Erktekin نىڭ بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسى
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەركتېكىن ئەپەندى:
ئۆتكەندە سىزنىڭ «پىكاۋىڭىزدىكى مۇزىكىلار » دەپ بىر چاق-چاق تېمىسى يېزىپ ئويلىمغان يەردىن كۆڭلىڭىزنى غەش قىلىپ قويدۇم . شۇ ئىش ئۈچۈن سىزدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.
بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىمۇ چاق-چاقتەك قويۇلۇپ قالدى ، ئەمما بۇ چاقچاق ئەمەس ، ئەستيىدىل ، سەمىمىي يېزىلغان ياردەم سوراش تېمىسى .
سىزنىڭ ئۆيدە بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسى بارلىقىنى ، تەملىك بولكا پىشۇرالايدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىز دېگەن . بۇنىڭ دەلىل ئىسپاتى «بۇ بۈيۈك ئەسەر ماڭا ئۆيۈمدىكى بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسىنى ئەسلەتتى . ئىلھامىم تۇتۇپ قالسا بولكا ماشىنىسىغا بۇغداي ئۇنى،قوناق ئۇنى،ئارپا ئۇنى ،ھەسەل ،سۈت.......... قاتارلىق ئاللىنىمىلەرنى سېلىپ ئۆزەمچە بولكا ناملىق بىر نىمە پىشۇرىمەن،ياخشى يېرى كۆپ ھاللاردا شۇنداق ياخشى بولكا چىقىدۇ . خوتۇن باللىرىم ماختاپ تۇرۇپ چاي ئىچىشىدۇ،بەزىدە خولۇم -خوشنىلارغىمۇ سۇنۇپ قويىمىز .»دېگەن ئىنكاسىڭىز. مەنبە مانا (23- ئىنكاس).
ئەمدى بىزگە بۇغداي ئۇنى نەچچە پىيالە، قوناق ئۇنى نەچچە پىيالە، ھەسەل نەچچە قوشۇق، سۈت قانچىلىك، يەنە قانداق خۇرۇچلار كېتىدۇ ؟ . مۇشۇ ھەقتە تەپسىلىي سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز . بىزمۇ خوتۇن- بالىلىرىمىزنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىۋالساق.
باشقىلارمۇ تەجرىبىسىنى سۆزلىگەن بولسا...
مەتۇنىڭ خۇتۇنى ئۈرۈمچىدە لىياڭپىي يەۋەتىپ بىزنىڭ مەتۇدەك ئۇستا ئاشپەز ھېچيەردە يوقكەن دەپ پو ئېتىپ يۈرەرمىش ....6- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسىنىڭ ئىشلىتىش قوللانمىسىدا بار
![]()
نىمە مەن بىلەنلا قالدى ماۋۇ ئاداش
![]()
جەۋلان ئاداش ....مەن قاچان ئايالىم كېلىپ تاماق ئەتمىگىچە ئاچ ئولتۇرىدىغان .ئادەمقولۇمدىن بىردىن -بىر كېلىدىغىنى گۈرۈچ تامىغىنى دۈملەپ قويۇش شۇ ،ئۇنىغۇ بىلەرسەن ئەمدى
![]()
بىلەرمەن بېشىمغا كەلسە ، ھازىرغىچىغۇ چاي قاينىتىشتىن بۆلەك چوڭراق تېخنىكاممۇ يوق
ئىشىنىمەن ، ئادەم قىلغاننى ئادەم قىلالايدۇ ! ئىشۇ خوتۇن خەق قىلغاننى قىلالماسمىزما
شۇغنىسى مۇشۇ خوتۇنۇم مېنىڭ بۇ بۈيۈك ئارمىنىمنى چۈشەنمەي قازان ئىشلىرىنى مونوپۇل قىلۋالدى ، ئىشىم سەل ئالدىراش ، بىكار بولغاندا بۇنىڭغىمۇ بىر ئامال قىلارمەن
ھېيتتا ئاقبەتتە يەيدىكەنمىزدە مايتاغدا...
گۈرۈچ ئاپىرىپ مايتاققا
نېسى ساتتىم بويتاققا
دەپ
مەتۇ ئاداش ، مېنىڭ بايقىشىمچە چۆچۈرىنى تۈگۈپ ، پىشۇرۇشتىن بەكرەك يۇمشاق يەردە ئولتۇرۇپ ، ئاچچىقسۇ لازا بىلەن ئىسسىغىدا ئىچىۋىتىش بەكرەك ئاسانكەن ، سىناپ باققىن . تۇرمۇش تەجىربەم جۇمۇ
ئەستايىدىل ئويلاپ باقسام تاماق ئېتىشىم خاتۇن بىلەن مۇناسىۋەتىسىزكەن...
ھازىر سۈرۈشتە قىلسام سوگوزنىڭ مۇئاشى 5-10 مىڭ ئەتراپىدىكەن سەنجىن تاپشۇرۇپ بېرىدكەن تېخى... گۇڭۋۇيەن بولغاندىن سوگوز بولايمىكىن؟! باشقا ئاشپەزلەر ئۇقۇشماي ئۇچاققا تاشلاپ سېلىشتىن قورۇقمىساڭ سوگۇز بولساڭمۇ بولە ...... سالام ھايات ماڭا ئەۋەتىمەن دىگەن تېشىڭنى پىتەك قىلىپ ئايىغىڭغا سېلىۋالساڭ بىرىنچىدىن سەل ئىگىز كۆرۈنىسەن ،ئىككىنچىدىن ئېغىرلىغىڭ ئېشىپ قىشتا بوراندا ئۇچۇپ كەتمەيسەن ئۈچۈنچىدىن خەق بىلەن ئۇرۇشۇپ قالساڭ كېرەك بولىدۇ {:92:}
باشنىڭ ئىشى چوڭ ئىش ئەمەس ئاداش ، ھەر كۈنى قازان بېشىدا يۈرگەنكىن خۇتۇن دىققەت قىلماي قالغاندا بېشىڭغا ئاچچىقسۇ بىلەن سۇماينى ئارلاشتۇرۇپ سۈركىۋال ، تالاغا چىقاندا قارا كۆزەينەكنى تاقىۋالساڭ چەتئەللىكتەك بوپ قالىسەن شۇ قامىتىڭ بىلەن ... سالام ھايات مۇنبەر تۈرمىسىدە ئىككى كۈن يېتىپ قۇرۇق موما يەپ ھەقەچان 35 كىلوغا چۈشۈپ قالدىڭ ،بۈگۈن تالادا سەل شامال بار دىققەت قىلاىسەن ئاداش سالامنىڭ بېلىدا پەشتاما تۇرمىغاندىكىن خوتۇنى شالداما چىگىپ قويغان گەپ . بولدى لەغمەن تارتىش ، مانتا پىشۇرۇش ، پولو دۈملەش تېخنىكاڭنىمۇ قوشۇپلا دەۋىتە بولدى ، چۆچۈرىنى يامان ئەمەس تۈگۈپ قويىسەن ھەقاچان ھە ئاداش ؟

بەلگە سېپ قويدۇم،ئايالىمغا كۆرسىتىش ئۈچۈن. 007.gif بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر تورداشلىرىمىزگە سالام.