«مەتزىيالىي»لار سەۋىيەمىز قاچان ئۆسىدۇ؟
ئانا تىلنىڭ ساپلىقى ۋە توغرىلىقى ھەققىدە ھەممىمىز ھەرخىل ئۇسۇلدا كۈچ چىقىرىۋاتىمىز، تىرىشىۋاتىمىز، كۆيۈۋاتىمىز.
ئۆزىمىزدىن باشلاش ھەققىدە ئۆزىمىزگە ۋەدىمۇ بېرىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى ئارىمىزدىكى بىرقىسىم زىيالىيلىرىمىزدا ئۆلچەملىك سۆز- ئىبارە ئىشلىتىشكە كۆنەلمەسلىك ئەھۋالى ھېلىمۇ بار.
مەسىلەن: ئاددىيسى كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەردىكى «ئې» نىڭ ئورنىغا «ئى» نى يېزىۋاتىمىز.
ئۇندىن باشقا « و» بىلەن «ۇ» نى ئالماش يېزىپ قويىۋاتىمىز.
بۇنىڭ بىلەن « چاپاننى قۇيۇپ قۇيدۇم» دەپ يېزىپ قويىۋاتىمىز.
زىيالىي دېگەن مەلۇم قوۋمدىكى ئۇقۇمۇشلۇق، بىلىملىك كىشىلەرنى كۆرسىتىدىغۇ؟ بىزنىڭ باشقا بىلىمىمىز ئۆستىيۇ ئانا تىل سەۋىيىمىز ئۆسمەمدۇ؟
~~~~~~~~~~
ئىزاھات: يېقىنقى ئاتالغۇ قىزغىنلىقى بىلەن يۇقارقى سەۋەنلىكنى سادىر قىلغۇچىلارنى «مەتزىيالىي» دەپ ئاتىۋالغۇم كەلدى.

ئورۇن تۇتۇپ قوياي ھە
1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماۋۇ مەخسۇس ماڭا يېزىلغان تېمىغۇ دەيمەن![]()
ئورۇن تۇتۇپ قوياي ھە
ziyali دېمىدۇق «زىيالىي» دېدۇق

نۇرتولدۇرارقەلىبكە يېقىپ يىشىل چىراقنى.
دەپ كىتمەن بەزدە ئۆز-ئۆزەمدىن بەك چېنىپ،
نىمە بەردىڭ خەلىققە ،دەپ سۇراپ شۇ سۇراقنى .
يوليار ئەپەندى، ئىملا توغىرلىق تېما يوللاپ ئۆزىڭىز ئىملاغا دىققەت قىلماپسىزغۇ.
ساپلىەقى ھەممىمىز ھەممىمىز تاپقىنىنى تاشلايدۇ مۇنبەردىكى دوستلۇرۇم،
مەدىكىدىن ئايرىيدۇ كۆپچىلىك شۇقۇناقنى.
ساقلىغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇگەربەزلەر،
بويتاق مەن دەپ گىدىيىپ قىرلاپ كىيەر تۇماقنى.

6- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يوليار ئەپەندى، ئىملا توغىرلىق تېما يوللاپ ئۆزىڭىز ئىملاغا دىققەت قىلماپسىزغۇ.
ساپلىەقى ھەممىمىز ھەممىمىز
ئىككى كۇنۇپكا تەڭ بېسىلىپ كېتىپتىكەندە؟ تۈزۈتۈۋىتەي. تۈزۈتۈشمۇ ياكى تۈزىتىشمۇ؟ {:106:} مەن مەتزىيالى بوپ تۇراي جىما.. يوليار ئەپەندى ماڭا يوللىغان ئۇچۇر ساقلىنىپ قاپتىكەن
يوللاپ قوياي
=====================
تاپشۇرۇۋالغۇچى: yolyar
ۋاقتى: 2011-7-14 1:26:50
ماۋزۇسى: ج: دىققەت:
--------------------------------------------------
ئەۋەتكۈچى:yolyar
ۋاقتى:2011-7-10 23:53:28
ماۋزۇسى:دىققەت:
ئىملانى ئوڭشىۋېلىڭ
قوبۇل، كېيىن
http://www.izdinix.com/showpost.aspx?Page=2&ThreadID=41008#Inkas
--------------------------------------------------
ھاھا
يېقىندا ئىملا قائىدىسى توغرىسىدا باشقىلار بىلەن پىكىرىمنىڭ ئوخشاش چىقمايۋاتلىقىغا مەنمۇ دېققەت قىلغان ئىدىم.
دېققەت-دىققەت
قۇبۇل-قوبۇل
كىيىن-كېيىن.
خاتا دەپ ھېس قىلغان يېرىڭىزنى تۈزىتىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت
مەن قۇبۇل قىلمايمەن ئەمەس،قايىل بولمايمەن.
يامىنى كەلسە مىنى يەرلىك شىۋىسى بەك ئېغىركەن دەپ چۈشىنەرسىز.
===========



ئو بىلەن ئۇ نىڭ ئىشلىتىش ئىملا قائىدىسىدە سىزلەرنىڭ دىگىڭىنىزلەر راسىت بولسا مىنىڭ ئىملا قائىدەم قېيىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئەگەر قېيىپ كەتكەن بولسا،قاچانلاردا قېيىپ كەتكىنى يادىمدا يوق.
ئەمما ئۆزگەرتىش خىيالىممۇ يوق
يامىنى كەلسە مىنى يەرلىك شىۋىسى بەك ئېغىركەن دەپ چۈشىنەرسىلەر.
11- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يوليار ئەپەندى ماڭا يوللىغان ئۇچۇر ساقلىنىپ قاپتىكەن
يوللاپ قوياي.....
![]()
![]()
![]()
ئو بىلەن ئۇ نىڭ ئىشلىتىش ئىملا قائىدىسىدە سىزلەرنىڭ دىگىڭىنىزلەر راسىت بولسا مىنىڭ ئىملا قائىدەم قېيىپ كەتكەن بولىدۇ.
ئەگەر قېيىپ كەتكەن بولسا،قاچانلاردا قېيىپ كەتكىنى يادىمدا يوق.
ئەمما ئۆزگەرتىش خىيالىممۇ يوق
يامىنى كەلسە مىنى يەرلىك شىۋىسى بەك ئېغىركەن دەپ چۈشىنەرسىلەر.
ماۋۇ زىيالىينىڭ كاجلىقىنى:
قۇلۇمدىكى كىتاپنى يەرگە قۇيدۇم دەپ يازسا توغرا بولامدۇ ياكى قولۇمدىكى كىتاپنى يەرگە قويدۇم دېسىمۇ؟
تەۋسىيە مەندىن ، ئىختىيار سىزدىن.
كىتاپنى قويىمىز.قۇيمايمىز
ئەمما پىكىرنى قۇبۇل قىلمايمىز

مۇشۇنداق(موشۇنداق؟ھاھاھا) پاراڭ قىلىپ يۈرۈپ،مىنى(مېنى؟


باشلانغۇچتا مۇئەللىمەم ئىملا دەرىسىدە خېتىڭ سەتكەن دەپ نۇمۇر تارتىپ باققان.ئىملايىڭ خاتا دەپ نۇمۇر تارتىپ باقمىغان.بايا بىر تۇرپانلىق تۇنۇشۇم(بەلكىم تونۇشۇم) بىلەن مۇشۇ توغۇرلۇق پاراڭلاشقان.ئىشقىلىپ مىنىڭكىنى توغرا دىدى.تۇرپاندىلا مۇشۇنداق(بەلكىم موشۇنداق) ئىشلەتمەس؟مۇئەللىمەممۇ تۇرپانلىق بولغاندىن كىيىن ئىملا خاتالىقىمنى بايقىيالماي قالمىغاندۇ؟
باشقىلارمۇ دەپ بېقىڭلارچۇ
قۇبۇل قىلىشتىكى قۇبۇل
ئۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ ئىنكاسىمدىمۇ بىر قانچە سۆزنىڭ كەينىگە بەلكىم توغرا ھىساپلىنىدىغان ئىملاسىنى قوشۇپ قويدۇم.
سىلەر قانداق بولسا ئىملا قائىدىسى توغرا دەپ قارايسىلەر؟
قېرىغاندا تەييارلىق سىنىپقا كىرىپ ئۇيغۇرچىنى باشقىدىن ئۆگىنىدىغان ئىش چىقامدۇ نىمە

تۈزۈتۈشمۇ ياكى تۈزىتىشمۇ؟
=========
توغرىسى
تۈزىتىش
شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان يەنە
ئۆگىنىش
تەلەپپۇز قىلغاندا تۈزۈتۈش ئۆگۈنۈش دەپ ئېلىنىپ قېلىشى مومكىن.ئەمما ئىملا قائىدىسىدە بۇ خاتا. بۇ يەردە ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى دەپ بىر قائىدىسى بار ئىدىغۇ. سوزۇق تاۋۇش ئا نىڭ ئې،ئى غا ئاجىزلىشىشى..
مەنمۇ بەزىدە ئې بىلەن ئى قائىدىسىز ئىشلىتىپ قويىمەن. ، ئۇنتۇلۇپ كېتىپتۇ...
مۇشۇ توغۇرلۇق ماتىريال بولسا يوللاپ قويوڭلار، قايتا بىر كۆرۈۋالايلى.. ھازىر تولۇقسىزدىكى ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكا كىتاۋىمنى يا تاپقىلى بولمىغان...

ئايتۇغ
ئاۋال جاراڭلىق جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ساناپ بېقىڭە

ئا ئە ئې ئى غا قانداق ۋاقىتتا ئاجىزلىشىدۇ دەپ چەتئەللىكلەر ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگەندە ئۆگىنىدۇ.ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئىش بولسىمۇ شۇلار ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ.ئىسىمدە قالماپتۇ دىسىڭىز توغرا چۈشىنىمەن،ئەمما مەنمۇ خاتا ئىشلىتىدىكەنمەن دىسىڭىز سىزنى مەسخىرە قىلىمەن.

جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار:چ س ت پ ش ق ھ ك خ ف
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ،بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە «سىلەرگە بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي ،جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشنى تۇتالمىساڭلار يۇقارقى تەرتىپ بويىچە ھەممىنى قوشۇپ بىراقلا ئوقۇساڭلار غەيرىلا بىر سۆز پەيدا بولىدۇ »دەپ بىزگە مۇنداق ئوقۇپ بەرگەن :چستپشقھكخف،بدگجلمنر
زىيالىينىڭ ئىملا خاتالىقى بەكلا ئېغىر . جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار :ب د گ ج ل م ن ر
جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشلار:چ س ت پ ش ق ھ ك خ ف
تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقاندا ،بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە «سىلەرگە بىر ئۇسۇلنى ئۆگىتىپ قوياي ،جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز ئۈزۈك تاۋۇشنى تۇتالمىساڭلار يۇقارقى تەرتىپ بويىچە ھەممىنى قوشۇپ بىراقلا ئوقۇساڭلار غەيرىلا بىر سۆز پەيدا بولىدۇ »دەپ بىزگە مۇنداق ئوقۇپ بەرگەن :چستپشقھكخف،بدگجلمنر
زىيالىينىڭ ئىملا خاتالىقى بەكلا ئېغىر . مەن مۇنداق يادلىغان.
جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇشلار: ب د گ ج ل م ن، ر ي ۋ ز غ ژ ڭ
جاراڭسز ئۈزۈك تاۋۇشلار: ھاك تاشقا پىچاق خاس(ئىچىدىكى ھ ك ت ش ق پ چ ق خ س لار)