braveheart يوللانغان ۋاقتى 2011-10-20 17:38:41

جىددى قان لازىم!!!

ئەسسالام قېرىنداشلار:


بىر قېرىندىشىمغا جىددى قان لازىم بولۇپ قالغانلىقتىن، بۇ مۇراجەتنى چىقاردىم.


قېرىندىشىمنىڭ قان تىپى A تىپلىق بولۇپ، RH تىپى مەنپى.


بۇخىل قان تىپى ئاز تېپىلىدىغانلىقتىن، ھازىرغىچە مۇۋاپىق قان تەقدىم قىلغۇچى چىقمىدى. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يۇقارىقى قان تىپىدىكى قېرىنداشلارنى بىلسە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (بىمار ھازىر قەشقەر شەھرى كىرەمباغ دوختۇرخانىسىدا، مۇبادا شۇخىل قان تىپى ماس كەلسىلا،  قان تەقدىم قىلغۇچىنى چوقۇم ئوبدان رازى قىلىمىز. )


ئالاقە نومۇرى: 13070043413، 13552161495



قان تىپى ھەققىدە بۇرۇن پەقەت A,AB,B,O تۆت خىل قان تىپى بارلىقىنىلا بىلەتتىم. شۇنداقلا نەچچە قېتىملىق قان تىپى تەكشۈرۈشتىمۇ مۇشۇ تۆتخىلغىلا ئايرىپ، قاننىڭ  RH تىپىنى ئايرىمىغاچقا بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىكەنمەن.


قان تىپى يۇقارىقى تۆتخىلغا ئايرىلىشتىن سىرىت، يەنە RH تىپىغا ئاساسەن يەنە ھەربىر قان تىپى  RH  مۇسبەت، مەنپى دەپ ئايرىلىدىكەن.


بۇنىڭ ئىچىدە RH مۇسبەت تىپىدىكى قان كۆپ ئۇچرايدىكەن. ئەمما RH مەنپى تىپىدىكى قان كەم ئۇچرايدىغان بولۇپ، RH تىپى ماس كەلمىسە ئوخشاشلا قان سالغىلى بولمايدىكەن. جىددى ۋاقىتلاردا ھەقىقى ماس كېلىدىغان قان تەقدىم قىلغۇچىنى، ساغلام قاننى تېپىش ئىنتايىن تەسكە توختايدىكەن.


شۇڭلاشقا قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ، يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ قان تىپىنىڭ يۇقارىقى تۆت خىل بولۇشىنى بىلگەندىن سىرت، RH تىپىنىمۇ بىلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2011-10-20 18:13:31

بۇ قان تېپى راسلا ئاز ئىكەن. بۇ ھەقتە چىقىرىلغان مۇراجىئەتلەرنى مۇنبەرلەردە خىلى كۆرۈپتۇق. قورساققا ياخشى يەپ پات-پات قان بىرىپ تۇرسا بولغۇدەك بۇ قان تېپىدىكىلەر. جان قۇتقۇزىدىغان ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ...يەنە بىر ئىش مۇشۇ خىل قان تېپىدىكىلەر ئۆز - ئارا تونۇشۇپ قويسا بولغۇدەكمۇ نېمە...   {:107:}

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-20 18:26:27

5 كۈن بۇرۇنقى مۇشۇنداق مۇراجەتكە بىرسى مېنىڭ چۈشىدىكەن دەۋاتقان، كەڭرەك تەشۋىق قىلىلى چوقۇم چىقىدۇ.


  http://www.yolyar.com/amma/show.asp?id=49

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 05:28:04

ياردەم قىلىپ تەشۋىق قىلىشىپ بەرگىنىڭىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت، يوليار قېرىندىشىم.

braveheart يوللانغان ۋاقتى 2011-10-21 05:34:17

مەن بۇرۇن قان تەقدىم قىلغاندىمۇ، قان تىپىمنىلا يازغان، RH نىڭ مۇسبەت، مەنپى قىممىتىنى دەپ بەرمىگەن. كۆپ كىشىلەر ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى يولۇقىدىغان ئىشكەن بۇ.  RH قىممىتىنىمۇ بىلىپ، جىددى ۋاقىتلار ئۈچۈن ئالدىن ئىھتىيات تەدبىرلىرىنىمۇ ئۆزى ئويلىشىپ قويۇشى كېرەك بولىدىكەن.

بەت: [1]
: جىددى قان لازىم!!!