tumaq يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 14:28:26

ئېنگلىز تىلىدىكى بىر مىليونىنچى سۆزلۈك[تەرجىمە]

ئېنگلىز تىلىدىكى بىر مىليونىنچى سۆزلۈك


مەنبە:


http://www.csmonitor.com/Innovation/Horizons/2009/0610/english-language-gets-its-one-millionth-word-website-says


«يەر شارى تىل كۆزەتكۈچىسى» تور بېكىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سۆزلۈكلىرى دۇنيا تارىخىدىكى باشقا ھەر قانداق تىلنىڭكىدىن كۆپ بولغان ئېنگلىز تىلى بۈگۈن ئۆزىنىڭ بىر مىليونىنچى سۆزلۈكى (ياكى سۆز بىرىكمىسى) نى قوشۇۋالغان.


بىر نەچچە سۆز بىرىكمىلىرى بۇ تاللاشقا قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «Jai Ho»، «Slumdog» (ئوسكارغا ئېرىشكەن كىنو «نامراتلار كەپىسىدىكى مىليونېر» بىلەن ئومۇملاشقان ئاتالغۇ) ۋە «N00b» (ۋىدېئو ئويۇنى ئوينىغۇچى ھەۋەسكارنىڭ كەمسىتىلگەن نامى) قاتارلىقلارمۇ بار.


ئەمما ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىققىنى «Web 2.0» بولۇپ، بۇ سۆز بىرىكمىسى ئادەتتە فەيسبۇك ۋە تۋىتتېرغا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ («يەر شارى تىل كۆزەتكۈچىسى» سەل قاتماللىق بىلەن بۇ سۆزنى يېڭى بىر ئەۋلات ئىنتېرنىت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرىنى بىلدۈرىدىغان تېخنىكىلىق ئاتالغۇ دەپ قارىدى). تېكساستا قۇرۇلغان «يەر شارى تىل كۆزەتكۈچىسى» تور بېكىتى 2008- يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ «مىليون سۆزلۈك مارشى» غا تەتۈر ساناق ساناپ كېلىۋاتقانىدى.


بۇ تور بېكەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 14.7، يەنى ھەر 98 مىنۇتتا بىر يېڭى ئېنگلىزچە سۆزلۈك ياكى سۆز بىرىكمىسى بارلىققا كېلىدىكەن. شۈبھىسىزكى، بلوگلار ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ كېڭىيىشى يېڭى سۆزلۈكلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. مەسىلەن، UrbanDictionary.com تور بېكىتى تور شېۋىلىرىنىڭ بارومېتىرىغا ئايلانغان.


«يەر شارى تىل كۆزەتكۈچىسى» ئالدىن مۆلچەرلەنگەن سانلىق مىقدارلارنى كۆرسەتكۈچ دەپ ئاتىلىدىغان مەخسۇس بىر ئالگورىزم ئىشلىتىدىغان بولۇپ، بۇ ئالگورىزم «ئىنتېرنىتتىكى، بلوگ چەمبىرىكىدىكى، ئىجتىمائىي مېدىيالاردىكى ۋە Factiva، Lexis-Nexis دېگەندەك مەخسۇس سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى زىيارەتلىرىدىكى يېزىق - سۈرەت ۋە ئۈن - سىن» لارنى سكانلاشتا «يەر شارى تىل كۆزەتكۈچىسى» دە ئېلان قىلىنغان «كۆپ سورالغان سوئاللار» نى ئاساس قىلىدىكەن.


لېكىن نۇرغۇن ئاخبارات خادىملىرى ۋە تىلشۇناسلار بۇ ئالگورىزمنىڭ قائىدىسىنى تەنقىت قىلدى. بىر ئىقتىسادشۇناس ئالدىنقى يىلى مۇنداق سوئال قويغانىدى: «يەر شارى تىل كۆزەتكۈچىسى» قايسى نوپۇزغا ئاساسلىنىپ، بىر سۆز ياسالمىسىنى ھەقىقىي يېڭى سۆزلۈك دېيەلەيدۇ؟


فرانسىيە، ئىسپانىيەگە ئوخشاش بەزى دۆلەتلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىللىرىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان ۋە ئېنگلىز تىلىدىن سوقۇنۇپ كىرگەن ئاتالغۇلارنى قېقىپ چىقىرىۋىتىدىغان ھوقۇققا ئىگە ئاكادېمىيىلەر بار. ۋاھالەنكى، ئەنگلىيەمۇ، ئامېرىكىمۇ بۇنداق پايدىسى يوق ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. ئېنگلىز تىلى يېڭى سۆزلۈك ۋە ئىپادىلەرنى قوشۇۋىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ساقلايدىغان ئەبجەش بىر تىل. بۇ تىل باشقا تىللارنى خالىغانچە تالان – تاراج قىلىدۇ ۋە يېڭى سۆزلەردىن خۇشاللىق تاپىدۇ. بۇ تىل ئەركىن سودىگەرلەر ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە كارخانىچىلارنىڭ تىلىدۇر، خۇددى «يەر شارى تىل كۆزەتكۈچىسى» نىڭ خادىملىرىغا ئوخشاش.


ئىشەنمىسىڭىز، سۆزلۈكلەرنى خالىغانچە ئېلىپ كۆرۈپ باقايلى: 999989- نومۇرلۇق سۆزلۈك «Defriend» بولۇپ، «رەسمىي دوستتىن ئالاقىنى ئۈزۈشنى بىلدۈرىدىغان ئىجتىمائى ئالاقە تورى ئاتالغۇسى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.


999988- نومۇرلۇق سۆزلۈكچۇ؟ بۇ «Chengguan» بولۇپ، «شەھەر باشقۇرۇش ئەمەلدارلىرىنى كۆرسىتىدۇ، شەھەر باشلىقى، ساقچى باشلىقى ۋە شەھەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ كېسىشمىسى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن.


بىر مىليوننىڭ ئۈستىگە قارىساق، 1000001- نومۇرلۇق سۆز بىرىكمىسى «Financial Tsunami» بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ بۇ بالايىئاپەتلىك مەزگىللىرىگە تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ.


ئىزاھات: Jai Ho نىڭ مەنىسى غەلىبە، Slumdog نىڭ مەنىسى نامراتلار كەپىسى، N00b نىڭ مەنىسى سولتەك ھەۋەسكار، Tsunami نىڭ مەنىسى دېڭىز تاشقىنى.

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 15:34:13

قارشى ئالىمىز  \"\"

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 15:59:38

ھەر كۈنىگە 14.7سۆز بارلىققا كىلەمدىكەن   {:107:}

rock يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 07:55:03

Chengguan



مۇشۇ بويىچە ماڭسا بىرەر 100 يىلدىن كېيىن ئىنگلىز تىلى خەنزۇ تىلىنىڭ بىرخىل شىۋىسى دېيىشتىن يانمىغۇدەك.
بەت: [1]
: ئېنگلىز تىلىدىكى بىر مىليونىنچى سۆزلۈك[تەرجىمە]