ئابدۇللانىڭ تەبىئىي ئاۋازى (نەق مەيدان)
بۇ abdulla 清唱 声音真棒哦 دېگەن نامدا 5 ئاي بۇرۇن يوللىنىپتىكەن، بايا تورداشلار ئارقىلىق خەۋەر تاپتىم.
ئاۋازىغا دەرت بەرمىسۇن




----------------------------------------------
ئابدۇللا ئاۋازى ،پەزىلىتى ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردىن تولىمۇ ئوبدان بولغان ‹‹سەنئەتكار›› دېگەن نامغا ماس كەلگۈدەك ئادەم جۇمۇ بىر يىلى غۇلجىغا بارغان،باللا دەريا بويىدا بىر شىپاڭ ئېلىپ قويۇپتىكەن بىر بىر ئۈستەلدە ئولتۇردۇق،سورۇن ئەمدى باشلىنىشىغا ياندىكى ئۈستەلگە ئابدۇللا قاتارلىق بىرنەچچە ئەل سۆيگەن سەنئەتچىلىرىمىز كەلدى ،ئالدۇللا نىڭ شۇ سورۇنغا كىرىپ قىلغان ئىشى بىزنىڭ ئۈستەلدىكى باللارغا قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام قىلىش بولدى،ھەممىمىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ سالام قايتۇردۇق ،باشقىلىرى بېشىنى لىڭشىتىپ سالام قىلدى ئەمدى {:106:} ........ ئۇنۇڭدىن بۇرۇنمۇ ئابدۇللانىڭ پەزىلىتى توغرىلىق تولا ئاڭلايتتىم،شۇ چاغدا ئابدۇللا بەك ياخشى تەسىر بەرگەن . مۇشۇ نەق مەيدان ئېيتقان ناخشىسىنى بەك كۆپ ئاڭلاپ كەتتىم، ئاۋازى مۇشۇنداق ياخشى بولغاندىكىن ناخشا كېچىلىكلىرىدىمۇ نەق مەيدان ئېيتسا بولمامدىغاندۇ
نەق مەيدان ئېيتىلغان ناخشىلارنىڭ ئۈنۈمى باشقىچە بولىدىكەن نەقىل ئوڭشالسا بولاتتى @ziltar
نەقىلنى مۇنداق ئالىمىز ھازىر @ziltar غا كۆپ رەخمەت، بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن بۇ ئاكىمىزنىڭ ناخشىلىرىنى...ھەقىقى تالانت!!!
itunes تا ناخشىلار نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرىدۇ پەسىلدە ياكى ئايدا بىر، لېكىن ئابدۇللاكامنىڭ ناخشىلىرى 3 ئالبۇمغا بۆلۈنۈپ ئورنىدىن ئالماشماي تۇرىدۇ. بۇ ناخشىنى ھازىر ئاڭلاپ خوشاللىقتا كۆڭلۈم يېرىم بوپ قالدى... بۇ يىل قۇربان ھېيىتقا ئۈلگۈرتۈپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان كىچىلىكىدە نەق مەيداندا ئوقۇيدىغاننڭ گىپى بار .
@ئابدۇللا ئابدۇرېھىم دەپ يازسام ئابدۇللاكامغا ئۇچۇر بارسا ،ئۇيغۇربالىغ سىنى تىلغا ئالدى دەپ {:92:} @espresso مېنى تىلغا ئاپتۇ ، @ziyali بۇنداق يازىدىكەنمىز بىۋاستە قۇر تاشلىساق بولمايدىكەن @ziyali

ئابدۇللا سەھنىدە يالغان ناخشا ئېيتامدا ؟؟؟؟؟ چاخچاق قىلماڭلار باللار .................... @Erktekin ئابدۇللا بۇرۇن بىر قېتىملا نەق مەيداندا ئوقۇپ باققانغۇ دەيمەن. بۇداقىسدا يەنە نەق مەيداندا ئوقىماقچى ئىكەن.
10- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
@espresso مېنى تىلغا ئاپتۇ ، @ziyali بۇنداق يازىدىكەنمىز بىۋاستە قۇر تاشلىساق بولمايدىكەن
مۇشۇنداق ئالىمىزما نەقىلنى؟ نەقىل ئېلىش نورمالكەنغۇ مانا .
12- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ناخشا كېچىلىكلىرىدىمۇ نەق مەيدان ئېيتسا بولمامدىغاندۇ
ئابدۇللا سەھنىدە يالغان ناخشا ئېيتامدا ؟؟؟؟؟ چاخچاق قىلماڭلار باللار ....................
پىلاستىنكىنى قويۇپ، ئۈستىدىن بېسىپ ئېيتامدىكىن دەيمەن. مەن بەك ساددا بالا ،مېنى ئالدىماڭلار ھە ............................



ھەممىسى شۇ پلاستىنكىغا ئېلىنغان ئاۋازلار ، ئاغزىنى ئۇدۇللاپ مېدىرلىتىپلا بەرسە بولدى ، بۇ شىنجاڭچىلىقتىكى قائىدىلەر ، چەتئەلدە شۇنداق قىپ قالسا ، چاما-كېسەككە قالارمىش ، ئاڭلىسام ئابدۇللاكام بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكىدە مىللىي مۇزىكا بىلەن ئېلىكترونلۇق مۇزىكىنى نەق مەيداندا چالغۇزۇپ ، ناخشىسىنى نەق مەيداندا ئېيتماقچىكەن ، ئەگەر ۋاقىت يەتسە ئۈرۈمچىگە بېرىپ بىر كۆرۈپ كېلىدىغان ئىشتى بۇ قېتىمقى كېچىلىكنى ، كېينچە پلاستىنكىسى چىققاندا ، بىرەر كۆرۈنۈشتە چىقىپ قالساق ، ھىجاراپ ئولتۇرۇپ كۆرەتۇق دەيمىنا ....