ruzmuhammad يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 14:49:46

قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە

10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ قاتتىق دىسكا شىددەت بىلەن ئۆرلەشكە باشلىدى. 21-ئۆكتەبىر سىگارت 500 گىگابايتلىق دىسكا 380گە، ST1TB سى بولسا 500 يۈەنگە چىقتى، بۇ ھال كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ئۆزلۈكسىز تۆۋەنلەۋاتقان بۇ مەزگىلدە، كومپيۇتېر سودىگەرلىرى ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇردى، ھەريىلى 10 -ئايدىن باشلەپ كومپيۇتېر زاپچاسلىرى ئۆرلەيتتى ئەمما بۇ يىلقىدەك تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلەپ باقمىغان ئىدى.


ھازىر ئاز كەم ھەربىر قاتتىق دىسكا 110 يۈەن ئەتراپتا ئۆسۈپ بولدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىچكىي ساقلىغۇچنىڭ باھاسىمۇ ئاز ئازدىن ئۆرلەۋاتىدۇ،


كومپيۇتېرچى بالىلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئۆزىدە بار قاتتىق دىسكا ۋە ئىچكىي ساقلىغۇچلارنى مۇۋاپىق باھادا چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن،

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 15:35:30

تا.. تايلاند تەرەپتە بولدىمۇ كەلكۈن؟ ئەمىسە جەنۇبىي ئاسىيادىكى بىر نەچچە دۆلەت بوپ تۇرسۇن. كەلكۈننىڭ تەسىرىدىن زاۋۇتلار تەسىرگە ئۇچرىدى، ۋە بىر قىسىم زاۋۇتلارنىڭ تاقالغانلىقى ئېلان قىلىندى، ئىسكىلات قالدۇقلىرى بىلەن ئېھتىياجنى تەمىنلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئاخىرى باھانىڭ ئۆسۈپ كېتىشى مۇقەررەر ئىش بولدى.

باھاسى ئەسلىگە چۈشۈشكە ئاز دىگەندە تۆت ئاي ۋاقىت كېتىدىغۇ دەيمەن.

ruzmuhammad يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 20:08:32

شۇنداق، سەۋەب شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاساسلىق قاتتىق دىسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان بۇ دۆلەت سۇنىڭ ئاستىدا قېلىپ بۇ قېتىمقى باھا ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ، 3-ئايدىكى ياپونىيىدىكى دېڭىز تاشقىنىدىمۇ ئىچكىي ساقلىغۇچ ۋە بارماق دىسكىنىڭ باھاسى يامان دەھشەت ئۆسكەن ئىدى، ئەمدى ئۆز ئەسلىگە قايتىۋىدى، ما ئىش چىقتى ئەمدى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2011-10-22 18:14:18

مەنمۇ بۇگۇن كومپيۇتېر بازىرىدىن ئۇقتۇم
بەت: [1]
: قاتتىق دىسكىنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە