iztikin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-24 21:32:35

ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىللىيچە ئەدەبىي ئەسەر يېزىش ۋە ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇ







رايۇنىمىز مىللىي ئەدەبىي ئەسەر يېزىش ۋە ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى







مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-24 15:21













جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى بېيىتىش ۋە قاندۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 21-ئۆكتەبىر «شىنجاڭ مىللىي ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ۋە مىللىيچە، خەنزۇچە ئەسەرلەرنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى»نى رەسمىي باشلىدى، بۇ ئارقىلىق ھەر قايسى مىللەت ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىدىن ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى يىغىدۇ ھەم بۇنى نۇقتىلىق قوللاپ، نەشىر ئىشلىرىغا مەبلەغ ياردەم قىلىدۇ.

نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى 92 پارچە كىتابنىڭ قوليازمىسىنى دەسلەپكى قەدەم تاللاپ چىقتى، بۇلار ئاساسلىقى ھەر مىللەت يازغۇچىلىرى ۋە تەرجىمانلىرى يېڭىدىن ئىجاد قىلغان ياكى تەرجىمە قىلغان رومان، راست ئىشلار خاتىرىسى، پوۋېستلار توپلىمى، شېئىرلار توپلىمى، نەسرلەر توپلىمى، ئەدەبىي ئوبزور توپلىمى، بالىلار ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى «شىنجاڭ مىللىي ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ۋە مىللىيچە، خەنزۇچە ئەسەرلەرنى ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى»دىكى ئەسەرلەر بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە نەشىردىن چىقىدىكەن.

بايا ش ج ت ۋ خەۋىرىدە 10 مىليۇن مەبلەغ سېلىنىدۇ، دەپ خەۋەر بېرىلدى.  




GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-24 22:30:53

بايا تېخى كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىدا، ئازات سۇلتاننى زىيارەت قىپتىكەن، مۇشۇ گەپنى دەۋاتقان.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-10-24 23:13:18

ئوقۇپ كەتسەەەەەەەەەەەەەەەەەك ئەشۇ ئەسەرلەرنى...
بەت: [1]
: ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز مىللىيچە ئەدەبىي ئەسەر يېزىش ۋە ئۆز ئارا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇ