ماشىنىڭىزنى قالايمىقان توختاتماڭ
ئۆتكەندە بىر قېتىم كەچ قېلىپ،ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ماشىنا توختىتىدىغان يەرگە كەلسەم توختاتقۇدەك جاي قالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن كەچ بولغاندىكىن ھېچكىم مېڭىپ يۈرمەس دەپ بىنانىڭ ئالدىدىكى پىيادىلەر ماڭىدىغان يولغا توختىتىپ قويۇپ ئۆيگە چىقىپ كەتكەن،ئەتىسى چىقىپ قارىسام ماشىنامغا بىرسى تىغلىق بىر نەرسە بىلەن(بەلكىم ئاچقۇچ بۇلىشىمۇ مومكىن)جىراپ بىر غېرىچتىن ئۇزۇن بەلگە سېلىپ قويۇپتىكەن بەك ئاچچىقىم كەلگەنتى.بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ ماشىنىسىنى قالايمىقان توختىتىپ مېنىڭدىنمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلارنى كۆرۈپ قىزىقارلىق بىلىنىپ كۆپچىلىكنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
يول توساپ قويۇپ يوقاپ كېتىدىغانلار كىشىنىڭ بەك ئاچچىغىنى كەلتۈرىدۇ ، نىمىلا بولمىسۇن باشقىلارنىمۇ ئويلاش كېرەكتە ، ئاران تەستە تېپىپ چىقىۋالاي دىسەڭ گېپى سەندىن چوڭ ، لېكىن شۇنداقتىمۇ جىجىۋېتىش ، بويىۋېتىش ئەيىپلىنىشكە تېگىشلىك ئىش ، ھەممىسى ساپادىكى مەسىلە . ئى بىر شەھەردە شەھەر باشلىقى، قالايمىقان توختىتىلغان ماشىنىلارنى تانكىدا باستۇرۇپ يۈرەتتى. خاتا توختۇتۇپ قويغانغا شۇنچىلىك قىپكىتەمدۇ دەيمەن. ئۆتكەن قىتىم ئاغىنەم بىلەن ئۇرۇمچىگە نەۋرە ئاكامنىڭگە بېرىپ ماشىنىنى خاتا ئورۇنغا قويغان بولساق كېرەك، ئەتىسى قارىساق ماشىنىنىڭ ھەممە چاقىنى تېشىۋىتىپتۇ . بىر ئاغىينەممۇ سىز دىگەندەك ماشنا توختىدىغان يەر تاپالماي، يېرىم كېچە بولغاندىكىن بىركىم ئۆتۈپ يۈرمەس دەپ ئىككى بىنانىڭ ئوتتۇرسىدىكى پىيادىلەر ماڭىدىغان يەرگە ماشنىسنى توختىتىپ قويۇپ، ئەتىگىنى ئىشقا ئالدىراپ ماشنىغا چىقاي دەپ قارىسا كەينى ئىككى پاي چاقىنىڭ يىلى يوقمىش. زاپاس چاقتىن ئىككىسى باركەنتۇق، ئالدىراپ چاقنى ئالماشتۇرۇپ، خوتقا سېلىپ ماڭغىلى تەمشەلسە تەستە قوزغىلىپ يانغا سۆرىگىدەكمىش، چۈشۈپ قارىسا ئالدى ئىككى پاي چاقىغىمۇ بىر نەرسە تىقىپ يىلىنى چىقىرۋېتىپتۇ. ئىككى پاي چاقنىڭكىنىغۇ چىقىرۋەتسۇن، نېمىشقا ھەممە چاقنىڭ يىلىنى چىقىرۋتىدۇ... دەپ بەك قاخشاپ كەتكەنتى. {:92:} شىركەت بىناسىنىڭ پەستە بىر تار يولدىن ئۆتىمەن، شۇنىڭ ئاغىزىغا ماشىنا توختۇتۇپ قويىدۇ. ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتمەي ئامال يوق. شۇ چاغلاردا ئاچقۇچنى ئېلىپ جىجىۋېتىپ كىتەي دەيمەنۇ ، ئۆزەمنى بېسىۋالىمەن. خوپ بوپتۇ مەن ئۇچرىغان جازاغا ئۇچرىماپسىلەر تېخى!
بىر ئاينىڭ ئالدىدا ناھىيە بازىرىدا پەقەت ئىككى مىنۇتلا خاتا توختاتقانىدىم، قاتناش ساقچىسىمۇ ئەمەس، 110 نىڭ ساقچى ماشىنىسى كېلىپ...
نېمە دەيدۇ دېمەمسىلەر! «10 مىنۇت يالۋۇرساڭ بېرىمىز» دەيدۇ!...
قىزىقچى ئاداش چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپتىمەن تېخى، راست شۇنداق بولدى! ماشىنا توختىتىشمۇ بىر ئەخلاق مەسىلىسى خالاس. بەزى ئادەملەر باركى ماشىنىنى توختىتىپ قويسا ، دەرھال شۇ ماشىنىنڭ يېنىغا يۆلەپ توختىتىپ قويىۋاتقان، توختىتىش مەنئىي قىلىندۇ دىگەن بەلگىنىڭ ئاستىغا ئەكىلىپ توختىتىۋاتقان.
مەنمۇ ماشىنا ئاچىقاي دەپ ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ ئالدىغا بارسام بىر ماشىنا ئىسكىلاتنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنى ئاچىقالماي قالدىم ، ئىسكىلاتتىن بەكىدىن بىرنى ئاچىقىپ ئالدى كەينى چاقىغا تىقىۋەتكەنتىم. دوختۇرخانىغا بارغان ۋاقتىمدا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا جايىدا ماشىنا توختۇتۇپ قويسام، ئالدىمغىلا توغرىسىغا لەللىدىن بىرسى ماشىنسىنى توختۇتۇپ قوياپتۇ. ماشىنىنى ئەپچىقالماي ساق بىر سائەت ساقلىدىم ئۇ لەللىنى ......
چىققان چېغىدا چىرايلىق گەپ قىلسام ھۆركىرەيدۇ، گال سىقىشىپ سوقۇشۇپ كەتتۇق ..... ئامانلىق ساقلىغۇچىلارمۇ شۇنىڭ گېپىنى قىلىدۇ، ئاڭلىسام دوختۇرخانا مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ شىرەم توغقانلىرىدىن بىرى ئىكەن. جاھان ئۆكتەملەرنىڭ بولۇپ كېتىۋاتامدۇ دەيمەندە ؟! مېنىڭچە ئوبدان ئەدەپلەپتۇ.
ماۋۇ يا تۈزۈك ماڭماي يا توختىماي «يېڭى بازار بەش موچەن! » دەپ توۋلايدىغان كوچا ئاپتۇۋۇزىچۇ؟ قايسى كۈنى ماشىنىنى ئىشىك ئالدىغا توختۇتۇپ قۇيۇپ ئۆيگە كىرىپ چىققىچە بىرسى يان تەرەپنى خېلى ئوبدانلا جىجىۋېتىپتۇ بۇنىڭغا ئاچچىقىم كىلىپ تۇرسام خوشنام كىلىپ نىم بولدى دەيدۇ ماشىنىڭ بىرسى جىجىۋېتىپتۇ دىسەم ھىچقانچىلىك ئىش ئەمەسكەن چۈشتە ئاشخانىنىڭ ئالدىغا توختۇتۇپ تاماق يەپ چىققىچە يان تەرەپنى بىرسى ئىزىۋېتىپتۇ دەپ يان تەرەپنى كۆرسەتتى قارىسام چاقنىڭ ئۈستۈن تەرەپ خېلى ئوبدانلا ئىچىگە كىرىپ كىتىپتۇ شۇنىڭغا قاراپ خۇداغا شۈكرى دەپ ماشىنامنى ھەيدەپ كىتىپ قالدىم ..... {:90:} شۇڭا ماشىنا ھەيدىگەن ئادەم ئەڭ ئالدى بىلەن ماشىنا توختاتقاندا ،مەن كىشلەرنىڭ قولىنى ئىگەللىۋالدىممۇ يوق؟ قايسى ماشىنىنىڭ چىقىشىغا توسالغۇ بوپ قالدىم دىگەندەك مەسىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ ماشىنا توختاتسا مۇنداق ئەھۋاللاردىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن ماشىنىنى خاتا توختىتىپ قويغانغا چاقىنى تىشىۋېتىش بەك ئېشىپ كېتىپتۇ. ئاشۇ تېشىۋەتكەن ئادەممۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە توختىتىدىغان يەر تاپالمىسا قانداق قىلار؟ مىنىڭ ئەڭ ئۆچ ئىشىم خەقنى ماشىنىسىنى قانداق ئاچىقار دىمەي، ئالدىغىلا توختىتىپ قويۇش ھەم تۆت كوچىدا چىراققا ساقلاپ تۇرغاندا ئارىلىققا قىسىلىپ كىرىۋېلىش.
شۇنداق گۇيلارنى بەك سەت تىللىۋېتىمەن ئىشقىلىپ .
نەچچە قېتىم ماشىنىنى قويغان يەردىن ئاچىقالماي تاكسىدا كېتىپ، كېيىن ئېلىپ كەتكەن يەرلىرىم بار، لىكىن پىچاق تىقىپ باقمىدىم. مانداق توختىۋېلىپ كارى بولمايدىغان ئاڭسىز، ئەقىلسىز، ھاڭۋاقتى گۇيلارنى رەسمى نېمە قىلىۋەتسە ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقىلارغا ئانچە تەسىرى بولمىغان ئەھۋالدا جىجىۋېتىش ياكى چاقىنى تىشىۋېتىش بەكلا ئېشىپ كەتكەنلىك. ماشىنا ئىسكىلاتنىڭ ئالدىغا چوڭ قىلىپ
ماشىنا ئىسكىلاتىدا ماشىنا بار ،چىقالماي قالسام چاقىڭنى تىشىمەن دەپ ئۇيغۇرچە ،خەنزۇچە قىلىپ قوش تىلدا ئىسكىلاتنىڭ ئىشىكىگە يېزىپ قويغان خەت ئۇ كاربون ئەپەندىم سىزنىڭ قىلغان-ئەتكىنىڭىز،ئويلىرىڭىز كىشىنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى كەلتۈرىدىكەن،سىزنىڭچە بولسا ئېرزاتنىڭ قىلغىنى دۆتلۈكتىن ئىكەندە! ئامان پەخرى ئەپەندىم بەلكىم ئىككىمىزنىڭ ياشايدىغان مۇھىتى ئوخشىمىغاچقا ئاشۇنداق ئويلاپ قالغان ئوخشايسىز.
ئادەمگە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مۇھىتىمۇ بەك تەسىر قىلىدۇ.
مەن ئىزچىل ھالدا خاندىن قوقما ،يولدىن چىقما دىگەن يولدا ماڭىدىغانلاردىن.
مەھەلەمدە شۇنچە ماشىنا توختىتىدىغان يەرلەر ئېشىپ تېشىپ تۇرسا قېرىشقاندەك مېنىڭ ماشىنا ئىسكىلاتىمنىڭ ئالدىغا تۇمشىقىنى تىرەپ ماشىنسىنى توختىتىۋالسا چاقىغا پىچاق تىقماي ماشىنسىنى سۈرتۈپ تازلاپ قويسام بۇلىدىكەندا؟
ھەرقانداق شوپۇر ماشىنا ئىسكىلاتىنىڭ ئالدىغا ماشىنسىنى توختاتمايدۇ، توختىغانلىرى مۇشۇنداق بۇرنىغا يىگەن ۋاقىتلىرىدا ھوشۇنى تېپىپ توختاتمايدىغان بۇلىدۇ سىز داۋاملىق يولدىن چىقماي،خاندىن قورىقماي ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلالامسىز؟!
ئەلۋەتتە يولدىن چىقىپ قېلىپ زىيان تارتسام ئاغرىنمايمەن،ئۆزۈم كەلتۈرۈپ چىقاردىم دەيمەن دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۈمكىن،ئەمما تەساددىپى يولدىن چىقىپ قېلىپ،ئاۋارىچىلىققا يولۇقسىڭىز،ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ ئاۋارىچىلىق سەۋەۋىدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجە بەك خەتەرلىك بولۇپ قالسا،قانداق قىلارسىز،نىمە ئويلارسىز؟!
شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكىنى كەچۈرۈشمۇ بىر خىل گۈزەل ئەخلاق.
بەت:
[1]
2