Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 11:46:18

مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر

بۇ ماقالىنى  توردۇنياسى تاقىلىشتىن بۇرۇن مەتبۇئاتقا بېرىش ئالدىدا ئىزدىنىشقا بىر قېتىم يوللىغان ئىدىم، ئىزدىنىشتا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغۇلۇپ، ئانا تىلى شەيدالىرىنىڭ كۈچىشى بىلەن «ئاناتىلىم» تورىنىڭ بارلىققا كىلىشىگىمۇ تۇترۇق بولۇپ قالغان ئىدى، تورلىرىمىز تاقىلىپ، ماقالا ژورناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىزدىنىش ئېچىلىپ بولالمىغان چاغدا بىلىككىمۇ قويغان ئىدىم، شۇڭا كۆپ ساندىكى تورداشلار كۆرۈپ بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن، شۇنداقتىمۇ ئىزدىنىشقا يەنە بىر قېتىم قويۇشقا ئىھتىياج چۈشۈپ قالدى، ئوقۇپ بولغانلار ئەپۇ قىلغاي.

ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزدىكى بىرقانچە مەسىلىگە نەزەر

ئابدۇخالىق ئابلىمىت قۇتلان

«كونا» تىلىمىزدىن ھازىرقى تىلىمىزغا نەزەر

مەن يېقىندىن بېرى لۇغىتىمىزدىكى «تەنتەربىيە»، «تەختىراۋان»، «ساتما» دېگەندەك سۆزلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇزى ۋە مەنىسىدىن قارىغاندا خېلى بۇرۇنلا لۇغىتىمىزدە بولسا كېرەك، ئەگەر  بۇ سۆزلىرىمىز لۇغىتىمىزدە بولمىغان بولسا، ھازىر نېمە دەپ ئىسىم قويۇشىمىز بىر مەسىلە ئوخشايدۇ، ئالايلى، «تەنتەربىيە» دېگەن بۇ سۆز ئېيتماقتا شۇنداق ئاددىيلا تۇرىدۇ، بۇ سۆزنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىخچام ئاتىلىشى بولغان، ھازىر لۇغېتىمىزدىن يوقىلاي دەپ قالغان «تەن» سۆزى بىلەن، چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى، بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ نادانلارنى يامان يولدىن توسۇش ئۈچۈن قىلغان ھەرىكەتلىرىنى ئىپادىلەيدىغان، ئىلىم مەنىسىدىكى، ھازىرقى سۆزىمىز بىلەن ئېيتقاندا  «پېداگوگىكا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان سۆز «تەربىيە»دىن تۈزىلىپ، ھەرقانداق بىر ئادەم چۈشىنەلەيدىغان، ئىخچام بىر لۇغەت بولۇپ تۇرماقتا، بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدىكى ھازىرقى دەرسلىمىزنىڭ ئىچىدە بۇنىڭدىن باشقا بىرەر پەننىڭ مۇشۇنداق ئەپلىك قويۇلغان بىرمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ، ئەگەر ماتېماتىكىغا «ساقىش» دەپ ئىسىم قويغان ياكى «تەنتەربىيە» سۆزى بارلىققا كەلگەن  دەۋرلەردە ھازىرقى زامان ئېلىملىرى بارلىققا كەلگەن بولسا، ئېھتىمال ئۆز لۇغىتىمىزدە بۇ ئىلىملەرگىمۇ سۆز مەنىسىدىنلا نېمىلىكىنى بىلگىلى بولىدىغان «ساقىش تەربىيە» پىسخولوگىيەگە «خۇيتەربىيە» دېگەنلەردەك مۇۋاپىق ئىسىم قويۇلغان بولغىيمىدى دەپ ئويلايمەن.

«تەختىراۋان» سۆزىنى ئاپىراتسىيە قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، «ئوردا» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «تەخت» سۆزى بىلەن، ئىش- ھەرىكەتنىڭ توسالغۇسىز داۋاملىشىش مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «راۋان» سۆزىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سۆزمۇ ئەينى دەۋردىكى قاتناش قورالىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇنداق ئويلايمەنكى، ئەينى چاغدىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك مەخسۇس تىل يېزىق ئىدارىلىرى بولمىغان بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋردىكى قاتناش قوراللىرى بىلەن ئۇچرىشالىغان بولسا، بىزگە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ مىراس بولغىدەك «كۆكتە راۋان»، «سۇدا راۋان»، دېگەندەك ياخشى ئىسىملارنى قويۇپ بىرەر بولغىيمىدى، مېڭىش ئىمكانىيىتى بولمىغان نەرسىگە تىز سۈپىتىنى قوشۇپ خاتا ھالدا «تىز سۈرەتلىك يول(تىز ماڭىدىغان يول)» دېگەندەك ھەم ئۇزۇن ھەم لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان خاتا ئىسىملارنى قويۇپ يۈرمەي، ماڭغۇچىلار توسالغۇسىز يۈرەلەيدىغان يول دېگەن مەنىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان، كىشىلەر ئاڭلاپلا چۈشىنەلەيدىغان «راۋان يول» دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇپ بېرەرمىتىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.

ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئانا تىلىمىزغا شۇنداق مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانكى، قوغۇنلۇقنى خەۋەر ئالىدىغان كەپىگىمۇ ئاددىيلا «كەپە» دېمەي، كەپىدىن پەرقلىق ھالدا «ساتما» دەپ ئىسىم قويغان، ئۆزى شۇغۇللانغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەنە شۇنداق ئىخچام، مەنىسىنى ئىزاھسىزلا بىلگىلى بولىدىغان ئىسىم- ناملارنى قويۇپ، مىراس قالدۇرالىغان.

ھايۋانلارنىڭ چوڭ –كىچىكلىك، جىنسى، تۇرارجايى ۋە گەندىسى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىدىغان بولساق، بۇلاردىكى شۇنچە ئىنچىكە پەرقلىرىدىن سۆيۈنۈپ كېتىمىز،  مەسىلەن ھايۋانلاردىكى جىنسى پەرقىنى مىسالغا ئالساق، چىشى جىنسىدىن ساغلىق، ئىنەك، مېكىيان، .... ئەركەك جىنسىدىن قوچقار، بۇقا، خوراز، .... قاتارلىقلار. چوڭ – كىچىكلىك پەرقىدىن قوزا، موزاي، باچكا، .... قاتارلىقلار. تۇرار جايىدىن مىسالغا ئالساق ئېغىل، قوتان، قۇما، كاتەك، ....... قاتارلىقلار. گەندىسىدىن مىسال ئالساق، تېزەك، ماياق، موندىلەك، قىغ، مەرەز، ..... دېگەندەك ئىنچىكە پەرقلەرنى كۆرىمىز، بۇنداق ئىنچىكە پەرق ھازىرقى تەرەققى قىلدى دەپ قارىغان خەلقئارالىق تىللاردىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن.  ئەپسۇس ھازىرقى پەن- تېخنىكا شۇنداق تەرەققى قىلغان، تەشۋىقات قوراللىرى مۇكەممەل، ھەرخىل ئورگان، ئەپىراتلار تولۇق بولغان بىر دەۋردە بولسا، لۇغىتىمىزدىن يېقىنقى دەۋرنىڭ مەھسۇلى بولغان «تىزگىنەك»، «كىملىك» ۋە «ئۇ»ئالغۇ، «بۇ»ئالغۇلاردىن باشقا كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك ئاتالغۇلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ھەتتا خىزمەت ياكى كەسىپ نامىنى بىلدۈرىدىغان مەشقاۋۇل، باقاۋۇل دېگەن سۆزلىرىمىزدىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «ئاۋۇل»دىن پايدىلىنىشنىمۇ ئويلىشالمىدۇق.

كومپيۇتېر مەتبۇئاتچىلىقىدىكى تىنىش بەلگۈلىرىنىڭ ﺭﻧﻰ

مەن تىل-يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس خادىم بولمىغىنىم ئۈچۈن، تىنىش بەلگىلىرىگە دائىر ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، بىزنىڭ «پەش»، «چىكىت»لىرىمىز، جۈملىلەرنى توغرا ئوقۇش، مەنىسىنى توغرا ئىپادىلەش ئۈچۈن، يېزىقلىرىمىزدا كۆپ قوللىنىدىغان بەلگە بولۇپ، بۇ بەلگىلەرنىڭ قويۇلۇش ئورنى توغرىسىدا بىرەر بەلگىلىمە بولسا كېرەك دەپ قارايمەن. ئىلگىرى قوغۇشۇن مەتبەچىلىكىدە ئۇلارنىڭ ئورنى كېيىنكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇننىڭ ئالدىدا قويۇلاتتى، ئۇلارنىڭ يېزىقىمىزدىكى رولى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەنىسى جەھەتتىنمۇ شۇنداق قويۇلغېنى توغرا ئىدى. ئەمما، ھازىرقى  گېزىت- ژورناللاردا بولمىسۇن ياكى خېلى چوڭ شەھەرلەردىكى تەشۋىقات، ئېلان تەختىلىرىدە بولمىسۇن كېيىكى سۆزنىڭ ئالدىدىكى بوش ئورۇن بىلەن بۇ بەلگىلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قىلىۋاتىدۇ، يەنى كېيىنكى سۆزگە بۇ بەلگىلەر چاپلىشىپ يېزىلىپ، بوش ئورۇن بولسا، بۇ بەلگۈلەرنىڭ  ئالدىغا كىلىپ قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن: «ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە،   پارىسچە،   رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان.» دېگەن جۈملە «ئۇيغۇر تىلىغا چەت تىللاردىن ئەرەپچە   ،پارىسچە   ،رۇسچە ۋە خەنزۇچە نۇرغۇن سۆزلەر قوبۇل قىلىنغان   .»غا ئوخشاش  پەش،  چىكىتلىرىمىز كېيىنكى سۆزنىڭ بېشىغا چاپلىشىپ، بوش ئورۇندىن كېيىن  يېزىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىرەر بەلگىلىمە يوقمۇ ياكى بەلگىلىمە بولسىمۇ بەلگىلىمىنىڭ توغرا ئىجراقىلىنىشىنى تەكشۈرىدىغان، نازارەت قىلىدىغان ئورۇن، شەخس يوقمۇ، بىلمىدىم.

بىرقىسىم يېڭى ئاتالغۇلار ھەققىدە تەۋسىيە

دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس ماتېرىياللىرىنى قويۇپ قويىدىغان ياكى يېغىن سەھنىسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىرەلەرنى بىرقىسىم ماتېرىياللاردا «مۇنبەر» دەپ ئېلىنىۋاتقان بۇ سۆز مېنىڭچە نوقۇل ھالدا شىرەنىلا كۆرسەتمەستىن، شۇ شىرە تۇرغان ئورۇننىمۇ كۆرسەتسە كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇقۇم جەھەتتىن قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، نۇتۇقنىڭ ئېنىقلىقىغا تەسىر يېتىشى مۇمكىن. شۇڭا نۇتۇق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بۇ سايمانغا تولۇق ماس كىلىدىغان، ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن مىراس قالغان سۆز ياسىغۇچى  «دۇق»نى قوشۇپ، «نۇتۇقدۇق» دەپ ئېلىنىشىنى ئويلىشىپ كۆرسەك.

بالىلار باغچىسىدا پەرزەنتلىرىمىز ئوينايدىغان ئىككى ئويۇنغا مەن ھېچقانداق ئىزاھات بەرمەيلا ئىككى ئىسىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچىمەن، بۇ ئىسىمنىڭ نېمىگە قارىتىلغانلىقىنى سەزگۈر كىتابخانلارنىڭ  چۈشىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. ئۇ ئىسىم: «لۆم - لۆم پالاس»، «دوق - دوق ماشىنا».

موتوسىكىلىت مىنگەنلەر يېڭى سېتىۋالغان موتۇسىكىلىتىغا «بۇ موتو تېخى مولا قىلىنىپ بولۇنمىغان» دېگەن جۈملىنى ئىشلىتىدۇ، بۇ يەردىكى مولىنىڭ مەنىسىنى بىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىشى مۇمكىن، ئۇيغۇر تىلىدا پىچاق چاقىلىغاندا، چاقلاپ بولۇپلا بۆلەيدىغان ئادەت بار، بۇنى پىچاقنىڭ قىلاتىنى ئېلىش دەپ ئاتايدۇ، مېنىڭچە قىلاتىنى ئېلىش دېگەن سۆز سىلىقلاش دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك، موتۇسكىلىتنى مولا قىلىش دېگەن سۆزمۇ تىلىمىزدىكى قىلاتىلاش ياكى ئېغىز تىلىدىكى قىتلاش دېگەن سۆز بىلەن بىر مەنىدە بولسا كېرەك، شۇڭا «مولا» قىلىش دېگەن سۆزنى «قىتلاش» ياكى «قىلاتىلاش» دەپ ئالساق دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.  

كومپيۇتېر ئاتالغۇسىنى «تىل ۋە تەرجىمە(ھازىرقى كۆۋرۈك)» ژورنىلىنىڭ قايسىبىر سانىدا «كەمپۈتەر» دەپ ئېلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتىكەن، بۇ ئاتالغۇ خەلقئارا ئاتالغۇ «كومپيۇتېر» بىلەن ئاھاڭداش بولۇپلا قالماي، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمتەرەپلىرىمىزنى پۈتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقى ئېچىپ بېرىلىپتىكەن، بىراق بۇنداق ئوبرازلىق ياخشى نام ئومۇملاشتۇرۇشقا ئېرىشەلمىدى.

«كەمپۈتەر» بارلىققا كەلگەندىن كېيىن «كەمپۇتەر» بىلەن يانداش ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن ئۈسكىنىلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىغا دېگىدەك يېڭى ئىسىم قويماي ئېنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە ناملار بىلەنلا ئاتاپ كەلدۇق. ئەسلىدە بۇلارغا تىلىمىدىكى سۆز ياسىغۇچى ئەبزەللىكلەردىن پايدىلىنىپ ئىسىم ياسىغان بولساق تامامەن ياسىيالايتۇق، بىراق ئىسىم ياسىمىدۇق ياكى پىكىر ئادىتىمىزگە ئۇيغۇنلىشىش ياكى ئۇيغۇنلىشالماسلىقى بىلەن ئويلاشماي، قارىغۇلارچە خەنزۇچىدىن خەت مەنىسى بويىچە ئۇدۇللا تەرجىمە قىلدۇق، نەتىجىدە بۇ ئۇزۇن ئىسىملارنى خەلق قوبۇل قىلىپ كېتەلمىدى. مېنىڭچە پەن - تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغا ئىسىم ياساشتا تەرجىمىنى مەقسەت ئەمەس ۋاستە قىلىپ، شۇ ئۈسكىنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورنى، ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ تىل ئادىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىسىم ياسىساق ئاقىلانىلىق بولارمىكىن دەيمەن. مەسىلەن: قەغەز يۈزىدىكى رەسىم ياكى خەتچەكلەرنى نۇسخىلاپ سايىسىنى كومپيۇتېرغا يوللاپ بېرىدىغان ئۈسكىنە(سىكانىر ــ 扫描仪)گە ئىش قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە نەرسىلەرگە ئىسىم ياسىغۇچى «لىغۇچ» بىلەن سايىنى قوشۇپ «سايىلىغۇچ»، ئۇنىڭ خىزمىتىنى «سايىلاش»، مەھسۇلاتى(رەسىم ياكى خەت)نى «سايىلانغان(رەسىم، خەت)»،  ..... دەپ ئىسىم قويساق تامامەن مۇمكىن ئىدى.

بىر قىسىم ئۇزۇن ئىسىملارنى ياساش ۋە ئىخچاملاشتا بۇرۇنقى تىلىمىزدا مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما كەڭ ئومۇملىشالمىغان، يېقىنقى ۋاقىتلاردا بىرقىسىم ئالاھىدە سۆزلەردىلا  قوللىنىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەن بىرخىل ئۇسۇل: «سۆزلەرنى قىسقارتىپ  بىرىكتۈرۈش» ئۇسۇلىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرسەك، بىرقىسىم ئۇزۇن سۆزلەرنى چەتتىن ئۆلۈك ھالدا قوبۇل قىلىشنىڭ ياكى ئاۋامنىڭ قوبۇل قىلىپ ھەزىم قىلىشىغا ئېرىشەلمەيدىغان پايىزدەك ئۇزۇن ئىسىملارغا ھاجەت قالمايتتى دەپ قارايمەن.  

ئاتا بوۋىلىرىمىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزنى بىرىكتۈرۈپ سۆز ياسىغاندا ئۇنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىخچاملاپ، بېرىكتۈرگەن ئىكەن، مەسىلەن:  ئوت + ئالغۇچ = ئوتىغۇچ، شىرىك + ئەت = شىركەت، ساق + ئىش = ساقىش، دىرەپ + تىشە = دىرەپشە،  «بىلەك+ئۈزۈك=بىلەزۈك، .... دېگەندەك، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىلھامى بىلەن يېقىنى دەۋىرلىرىمىزدىمۇ ھەر دەرىجىلىك  پارتىيە كومىتېتلىرىنى ئىخچام ھالدا «پارتىكوم(ئەسلىسى: پارتىيە كومىتېتى)»، «ئوبكوم(ئەسلىسى: ئوبلاستلىق پارتىيكوم)»، «ۋېلكوم(ئەسلىسى: ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتى)»، «ناكوم(ئەسلىسى: ناھىيلىك پارتىيە كومىتېتى)» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. چەتنىڭ بىزگە ماس - كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى بىلەن كارىمىز بولماي نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولساقمۇ، بىزدىمۇ ئەزەلدىن بار بولغان ھەم چەت تىللاردا خېلى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بۇ ئۇسۇلنى ھازىر بىزگە ئادىتىمىزگە ماسلاشتۇرۇپ قوللىنىش شۇنچە مۇھىم بولسىمۇ ئېرەن قىلمايۋاتىمىز. توردۇنياسىدا يۇمتال، ئېلخەت، ئېلكىتاپ، ... دېگەندەك سۆزلەرمۇ خىلى ئومۇملىشىپ قالدى، شۇڭا تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوبدانراق تەتقىق قىلىپ كۆرۈشىنى تەشەببۇس قىلىمەن.

مەن بۇ ماقالامنى توردا ئېلان قىلغاندىن كېيىن ماقالىنىڭ ئىلھامىي بىلەن بىرقىسىم تورداشلار «جۇۋاۋا»غا ئۈگرە، چۈچۈرە دېگەن تاماقلىرىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ، تاماقنىڭ ئېتىلىش ئالاھىدىلىكى بويىچە «تۈگرە» دەپ، «سومەن»گە «قورىماچۆپ»، پىنتوزىغا «ماشئۈگرە(بۇ ئەسلىدىمۇ بار ئىدى)»، لەڭپۇڭغا «لىغىرداق» دېگەندەك شۇنداق قاملاشقان ئىسىملارنى قويۇپتۇ. بۇنى تىلشۇناسلىرىمىزنىڭ ئويلۇشۇپ كۆرۈشىنى ئۈمىت قىلىمەن.(ھازىر تۈگرە دېگەن سۆز كىنولاردىمۇ خىلى دېيىلىدىغان بولدى).

(داۋامى بار)

بۇ
ئىزدىنىشنىڭ خەتلىرى يۇنىكود تۇرۇپ، نېمىشقا ئەلكاتىپ، ئۇ ك ئى ج نىڭ  فونتلىرىدە
نورمال كۆرۈنمەيدۇ، ئاۋۇ ئەلپىدا يۇنىكود ئۆلچىمىدەك قىلىدۇ بولمىسا
.

Muzepper يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 14:32:46

خەت نۇسخىسىنى يەنە بىر تەڭشىۋەتكىلى بولامۇ؟

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 14:42:05

كومپيۇتېر مەتبۇئاتچىلىقىدىكى تىنىش بەلگۈلىرىنىڭ ﯮﺭﻧﻰ

——————————

ماۋۇ نۇرمال كۆرۈندىمۇ ؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 14:47:12

راۋان يول بىلەن تېز سۈرئەتلىك تاشيولنى قانداق بىرلەشتۈرىشىنى بىلەلمىدىم.

قوغۇنلۇققا قارايدىغاننى تۇرپان تەرەپتە ئالچۇق دەيمىز.

بىر ئوبدان مۇنبەر دىگەن ئىسىم تۇرسا نىمىشقا نۇقۇقدۇق دەپ ئالغىدەكمىز؟

لۆم لۆم پالاس دىگىنى ھېلىقى كارۋاتنىڭ بىرنىمىسىمۇ؟بۇنى قىسقارىتماپسىزغۇ؟لۆپالاس ياكى لۆلاس...........  {:107:}  

كەمپۈتەر بىلەن كومپىيوتىر...........قىزىق...........

ئىشقىلىپ قىزىق تېمىكەن...........

ئاۋۇ تېمىڭىزدىمۇ بۇ پاراڭلار چىقىپتىكەندۇق.ئايرىم تېما قىلىشقا نىمە سەۋەپ بولدىكىن؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:02:06

تۈز يولنىمۇ راۋان يول دەيدىغاندىمىز؟ «تېز سۈرئەتلىك تاشيول» بىر ئاتالغۇغۇ؟ بۇنى ئۇزۇن دەپ زىرىكىپ كەتتۇقمۇ؟ بۇنىڭدىن زىرىكىش ئۆز تىمىزدىن زىرىكىش بولامدۇ قانداق؟ زادى قىسقا ئالمىساق بولمايدىغان يەر بولسا « ت س ت يول » ياكى «ي س يول» دېسە بولىدۇ.

سۆز ياسايلى يېڭى ئاتالغۇغا ئەمما ئومۇملىشىپ بولغان ھەم قېلىپلاشقان ئۇيغۇرچە سۆز- ئاتالغۇنى يەنە قىسقارتىمىز دەۋەرسەك دەتالاش ئاۋۇپ كىتەرمىكىن.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:11:35

تىلشۇناس ئابدۇقۇددۇس بىننى ئابدۇلھاپىز جانابلىرىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلسا بولغۇدەك

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:15:28

4- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈز يولنىمۇ راۋان يول دەيدىغاندىمىز؟ «تېز سۈرئەتلىك تاشيول» بىر ئاتالغۇغۇ؟ بۇنى ئۇزۇن دەپ زىرىكىپ كەتتۇقمۇ؟ بۇنىڭدىن زىرىكىش ئۆز تىمىزدىن زىرىكىش بولامدۇ قانداق؟ زادى قىسقا ئالمىساق بولمايدىغان يەر بولسا « ت س ت يول » ياكى «ي س يول» دېسە بولىدۇ.

سۆز ياسايلى يېڭى ئاتالغۇغا ئەمما ئومۇملىشىپ بولغان ھەم قېلىپلاشقان ئۇيغۇرچە سۆز- ئاتالغۇنى يەنە قىسقارتىمىز دەۋەرسەك دەتالاش ئاۋۇپ كىتەرمىكىن.

«تىز سۇرئەتلىك تاشيول» دىگىنى ئۇيغۇرچە تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس، بەلكى تەرجىمە تەپەككۇردىن كۆكلىگەن ياۋا شاختۇر. مېنىڭچە، بۇنى «تىزيول» دەپ ئېلىش كىرەك. چۈنكى بۇ يولنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ يولدا ماڭغان قاتناش ۋاستىلىرىدىن بەلگىلىك سۇرئەتتە تىز مېڭىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاستا ماڭىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇ يولغا كىرىشى پىرىنسىپ جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

_Halil يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:30:47

ماڭا قويۇپ بەرسە پۈتۈن پەن تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى ئېنگىلىزچە قىلۋىتىمەن، ئادەم تەرەققىياتقا يىتىشىپ بولالمايۋاتسا ھازىر..  {:106:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:33:20

ھېلىمۇ ئىنگىلىزچىغۇ؟

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:42:09

شىنجاڭ گېزىتىگە ئەۋەتىدىغان ماقالىكەنتۇق  بۇ بىدار قۇتلان بوۋا...

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:47:38

ئاتايىتىن بىر مۇنچە ئىنكاس يازسام، چىقماپتا...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:50:15

6- قەۋەتتىكى ketmenbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈز يولنىمۇ راۋان يول دەيدىغاندىمىز؟ «تېز سۈرئەتلىك تاشيول» بىر ئاتالغۇغۇ؟ بۇنى ئۇزۇن دەپ زىرىكىپ كەتتۇقمۇ؟ بۇنىڭدىن زىرىكىش ئۆز تىمىزدىن زىرىكىش بولامدۇ قانداق؟ زادى قىسقا ئالمىساق بولمايدىغان يەر بولسا « ت س ت يول » ياكى «ي س يول» دېسە بولىدۇ.

سۆز ياسايلى يېڭى ئاتالغۇغا ئەمما ئومۇملىشىپ بولغان ھەم قېلىپلاشقان ئۇيغۇرچە سۆز- ئاتالغۇنى يەنە قىسقارتىمىز دەۋەرسەك دەتالاش ئاۋۇپ كىتەرمىكىن.

«تىز سۇرئەتلىك تاشيول» دىگىنى ئۇيغۇرچە تەپەككۇرنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەس، بەلكى تەرجىمە تەپەككۇردىن كۆكلىگەن ياۋا شاختۇر. مېنىڭچە، بۇنى «تىزيول» دەپ ئېلىش كىرەك. چۈنكى بۇ يولنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ يولدا ماڭغان قاتناش ۋاستىلىرىدىن بەلگىلىك سۇرئەتتە تىز مېڭىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاستا ماڭىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇ يولغا كىرىشى پىرىنسىپ جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.

قوشۇلىمەن.

مەن «تېز سۈرئەتلىك تاشيول» نىڭ گېپىنى قىلدىم جۇمۇ؟ سىز « تىز سۇرئەتلىك تاشيول» نىڭ گېپىنى قىپسىز.  ( چاخچاق)

uyghurbaligh يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:57:38

كومپيوتېر دىگەن گەپنى كىم چۈشەنمەيدىكەن ؟ كەمپۈتەردەپ قالايمىقان قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى ؟

نىمە قىلىمىزبىر ئوبدان ئومۇملىشىپ بولغان گەپنى يەنە چۇۋۇپ ؟ئىنگىلىزلارنىڭ خەنزۇلارنىڭ لۇغىتىگە قاراپ باقايلى  ئۇلاردا يوق بىزدە بار ئاتالغۇلارنى بىزنىڭ تىلىمىزدا ئاتايدىغۇ ؟ئەڭ ئادديىسى ‹نان›‹كەتمەن› خەنزۇلار نىمە دەيدۇ ؟ ھازىر دۇنيا ئۇچۇرلاشقان ،ھەممە مىللەت ،قەۋىملەر ئارىسىدا ئۇچۇر-ئالاقە دىگەن شۇنداق تىز .زامانىۋى  ئىلىم-پەن كەشپىياتلىرى بىزدە بارلىققا كەلمىگەن  ئۇ كەشپىياتلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىمى ياسىلىپ بولغىچە، ئۇ نەرسىلەر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرىپ بولغان . شۇڭا ئۇنىڭ بۇنىڭ بىرەر ئاتالغۇسى سىڭىپ قالسا تەبئى ئىش .

ماقالىگە قارىسام ئۇنداق قىلمدۇق بۇنداق قىلمىدۇق دەپ بىر كىمدىن زارلىغاندەك گەپ جىقكەن ،ئاشۇ ‹دۇق›نىڭ ئىچىدە سزمۇ،مەنمۇ،ئۇمۇ بار .

ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىنى كونا خاماننى سورىغاننىڭ پايدىسى يوق .بۇنىڭدىن كىيىن يېڭى نەرسىلەر چىقىپ قالسا ،ئۇ نەرسىلەر يېنىمىزغا كىلىپ بولغىچە  شۇنىڭغا ئىسىم قويايلى .يېڭى ئىسىم ياسايلى .ئەمما شۇنداق ياخشى سۆزلەرنى يەنە بۇزۇپ ئولتارمايلى .كۆڭلىڭىز توغرا ، بەزى گەپلەر ناھايتى زورلاپ ياسالغان . قالغىنىنى سىزمۇ قاقشىماڭ بىدار قۇتلان ئەپەندى . سىز ياسىماقچى بولغان گەپلەرنى خەلىق ئارسىدا ئومۇملاشتۇرايلى دەپ ياسىغانغۇ ھە؟ ئاشۇ خەلىقنىڭ ئىچىدە شۇ بىزمۇ بار ،ياقسا بۇرۇن ياسىغان سۆزلىرىڭىزدەك تىزلا قۇبۇل قىلىمىز .ياقىمىسا بولماپتۇ دەپ پىكىرىمىزنى بايان قىلىمىز .

دەيدىغىنىم .ئەگەر قۇتلان ئەپەندى ياسىغان سۆز ياقمىغان بولسا ئاشۇ سۆزگە قارىتا گەپ قىلساق ،شەخسىيتىگە ھوجۇم قىلمساق .چۈنكى قۇتلان ئەپەندىدە ھەممەيلەندە بولۇشقا تىگىشلىك كۆڭۈل ،ئۈزلۈك ،مۇھەببەت بار (گەرچە بەزى ۋاقىتلاردا تەشەببۇسى توغرا بولمىسمۇ)ھەممەيلەننىڭ ئارىسدا بىر-بىرىمىزنى ھاقارەتلەيدىغان ئىشلار بولىنمىسا  .  ‹ئادىل تارازا ئەل دىگەن ،داننى ساماندىن ئايرىدى ›

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:01:10

راۋان يولنىڭ ھەممىسىدە يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ماڭغىلى بولىشى ناتايىن. راۋان يول دېگەن شۇ يولنىڭ راۋان ئىكەنلىكىنى، قاتناش ۋاستىللرى توسۇپ قويمىغان ئىكەنلكىنى ئىپادىلەيدىغان ،يولىنىڭ راۋانلىقىنى سۈپەتلەيدىغان ئۇقۇم. شۇڭا راۋان يول دېگەن بۇ ئاتالغۇ قاتناش ۋاستىللرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭسا بولىدىغان يولىغا پەقەتلا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. «يۇقىرى سۈرئەتلىك»يول دەپ ئۇمۇملىشىپ كەتتى. مەيلى خەنزۇچىدىن كىرگەن بولسۇن ئۇمۇملىشىپ كەتتى. بۇنداق قىلىغىلى تۇرساق نۇرغۇن گەپلەرنى قايتىدىن تۈزسەك بولىدۇ.تېپىۋالغان گېپىڭلار شۇ «تىزگىنەك» «كىملىك» دەك ئىسىم بولسا دەيدىكەنسىلەر.ھەممە سۆزلەرنى ئۇنداق بىرلا سۆزگە قىستاپ، پۇتاپ ياساش مۇمكىنمۇ؟ توردا قىلىۋاتقان بۇ سۆز ياساشنىڭ ھېچقايسىسى رەسىمي يۇسۇندىكى ئىش ئەمەس.ھەممىزخالىغانچە سۆز ياساپ ئوينىساق. بۇرۇن بار ئاتالغۇلارنىمۇ قايتىدىن قېزىپ ئۇنداق بۇنداق سەۋەبلەر بىلەن سۆز ياسىغىلى تۇرساق، كۆزقارشىمىز ھەرقانچە يوللۇق بولسىمۇ ئۇمۇملاشتۇرۇشقا كىم مەيدىسىنى ئۇرۇپ بىرنىمە دىيەلەيدۇ. ياسالغان سۆزلەر مەتبۇئاتلاردا ھەپتىدە بىرقېتىم ئېلان قىلىنسا، تىلۋىزىردىمۇ مەخسۇس تەشۋىق قىلسا ئاقىدىغان ئىشلار. بۇنىڭغا كىمنىڭ ھوقۇقى يېىتىدۇ؟ يەنە دېسەم يەنەشۇ بىز بۇرۇن ئۇمۇملىشىپ بولغان سۆزلەرگە چېقىلمايلى. ھەرقانچە تەسەۋۇرىمىز ئېشىپ كەتسىمۇ، ھەرقانچە ئۇرۇنلۇق بولسىمۇ!! ئاۋال ماۋۇ يېڭى تىلىمىزدىكى خەنزۇچە ئاتىلىۋاتقان سۆزلەرگە ئىسىم قويۇپ، ئۇنى مەخسۇس ئىلتىماس شەكىلدە پۈتۈك تۈزۈپ ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىغا سۇنايلى. ئىشنى رەسىمىي يوسۇنداق قىلايلى. ھەممىز بۇيەردە سۆزمەنلىكىمىز، تىلىشۇناسلىقىمىزنى(گەرچە ھېچقايسىمىز تىلىشۇناس بولمىساقمۇ) پاش قىلپ يۈرمەيلى. بۇنىڭغا ھوقۇقى بارلار ئارلاشسۇن. يەنە بىرسى بۇرۇن خاتا تەشۋىق قىلىنپ قالغان سۆزنى تىلىمىزدىن يوقىتايلى، يۇمتالغا ئوخشاش دىمەكچى. يەنە بىر قېتىم دەي. كونا سۆزلەرنى بۇزمايلى، يېڭى نەرسىگە سۆز ياسايلى. ئاتىلىۋاتقىلى يىگىرمە ،ئوتتۇز يىل بولغان بىرسىنىڭ ئىسمىنى ماۋۇ ئىسىم بەك قاملىشىدىكەن دىمەككە ئوڭايكەن، قىسقا ئىكەن. ساپ ئۇيغۇرچە ئىكەن دەپ ئۇنىڭ ئىسمىنى يۆتىۋەتسەك ئۇنى ھېچكىم تونيالماي قالىدۇ. ھەممە كىشى تور ئوينىمايدۇ. توردا ياسىغان سۆز ئىكەنتۇق دەپ ھەممە ئادەمگە بىر تالاي ئۇزۇن جۇملىلەر بىلەن چۈشەندۈرگەن ياخشىمۇ بۇرۇنقىدەك ئاتاۋەرگە ياخشىمۇ؟

بىرقارىماققا قىلىۋاتقان ئىشىڭىز توغرىدەك قىلغان بىلەن بىداركا گەپ قىلمىسا ھەقىقەتەن بىر چوڭ قالايمىقانچىلىققا سەۋەپچى بوپ قالىسىز. سىز ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئىكەنسىز، تۇيۇقسىز قاسىم سىدىقنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇ ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى ئىدى. خۇددى ئىككىڭلار ئالمىشىپ قالغاندەكلا، بىرىڭلار فىزىكىغا، بىرىڭلار تىلشۇناسلىققا يۈرۈش قىلغاندەكلا. ئەلۋەتتە مەن سىزنىڭ سۆزمەن، تىل بايلىقڭىزنىڭ موللىقىغا كۆز يۇممايمەن.ئەمما جايىللىق جەھەتتە سىزمۇ خېلىلا جايىللاردىن ئىكەنسىز. بىلىكتىكى تالاشمىلاردىن تارتىپ ھازىرغا كەلگۈچە تىل توغرسىدىكى بەزى ئاتالغۇلارغا بەكلا كۈچەپ كەتتىڭىز. مەقسىدىڭىزنىڭ توغىرلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەمما ياخشى نەتىنجە ئېلىپ كېلىشگە تازا ئىشىنپ كەتمەيمەن. تورداشلارمۇ چاخچاق تەرىقىسىدە بەكرەك ئاشۇرۇپ سىزگە ئىپادىللرىنى بىلدۈردى. مېنىڭچە بەزىدە ئاشۇنداق ئاشۇرۇپراق پوزىتسەي بىلدۈرۈپ قويۇشنى خاتا دەپ كەتمەيمەن. ھە دەپ بەرسە نوبىل مۇكاپاتىدىن چۈشىدىغانلار ئارىمىزدىن چىقتى. ئەگەر سىز راستىنلا ئۇيغۇر تىلىغا كۆڭۈل بولسىڭىز سىزنىڭ پوزىستيىرىڭىزنى ئۇنداق جايىل قىلىۋالماي ھەق گەپنى قوبۇل ئېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن. سىزنىڭ ئۇنداق قىلالايدىغانلىقىڭىزغىمۇ ئىشىنىمەن.

bluewolf يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:02:54

شۇ ئۇزۇن ئۇيغۇرچە  ئىسىملارنى ھەممىمىزنىڭ دېگۈسى كەلمەي، ئۇنىڭغا ئورنىغا مودا خەنزۇچەنى ئىشلىتىۋاتقىنىمىزنىڭ ئۆزى مۇشۇ قىسقا ئىسىملارنى ياساشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، قىسقا ئىسىم ياساشتىكى ئەڭ ئاساسىي مەقسەت، ياسىغان ئىسىمنى خەلق كىتابتىلا ئەمەس ئېغىز تىلىدمۇ قوللىنىش، ئەگەر خەلق  ئادەتتە تۇرمۇش ئېغىز تىلدا قوللانمىدى دېگەن گەپ بۇ ئىسىم مەغلۇپ بولدى دېگەنلىك، خۇددى يۇقۇردىكى «يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول» ، «سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» دېگەندەك.

تېز يول،  ماۋۇ ئىسىم پەچەت ياسىلىپتۇ. تىل يىزىق كومىتىتىدىكىلەرنىڭ نېمە قىلدىغانلاردۇ؟مۇشۇنداق ئىسىملارنى ياسىماي نېمە قىلدۇ؟ پەقەت خەنزۇچە بىلدىغان نان-قېپىلار ئوخشايدۇ،直直地 تەرجىمە قىلىشنى ھەممە ئادەم بىلدۇ ھازىر.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:12:15

ياخشى پىكىرلەر چۈشىۋاتىدۇ، مەنمۇ يەنە خىيالىمغا كەلگەننى قوشاي:

خوش، ئۇزۇننى قىسقارتتۇقمۇ دەيلى يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن مۇشۇ 10-20 يىل ئىچىدە بېسىلغان ئۇيغۇرچە كىتاپلاردىكى ئاتالغۇلارنى شۇ چاغقا بارغاندىكى كىشىلىرىمىز ( ئەۋلاتلىرىمىز ) چۈشەنبمەيدىغان ئىش چىقامدۇ يوق؟

يەنىلا ئومۇملاشمىغان ئاتالغۇلار، يېڭى ئاتالغۇلارغا سۆز ياساش ئۈستىدە باش قاتۇرغان تۈزۈكتەك قىلىدۇ.

sehra يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:22:43

قۇتلان ئەپەندى ،بەك جاھىلكەنسىز .ئىزدىنىشتا بىلىكلتە مۇشۇ توغرىسىدا بولغان مۇنازىرىگە دىققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن .4-5يىل بوپتۇ .ماقالىڭىزنى يازىدىكەنسىز .مۇنبەرلەرگە چاپلايدىكەنسىز .لىكىن باشقىلار پىكىر بەرسە پەقەت قۇبۇل قىلمايدىكەنسىز. مۇشۇ تەشەببۇسىڭىز بۇرۇنقىغا ئوپمۇئوخشاش يەنە ئۆزىنىڭىزنىڭ گىپىنى يورغىلىتىدىكەنسىزكەن .

ھەرقايسى مۇنبەرلەردە مۇنازىرە قىلىش جەريانىدا قايسىدا پىكىرىڭىزدىن ۋاز كىچىپ باشقىلارنىڭ تەشەببۇسىنى قۇبۇل قىلىپ باقتىڭىز .ھوي ،ماۋۇ ياسىغان گىپىم مۇۋاپىق بولماپتۇ دەپ ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئۆزگەرتىپ باقتىڭىز؟ سىزنىڭچە  باشقىلارنىڭ قەتئىي خاتا سىزنىڭلا توغرىما؟  ياخشى كۆڭلىڭىزنى بىلىمىز ھەممىمز .ئۇيغۇرتىلىغا شۇنداق مۇھەبىتىڭىز بار ،ھەمدە بىزنىڭمۇ ھەم بار.لىكىن ئۇنداق چەكتىن ئىشىپ كەتكەن گەپلەر تەشەببۇسلار ياخشى  نەتىجە بىلەن تۈگەللەنمەيدۇ .

ئەجدادىمىز ئۇنداق ياساپتىكەن دەيسىز .شۇنىمۇ ئويلاپ بېقىڭ ئەجدادىمىز ياسىغان نۇرغۇن گەپلەرنىڭ  نىمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ياسالغانلىقىنى ھازىر قاراپلا بىلگىلى بولمايدۇ .ئاشۇ گەپنى كونىلار شۇنداق دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن بىزمۇ شۇلارنى دوراپ ئاتايمىز . نۇرغۇن گەپلەرگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنىڭ بۇزۇشنىڭ، قەتئىي ھاجىتى يوق .مەلۇم بىر ئاتالغۇنى 100%ئادەمگە چۈشەندۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق .پەقەت كوپىنچە ئادەم،ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئادەم چۈشەنسىلا بولدى .شۇڭلاشقا ھەممە گەپنى ساپ ئۇيغۇرچە قىلىمىزدەپ قىچىشمىغان يەرنى تاتلىغاننىڭ پايدىسى يوق .باشقىلارنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغان گەپ .مەسىلەن مىتابولىزىم دىگەن گەپنى ئۇيغۇرچە (ئات-ئىشەك)دەيمىز دەپ مەكتەپتە ئوقىمىغان بىر كىشىنىڭ قېشىغا بېرىپ دەپ بېقىڭ ،ئىسمى ئۇيغۇرچە بولغىنى بىلەن ئاشۇ گەپنىڭ چۈشىنەمدىكىن قېنى ؟ ئادەم بەدىنىدە يۈز بېرىدىغان پارچىلاش ،باشقا ماددىلارنى بىرىكتۈردىغان بىرخىل بىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىش بۇنى مىتابولىىزىم دەيمىز دېسىڭىزچۇ ؟

sehra يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:28:55

بىدار قۇتلان ئەپەندى . بۇنداق ئۆزىڭىزنىڭلا پىكىرىنى راسىت قىلسىڭىز باشقىلارنىڭ تەشەببۇسىنى قۇبۇل قىلمىسىڭىز (توغرىلىرىنى)،گەپ يەنە شۇ ئاتام ئېيىتقان بايىقى .باشقىلار ئوخشاش بىر گەپنى تولا تەكرارلاپ ھېرىپ كەتكۈدەك ،سىزمۇ ھەم . بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ماقالىلەرنى يازمىسىڭىز ،يازسىڭىزمۇ ،ئاتالغۇ ياسىسىڭىزمۇ ئۇنداق ئاتالغۇنى ئۆزىڭىزلا قوللانسىڭىز توغرا بولىدىغاندەك قىلىدۇ .چۈنكى بۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللىمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ۋە ئاچچىق بولۇپ قالغۇدەك. \"\"

alip يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:29:34

يوليار ئەپەندى خاتىرجەم بولۇڭ، 20 يىلدىن كېيىن ھازىرقى سۆزلىرىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت تۈزىمىز.

نىمىشقا دائىم « ئۇزۇن ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى ھەممىمىزنىڭ دېگۈسى كەلمەي، ئۇنىڭغا ئورنىغا مودا خەنزۇچەنى ئىشلىتىۋاتقىنىمىزنىڭ ئۆزى مۇشۇ قىسقا ئىسىملارنى ياساشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ» دەپ خەنزۇچىدەك ئىپتىدائى تىلغىلا سېلىشتۇردىغانسىلەر. ئېلىپبەلىك تىلنىڭ ھەممىسىدە شۇنداق «ئۇزۇن». دۇنيادىكى باشقا تىللار بىلەنمۇ سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار.

سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئاتىماي، خەنزۇچىسىنى ئاتاش ھەرگىزمۇ «ئــــــــــــــــــــــــــۇزۇن» بولغانلىقتىن ئەمەس. ئىجتىمائى مۇھىت، قوش تىل مائارىپى... دىگەندەك نۇرغۇن سەۋەبلەر بار

faith يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:36:06

بىداركا «مۇنداقلا ياساپ باققان ئۇيغۇرچە سۆزلەر» تىمڭىزدا مەن بىلەن «يۇمتال» توغرىىسدا سۆزلەشمەكچى بولۇپتىكەنسىز. قېنى مۇشۇ يۇمتال توغرىسدا پاراڭلىشپ باقمايىمۇ؟!
بەت: [1] 2 3
: مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئانا تىلىمىزغا نەزەر