ئىكەنمەن ، راست ئەمەسمۇ ، نە نەپرىتى ، نە مۇھەببىتى بىر قىزغا تەقدىرىنى باغلاش خۇددى : «ئالە پۇلۇڭنى ، ئەكە چۆگۈننى » دېگەندەكلا گەپقۇ .

جېنىم ئۇكام نەبى ، خېتىم بەكمۇ ئۇزىراپ كەتتى ، ئۈزەمنىڭمۇ ئەزەلدىن زىھنىم گال بولغاچقاپىكىرلىرىمنى يېغالمايۋاتقان بولسام كېرەك . مەن مۇھەببىتىم يۇلىدا رىيازەتمۇ چەكتىم ، گۇناھقىمۇ پاتتىم ... لېكىن ئېرىشكىنىم بەخىتسىزلىك ! ئەزىمەت ئىشىدا ئۈزەمنى بىر ئۆمۈر كەچۈرەلمەيمەن . شۇ چاغدا مىنى شەيتان ئازدۇرمىغان بولسا ، ھېكمەتنىڭ قەلبىدە زەررىچە بولسىمۇ ئىسسىق ئورنۇمنى تاپقان بۇلاتتىم ، ئەڭ بولمىسا ئۇنىڭ يۈرىگىدە توڭلاپ كەتكەن مۇزلارنىڭ بىرەر پارچىسى ئېرىگەن بۇلار ئىدى . سەنمۇ ئىككى يىل يۇرت كىزىپ كىشىلەر بۇسۇغىلىرىدا بوينۇڭنى قىسىپ ، تىلەمچىلىك كوچىلىرىدا تىنەپ – تەمتىرەپ ، ياشلىق ھاياتىڭنى نابۇت قىلمىغان بۇلار ئىدىڭ ( بۇ توغرۇلۇق سەن ئۈرۈمچىدىن كەلگەندىلا كەچۈرۈم سورىغان ئىدىم ) . مەن دىۋەڭنىڭ ئۆمرى خاتالىق ئۆتكۈزۈش ، توۋا قىلىش بىلەن ئۆتىدىغان ئوخشايدۇ . بەزى چاغلاردا « تىلىم يوق گاچا بۇلۇپ قالغان بولسامچۇ » دھپ ئويلاپ كېتىمەن ، مانا بىر ئېغىز سۈزۈم بىلەن سەن تۈرمىدىكى مەھكۇمغا ئايلاندىڭ . كۆڭلۈڭنىڭ ياخشىلىغىدىن تېخى ماڭا : « ئاچا ، تۇلا يىغلاپ ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەۋەرمەڭ ، مىنىڭ بۇ يەرگە كىرىپ قېلىشىمغا ، گۈلرۇزنىڭ ئۆلۈمى سەۋەپ بولمىدى » دەپ تەسەللى بەردىڭ .... ساڭا رەھمەت ، مىڭ مىراتەم رەھمەت ! ئالماستەك پاكىزكۆڭلۈڭگە رەھمەت ! خۇدايىم پاك بەندىلىرىنى ئاپرىدە قىلىشتىن بۇرۇنلا ياخشىلىق ، ساخاۋەت نۇرلىرىنى زۇۋۇلىسىغا قېتىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ . گەرچە سەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇتقان بولساڭمۇ ، ئەمما مىنىڭ يۈرىگىمنى پۇشايماندىن ئىبارەت بىر مەرەز چاڭگاللىرىغا ئېلىۋالدى ، ھەر مىنۇت ، ھەر دەقىقە نەشتەرلىرىنى سانجىغىنى سانجىغان ......

...................................................................................................

قىسقىسى ، ئۇكام نەبى ، مەن قارىغۇ مۇھەببەتنىڭ ئارقىسىغا كىرىپ ، نۇرغۇنلىغان سەۋەن – ىاتالىقلارنى ئۆتكۈزدىم . سەن ئانا –بالا ئىككىمىزنى ئېتىۋېتىش ئۈچۈن كىرگەندىمۇ ، دېيىشكە تېگىشلىك بولمىغان ، غورورىڭنى دەپسەندە قىلىدىغان گەپلەر بىلەن ھاقارەتلىدىم . ھېكمەتنىڭ : « سىز ئۆزىڭىزنىڭ باينىڭ قىزى ئىكەنلىكىڭىزنى پەش قىلماقچىمۇ ؟ بىلەمسىز ، گۈلزىبا ، ماھىگۈل ، نەبىلەر نامراتچىلىق ئىچىدە يېتىلگەن ساپ گۆھەرلەر ... » دېگەن سۆزىدىن كىيىنلا ئۈزۈمنىڭ خاتا قىلغىنىمنى ھېس قىلىپ يەتتىم ، نەبى ، سىنى ، ماھىگۈلنى كۆپ رەنجىتتىم . ماھىگۈلنىڭ مىنى ھەر نېمىلەرگە ئوخشاتقىنى خاتا ئەمەس توغرا . مەن ئاشۇنداق ئىبلىس ، رەزىل ، پاسكىنا ، چايان ! ئويلاپ باققىنا ، ھەر قانداق قىز – يېگىتنىڭ ئۆز بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغانلىغى ئىنىققۇ. ماھىگۈلمۇ ئۆز بەختىنى تارتتۇرۇپ قويغانلىغى ئۈچۈنلا ، پەرىشتىدەك بىر قەلىپ ئىگىسىگە قانچىلىك تۆھمەتلەرنى قىلغان ، ئەقىل سىغمايدىغان قاباھەتلىك تىللارنى ياغدۇرغان ، ھېكمەتنى گۇيا مەلئىن تەبىئەتلىك ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قويغان ! ...... بەخىت ئىزدھش ئەنە شۇنداق رەھىمسىز ، شەپقەتسىز بولىدىكەن ، ھەتتا ۋاقتى كەلگەندە دوستلارمۇ بىر – بىرىگە باقمايدىكەن . مەن بەزى چاغلاردا ئۆزۈمنىڭ مۇھەببىتىمنى ، سۆيگۈ يۇلىدىكى شىجائىتىمنى ، ۋاپا – ئىشىق بابىدا يېتىلگەن يېتىكمىگەنلىگىمنى دەڭسەپ كۆرمەيلا ئوتقا سەكرىگەنلىگىمنى ھېس قىلغىنىمدا چۆچۈپ كېتىمەن . كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم ، ھېكمەت بىلەن گۈلزىبا ئاچامنىڭ مۇھەببىتى بەجايىكى تاڭدا بالقىغان ئوتلۇق قوياش ئىكەن . ئۇ ، ئۆز ھارارىتى بىلەن ھەممىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىشقا قادىر ئىكەن . لېكىن ، مىنىڭ ياخشى كۆرۈشۈم ساددا ، پاك ، غۇبارسىز بولسىمۇ ، ئاشۇ قوياش ئالدىدا ئۇچقۇنچىلىكمۇ بۇلالمايدىغانلىغىغا كۆزۈم يەتتى . ھېكمەت بىلەن بىللە ئۆتكەن بىر نەچچە يىللىق ھاياتىمدىن شۇ نەرسە ئايان بولدىكى ، مەن يۈرىكىنى بىرىنچى ئايالى بىلەن بىللە دەپنە قىلىۋەتكەن ئادەمنىڭ قۇرۇغدىلىپ قالغان قەلىپ سارىيىغا مېھمان بۇلۇپ كىرىپتىمەن ، بۇ سارايدىن شۇنداق بىر ئەكىس سادا يانىدۇكى ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ھەرقانداق بىر ساھىبجامال مېھمانغىمۇ ئۈزىنىڭ سۇغۇق ۋە سىرلىق تەبەسسۇمىدىن باشقا ساھىبخانلىق قىلالمايدۇ . مەن لوپنىڭ بىر ئايدىڭ كېچىسى ھېكمەتتىن : « باشقا قىزلارغا سۆز ئېچىپ كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ » دەپ سورىغىنىمدا . ئۇ :« دېدىمغۇ ، كۆڭلۈم تارتمايدۇ ، ئىھتىمال گۈلزىبا ھەممىنى ئېلىپ كەتكەن بولسا كىرەك ...... » دھپ جاۋاپ بەرگەنىدى . ئۇ يالغان ئېيتماپتۇ ، مەن بۇلارنى نېمىشقا بۇرۇنراق ئويلىمىغاندىمەن ، بۇلارنى بىلىپ يەتكىنىمدە ئۆزەمنىڭ ، شاكىلىدىن ئەمدى ئايرىلغان يۇمران چۈجە ، ئۆردەك بالىسىنى دوراپ كۆلگە سەكرىگەندەك ئاخمىقانە پاجىئەگە قەدەم قويغانلىغىمنى بىلدىم! بۇرۇن ھېكمەت بىر قانچە قېتىم ئايرىلىپ كېتەيلى ، دېگەن تەكلىپنى قويغاندا ، مەن يىغلاپ – قاقشاپ ، يالۋۇرۇپ زادىلا ئۇنىمىغان ئىدىم ، ئەمدى ئۇنداق نادانلىقنى قىلمايمەن ،ئەرلەر ئۈچۈن كۆڭۈلسىز خوتۇننىڭ كۆزىگە قاراپ ياشاشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىغىنىدەك ، ئاياللار ئۈچۈن مۇھەببەتسىز ئەر بىلەن ئۆتۈش ئۆلۈمدىنمۇ ئارتۇق بەخىتسىزلىك ئېلىپ كېلىدىكەن . ئەمىسە ھېكمەتتىن ئايرىلىپ كېتەيمۇ ، بىر قىزىم يېتىم بولسۇنمۇ ؟ ، ياق ! ... ياق !!... ھېكمەت بەختىنى ئېزلەۋەرسۇن ، مەن ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولمايمەن .... پەقەت ئۆمرۈمنى بىر ئۈندە ، بىر تۈندە تەنھا ئۆتكۈزۈپ خۇدايىمدىن ، ھېكمەتنىڭ كۆڭۈل قەسىرىگە مېنى ھەقىقى ساھىبخان قىلىشنى ، قەلىب بۇلاقلىرىمغا چىن سۆيگۈ زەربەتلىرىنى تۈكۈشنى تىلەيمەن . شامۇ – سەھەرلەردە گۈلزىبا ئاچامنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ ، ئۇنىڭدىن ھېكمەتنىڭ يۈرىگىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنىمەن ، بىر يىل ... ئون يىل... يىگىرمە يىل ... ھەتتا ئۆمرۈم بۇيى كۆز ياشلىرىم بىلەن قەبرىسىنى نەمدەپ ئاھ – نالە قىلسام خۇدا گۈلزىبا ئاچامغا سەخى – ساخاۋەت ، رەھمى – شاپائەت ئاتا قىلسا ئەقەپ ئەمەس . شۇ چاغدىلا ھېكمەت مېنى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ . ھەقىقى ئىشىق قىياملىرىنى دىل بوستانلىرىمغا تۆكۈدۇ . گەرچە مېنىڭ شۇ چاغلاردا چاچلىرىم مەشۈتتەك ئاقىرىپ ، كۆز گۆھەرلىرىم تۆكۈلۈپ ، بەللىرىم مۆكچىيىپ كەتسىمۇ ، ھېكمەتنىڭ باغرىغا بىر نەپەس باش قۇيىۋالغىنىم ماڭا مىڭ يىللىق بەخىت – ئېھسان ھۇزۇرىنى بىېرىدۇ . ئىھتىمال بەزىلەر : « بىر ناتىۋان مەزلۇمەنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزدىمىگەن ھېكمەتنى مۇنەپىق ، كۆڭلى قارا ، ۋاپاسىز ، پەزىلەتسىز ... » دەپ ئەيىبلىشىمۇمكىن . مەن ئۇنداق دېيەلمەيمەن ، بۇنداق دېگۈچىلەر ئۈزىگە تەئەللۇق بولمىغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلمىگەندە ، ناشۈكۈرلۈك ، نامەرتلىك دېپىنى چالىدىغانلاردۇر خالاس ......

خوش نەبى ئۇكام ، مەن كۆڭلۈمدە پۇخ بۇلۇپ كەتكەن ھەممە دەردۇ ئەھۋالىمنى تۆكۈۋالدىم ، ئۆزەمنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن ... ئەمدى مىنى ئەيىپلەمسەن ياكى ئەپۇ قىلامسەن ، سېنىڭ ھېممەت – ساخاۋىتىڭگە باغلىق ، خۇدايا توۋا ، دۇنيادا سېنىڭدىن ئۆزگە سىردىشىم ، مۇڭدىشىم يوقتەك قېشىڭغا بارغۇم ، سۆزلەشكۈم كېلىپلا تۇرىدۇ ، گەرچە بىز بىر ئانىدىن تۇغۇلمىساقمۇ ، سەن بىر تۇققان قېرىندىشىمدەك . سېنىڭ خىيالىڭ بىلەن ياشايمەن . گېپىم تۈگىدى . ھە راست ، ئۆتكەندە ئاپارغان كىيىملەر ساڭا خۇپ كەلدىمۇ ؟ ھازىر مەن قارىلىق بۇلۇپ قالدىم ، ئانام قازا قىلىپ ئۆلۈمىنى جامائەت بىلەن ئۇزاتتىم ، ھېكمەت بوستاندا تۇتۇلۇپ يەر ئاستىدىكى زىنداندا ياتىدۇ . بىلمىدىم ، ھازىر ئۇنىڭ ھالى نىچۈك ! .....

ئامان بولغىن ، بەخىتسىز ئاچاڭ : مەھبۇبەدىن »





جالالىدىنبەھرامنىڭ« لېيىغانبۇلاق » رومانىنىڭ 5- قىسمى « ئاخىرقى دوقال » دىن ئېلىندى .

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 16:16:29

مەن بەك بۇرۇن ئوقۋاپتىكەنمەن ئالدىنقى 4قىسىمىنى .باشلانغۇچقا ئوقۇيتۇمغۇ دەيمەن{:106:}

atella يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 16:31:08

ھەقىقەتەن ساقلاشقا تېگىشلىك كىتاپ، ئۇيغۇر بالىق سىز مەندىنمۇ كىچىكمۇ ؟ مەن ئورتا مەكتەپنىڭ 1-يىللىقغا چىققاندا ئوقۇغان...

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:13:22

مەندىكىسىنى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتتابىر ساۋاقدىشىم ئارىيەت ئېلپ شۇ پېتى بېقىۋالغان ھازىر 2 قىسىم قالدىغۇ دەيمەن مەن بىر يۈرۈش ئالاي ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىغان ياخشى كىتاپ بۇ .

kitabqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 17:55:13

3- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەندىكىسىنى تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتتا بىر ساۋاقدىشىم ئارىيەت ئېلپ شۇ پېتى بېقىۋالغان ھازىر 2 قىسىم قالدىغۇ دەيمەن مەن بىر يۈرۈش ئالاي ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىغان ياخشى كىتاپ بۇ .



مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. 13899943496


qq:953492418

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:28:19

ئوقۇمىغان.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:39:10

مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا سىنىپتىكى بىر قىزغا، بىكارچىلار ئوقۇيدىغان كىتاب ئۇ، دەپ قويغىنىمنى بىلىمەن، تاس قالغان مەن بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتكىلى، ئۇ كىتابنى ئۇنداق-بۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ دەپ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 19:59:32

كىتابتەك كىتاب بۇ!مەن ئالدىراپ كىتاب ياراتمايمەن. ئەمما، بۇ كىتابنىڭ 5 - قىسمى غۇلجىدا قولۇمغا چىقىپ قېلىپ ئوقۇشقا باشلاپتىكەنمەن. ئوقۇيمەن ژىغلاۋاتىمەن، ئوقۇيمەن، كۈلۈۋاتىمەن... شۇنىڭ بىلەن ئارىسىنى ئاچماي ساقلاپ قويغان 7 قىسىملىق ئەسلىي نۇسخىسىنى ئالاھىدە قويۇپ قويغان ئورۇندىن تېپىپ ئاچىقىپ كېچە - كۈندۈر دېگەندەك ئارام ئالمىغاندەك ئوقۇپ تۈگىتىپ توختاپ: ئاخىرى بارمۇ؟ دەپ ساپتىمەن.



مۇشۇ مەزمۇندىكى كىتابلاردىن قىسقاراق بولسىمۇ: تەقدىر، مېھرىگىيا، قاتارلىق كىتابلارمۇ سۈيۈپ ئوقۇش، ساقلاش قىممىتى يۇقىرى كىتابلارنىڭ بىرى.

kitabqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 20:04:16

تېمىنىڭ خەت شەكلى خەجەب بىنورمال چىقىۋاپتا؟ باشقۇرغۇچىلار ئېغىر كۆرمەي تۈزلەپ قويساڭلار...بۇ مۇنبەرگە پەقەتلا رەسىم قىستۇرالمىدىم.

simsim يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 22:42:08

سىزدە بارى ئەسلى نەشىرىمۇ ياكى كۆپىيتكەن نەشىرىمۇ؟ ئەسلى نەشىرى بولسا مەن ئىككى يۈرۈش ئالاي، يەتتە قىسىمدىن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 04:31:32

9- قەۋەتتىكى simsimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزدە بارى ئەسلى نەشىرىمۇ ياكى كۆپىيتكەن نەشىرىمۇ؟ ئەسلى نەشىرى بولسا مەن ئىككى يۈرۈش ئالاي، يەتتە قىسىمدىن.



كېيىنكىسى. بوممىسا ئۇندا ئەزان بەمەيدۇ.

kitabqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 07:57:21

شۇنداق ئەلۋەتتە ئەسلى نەشرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخسى بولىدۇ-دە، ناۋادا ئەسلى نۇسخىسى بولسا ئۇنداق ئەرزان بولمايتى.بۇ باھانى نەچچە ھەسسە قاتلىۋېتىشى تۇرغانلا گەپ. لېكىن مالنىڭ سۈپىتى ئەسلى نۇسخسىدەكلا ياخشى.

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 09:38:47

بولسا رەسىمگە تارتىپ ئەۋەتسىزڭى كۈرۈپ باقساق بۇلاركەن .

kitabqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 11:21:25

مەن مۇنبەرگە پەقەتلا رەسىم يوللىيالمايۋاتىمەن. كەچكىچە بىر ئامالىىنى قىلاي. لىكىن مال سۈپەتلىك.

kitabqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-26 15:53:53

QQ:953492418

dilxatjan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 11:46:59

بۇ بەك ياخشى كىتاپ، مەنمۇ بەك تەس تاپقان بۇ7 قىسىم كىتابنى، ھېچكىمگە بەرمەي ساقلاۋاتىمەن.

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-27 13:07:20

مېنىڭ ئەجەبلىنىدىغىنىم:بۇ كىشى(جالالىددىن بەھرام) يۇقۇرقىدەك نادىر رومانلىرى بىلەن ئەل ئىچىدە يۇقىرى ئابروي-ئىناۋەتكە ئېرىشتى،لېكىن ئەدەبىيات ساھەسىدە نېمە ئۈچۈن ھېچقانچە زىلزىلە پەيدا قىلالمايدۇ؟{:107:}

otuken37 يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 08:15:37

مېنىڭچە جالالىددىن بەھرامنىڭ بۇ بىر يۈرۈش كىتابلىرى توغرىسىدا ئوبزور يېزىلماسلىقىدىكى تۈپكى سەۋەب، ئوبزورچىلار كۆڭۈل قويۇپ تۈزۈك ئوقۇپ چىقمايدۇ، ئوقۇغانلار ھاياجانلانغان جايىدىلا توختاپ قالىدۇ.يەنە بىر سەۋەب، يازاي دەپ يازماي قويغانلار بەلكىم، شۇنچىلىك ياخشى يېزىلغان بۇ ئەسەرنى ياخشى باھالىيالماي قېلىشىدىن، ئىستېداتىدىن گۇمانلىنىپ يازمايلا قويغان بولۇشى مۇنكىن ...

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 08:43:36

مەن ئالىمەن

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2012-1-3 15:21:30

كىتاب بىلەن تەڭ كۈلۈپ ، تەڭ يىغلاپ ئوقۇۋەتكەن كىتابلاردە ... بۇ روماندىن ئۆگەنگەن نەرسىلىرىم بەك كۆپ ...



كىتابچى ، سىزدە قايسى نۇسقىسى بار ؟ بىرىنچى نەشىرىمۇ ياكى قايتا نەشىرىمۇ ياكى شەخسىلەرنىڭ كۆپەيتكىنىمۇ ؟
بەت: [1] 2
: لېيىغان بۇلاقنى ئوقۇغانمۇ؟(300يۈەن)