ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 18:29:20

قوي سويۇشنىڭ ئابستىراكىت دەرسلىكى

1.قوي دېگەن نىمە؟


قوي دېگىنىمىز ھالال ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ بىر تۈرى كالىدىن كىچىك ئۆچىكىدىن چوڭراق ، تۆت پۇتلۇق ، بەزىلىرىنىڭ مۈڭگۈزى بولىدۇ بەزىلىرىنىڭ مۈڭگۈزى بولمايدۇ . يۇۋاشراق ھايۋان قوي دەپ ئاتىلدۇ .



2.قانداق ۋاقىتتا قوي سويىمىز ؟


قۇربان ھېيىتتا ، گۆش لازىم بولغاندا قوي سويىمىز .



3.قوي سويۇشقا نىمىلەر لازىم بولىدۇ؟


قوي ، قاسساپ ، يوغانراق پىچاق ، ئارغامچا ،داس-تەلەڭگە ، قوينى ئاسىدىغان يەر .



4.قۇربانلىققا قانداق قويلار سويۇلدۇ؟


6 ئايلىقتىن چوڭ بولغان ، قوشقار(يەنى ئەركەك قوي ، پىچىۋېتىلگەن قوچقار(ئىرىك) قوي بولسا بولمايدۇ) .



5.قۇربانلىق قوي قايسى ۋاقىتتا سويۇلدۇ؟


قۇبارن ھېيىت نامىزىدىن كېيىن سويۇلغان قوي گۆشى قۇربانلىق قوي گۆشى بولىدۇ ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولسا گۆش بولىدۇ . ئادەتتە 3 كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ .



6.بوغۇزلاش جەريانى قانداق بولىدۇ؟


ئاۋال قوينى باغلايمىز ، باغلىغاندا 3 پۇتىنى باغلايدىكەنمىز ، ئاندىن ياتقۇزۇپ گېلىنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە <<بىسمىللاھ ، ئاللاھۇ ئەكبەر>> دەپ پىچاق سۈرىمىز ، پىچاقنى ھەرە تارتقاندەك ئالدى كەينى تارتىشقا بولمايدۇ . بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىن قاننى تولۇق ئېقىتىمىز ، ئاندىن پاچىقىدىن تېشىپ تۆشۈكتىن تازا پۈۋلەپ قوينى كۆپتۈرمىز ، بەك پۈۋلەپ ئېتىۋەتسەكمۇ بولمايدۇ، ئاندىن شۇ تۆشۈكنى بوغۇپ قويۇپ قوينى باش بىلەن ، تاش بىلەن ، ئاياغ بىلەن ، تاياق بىلەن ، ئۇرۇپ دەسسەپ (دىققەت بۇ يەر چاقچاق ، ئانچە مۇنچە ئۇيان بۇيان قىلىپ ، قوينىڭ تېرىسىنىڭ ھەممە يېرىگە ھاۋا ئۆتىشىشىگە ياردەم قىلىمىز) ،  ئاندىن قوينى سويىمىز .


ئاندىن ئاسىمىز ، كېيىن ئۈچىنى ئالىمىز ، كېيىن پارچىلايمىز  .


ئىشى مۇشۇنچىلىك ئاددىي ، مەن سىناپ باقمىدىم ، سىلەر سىناپ باقارسىلەر

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 19:03:01

ھەجەپ  ئاسانلاشتۇرىۋېتىپسىلەر   {:107:}  بۇ  يىل ئۆزەم  سويۇپ  باقمىسام ،ئىچ-قارنىنى چوڭلاردىن  مەسلىھەت  سوراپ ئالارمەن ،ئەڭ  تەس  يېرى  شۇ ئىكەن  قوي  سويۇشنىڭ .

dunyajan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 19:21:21

ماۋۇ يازمىنى ئوقىسا قۇشقاچ بۇغۇزلاپ باقمىغان ئادەمگىمۇ،تەيشەن تېغىدە جاسارەت كېلىپ بوغۇزلاپ باققۇسىنى قوزغاپ قويدىكەن.



زادى باغۇ بۇ جانىۋارنى بوغۇزلاشنى ئۆگەنمەي بولمايدۇ. \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 19:29:26

پۈۋلەپ ئېتىۋەتسەك بولمايدۇ دەپ قويۇڭ  \"\"  قوينىڭ تېرىسىنى پۈۋلەپ ئېتىۋەتكىلىمۇ بولاما؟  {:92:}

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 19:32:26

ئۇنداق چىڭقىلىپ پۇۋلىسە يەل باشقا يەردىن قاچدۇ.  {:92:}

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 19:34:21

مىسىرنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلارغا چىقارغان شەرىئەت ئەھكاملىرى.



بۇغۇزلىغان مېلى: ئۇ مال بۇغۇزلىغان بولسا ئۇنى يىيىش ھارام بۇلىدۇ.

مەنبەسى ماۋۇ



http://www.uzuk.net/?p=477

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 19:40:33

{:107:}  

ئۇنداق بولسا ئىراننىڭ،سەئۇدىنىڭ، تۈركىيەنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقساق بوپتىكەنتۇق.

tahirbeg يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 20:45:08

گېلىنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ئەمەس، بۇغدىيىكىگە سۈرىسىز.

قوي سويىۋاتقىلى خېلى بوپتۇ. مۇشۇ ۋاققىچە بىرەرسىنىڭ قوينى پۈۋلەپ ئېتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن ، يەنە پۈۋلەپ ئېتىۋىتىمەن دەپ كۈچەپ سالماڭلا...\"\"



قوي سويۇشنى تەپسىلى ئۈگۈتۈپ قۇربان ھېيىتقا ئۈلگۈرتۈپ سۈرەتكە ئالاي دىگەن ئويۇم بار ئىدى. لىكىن بۇيىل ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئوخشايدۇ كەچۈرۈڭلار \"\"

86 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 21:03:30

قوينى پۈۋلەپ ئېتىلدۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ بالدۇر ئېتىلىپ كېتەرمىكىن.



    {:90:}  



قۇچقاردىن باشقا ئېرىك، ساغلىقلارنى قۇربانلىققا يارىمايدۇ دىگەن گەپنى نەدىن ئالدىڭلار؟

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 21:15:02

مەنغۇ كېسىپ ئېيتالمايمەن ، لېكىن مەسچىتلەردە مۇشۇنداق دېيىلۋاتقاندەك قىلىۋاتقان ، خاتا يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ بېرەرسىز

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 22:01:47

تېتىقسىز  {:92:}

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 22:37:06

ئەتتىگەندە بىزنىڭ مەيەدىكى مەزىم ئاخۇنۇممۇ ئاشۇندا دەپ يۈىيىتتى.

ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 23:19:12

قۇربانلىق مالدا قانداق شەرتلەر تېپىلىشى كېرەك؟

1-كۈپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولىشى كېرەك. ئۆچكە قوي دائىرىسىگە، گومۇش كالا دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ]مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھ ئۇلارغا رىزق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن[ (ھەج سۈرىسى 28-ئايەت.) ]بىز ھەر بىر ئۈممەتكە ئۇلارغا رىزق قىلىپ بەرگەن چارۋا ماللارنى ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بوغۇزلىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشنى بەلگىلىدۇق، چۈنكى ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، شۇڭا ئۇنىڭغىلا بويسۇتۇڭلار،[(ھەج سۈرىسى 34-ئايەت.) يەنە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چارۋا ماللاردىن باشقىنى قۇربانلىق قىلىپ باقمىغان بولغاچقا قۇربانلىق قوي، كالا ۋە تۆگە قاتارلىق چارۋا ماللاردىن بىرى بولىشى شەرت.

2- قۇربانلىق مال بەلگىلەنگەن ياشقا توشقان بولىشى كېرەك. كۆپچىلىك ئالىملار ئاساسەن: قوي ئالتە ئايلىقتىن چوڭ بولىشى، ئۆچكە بىر يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى، كالا ئىككى يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى، تۆگە بەش يىلنى تولدۇرۇپ بولغان بولىشى كېرەك، دەپ بىكىتكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بۇ يىللارنى بەلگىلەشتە ئازراق ئىختىلاپ قىلىشى مۇمكىن.

شەئبىي رىۋايەت قىلىدۇكى، بەرائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «بۈگۈنكى بۇ كۈنىمىزدە ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز ھېيت نامىزىنى ئوقۇيمىز، ئاندىن قايتىپ بېرىپ قۇربانلىق قىلىمىز، كىمكى مۇشۇنداق قىلسا، بىزنىڭ سۈننىتىمىزنى تۇتقان بولىدۇ، كىمكى نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئەمەلىيەتتە بۇ قىلغىنى ئۆز ئەھلىگە بالدۇرراق تەييارلاپ بەرگەن گۆشتىن ئىبارەت بولىدۇ، ئۇ ھېچقاچان قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ». بۇنى ئاڭلىغان ئەبۇ بۇردە: يارەسۇلەللاھ! مەن نامازدىن ئىلگىرى قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ بولۇپتىمەن، مېنىڭ يەنە ئىككى ياشقا قەدەم قويغان قويدىن ياخشىراق، بىر يىلنى تولدۇرمىغان بىر ئوغلۇقىم بار، دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى ئورنىغا قۇربانلىق قىلغىن، ئەمما (ئۇنداق ئوغلاق) سەندىن كېيىن ھېچكىمدىن قۇربانلىقنى ئادا قىلمايدۇ» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 5560-ھەدىس)

بەئجە ئەلجۇھەنىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئوقبە ئىبنى ئامىر ئەلجۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە قۇربانلىق ماللارنى تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىدى. ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى، مەن: يارەسۇلەللاھ! ماڭا بىر ياشلىق بىر چىشى ئوغلاق قالدى، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇنى قۇربانلىق قىلغىن» دېدى.(سەھىھۇل بۇخارىي 5547-ھەدىس)

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن قۇربانلىققا بەلگىلەنگەن ياش ئۆلچىمىگە توشمىغان ماللار سەمرىتىش ئۇسۇللىرى بىلەن بېقىلىپ بەكلا سەمرىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ قۇربانلىققا يارىمايدۇ.

3- قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال گوشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىب-نۇقسانلاردىن خالىي بولىشى كېرەك. شۇڭا ئىمام نەۋەۋىي مەجمۇئ دېگەن كىتابىدا بايان قىلغاندەك: بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن قارىغۇ، ياكى بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان، توكۇر، كېسەل، بەكلا ئورۇق مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بۇ ئەيىپلەرنىڭ ھەممىسى پادا بىلەن بىللە مېڭىپ ئوتلاپ غىزالىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان بولغاچقا تولۇق غىزالىنىپ سەمرىشكە تەسىر يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە مال ئورۇق، گۆشى كەم بولۇپ قالىدۇ.

ئەمدى يۇقىرىقىلارنىڭ ھەر بىرى ئۈستىدە توختىلىمىز:



كۆزدىكى ئەيىپ:

كۆزى غۇۋالىشىپ قالغان مال قۇربانلىققا يارىمايدىغانلىقىدا ئالىملار ئىتتىپاق. ئۇنداقتا ئەما بولۇپ قالغان مال ئەلۋەتتە يارىمايدۇ.

لېكىن كۆزى جايىدا كۆرىدىغان، كۆزىگە ئاق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.

كۆزى كۈندۈزى كۆرىدىغان، كېچىسى كۆرمەيدىغان بولسا، ياكى كۆزىدىن ياش ئېقىپ تۇرىدىغان بولسا، ياكى ئالغاي بولسا، بەزى ئالىملار قۇربانلىققا يارايدۇ، دەپ قارىغان. چۈنكى بۇ ئەھۋال گۆشكە تەسىر قىلمايدۇ.



قۇلاقتىكى ئەيىپ:

ئىككى قۇلاق ياكى بىرى تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارىمايدۇ.

ئىككى قۇلاق ياكى بىرى كىچىك بولغان بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.

ئىككى قۇلاق ياكى بىرى يىرتىلىپ، تىلىنىپ، تىتىلىپ، ئۈزۈلۈپ كەتمەي ساڭگىلاپ قالغان ياكى قۇلاقنىڭ يېرىمىدىن ئاز قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا، ياكى تۆشۈك بولسا، قۇربانلىققا مەكرۇھلۇق بىلەن يارايدۇ. چۈنكى بۇ ئەيىپلەر گۆشىگە تەسىر يەتكازمەيدۇ، كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ.



مۈگۈزدىكى ئەيىپلەر:

مۈگۈز  تۇغۇلۇشتا ياكى ھادىسىدە يوق بولغان بولسا، ياكى سۇنۇپ كەتكەن بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ. چۈنكى مۈگۈزنىڭ يوقلىقى ياكى سۇنغانلىقى گۆشكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، ياكى يېيلمەيدۇ. بەزى ئالىملار يېرىمىدىن ئارتۇق سۇنغان بولسا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.



ئېغىز-بۇرۇندىكى ئەيىپ-نۇقسانلار:

چىشلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى سۇنغان ياكى چۈشۈپ كەتكەن تەقدىردە بەزى ئالىملار ھەلەپ يەلەيدىغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ، ھەلەپ يېيەلمەيدىغان بولسا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ، يەنە بەزىلەر ھەممىسى چۈشۈپ كەتكەن ئەھۋالدا يارىمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

تىلى پۈتۈن ياكى يېرىمىدىن كۆپ قىسمى كېسىۋېتىلگەن مال بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ، چۈنكى چارۋا ماللار ھەلەپنى يېگەندە تىلى بىلەن تارتىپ، تىلى بىلەن ئۆرۈپ يەيدۇ، نەتىجىدە غىزالىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ.

بۇرنى كېسىۋېتىلگەن مال بەزى ئالىملارنىڭ نەزىرىدە قۇربانلىققا يارىمايدۇ.



قۇيرۇق بىلەن يىلىندىكى ئەيىپ-نۇقسانلار:

قۇيرۇق ياكى يىلىنى كېسىۋېتىلگەن مال ئەگەر ئۈچتىن بىرىدىن ئارتۇق قىسمى كېسىۋېتىلگەن بولسا قۇربانلىققا يارىمايدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇشتا قۇيرۇقسىز ياكى يىلىنسىز تۇغۇلغان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ.



ئاختا قىلىۋېتىلگەن مال:

ئاختا قىلىۋېتىلگەن مال قۇربانلىققا يارايدۇ، بۇنىڭدا ئىككى تاشىقى كېسىۋېتىلگەن ياكى سۇغۇرۇپ ئېلىۋېتىلگەن بولسۇن ياكى ئېزىۋېتىلگەن بولسۇن ئوخشاش. رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قوي بىلەن قۇربانلىق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.(ئەھمەد بىلەن ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان)

يەنە بۇنداق قىلىش بىلەن مال سەمرىپ گۆش تتلىق بولىدۇ، شۇڭا مالغا پايدىلىق دەپ قارىلىدۇ.



يەنە پوق ۋە نىجىس نەرسىلەرنى يەيدىغان مال قۇربانلىققا يارىمايدۇ. بىر مۇددەت پاك يەم بىلەن بېقىلىپ ئاندىن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ. تۆگە قىرىق كۈن، كالا يىگىرمە، قوي ئون كۈن سولاپ بېقىلىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشتىن توسقان.(تىرمىزى بىلەن ئەھمەد)



قۇربانلىققا تەيىنلەپ بولغاندىن كېيىن ئەيىبناك بولۇپ قېلىشى:

بەزى ئالىملار ساق ۋە ساغلاپ بىر مالنى قۇربانلىق نىيىتى بىلەن سېتىۋالغاندىن كېيىن بوغۇزلاپ بولغىچە ئەيىبلىك بولۇپ قالسا قۇربانلىققا يارايدۇ، چۈنكى ئۇ سېتىۋالغان چاغدا، نىيەت قىلغان چاغدا سالامەت بولىشىغا دىققەت قىلغان، سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەيىبلىك بولۇپ قېلىشى ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال، شۇڭا مەيلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بولمايدۇ، دەپ قارىغان.

ئەگەر بوغۇزلىماقچى بولغاندا شۇك تۇرمىغانلىقتىن پىچاق تېگىپ كېتىپ زەخمىلەنگەن بولسا، قۇربانلىققا يارايدۇ.



يەنە قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى قۇربانلىق قىلغان چاغدا ئاشۇ مالنىڭ ئىگىسى بولىشى ياكى ئىگىسى رۇخسەت قىلغان بولىشى كېرەك.

بىر تۆگە ياكى بىر كالا بىر ئائىلە ئۈچۈن قۇربانلىققا يارىغىنىدەك، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان يەتتە كىشى ئۈچۈنمۇ قۇربانلىققا يارايدۇ. يەتتە كىشى بىر ئائىلىدىن بولسۇن ياكى ئايرىم-ئايرىم كىشىلەر بولسۇن، ئۇرۇق-تۇغقان بولسۇن ياكى يات كىشىلەر بولسۇن، بەزىسى قۇربانلىق قىلماقچى بەزىسى گۆش ئۈچۈن بوغۇزلىماقچى بولسۇن ئوخشاش. دېمەك يەتتە كىشى شېرىكلىشىپ بىر تۆگە ياكى بىر كالا قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ھۇدەيبىيە يىلى بىر تۆگىنى يەتتە كىشىگە، بىر كالىنى يەتتە كىشىگە قۇربانلىق قىلغان.(سەھىھۇ مۇسلىم 1318-ھەدىس)


ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 23:23:32

قۇربانلىق قىلىشقا چارۋا ماللارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى قايسى؟

كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا قۇربانلىق قىلىشقا چارۋا ماللارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى تۆگە ئاندىن قالسا كالا ئاندىن قالسا قوي ئاندىن قالسا ئۆچكە.

ئاللاھ تائالا: ](كەئبىگە ھەدىيە قىلىنىدىغان) تۆگىلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلدۇق، ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن خەير باردۇر، شۇڭا ئۇلارنى قاتار قىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ئاللاھنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىڭلار، بېقىنلىرى يەرگە چۈشكەندە، ئۇنىڭدىن ئۆزەڭلارمۇ يەڭلار، قانائەتچان مۇھتاج ۋە سائىلغىمۇ يېگۈزۈڭلار[ دېگەن. (ھەج سۈرىسى 36-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.)

مەزكۇر ئايەتتە تۆگىنى ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلغانلىقى قۇربانلىق قىلىشتقا ئالدىن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئەبۇ سالىھ ئەسسەممان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمىكى جۈمە كۈنى جانابەت غۇسلىدەك غۇسلى قىلىپ (جۈمە نامزىغا) بىرىنچى سائەتتە بارسا بىر تۆگە قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى ئىككىنجى سائەتتە بارسا بىر كالا قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ. كىمىكى ئۈچىنجى سائەتتە بارسا، مۆڭۈزلۈك بىر قوچقار قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى تۆتىنجى سائەتتە بارسا، بىر توخۇ قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، كىمىكى بەشىنجى سائەتتە بارسا بىر تال تۇخۇم قۇربانلىق قىلغاندەك بولىدۇ، ئىمام خۇتبىگە چىققاندا پەرىشتىلەرمۇ كېلىپ خۇتبە ئاڭلايدۇ»..(سەھىھۇل بۇخارىي 881-ھەدىس)

بۇ ھەدىسمۇ ئەۋزەللىكتە يۇقىرىقى تەرتىپنى كۆرسىتىدۇ.

يەنە بەزى ئالىملار گۆشنىڭ سۈپىتىگە قاراپ: قوي ئەڭ ئەۋزەل، ئاندىن قالسا كالا، ئاندىن قالسا تۆگە، دەپ قارىغان.

رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئادەتتە قوي قۇربانلىق قىلاتتى، ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغانلىقىمۇ سەھىھ ھەدىستە كەلگەن. يەنە ئۆزى تۆگە قۇربانلىق قىلغانلىقى ھەدىستە كەلگەن. ئەلۋەتتە گۆشى كۆپرەك، كەمبەغەللەرگە پايدىلىقراق بولغىنى ئەۋزەل بولىشى ئېنىق. شۇڭا ئىقتىسادى بارلار قويغىلا يېتىۋالماي تۆگە، كالىلارنىمۇ قۇربانلىق قىلايلى.


ansariy يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 23:26:12

قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى جاج-ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى ئالسا بولامدۇ؟



ھەر يىلى زۇل ھەججە ئېيى كىرىشكە، مۇبارەك ئون كېچە باشلىنىشقا، قۇربانلىق قىلىدىغانلار قۇربانلىق قىلىشقا، قۇربان ھېيتنى كۈتىۋېلىشقا ئاز قالغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسلىنىپ: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ زۇل ھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن چاچ-ساقال، تىرناق ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنى ئالسا بولامدۇ ياكى بولمامدۇ؟ دەپ سوراشقا باشلايدۇ.

ئالىملار زۇل ھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىشنى نىيەت قىلغان كىشىنىڭ بەدىنىدىكى چاچ-ساقال، تۈك ۋە تىرناق قاتارلىق ئارتۇق نەرسىلەرنى كېسىشى، يۇلۇشى ۋە چۈشۈرتىشىدە ئىختىلاپ قىلىشقان،

كۆپچىلىك ئالىملار بۇنداق قىلىشنى مۇباھ دەپ قارىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەنەفىي مەزھەب ئىماملىرى: چاچ-تىرناق ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان. يەنە ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بىر قىسمى: ئالسا بولىدۇ، مەكرۇھ بولمايدۇ، لېكىن ئالمىغان ياخشى، ئەۋلانى تەرك قىلغانلىق، دەپ قارىغان. دېمەك بۇلار مەكرۇھتىنمۇ تۆۋەندەك بىر نەرسە بولىدۇ، دېمەكچى. يەنە مۇباھ دېگەن ئالىملاردىن مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەب ئالىملىرى: ئالماسلىق مۇستەھەب، ئېلىش تەنزىيھىي مەكرۇھ، دېگەن. بۇ قاراشنى ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىدىن بىر قىسمى تاللىغان.

ھەنبەلىي مەزھەب بىلەن زاھىرىي مەزھەب: قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشى زۇل ھەججە ئېيى كىرسە چاچ، تارناقلىرىنى ئېلىشنى ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇ قاراشنى باشقا مەزھەبتىكى بەزى ئالىملارمۇ ياقىلىغان.

يۇقىرىقى قاراشلارنى خۇلاسىلەيدىغان بولساق ئىلگىرىكى ئۈچ خىل قاراشنى بىر گورۇپ قىلىپ مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: كۆپچىلىك ئالىملار: ئالسا بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، دەپ قارىغان. ئاخىرقى قاراش ئىككىنچى قاراش بولۇپ، بۇلار: ئېلىشنى ھارام، ئالسا گۇناھكار بولىدۇ، دەپ قارىغان.

مۇباھ دېگەنلەرنىڭ دەلىللىرى:

قاسىم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بۇيۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم. ئاندىن رەسۇلۇللاھ تۆگىسىگە بەلگىنى ئېسىپ، بەلگە قويۇپ ھەدىيە قىلىپ ھەيدەپ ماڭدى، (بۇنىڭلىق بىلەن) رەسۇلۇللاھقا ھالال نەرسىلەر ھارام بولمىدى. .(سەھىھۇل بۇخارى 1696-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)

ئۇرۋە بىلەن ئەمرە بىنتى ئابدۇرراھمان ئىككەيلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىينىدىن ھەرەمگە ھەدىيە قۇربانلىق ئاتاپ ماڭاتتى، مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بويۇنلىرىغا ئاسىدىغان بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم، رەسۇلۇللاھ ئېھرام باغلىغۇچى ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن ساقلانمايتتى. (سەھىھۇل بۇخارى 1698-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)

قاسم رىۋايەت قىلىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بوينىغا ئاسىدىغان ئاسمىلارنى ئېشىپ بەردىم، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا بەلگە قويۇپ، بەلگىنى ئاستى، ئاندىن ئۇنى بەيتۇللاھقا ئەۋەتىۋېتىپ مەدىينىدە قالدى، ئۇنىڭغا ئادەتتە ھالال بولغان نەرسىلەر ھارام بولۇپ قالمىدى. (سەھىھۇل بۇخارى 1699-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)

ئابدۇراھماننىڭ قىزى ئەمرە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: زىياد ئىبنى ئەبى سۇفيان ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ: كەئبىگە ئاتىغان ھەدىيە قۇربانلىقىنى ئەۋەتىۋەتكەن كىشىگە، قۇربانلىقى بوغۇزلانغۇچە ھەج قىلغۇچىغا ھارام بولغان نەرسىلەر ھارام بولىدۇ، دېگەنلىكى توغرىسىدا خەت يازغان ئىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئىش، ئىبنى ئابباس دېگەندەك ئەمەس، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ بەلگىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ئېشىپ بەردىم، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئاستى، ئاندىن ئۇنى ئاتام بىلەن مەككىگە ئەۋەتتى، ھەدىيە قۇربانلىق بوغۇزلانغۇچە ئاللاھ ھالال قىلغان ھېچقانداق بىر نەرسە رەسۇلۇللاھغا ھارام بولمىدى، دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى 1700-ھەدىس. سەھىھۇ مۇسلىم 1321-ھەدىس)

يەنە بىر ھەدىستە: مەسرۇق رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى! بىر كىشى ھەدىيە تۆگىلىرىگە بەلگە ئېسىشنى ۋەسىيەت قىلىپ، ئۆزى يۇرتىدا قالغان بولسا، تاكى ھاجىملار ئېھرامدىن چىققانغا قەدەر، ئېھراملىق ھالەتتە ھېسابلىنامدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم، پەردە ئارقىسىدىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ چاۋاك چالغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىيە تۆگىلىرىنىڭ بەلگىلىرىنى ئېشىپ بېرەتتىم. رەسۇلۇللاھ ھەدىيە تۆگىلىرىنى باشقا ئادەملەردىن كەئبىگە ئەۋەتەتتى. ھاجىملار ھەجدىن قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئائىلىسىدىكى ئەرلەرگە ئاياللىرىدىن ھالال بولغان نەرسىلەر ئۇنىڭغا ھارام بولمايتتى.(سەھىھۇل بۇخارى 5566-ھەدىس)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆيدىكى ئىشلىرىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان كىشى يەنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بايان قىلغانكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتىۋېتىپ ئېھرام باغلىغان كىشى ئۆزىگە ھارام دەپ قارايدىغان بىر ئىشنى ئۆزىگە چەكلىمىگەن، چاچ، تىرناق ئېلىشتىن ساقلىنىپ يۈرمىگەن، ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتىش دېگەن قۇربانلىق قىلىشتىنمۇ چوڭراق ئىشتۇر، ئەگەر چاچ، تىرناق ئېلىش ھەدىيە قۇربانلىقنى مەككىگە ئەۋەتكەن كىشىگە ھارام بولمىسا، قۇربانلىق قىلماقچى بولغان كىشىگە ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ.

يەنە قىياس جەھەتتىن مۇنداق دەلىل ئوتۇترىغا چىقىۇد: ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ، جىما قىلىش ئېھراملىق كىشىگە ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلماقچى بولغانلارغا ھارام بولمىسا، جىمادىن تاۋەن تۇرىدىغان چاچ-تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئېلىش ئەلۋەتتە ھارام بولمايدۇ. ئىبنى ئابدۇل بەر مۇنداق دەيدۇ: بارلىق ئالىملار ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، ئۇنداق كىشىگە جىما قىلىش ھارام بولمايدۇ، دەپ بىرلىككە كەلگەن، ئۇنداق بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئىشلار مۇباھ بولۇشقا تېخىمۇ لايىق.

بۇ قىياس ئەسلىدە ئىكرىمەنىڭ سۆزىدىن ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان چاچ ئالسا بولمايدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس سۆزلەنگەندە ئېتىراز بىلدۈرۈپ: ئاياللار بىلەن خۇشپۇراقتىنمۇ نېرى تۇرسۇن ئەمىسە، دېگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: سۈننەت كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، دېگەن. يەنى تىرناق ، بۇرۇت ۋە تۈكلەرنى سۈننەت ئىش، بۇنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېگەن.

ھارام ئەمەس مەكرۇھ دەپ قارىغان ئالىملار: كىيىم، جىما ۋە خۇشپۇراق ئېھراملىققا ھارام بولغاندەك ھارام بولمىغاچقا، چاچ، تىرناق ئالماسلىقنىڭ مۇستەھەبلىقى، ئېلىشنىڭ مەكرۇھلىقى مۇئەييەنلىشىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن بۇ قاراش مۇنداق رەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چەكلىگەن ئىشنى قىلمايتتى، چەكلىگەن ئىش ئەقەللى تەقدىردە مەكرۇھ بولىدۇ.



ھارام دەپ قارىغان ئالىملارنىڭ ئاساسلىق دەلىلى مۇشۇ ھەدىس:

سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: \"زۇلھەججىنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنى كىرسە، بىرىڭلار قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چاچ-تۈكلىرى ۋە بەدىنىدىن بىر نەرسە ئالمىسۇن)( سەھىھى مۇسلىم 1977-ھەدىس)

بۇلارنىڭ قارىشىدا بۇ ھەدىس ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئېنىق ئىپادىلىگەن.



دېمەك ئالىملار دەلىللەرنى بايان قىلغان، بىر-بىرلىرىنىڭ دەلىللىرىنى ئۇزۇن-ئۇزۇن تەھلىل قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن. بۇ يەردە ھەممىنى بايان قىلىش تەس.

دەلىللەرنى سېلىشتۇرغان ئەھۋالدا مۇباھ دېگۈچىلەرنىڭ يەنى كۆپچىلىكنىڭ قارىشى كۈچلۈك. نەتىجىدە قايسى قاراشنى تۇتقانلارنى باشقا قاراشتىكىلەر ئەيىپلىسە توغرا بولمايدۇ. بولۇپمۇ چاچ ئالغانلارنى گۇناھكار پاسىق قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.

كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بۇ سەۋەبلەردىن كۆچلۈك:

1-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنىڭ سەھىھلىكى بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن بولغان. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بولسا ھەدىس ئالىملىرى رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ياكى ساھابىنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىدە ئىختىلاپلاشقان ھەدىستۇر. چۈنكى بۇ ھەدىس ئاشۇنداق بەزىدە (مەرفۇئ) بەزىدە (مەۋقۇف) رىۋايەت قىلىنغان. بۇ ئىختىلاپ سەھىھۇ مۇسلىمدە ئېنىق كەلگەن.

بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، تىرمىزىي، ئىبنى ھىببان، بەيھەقىي ۋە ئىبنى ھەزملەر سەھىھ دەپ قارىغان.

دارىقۇتنىي، ئىبنى ئابدۇل بەر قاتارلىقلار  بۇ ھەىسنىڭ رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. چۈنكى ئالتە راۋىي بۇنى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان. ئىككى راۋىي رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلغان.  

2-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىنى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن كاپ راۋىيلار رىۋايەت قىلغان. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھەدىسىنى سەئىيد ئىبنى مۇسەييەبتىن باشقا بىرسى رىۋايەت قىلمىغان.

3-كۆپچىلىك ئالىملار ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان.

4-ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسى بىر قەدەر كېيىنكى ئەھۋالنى بايان قىلغان، چۈنكى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىيە قۇربانلىقنى  ھىجرىيە 9-يىلى يەنە ھەججەتۇل ۋىدادىن بىر يىل بۇرۇن ئەۋەتكەن.



بۇ يەردە بىرقانچە مەسىلىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك:1

1-- جاج-ساقال، تىرناق قاتارلىقلارنى ئالماي تۇرۇشتىكى ھىكمەت، دوزاخ ئوتىدىن پۈتۈن بەدىنىدىكى نەرسىلەر بىلەن بىللە تولۇق قۇتۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن، دېيىلگەن. ھەج قىلىۋاتقان ئېھراملىقلارغا ئوخشاپ تۇرۇش ئۈچۈنمۇ دېيىلگەن. لېكىن بۇ ھەقتە سەھىھ دەلىل يوق. ھەمدە جىما قىلىش، كىيىم كىيىش ۋە خۇشبۇي ئىشلىتىشتە ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا ئوخشاش بولىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

2- چەكلەش تاكى قۇرانلىقىنى قىلىپ بولغىچە داۋاملىشىدۇ، مەسىلەن ھېيىتنىڭ 2-كۈنى ياكى 3-كۈنى قۇربانلىق قىلماقچى بولسا شۇ كۈنگىچە ئالماي تۇرىدۇ.

3-چەكلەش قانداق تۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ چاچ، ساقال، بۇرۇت، قولتۇق تۈكى، ئەۋرەت تۈكى ۋە ئۇندىن باشقا بەدەن تۈكلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنە كېسىۋەتسە بولىدىغان ئارتۇق تېرە قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئېلىش ۋە كېسىش بارلىق ئۇسۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن: چۈشۈرتۈش، قىسقارتىش، كۆيدۈرۈش، يۇلۇش، ياكى دورا بىلەن چۈشۈرۈش، تىرناق ئالغۇچتا كېسىش ياكى سۇندۇرۇش قاتارلىقلار.

4-قان ئالدۇرۇش چەكلەنمەيدۇ، چۈنكى بۇ سىرتقى ئەزا قىسمىدىن ئەمەس.

5-ھەنبەلىي مەزھەبتىكىلەر: چاچ ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدەك قۇربانلىق قىلىنغۇچىلارغا ئوخشاش ھارام بولىدۇ، دەپ قارىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن بۇلار: بىر كىشى ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولغان بولسا، ئۆيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ شۇنداق قىلىشى ھارام بولۇپ كېتىدۇ، دېمەكچى.

6-بۇ كۈنلەردە ئاشۇ چەكلىمىگە قەستەن ياكى سەۋەنلىكتىن رىئايە قىلماي چاچ، تىرناق قاتارلىقلارنى ئېلىپ سالغان كىشىگە يا جازا ياكى تۆلەم يوق، پەقەتلا تەۋبە قىلىشى كېرەك.

7-بۇ چەكلىمىدە ئەر ياكى ئايالنىڭ پەرقى يوق. دېمەك ئايال كىشىمۇ قۇربانلىق قىلماقچى بولغان تەقدىردە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىشى چەكلىنىدۇ.

8-ساقالنى چۈشۈرۋېتىش چەكلىنىدىغان ئىش. چۈنكى بەزىلەر ھارام، بەزىلەر  (؟)



ۋەللاھۇ ئەئلەم.


428 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 00:48:44

قۇربانلىق نىمىگە قارىتىلغان ؟ ئاۋۋال سەۋەبىنى چۈشۈنەيلۇق ؟ئېنىق پاكىت بارمۇ ؟

-------------------------------------------------

-------------------------------------------------

ئى ئاللاھ! مۇھەممەدتىن، مۇھەممەدنىڭ ئائىلىسىدىن

-------------------------------------------------

Erkinqush يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 09:05:26

شۇنداق قىلىپ قۇربان ھېيت قاچانكەن



خەتكۈچ

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 09:22:02

11-ئاينىڭ 7-كۈنى دەپ ئاڭلىدىم مەن @Erkinqush

berna يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:36:49

جۇڭگودا 7،ئەمما باشقا دۆلەتلەردە 6 بولامىكىن.ھەر يىلى بىزدىن بىر كۈن بۇرۇن.

روزا  ھېيىتمۇ شۇندا بولدى.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:45:30

پۈۋلەپ ئېتىۋىتىمەن دەپ، ھېيتلىق ئىشتاننى كېرەكتىن چىقارماڭلار يەنە  {:92:}  



ئادەم يوق يەدە پۇۋلەسىلە!
بەت: [1] 2
: قوي سويۇشنىڭ ئابستىراكىت دەرسلىكى