nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:14:30

ھەپتىدە قانچە سائەت تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز؟

ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى مەقسەد قىلىپ ياشىمايمىز،توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە يولۋاستەك بىر يىل ياشا دەيمىزيۇ، ئاللا ئاتا قىلغان بۇ بەدىنىمىزنى، سالامەتلىكىمىزنى ئاسرىماسلىق مىنىڭچە ئۆزىمىزگە بولغان ئىنتايىن چوڭ مەسئۇليەتسىزلىك ھىسابلىنىدۇ.بىلىشىمچە دىيارىمىزدا كۆپ قىسىم كىشىلەر تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىش مەكتەپ باللىرىنىڭ ئىشى دەپ قاراپ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئاساسەن بۇرۇنقى ئۆزىقەرەللىك شۇغۇللىدىنىغان تەنھەركەتنى تاشلىۋىتىشىدۇ. خىزمەتكە چىقىپ دەسلەپتە ئانچە-مۇنچە شۇغۇللانغانلارمۇ كىيىنرەك ھوقۇق تۇتۇش، بىر ئىش تەۋرىتىش كويىغا كىرگەندىن كىيىن ئوخشاشلا ھەممىسى دىگۈدەك چىنىقىش،تەنھەركەتلەر بىلەن چەك-چىگرا ئايرىيدۇ.گەرچەبۇ خىل ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشىدادىيارىمىزدىكى تەنھەركەت مەيدانلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئاز ھەم باشقۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن ناچار بولۇشىتەك يەنە بىر موھىم سەۋەب بولسىمۇ،مىنىڭچە چوڭ كىشىلىرىمىزنىڭ چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقى بىر ھەقىقەت ۋە ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مومكىن.


بۈگۈن مۇشۇ چىنىقىشقا ئائىت بىر راي سىناش تىمىسى يوللاپ باقاي دەپ ئويلىدىم . سىزنىڭ بىر ھەپتىدىكىبەدەن چىنىقتۇرۇشنى مەقسەد قىلىپ تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىدىنىغان ۋاقتىڭىز قانچىلىك؟


بىلەت تاشلىغاچ چىنقىش، تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىر مۇڭدىشىپ باقمامدۇق.

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:34:06

راست ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.مۇسابىقە كۆرۈپ قويغاننى، ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە مېڭىپ قويغاننى ھىساپ قىلمايمىز جۇمۇ.جەزمەن بەدەن چىنىقتۇرۇشنىلا مەقسەد قىلىپ شۇغۇللانغان ۋاقىتنى ھىساب قىلىمىز. \"\"

OWQI312 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:40:17

ئوغلۇم بىلەن ئانچە مۇنچە توپ تىپىپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىسام يوق دىيەرلىككەن ...... \"\"

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:48:24

ئەتىگەنلىك چېنىقىشنى تاشلىغىلى ساق يەتتە ئاي بوپتۇ(ئۈرۈمچىگە كېلىپلا تاشلاپتىمەن)، ئەمدى يەنە باشلىۋالمىسام بولمىدى... ئاساسلىقى كەچتە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن تاماق يەپ بولۇپ (...) ئوقۇپ بولۇپ يىنىك تۈرلەردە چېنىقىپ قويىمەن. مەسىلەن: سىرتقا چىقىپ بىر خىل رېتىمدا مەلۇم ئارىلىققىچە مېڭىش، ئارغامچا تاقلاش، قورساق قاتلاش، بەش ھالقىلىق پۇرژۇنلۇق ئىككى قولدا سوزىدىغان نەرسىنى نېمە دەپ ئاتايتۇق، ئىشقىلىپ شۇنى سوزىمەن، كۈندىلىك كەچلىك مەشىق بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە... ھازىرقى شارائىتتىكى تەجىربەم مۇشۇنچىلىك ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:57:39

بۇرۇن ھەركۈنى ئەتىگەندە گىمناستىكا ئوينايتتۇق بىر يىلچە بولدى گىمناستىكا بايراق چىقىرىشقا ئۆزگەردى، شۇ چاغدا ئوقۇتقۇچىلار قەسەمنامىسىنى ئوقۇغاندا ئوڭ قولىمىزنى كۆتۈرۈرىمىز. بەدەن چېنىقتۇرۇشىمىز شۇ

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 17:01:39

@tumaris نىڭ چېنىقىشقا ئەمەس ئارام ئېلىشقا كىردىكەن   {:92:}

مەن ھەركۈنى كام دىگەندە 6-7كىلومېتىر پىيادە مېڭىشتىن باشقا چېنىقمايدىكەنمەن ،قېرىلىق\"\"

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 17:04:21

@uyghurbaligh ئۇ دېگەن كەچلىك چېنىقىش مېنىڭ قارىشىمچە {:106:}   ... ئەتىگەنلىك چېنىقىشنى باشلىغاندا ئايرىم دەپ بېرەي ھە... \"\"

durak يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 17:06:54

‹چوڭ كىشىلىرىمىزنىڭ چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقى› ئەمەس ، ئەقىللىق چوڭ كىشىلىرىمىزجىسمانى چېنىقىش بىلەن روھى چېنىقىشنى تەڭئېلىپبارىدۇ ، مەسىلەن كۈنىگە بەش نۆۋەت ...



مۇنداقدىيىشىمدىكىسەۋەپ ، يېقىندامۇنداقبىرتەتقىقاتمەۋجۇت ، تەتقىقاتنىڭنەتىجىسى ھەركەت بىلەن جىمجىتلىقنىڭ ئىنسان ھاياتىغا تەسىركۆرسىتىدىغانئەڭ ئەۋزەلنۇقتىسىنىتېپىش ، مەسىلەنكۈنىگە سەھەرقوپۇپپالاقلاپ2 سائەتيۈگرىسەك سالامەتلىككە تېخىمۇپايدىلىقمۇ ياكى قىسقا ۋە باشقىچەرەكئەمەللەربىلەنكۆزلىگەنمەقسەتكە ئەڭئىلمىيئۇسۇلدايەتكىلىبولامدۇ ؟ دىگەن مەسىلە . كىشىدە ئىچكىئەزالارنىڭھاياتلىقچاستوتىسىدەيدىغان بىربىئولوگىيەلىك ئۇقۇم ،يەنەنۇرغۇنتەنتەربىيەچىلەرنىڭياشئۆلۈپ كېتىشى ...قاتارلىقلارنىمىسالغا كەلتۈرۈپتۇ ، بۇ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىئاخىرى تەتقىققىلىپ ھىندىستاننىڭ يۈگا گۇمپىسىنى ئىنسانىيەتتارىخىدىكى ئەڭئىلمىي چېنىقىشئۇسۇلىدەپيەكۇنچىقىرىپتۇ ھەمبۇئۇسۇل ھازىر خەلقارادا ئوتتۇراۋەياشانغانكىشىلەرنىڭ چېنىقىشئۇسۇلىغا ئايلىنىۋاتىدۇ . قىزىقارلىقيېرىشۇكى يۈگا گۇمپىسىنىڭ پۈتۈنجەريانى بىزمۇسۇلمانلاردىكى ناماز ھەركىتىبىلەنئوخشايدىكەن ، ئەمما يۈگادامىڭىسىدىن ھەممىنى چىقىرىۋېتىپمەلۇمبىردەرىجىگە يېتىشدىگگندەكئۇسۇلنى تەكەتلەيدىكەن ، مۇسۇل؛مانلاردابولسا روھىيجەھەتتىكى پائالىيەتبۇ ھەركەتنىڭ ئاساسلىق قىسمى .



لېكىنبۇ ھەرگىزياش- ئۆسمۈرلەرمۇ يۈگا ياكىنامازبىلەنلابولدى قىلىڭلاردىگەنلىكئەمەس ، ياش- ئۆسمۈرلەردەتولۇپتاشقان ھاياتىي-جىسمانىيكۈچ ۋە ئېنېرگىيەمەۋجۇت ، بۇلارنى چوقۇمھەرخىلتەنتەربىيەپائالىيەتلىرىبىلەن بىرلەشتۈرۈپ يۈكسەكلىككەكۆتۈرۈپجىسمانى ۋەئىرادەجەھەتتىنتېخىمۇ مەزمۇتبولىشىمىز زۆرۈر ،لېكىنئوتتۇراياشتىنھالقىغاندىن كېيىن ، بىز مۇشۇياشقاتلىمىغادىققەت قىلىشىمىز كېرەك .



يۇقۇرىدىكىتەتقىقاتتا يۈگا گۇمپىسىدىنباشقا يەنەكۈنىگە 30 مىنۇتمېڭىشنىمۇئەڭئۈنۈملۈك چېنىقىشئۇسۇلىدەپتۇ ، ئەلۋەتتەبۇمۇ‹چوڭ كىشىلىرىمىزنىڭ چىنىقىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقى› ياشقاتلىمىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەنئېيتىلغان .



يۇقۇرىدىكىتەتقىقاتتا يەنە ، يېرىم ئىستاكان كۈچلۈك ئاقھاراق ياكى بىر قاپ20 تاللىق سىگارتنىڭكىشىتېنىگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ،ئازدىگەندە8 سائەت يۈگرەپچېنىققانسەرپىيات بىلەن ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىكەن ، شۇڭائانچە - مۇنچە ئاق ھاراقئىچىپقويىدىغانلارچېنىقىشئارقىلىق سالامەتلىگىمنىئەسلىگە كەلتۈرىۋالىمەن دىسەسەلتەسكەتوختاپ قالىدىكەن ...

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 17:17:04

مەنشەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيۈمنىڭ يېنىدىكى كونا ئالى مەكتپىمگە چىقىپ كۆپ ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچى بالىلار بىلەن ۋاسكىتبول ،بەزىدە تېنىس توپ ئويناپ قويىمەن. ئايالىمنىمۇ ھەركىتىڭىز ئاز دەپ ئۆيگە پەي توپ پالىقىدىن بىر جۈپ پەيدا قىلىپ ،زورلاپ دىگۈدەك ئېلىپ چىقىپ ئايالىم بىلەن بىللەپەي توپمۇ ئويناپ قويىدىكەنمەن.ئومومى ۋاقىت ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەپتىدە تۆت سائەت ئەتراپىدىكەن. ئەمما چىنىقىشنى كۈندە جەزمەن قىلىدىغان بىر ئىش قاتارىغا كىرگۈزىۋالسام بولاتتى دەپ ئويلاپ قالىمەن. خۇددى كۈندە تاماق يىمىسەك بولمىغاندەك، كۈندە بىرەر سائەت مەخسۇس چىنىقمىسام بولمايدىغان بىر ھالەتكە ئېلىپ كەلسەم بولاتتى.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 17:21:15

بېلىق تۇتۇش چېنىقىشقا كىرەمدۇ ؟ مەنغۇ ھەپتىدە يېرىم كۈن بېلىق تۇتقىلى چىقاتتىم ....


_____________________


مەكتەپتە ئىلگىرى غەلىيتىلا بىر گىمناستىكا ئوينايتۇق ،كۆپ سانلىق ئوقۇتقۇچىلار بۇنى ياقتۇرمىغانلىقىمىز ئۈچۈن داڭخا (سىتولبا) دەك تۇرۇپ كىتەتتۇق ، ئىككى ھەپتە بولدى تولۇقسىزدىكى ۋاقتىمدا ئوينايدىغان8- يۈرۈش رادىئو گىمناستىكىسىنى ئويناشقا ئۆزگىرىۋىدى ...ۋاھشۇ پېتى ئىسىمدە بار ئىكەنتۇق ... شۇنداق خوشال بولۇپقېرى - ياش ھەممىمىزھەر بىرھەركەتنىقىزغىنلىق بىلەن تاماملايمىز .....

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 17:25:15

بېلىق تۇتۇش ئولىمپىكنىڭ تۈرىمۇ{:106:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 18:09:31

بېلىق تۇتۇش ياش بولسىڭىز سەۋرىچانلىقىڭىزنى ئاشۇرۇش مەشىقى،شۇڭا پىسخىكا تەنتەربىيەسى تۈرىگە كىرىدۇ

قېرى بولسىڭىز ۋاقىت ئۆتكۈزۈش،تەنتەربىيە تۈرىگە كىرمەيدۇ.ئانچە مۇنچە ھەركەت قىلىپ بېرىڭ \"\"

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 18:17:01

دېمىسىمۇ قالتىس سەۋىرچان بولۇپ كېتىۋاتىمەن....پاشىلارچېقىپ قېنىمنى شوراپ ئېتىلىپ كېتىۋاتسىمۇ كارىم بولمايدۇ بەزىدە .....{:92:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 18:22:48

@uqkun1

قانچىگە كىردىڭىز راسىت

ياش بىلەنمىغۇ ئالاقىسى باردۇ،ئەمما ھەممىدىن مۇھىمى مىجەز بولسا كېرەك

مەن قەتئى ئولتۇرۇپ بولالمايدىەنمەن

nasin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 18:30:33

مىنىڭمۇ قەتئىي بىر نەرسە ساقلاشقا تاقىتىم يوق دىسە، ئەڭ ئېغىر ئالىدىغان ئىشىمبانكا،بىكەت دىگەن يەرلەردە ئۆچىرەت تۇرۇش.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 19:58:50

بىر ئىككى ھەپتىدە بىرەر قېتىم بولسىمۇ توپ ئويناپ تۇرىۋاتىمىز

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 20:25:43

30 يانىڭ قارىسىنى ئېلىپلا قاندا ماي،شېكەر،بېسىم ئارتىش،قويۇلۇش دىگەندەك سەۋەپ بىلەن يۇرەككە بېسىم چۈشۈپ،غەرپچە،مىللىچە ئىككى يىل داۋالىنىپ،يەنىلا ياخشى بولغىلى بولىمىدى،ۋاقىتلىق ياخشىلانغاندەك بولۇپ،نەچچە ئاينى نورمالراق ئۆتكىزىپ يەنە دوختۇرخانا سېغىنىپ قالىدىكەن،بىزدەك ئون نەچچە سائەت ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان،يەيدىغان ئىچىدىغىنىنىمۇ يېنىدا ھەمرا قىلىۋالىدىغانلار. شۇ ۋاقىتلاردا قېرىشقاندەك 30 نەچچە ياش ئەتراپىدىكى باللار مۇشۇنداق كېسەللەر بىلەن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى،نامازلىرغا باردىم،روھى جەھەتتىن كېسەلدىن بەكرەك بېسىم ھاسىل بولدى،ئۆلۈمنى جىقراق ئويلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم.

شۇ چاغلاردا ئېچىلما يەر ئېلىپ قويغان،نەچچە يىلغىچە بىر نەچچە يۈز مىڭ يۇئەننى ئۇ يەرگە خەجلەپ، بېرىپ قاراپمۇ قويماي ئادەم ياللاپ باشقۇرغۇزۇپ قويغان،ئۈچ يىلدەن كېيىن ئۇ يەرگە بېرىپ بېغىمنىڭ ھاۋاسىنى يەپ كېلەي دەپ قارىسام،خەجلىگەن پۇللارنىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتقانمۇ،نەچچە يىلدىن بۇيان سالغۇزغان نەرسىلىرىمنىڭ 10% تۇرىدۇ،پۈتۈنلەي بۇزۇلغان ئاق توپىلاڭ يەر تۇرۇدۇ،پۇلغا ئاچچىغىم كەلمىدى،ئەمما ئاق قالغان،بۇزۇلغان يەرنى كۆرۈپ ئۆزەمنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىمنىڭ پۈتۈنلەي يوق بولغانلىغىنى كۆرۈپ قاتتىق ئېچىندىم،بىر ئىشنى قىلسام نەتىجىسىنى چىقارمىسام بەل قويمايدىغان جاھىل مىجەزىمنىڭ تەسىرىدە،يەنى ئۆز قولۇم بىلەن باشقۇرۇپ باغ قىلىش نىيىتىگە كەلدىم،شۇنىڭ بىلەن بىر يىل ئىچىدە يېرىم يىل شەھەردە بولسام،يېرىم يىل يەردە ئىشلىدىم،كەتمەن چاپتىم،سۇ تۇتتۇم،ئىشقىلىپ دېھقان قىلىدىغان ئىشنىڭ ھەممىسىنى قىلدىم،ئۆزەممنۇ ھەيران قالدىم،بىرنەچچە ئاي ئىچىدە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە كېسەللىك ھەممىسى يوق بولدى،ئۇرۇقلاپ،مۇسكۇللار قېتىپ،جىسمانى ھەم روھى جەھەتتە 20ياش ۋاختىمغا قايىتتىم،ئەينى ۋاقىتتا تاماقنى ئازلىتىپ يەپمۇ ئۇرۇقلىيالمىغان،ھەتتا سۇ ئىچسەممۇ سەمىرىپ كېتىدىغان ئادەم،ئېتىزلىقتا كۈندە بەش ئالتە ۋاخ تويۇشۇمچە،نىمە توغرا كەلسە شۇنى يەپمۇ،سالامەتلىگىم ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتتى. ئەتراپىمدىكى ھەممەيلەن ھازىرغىچە ئەيىپلىدى دېھقان بولىۋالدىڭ دەپ،مەن پەقەت كېسىلىمگە داۋا سەۋەبىنى قىلدىم دەپلا ئىشىمنى قىلىۋەردىم، مانا ھازىر مەيلى خىزمەتتە،مەيلى تىجارەتتە،مەيلى يەر باشقۇرۇشتا بولسا بىر يولىلا نەتىجىگە ئېرىشتىم،ئەڭ مۇھىمى ھازىرقى زامان كېسىلى بولغان خەتەرلىك كىسەلدىن ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن قۇتۇلدۇم دەيمەن.ھازىر ئېتىزنىڭ ئىشى نىسبەتەن ئاز قالدى،شۇڭا ھەركەتنى ئۈزۈلدۈرمەسلىك ئۈچۈن شەھەردە مال بېقىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن،پۈتۈن ئىشنى ئۈزۈم قىلىمەن.

شۇڭا مەن دىمەكچى،ھەركەت قىلىش تەس ئەمەس،ئەڭ تەس ئىش ئىزچىل قىلىش،ھەرقايسىمىز بار شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ،ھەركەتنى داۋاملاشتۇرساق،ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي!

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:08:55

چېنىقىش بەكلا مۇھىم، ساغلاملىق بولۇپلا قالماي يەنە بەدەن شەكلىمۇ ئۆلچەملىك بولسا، روھى تېتىك تۇرسا ئادەم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىمۇ ئاشىدۇ \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:14:54

قانداق بەدەن شەكلى ئۆلچەملىك بولىدۇ \"\"

مىنىڭكىدەك بولسىما{:92:}

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 21:19:14

\"\"چېنىقىش زالىغا كىرسىڭىز ئۇلار بەدەن تەكشۈرەپ دەپ بېرەتتى قايسى جەھھەتتىن چېنىقىشنى. بىر كىرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭە @ziyali ھورۇنلۇق قىلماي. بولمىسا مۇشۇنداق @ قىلىۋېرىمەن سىزنى \"\"
بەت: [1] 2 3
: ھەپتىدە قانچە سائەت تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىسىز؟