hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 09:26:00

10 تۈرلۈك بۆرەك كېسىلى سىگنالىغا ھۇشيار بولۇڭ[تەرجىمە]

10 تۈرلۈك بۆرەك كېسىلى سىگنالىغا ھۇشيار بولۇڭ




1. بۆرەك كېسىلىڭىز بولسا ئاقسىل قاتارلىق ئۇزۇقلۇق ماددىلار بۆرەكتىن ئېقىپ چىقىپ سۈيدۈك ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىلىدۇ. ئادەم ئۆزىنى روھسىز ھېس قىلىدۇ. بەزى بىمارلار بەلكىم بەك چارچاپ كەتكەنلىكتىن ياكى بولمىسا باشقا سەۋەبلەردىن  بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ،بۆرەكتىكى مەسىلىگە سەل قارىشى مۇمكىن.




2. قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلەشكەن ۋاقتىدا،قاندىكى ئۇرېيە ئازوتنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، ئۆچەي يولىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ ئازۇت ئېنىززىمى ئازوتنى ئاممىياكقا پارچىلىۋېتىدۇ. ئاممىياك، ئاشقازان ئۆچەي يوللىرى شىلىمشىق پەردىسىنى غىدىقلاپ كۆڭلى ئىلىشىش قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.




3. يۇقىرى قان بېسىمى يۇقىرى قان بېسىملىق بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ يەنە يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ بۆرەككە زىيان يەتكۈزۈشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شۇڭلاشقا يۇقىرى قان بېسىمى بار كىشلەر ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە بۆرەك كېسىلىمۇ يۇقىرى قان بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


4. سۈيدۈكىدە ئاقسىل بولۇش ياكى يۇشۇرۇن قان بولۇش بۆرەكتە كېسەللىك بارلىقنىڭ مۇھىم بەلگىلىرى. سۈيدۈكنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بۇنى بىلگىلى بولىدۇ.ئەمما بەزى ۋاقىتلاردا بۆرەك كېسىلى كەسپىدىن بولمىغان دوختۇرلار بۇ نۇقتىغا سەل قارىشى مۇمكىن،شۇڭلاشقا بۆرەك كېسىلى كەسپىنىڭ دوختۇرلىرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىزغا تەۋسىيە قىلىمىز.




5. داۋاملىق سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى.بەلكىم بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ تۇلۇق بولماسلىقى كىلىپ چىقىشى مۇمكىن.




6. نورمال بولغان ئادەملەرنىڭ كىچىك تەرەت قېتىم ساني  بىر كۈندە6-4 قېتىمغىچە بولۇپ سۈيدۈك مىقدارى 800-2000 مىللىمېتىرغىچە بولىدۇ، ئەگەر سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش مىقدارى ھەمدە قېتىم سانى جىق ياكى ئاز بولۇپ قالسا دىققەت قىلىش كېرەك.




7. قان ئاز كىشلەر داۋاملىق قان بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك،بۆرەكنىڭ كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش قابىلىيىتىدىن باشقا يەنە قان ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھورمون ئىشلەپ چىقىرىش رولى بار، شۇڭا بۇمۇ بۆرەك ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى.




8. يەللىك بۇغۇم ئىششىقى، قاندا سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىش كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەنلىكنىڭ ئىپادىسى. قاندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسى كۆپىيىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سۈيدۈك كىسلاتاسى بۆرەكتە چۆكمە ھاسىل قىلىپ بۆرەك ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇۋىتىدۇ.




9. بۆرەكتە چاتاق بار  كىشىلەردە كۆپ ۋاقىتلاردا ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى كۆرىلىدۇ،بولۇپمۇ ئاشقازان ئۆچەي يولىدا ئىششىپ كۆرىنىش، داۋاملىق تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك،قورسىقى كۆپۈش،ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلار.




10. سۈيدۈك تەركىبىدە كۆپۈكچىلەرنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ خىلمۇ خىل بولۇپ ، بۆرەك كېسىلى بار ئادەملەردىمۇ مۇشۇ خىل ھادىسە كۆرىلىدۇ.ئەگەر ئاقسىل بۆرەكتىن سۈيدۈككە ئېقىپ كىرسە، ئۇنداقتا سۈيدۈكتە نۇرغۇنلىغان كۆپۈكچىلەر كۆرىلىدۇ.



مەنبە:






hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-25 09:43:30

بۆرەك كېسىلى ئادەمگە  يۇشۇرۇن ھۇجۇم قىلامدۇ ياكى بىز راستىنلا ئانچە دىققەت قىلمايمىزمۇ ئىشقىلىپ

يېقىندا بىرنەچچە تۇنۇش بولغان كىشلىرىم مۇشۇ كېسەل بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.

بەزىدە باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ بۇ كېسەلگە گىرىپدار بولىدىغانلارنىڭ سانىنىڭ جىقلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ

قالىمەن. بەدىنىمىزدىكى كىچىك بولغان بىنورمالسىزلىقلارغىمۇ سەل قارىمىساق بولغىدەك .

ئاللاھ ھەممىمىزنى كىسەللىكتىن نېرى قىلسۇن !
بەت: [1]
: 10 تۈرلۈك بۆرەك كېسىلى سىگنالىغا ھۇشيار بولۇڭ[تەرجىمە]