uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 12:00:50

چۇما كېسىلى [تەرجىمە]

   


چۇما كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك سىزما رەسىم


  چۇما كېسىلى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بولغان يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ بىرى .بۇ كېسەل ئەڭ بۇرۇن ئاسىيانىڭ غەربى جەنۇپ تەرىپىدە پەيدا بولغان بولۇپ ،تەخمىنەن 1340-يىلى پۈتۈن ياۋروپاغا تارقالغان .ئاشۇ ۋاقىتتا <چۇما كېسىلى >دېگەن نام ياۋروپانى چاقىرىدىغان يەنە بىر ئىسىم بولۇپ قالغان .ئۇ ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەل پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 75مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپا نوپۇسىنىڭ 30%ى چۇما كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن .




ھەرخىل كېسەل تاكى 1700-يىلىغىچە  ياۋروپاغا نۇرغۇن قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولۇپ ،ھەر قېتىملىقىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى ۋە كەلتۈرگەن زىيىنى ئوخشاش بولمىغان .كىيىنكى ۋاقىتلاردا بىر قەدەر چوڭ تارقالغانلىرىدىن ،1629-يىلىدىن 1631-يىلىغىچە ئىتالىيىدىكى يۇقۇملۇق كېسەل ،1665-يىلىدىن 1666-يىلىغىچە لوندوندىكى چوڭ يۇقۇم.1679-يىلى ۋيېنادىكى چوڭ يۇقۇملۇق كېسەل .1771-يىلىدىكى موسكۋادىكى يۇقۇملۇق كېسەل  قاتارلىقلار .بۇ يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ چۇما كېسىلى ياكى ئەمەسلىكى ئۈستىدە تالاش-تارتىش مەۋجۇت بولسىمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش جاننى ئالغۇچى كېسەللەر 18-ئەسىردە پۈتۈنلەي يوقالغان .


بۇ كېسەلنىڭ ياۋروپادا يامراش ئەھۋالى







چۇما كېسىلى ياۋروپانىڭ نوپۇسى ۋە  جەمئىيەت تۈزىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، رىم كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئورنىنى تەۋرىتىپ قويغان .ئەسلىدىلا ياۋروپادا نوپۇسى ئاز بولغان كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى تېخىمۇ ئازايتىۋەتكەن ،مەسىلەن :مۇسۇلمانلار ،يەھۇدىيلار،چەتئەللىكلەر ۋە تىلەمچىلەر .بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان كىشىنىڭ تېرە ئاستىدىن قان چىقىدىغانلىقى ئۈچۈن تېرىسى قارا رەڭدە بولۇپ قالىدۇ . چۇما كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يازما ماتېرىياللارغا قارىغاندا ،ئالىملار بۇ كېسەلنىڭ تەخمىنەن 12-ئەسىردە پەيدا بولغانلىقىنى پەرەز قىلىپ چىقتى .بۇ كېسەللىك چۇما تاياقچە باكتېرىيىسى دەپ ئاتىلدىىغان بىر خىل باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ ،بۇ باكتېرىيە بۈرگىنىڭ تېنىدا پارازىت ياشايدۇ .ھەمدە قارا چاشقان قاتارلىق ھايۋانلاردىن پايدىلىنىپ تارقىلىدۇ. ھازىر چۇما كېسىلىنىڭ كېسەل قوزغاتقۇچىسى يەرشارىدىن يوقالغان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن .

ياۋروپادا چۇما كېسىلىنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدا مۇنداق بىر كۆز قاراش بار : بەدىنىدە بۈرگە بولغان ھەمدە بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان غاجىلىغۇچىلار بۇ كېسەلنى باشقا ھايۋانلارغا تارقىتىدۇ .ئەينى ۋاقىتتا ھەرخىل مۇناسىۋەت بىلەن قارا چاشقان ياۋروپاغا كەلگەن ،ھەمدە قوڭۇر ئۆي چاشقىنى بىلەن تېخىمۇ كېڭەيگەن .چاشقانلارنىڭ ئۆز تېنىدىكى بۈرگىنى ئادەملەرگە يۇقتىرالايدىغان ئىقتىدارى يوق.ئەمما چاشقان ئۆلگەندىن كىيىن ھاسىل بولغان ھەر خىل خىيىۋى ماددىلار ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىپ نەچچە ئەسىرگە سوزۇلغان قاباھەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .



مەنبە:ۋېكپىدىيە قامۇسى



bapkar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 12:54:03

ياپۇنيەنىڭ ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇدا سىناق قىلىغىنى مۇشۇ كېسەلمۇ قانداق؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 15:14:22

ئاۋۇ ئىككىنچى رەسىمدىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا قارىغاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كۆپ قىسمى يۇقۇملانغان ، تىبەت بۇ كېسەلدىن ئامان قالغان...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 15:36:09

مۇشۇ جوڭگودىلا قەدىمدىن مۇشۇنداق كېسەللەر ئاز چىقىپتۇ. شۇڭىمۇ جىق بۇلار...

saye يوللانغان ۋاقتى 2011-10-18 00:53:33

چۇسا باكتىرىيىسى دەپ ئاڭلىغاندەك قىلىۋېدىم، چۇما بىلەن چۇسا بىر گەپمىدۇ؟  \"\"
بەت: [1]
: چۇما كېسىلى [تەرجىمە]