hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 16:26:22

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى[تەرجىمە]

چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى




1. تۆمۈر ماددىسىنى تۇلۇقلاش    داۋاملىق چېچى چۈشىدىغان ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە ئادەتتە تۆمۈر ماددىسى كەمچىل بولىدۇ.شۇڭا  تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بىرىش كېرەك. سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، تاسما بېلىق ، راك، پىشقان خاسىڭ،پالەك، بانان، سەۋزە، ياڭيۇ قاتارلىقلار تۆمۈر ماددىسى مول بولغان يېمەكلىكلەر.




2. ئۆسۈملۈك ئاقسىلى تۇلۇقلاش   چېچى قۇرغاق، ئۇچى يېرىلىدىغان كىشلەر دادۇر، قارا كۈنجۈت، قۇناق قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرسە پايدىلىق.




3. ئىشقارلىق بولغان ماددىلاردىن يېڭى سەي كۆكتاتلار بىلەن مېۋە چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش  چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللاردىن بىرى بولسا قاندىكى كىسلاتالىق توكسىللار، بۇنىڭ سەۋەبى  بەدەن بىلەن نېرۋىنىڭ بەك چارچاپ كەتكەنلىكى، ئۇزۇن مەزگىل شېكەرلىك ھەم مايلىق يېمەكلىكلەرنى يىگەنلىكتىن بولۇپ مېتابولىزم جەريانىدا  كىسلاتالىق توكسىللارنى ھاسىل قىلىدۇ ،شۇڭا بۇ تۈردىكى يىمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش كېرەك.




4. يود تۇلۇقلاش   چاچنىڭ پارقىراقلىقى قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، يود تولۇقلىغاندا قالقانسىمان بەزنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، چاچنىڭ گۈزەل ساغلام بولىشىغا پايدىلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن  خەيدەي، قىزىل دېڭىز يۇسۇنى، ئويستېر قۇلۇلىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېسە ياخشى.



5. ۋىتامىن E نى تۇلۇقلاش    ۋىتامىن E چاچنىڭ قېرىشىغا قارشى تۇرۇپ، ھۈجەيرىنىڭ بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ چاچنى ئۆستۈرىدۇ.  ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەر، يېڭى ئۇسۇڭ، كاللەكبەسەي، قارا كۈنجۈت قاتارلىقلار.



مەنبە: خەلق تورى

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 16:28:33

سالام دۇنيا خوش بولۇپ كەتكۈدەك ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ ئەمدى  {:92:}

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 16:29:14

كەتكۈچ سېلىپ ساقلىۋالاي .كۈندە ئوقۇپ تۇرامەن  {:92:}

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 16:45:27

كۈندە ئەتىگەنلىسى تۆمۈر(تۇخۇم، خەيدەي، سەۋزە،ياڭيۇدا ئەتكەن خام سەي) يەپ بېرىۋاتىمەن. چاچ ئاسراشتا ئەڭ مۇھىمۇ ئۇيقۇ. ئۇيقۇ ياخشى بولىشى ھەممدىن مۇھىم. چاچ ئاسرايدىغان ،ماس كېلىدىغان چاچ سوپۇنى ئىشلەتسىڭىز ياخشى. باش تېرىسدىكى ماينىڭ مىقدارى بەك ئېشىپ كەتسە چۈشىپ كېتىدۇ. چاچ ئاسراش مەركەزلىرىدە ھەقىسىز تەكشۈرۈپ قويىدۇ.مايلىق تاماقنى ئاز يېيىش كېرەك. بىزنىڭ تاماقاقلىرىمىز قۇۋەتلىك دەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەمما بەك مايلىق.ياشلار بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. بولمىسا قەنت سىيدىغان، مېڭە قان چۈشىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ھازىرغۇ كاۋاپ يييىش ماي يېىش دېسىمۇ بولغۇدەك. ھازىرقى كاۋاپلاردا ساپلا ماي تېخى بىرتال جىگەر. سوراپ كەلسە بىرتال گۆش چىقىدۇ. كاۋاپ يىگەندىن جىگەر ياخشىكەن ھازىر. جىگەر كۆزگە پايدىلىقمىش. يەنە بىرسى قاينۇقسۇ ئىچىپ بېرىش ئادىتى بولسا تېخىمۇ ياخشى. مەن بەك ئامراق دېسە قايناقسۇغا.مېنىڭ ھېس قىلغانلرىم مۇشىنچىلىك.

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 16:58:17

چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر كۈندە بىر بۇ تېمىنى يوقلىسا بولغۇدە.

تېما يوللۇغۇچىغا بىر تەلىپىم چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشى توغۇرلۇقمۇ بىر تېما يوللاپ قويسىڭىز .

مۇنبەردىكىلەر پايدىلانساق.

ھازىر قارايدىغان بولساق ياپياش بالىلارمۇ چاچنى بوياپ يۈرۈيدىغان بوپ كېتىپتۇ

ay~chiwar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 17:01:10

ياڭاق مېغىزىنى داۋاملىق يەپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ .

paliwan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 17:06:31

چاچنى پاكىز ئۇستۇردا چۈشۈۋىتىپ سۈپتى ياخشى ھەسەلدە ياغلاپ قارا كىگىزدە موللاق ئاتسا چاچ چىقدۇ، دىگەن كىمۇ؟ \"\"

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 17:13:58

4- قەۋەتتىكى carbonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەر كۈندە بىر بۇ تېمىنى يوقلىسا بولغۇدە.

تېما يوللۇغۇچىغا بىر تەلىپىم چاچنىڭ ئاقىرىپ كېتىشى توغۇرلۇقمۇ بىر تېما يوللاپ قويسىڭىز .

مۇنبەردىكىلەر پايدىلانساق.

ھازىر قارايدىغان بولساق ياپياش بالىلارمۇ چاچنى بوياپ يۈرۈيدىغان بوپ كېتىپتۇ

چاچنىڭ ئاقىرىشى كۆپىنچە چاچ پىگمىنتىنىڭ بۇزۇلىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ ،يەنە
ئېرسىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. بەزىلەر ئاق چاچنى يۇلسا بولمايدۇ ،بولمىسا
ئاق باشقا چاچقا كۆچۈپ كىتىدۇ دەيدىكەن ،بۇ قاراش ئىلمى ئەمەس.

بۇنىڭ ئىچىدىكى چاچ پېگمىنتىنىڭ بۇزۇلىشى ئاساسەن روھى ھالەت ياخشى
بولماسلىق ،دەردى جىق بولۇش، بېسىم چوڭ بولۇش،بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىزلاش
،ئوزۇقلۇق يىىشمەسلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ .نورمال بولغاندا 35ياشتىن كىيىن ئاق
چۈشىشكە باشلايدۇ دەيدىكەن .بۇنى داۋالاش ئارقىلىق ئازپاز ساقايىتقىلى
بولدۇ ،ئەمما ئېرسىيەتتىن بولغان ئاق چاچنى ساقايىتماق تەس.ئاندىن كەچتە
چاچ يۇيۇشتىن ساقلىنىڭ .كەچتە چاچ يۇيۇپ قالسىىزمۇ قۇرتۇپ بولغاندىن كىيىىن
ئاندىن ئۇخلاڭ .بولمىسا بېشىڭىز ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ .

ھە راسىت ئەدەم قېرسىمۇ چېچىغا ئاق چۈشىدۇ جىمۇ ، \"\"

بۇنداق يېزىۋەرسەم گەپ جىقكەن چاچ توغرىسىدا گەپلەر دەپ تىما يازسام بولىدىغان ئوخشايدۇ \"\"

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 17:17:41

سالام دۇنيا بىر تېمىدا مېنى تۈكۋاش داۋاتاتتى ئەسلىدە بېشىدا تۈكى قالمىغان ئاكاڭزىكەندە بۇ(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى يوققۇ) 

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 17:19:53

قاشاڭكەنسىز  {:92:}   \"\"

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 17:30:35

چېقىشىپ دەپ قويدۇم....

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 18:41:28

ئەتىگەن چاچ يۇغان سۇغا قارىسام قاپقارىلا.

(يۇندا ئەمەس جۇمۇ ،چۈشكەن چاچ ) \"\"

پات-پات يوقلاي ماۋۇ تېمىنى.

rakita يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 20:44:06

رەسىمدىكى خانقىزنىڭ چېچى كارامەتكەن جۇما باللا(سىلەر دىيەلمەيۋاتقان گەپقۇ دەيمەن مۇشۇ) \"\"

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 22:10:35

12- قەۋەتتىكى rakitaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەسىمدىكى خانقىزنىڭ چېچى كارامەتكەن جۇما باللا(سىلەر دىيەلمەيۋاتقان گەپقۇ دەيمەن مۇشۇ) \"\"  

چېچىدىن ئۆزىگە بەكىرەك كۆزۈم چۈشتى \"\"

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 22:32:47

ئىس،ى نىمىكەن ماۋۇ خانقىزنىڭ؟   {:92:}

hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 09:29:53

بۇ تىمىغا  چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق باشقا  تەكلىپ پىكىرىڭلار بار بولسا

بەرسەڭلار تېخىمۇ مەنىسىنى تاپار ئىدى، .ئۆزۈڭلار ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن دىگەندەك......

perwasiz يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 09:40:57

مەن بىر يەرنى بىلىمەن ، ئۈرۇمچى 7-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىدا بىر چاچ چىقىرىدىغان دۇكان بار . \"\"

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 16:56:40

15- قەۋەتتىكى hislat_7نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تىمىغا چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىلىق باشقا تەكلىپ پىكىرىڭلار بار بولسا

بەرسەڭلار تېخىمۇ مەنىسىنى تاپار ئىدى، .ئۆزۈڭلار ئىشلىتىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەن دىگەندەك......

    ئىزدىنىشقا تېخى  كۆنۈپ بولالماپسىز -دە.

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 17:05:24

سىللىگە دىسەم باغۇ ،مۇشۇ كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا جىق ئولتۇرۇشمۇ چاچنى ۋەششەت چۈشىرۋېتىدىكەن \"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 18:21:37

بەدەندىكى سۇ مىقدارى تۆۋەن بولسا چاچ چۈشىدىكەن ......ئۆپكە ، بۆرە ك قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بۇلىدىكەن ، بۆرەك ئىقتىدارى ئاساسى جەھەتتىن ئىرسىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىكەن ، جىگەر ، ئۆپكە ، ئۆت قاتارلىق ئەزالارنى ئۆزىمىز ئاسراش ئارقىلىق ساغلاملىقىنى ساقلاپ قالالايدىكەن ، يۈرەك ، ئۆپكە ، جىگەر ، ئۆت ساغلاملىقى ياخشى بولسا ، بۆرەكنىڭ نىسبىي ساغلاملىقىنى ساقلاپ قالغىلى بۇلىدىكەن ، جىگەرنىڭ ساغلام بولماسلىقى كۆزگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ،،،،،شۇڭا جىگەر يىسە كۆزگە پايدىلىق دىگەن گەپ چىققان
بەت: [1] 2
: چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى[تەرجىمە]