قورساق ھەددىدىن زىيادە يوغىناپ كەتسە قانداق قىلىش كىرەك؟
ئەسسالام دوسىتلار..
گەپنى قىسقىلا قىلاي
مەن بۇ يىل 31 ياشقا كىردىم، بەلكىم ئىلگىىرى خام پىۋىنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن بولسا كىرەك. قورسۇقۇم خۇددى 8 ئايلىق بولغان ھامىلدار ئايالنىڭ قورسىقىدەك بەكلا يوغان شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك مەندە ھازىر يۇقىرى قان بېسىمى، قەنىت سىيىش كىسىلى دىگەندەك كىسەللىكلەر پەيدا بۇلۇشقا باشلىدى. باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرمىسەممۇ مۇشۇ قورساقنى ئازراق بولسىمۇ كىچىكلىتىش ۋە ئاۋۇ كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېشىمنى بەكلا قاتۇرۋاتىدۇ..
تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ئالدىراشچىلىق تۈپەيلىدىن دوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ۋاقىت ئەسلا يوق.. تەجىربىلىك تورداشلار مۇشۇ قورساقنى قانداق قىلغاندا كىچىكلەتكىلى ۋە كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ باقساڭلار.. ماڭا قىلغان ئەڭ چوڭ ياردىمىڭلار بۇلۇپ قالاتتى...
ئالدى بىلەن تاماقنى كونترول قىلىپ ، بولۇپمۇ كەچلىك تاماقتا بەك ئېسىل يەۋالماي ، ئاندىن قورساق قاتلاشتىن كۈندە 100نى . ئەتىگەندە 20، چۈشتە 30 ، كەچتە 50 . ئۈچ ئايدا ئوبدان ئۈنىمى كۆرۈلىدۇ . مەن بۇ يىل 31 ياشقا كىردى،...............................
يوۋ .............. ئىزدىنىشقاتوڭگانباللارمۇكىرىدىكەنجۇما ئىرادە بولسىلا ھەرىكەت ئەڭ ئۈنۈملۈك شىپاسى، قالغان باشقىلىرى بىكا! مەنغۇ سەمرىيەلمەي ئاۋارە

قورساق قاتلاش بىلەن ھېلىقى يۇمىلاق چاقنى بەلدە ئايلاندۇرسا قورساق بەك تېز كىچىكلەيدۇ بولۇپمۇ چاقنى ئۈزمەي ھەر كەچ يېرىم سائەتتىن بىر ئاي ئايلاندۇرسىلا ئۈنىمى كۆرىنەرلىك بولىدۇ،تېخى بەل ئىنچىكىلەپ،قورساق كىچىكلەپ بەدەن شەكلى چىرايلىق بولۇپ كىتىدۇ



نۇسرەت يىگتئۇنىما يەردىن تاپقىلى بولاما...{:90:}
ھەركەت كۆپ قىلسۇن، تاماق ئاز يىسۇن، تېز-تېز كۆپ ماڭسۇن ھەر كۈنى. ھاراق ئىشمىسۇن. ئىشتىن چۈشكەندە قۇساق قاتلىسۇن، كۆپ ئۇخلىمىسۇن. نەتىجىسى 8 ئايلىق ھامىلدار قۇساق 4ئايلىققا چۈشسۇن.
مەنغۇ سەمىرمىدى، قىشلىق مايكىنىمۇ ئىشتان ئىچىگە تىقىپ پىدەي باغلايدۇ.
{:92:}ھاراق تاشلىسۇن،باشقا ئىچىملىكلەرنى بەك كۆپ ئىچمىسۇن، روزا تۇتسۇن، ناماز ئوقۇسۇن.( تاماقنى ئاز يەيدۇ، ھاراق تاشلايدۇ، ئەتىگەندە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ )
چەمبەر ئايلاندۇرىمەن دەپ ئۈچىيى ئالمىشىپ قالمىسۇن. مېنىڭمۇ تەكلىپىم:
1. ھەر كۈنى كەچلىك (ئەتىگەندە ئەمەس) تاماقتىن كېيىن كەم دېگەندە يېرىم سائەت(بىر سائەت بولسا ئەڭ ياخشى، ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولمىسۇن) ئاستا يۈگۈرۈپ بىرىڭ. ئەسكەرتىش يۈگۈرۈش مۇساپىسى مۇھىم ئەمەس، ۋاقىت مۇھىم. ئاستا يۈگۈرۈش جىددىيچىلىكنى تۈگۈتۈپ، تۈرلۈك روھى بىسىمنى يەگىللىتىدۇ، بەدەن گۈزەللىكىگە ئۈنۈمى ياخشى.
2. ھەر كۈنى چوقۇم قورساق قاتلاشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. لېكىن ئۆزىڭىزنى زورۇقتۇرۋالماڭ.
3. ھەر كۈنى ئەتىگەن(كەچتە ئەمەس) چوقۇم يۇيۇنۇشنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىڭ.
4. تاماقنى ۋاقتى قەرەلىدە ئىلگىرىكىدەكنورمال يەڭ.
5. يۇقىرىقىلارنى بىر ئاي چىداپ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ، ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە ئۆزىڭىز بىلگەننى قىلىڭ.
6. بۇ تەكلىپ پەقەت شەخسى قاراش ھەممە كىشىگە ماس كېلىشى ناتايىن، ئەكس تەسىر ئىلىپ كەلسە ئاقىۋەتكە مەسئۇل ئەمەس. مۇۋاپىق پايدىلىنارسىز. مېنىڭ قۇرسىقىمممۇ يوغانراق.ئىچىمگە تارتىپ يۈرۈيمەن ئادەتتە. يېشىمغۇ ئانچە چوڭ ئەمەس.
قېنى يەنە ئايىماي تۆكۈڭلار ياخشى تەكلىپلەرنى.
قۇساق يوغانراق بولسىمۇ ياخشى. سالاپەتلىك كۆرىنىسىلەر.لېكىن بەكرەك چوڭىيىپ كەتسە سالامەتسىز بولۇپ قالىسىلەر.
باشلىق چېغى با ئويلاشمايلا گەپنى قىلىۋېردىكەنسىلەر.
8 ئايلىق ھامىلدار ئايالدەك قورسۇقۇم بار دەۋاتسا، قورسىقىنى قانداق قاتلىيالايدۇ. مەجبۇرى قاتلىسا دۈمبىسنىڭ تېرىسى يىرتىلىپ كەتمەمدۇ؟
ئىككى تەرىپى بۇغۇغلۇق ھېسىپنى ئوتتۇردىن قاتلاپ بېقىڭلار؟ قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. دەل شۇنىڭغا ئوخشاش

بۇ بۇندىن كېيىنكى ئىزدىنىشنىڭ مودا سۆزى بولۇپ قالىدىغان بولدى ئەمدى.
مەن بۈگۈن بەك جىق تورغا چىقىپ كەتتى، بىر دەم ئىشىمنى قىلاي. بولۇپمۇ كەچلىك تاماقنى كونترول قىلىڭ، بىر- ئىككى تال ئالما يىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بەشناماز كىشىلەرنىڭ زىيادە سىمىزلىرىنى كۆرمىدىم. تۇڭرىنغا بىرىپ باقسۇن.
18- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۇڭرىنغا بىرىپ باقسۇن.
جايىن ، خۇاكاڭلارنى دېمەپسىز ھېلىمۇ
