matursuneliynur يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 07:05:56

شېكىسپىر سونېتلىرى

شېكىسپىر سونېتلىرى



جاسارەت تاش تەرجىمىسى





دۇنيا كىلاسسىك ئەدەبىياتنىڭ ئۇلۇغ پېشۋالىرىنىڭ بىرى ۋىليام شېكىسپىر(1616-1564) نىڭ نامى ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىغا ناھايىتى تۇنۇش . ياۋرۇپا ئەدەبىيات –سەنئەت ئويغىنىش دەۋرىدە ئۆتكەن ئەنگىيىلىك بۇ ئۇلۇغ دىراماتۇرگ ۋە شائىر يىگىرمە نەچچە يىللىق ئىجادىيەت ھاياتىدائىككى داستان ، 37 سەھنە ئەسىرى ،

154 پارچە سونېت يازغان.گەرچە ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيىتى سەھنە ئەسەرلىرى بولسىمۇ ،ئەمما شېئىرىي ئەسەرلىرىمۇ ،بۇلۇپمۇ سونېتلىرى دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇتۇتىدۇ .

ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە يازغان 154 پارچە سونىتى مەيلى ھېسسيات ،شەكىل ، ئۇسلۇپ جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئىدىيە كۆز قاراش ، بەدىئىي نوقتىسىدىن بولسۇن ،تۆت ئەسىردىن بۇيان ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق.

ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن يۇكسەك بەدىئىي تالانىت ،قايناق ھېسسيات ،پەلسەپىۋى پىكىر شۇنىڭدەك يەنە باشقا ئالاھىدىلىكلەرنىڭ سېھرى كۈچى دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن شېكسپىرشۇناسلارنى يىتىشتۇرۇپ چىقتى .بۇ شېكىسپىرشۇناسلار 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئىككى يېرىم ئەسىردىن بىرى 154 پارچە سونېت ئۈستىدىكى تەتقىقاتى ۋە مۇنازىرىسىنى توختاتمىدى .



1



ئۇرسا دەيمىز مەڭگۇ ئېسىل مەۋجۇداتلار بەرىق ،

شۇندا بولماس گۇزەللىكنىڭ گۈللىرى خازان.

ۋاقىت جاننى ھالاكەتكە قىلسىمۇ ھەم غەرىق ،

چىقىپ تۇرارئۇنىڭ سەرخىل ئىزچىسى ھامان.

نۇرلۇق شەھلا كۆزۈڭ بىلەن تويلىشىپ بىراق ،

كۆيدۇردىڭسەن چوغدەك يېنىپ ئايدەك يۈزۈڭنى .

باي زېمىندا پەيدا قىلىپ نامراتلىق پىراق ،

ئۇچراتتىڭسەن زور زىيانغا قەسىتلەپ ئۆزۈڭنى .

ئالەمدىكى يارقىن ،نەفىس بېزەكسەن بۈگۈن ،

نەۋباھارغا سەنلا يونى بېرەرسەن ئېچىپ .

ئەمما كۆمۈپ غۇنچەڭ ئارا جىسمىڭنى پۈتۈن ،

بېخىللىقتا بايلىقىڭنى ئۆتەرسەن چېچىپ .

بۇ دۇنياغا ئىچ ئاغرىتىپ قويساڭچۇ قاراپ ،

قەبرەڭ تامان كەتمە ئۇنىڭ مۈلكىنى تالاپ .





2









قىلىپ نۇرلۇق پىشانەڭگە قىرىق قىش ھۇجۇم ،

قازسا گۈزەل باغلىرىڭدا خەندەكلەر ئەگەر.

قىممىتى يوق خەس –غازاڭغا ئايلىنار چوقۇم ،

يېتىپ ياشلىق كىمخابىڭغا كۆپ نۇقسان –زەرەر.

شۇ پەيىت سوراپ قالسا:‹‹ يوقالدى قايان،

زىبالىقىڭ ياشلىقىڭنىڭ يارقىن جۇلاسى ؟››

قۇرۇق ماختاش ،نۇمۇسسىزلىق ،نەپس بالاسى .

سەن ناۋادا دېسەڭ ‹‹ئۇماق دىلپارەم –بالام،

كەلگۈسىدە قەرىزلىرىمنى قايتۇرار تولۇق .››

شۇندا ئەيلەپ گۈزەللىكنى ئەۋلادىڭ داۋام،

قىلغان ئەجىر مېھنەتلىرىڭ تاپار شان –ئۇتۇق.

ياشانغاندا خۇش ھىد چېچىپ گۈل ياشلىق بېغىڭ ،

ئوتتەك قىزىپ قاينار يەنە سوۋۇغان قېنىڭ .









3



ئەينەكتىكى روخسارىڭغا سال ئوبدان نەزەر،

ئەمدى شەرتتۇر يېڭى ھۆسىن تۈزىمەك ساڭا.

كۆز بوياشتۇر ،نۇرانىلىق تاپماستىن ئەگەر ،

ئانا بولۇش شەرىپىنى بەرمىسەڭ ئاڭا .

قايسى پەرى رەت ئەيلىسۇن چاچساڭ دان –ئۇرۇق ،

كەتمەن ساپان تەگمىگەن بوز يېرىنى ئېچىپ ؟

قايسى نادان ئەر مۇھەببەت ئىشقىنى تولۇق

دەپىنە قىلسۇن پەرزەنىت –ئەۋلاد كۆرۈشتىن قېچىپ ؟

سەن ئاناڭنىڭ ئەينىكى ،ئۇ كۇرىدۇ ھامان

ۋۇجۇدۇڭدىن ھاياتىڭنىڭ باھار پەسلىنى ،

قىلار يىللار پەرزەنتىڭدە ياشانسا ئايان

ياشلىقىڭنىڭ زەردەك ئېسىل پەيتى –ئەسلىنى .

ياشىساڭمۇ ،سېنى خەق ياد ئەتمىسە ئەگەر ،

تەنھا ئۆلۈپ ،چىرايىڭدىن قالدۇرما ئەسەر.













4



گۈزەللىكنىڭ مىراسىنى جىسمىڭدىن جۇدا

ئەتمەكتىسەن بەتخەجلىكتىن قول ئۈزمەي ئەجەب؟

گۈزەللىكنى تارتۇق قىلماس ئەزەلدىن خۇدا،

ئۆتنە بېرىپ ،سېخىيلىققتا قۇچار شان –شەرەپ.

ئەي جەزبىدار بېخىل ،ساقلاپ قالمايسەن نېچۈن

قەرىزگە بېرىپ جىسمىڭدىكى بايلىق –ھاياتنى ؟

ئۆزۈڭ بىلەن سودىلىشىپ ئۆتىسەن پەقەت،

بۇ ، ھۆرگە خاس سىياقنى ئالداشتۇر خالاس .

شۇنداق تۇرۇپ ، ساڭا قۇچاق ئاچقاندا لەھەت،

بۇ ئالەمدە قالدۇرارسەن نېمەڭنى مىراس؟

بوز گۈزەللىك سەن بىلەن تەڭ ئەيلىنەر خاراب

ئىشلەنگىنى ئىستەكنى گۈل ئاچقۇزار ياشاپ.

















5



چىقسا ېاقىت ئەيلەپ سىپتا ھۇنەرنى ئايان

ئەلنى مەپتۇن قىلمىش شەھلا كۆزلەرنى ياساپ.

بىر چاغلاردا بولۇپ يەنە يالماۋۇز –قاۋان،

ئېتەر كۆزدە جۇلالىغان نۇرلارنى خاراب.

تىنىم تاپماس ۋاقىت يازنى كەتكەندە باشلاپ ،

ۋەھىمىلىك قىش زېمىنگە يايىدۇ ئېتەك.

غېرىپسىنار دەرەخ يېشىل تۇنىنى تاشلاپ ،

قار ئاستىغا مەھكۇم ئۇنىڭ ياپرىقى ،دېمەك.

قالدۇرمىسا ياز ئىپارى –ھىدىدىن ئەسەر ،

شەرتتۇر ئۇنى شېشە ئىچرە ئەيلىمەك قامال ،

گۈزەللىكنىڭ تەۋەرۈكى بولمىسا ئەگەر ،

ھىچكىم ئۇنى قىلماس شۆھرەت –شانىنى خىيال .

گۈل جەۋھىرى –ئەتىر –جۇدۇن –قىشتىمۇ ھامان،

خۇش پۇرىقى –قىممتىنى ساقلايدۇ ئامان.













6



تەق قىلغۇچە ئىپارىڭنى قالدۇرما كاۋاك،

سېلىشىغا قىشنىڭ ھۆسىن يازىڭغا چاڭگال ،

تولدۇر ئەتىر شېشەڭگە لىق ،بولماستا ھالاك

قوي گۈزەللىك بايلىڭنى ئامبارغا دەرھال.

بۇ ،قىلغانلىق ئەمەس ئۆسۈم –پايدىنى بىكار ،

قەرىز ئالغۇچى بۇنىڭدىن ھەم شاتلىنار ھامان،

سەندەك ئوغۇل تېپىشىڭغا ئۇ بەك ئىنتىزار ،

ئوننى تاپساڭ ،ئون خۇشاللىق ئەيلىنەر ئايان .

ئون بالاڭدا ئەكىس ئەتسە ئون چىراي –چېھرىڭ ،

ئونغا يەتكەي سەندىكى بىر تەنھا قىياپەت ،

ئەۋلادىڭغا كۆچسە سېنىڭ ھاياتىڭ مېھرىڭ ،

قىلالامدۇ گۈلۈڭنى خەس ئەزرائىل –ئاپەت؟

قىلما كاجلىق ،بارلىق ئۇزلۇق بولغان ساڭا جەم ،

تويماس قۇرت يەپ كەتمىسۇن ئەيلەپ سېنى يەم.













7



كۆر مەشرىقتىن چىقتى بالقىپ چوغسىمان قۇياش

زەر نۇرىدا مەۋجۇداتقا بېغىشلاپ ئارام ،

ھەممە كۆزلەر ئوتتەك ھەۋەس ئىچرە ئېگىپ باش ،

بەردى ئۇنىڭ مۇقەددەس كۈچ –مېھرىگە سالام .

گويا پالۋان يىگىت  چەكسىز قۇدرەتكە چۆمۈپ،

تۇرار مەغرۇر ،چىقىپ كۆكنىڭ يۈكسەك قەرىگە،

ئۇ باسقان زەر يولغا مىليۇن كۆزلەر تەلپۈنۈپ،

زوقى بىرلە باققاي ئۇنىڭ جەسۇر قەددىگە.

ئولتۇرغاندا ئۇ چارچىغان مەپىگە بىراق ،

چۇشەر كۈندۈز ئاسمىنىدىن قالغاندەك قېرىپ ،

كۆزلەردىكى ھەۋەس ،ھۆرمەت قوغلىنىپ يىراق ،

باشقا بىر كەڭ داغدام يولغا قارار زەن سېلىپ .

قوياش يەڭلىغ پارلاق ،ئالتۇن رۇخسار يار ساڭا

قالدۇرمىساڭ ئەۋلاد ،ھالىڭ ئوخشىغاي ئاڭا .













8



سەن –كۈي ،نېچۈن كۈينى ئاڭلاپ چېكىسەن پىغان؟

بال ئاتماس مۇشىت بالغا،شادلىق شادلىققا ئامراق .

پىغان بىرلە تىڭشاپ سۆيگەن نەرسەڭنى ھامان ،

بولدۇڭ ئەجەپ خۇشلۇق ئارا ھەسرەتكە مۇشتاق؟

چىقىپ سازلار تەڭكىشىدىن يېقىملىق ناۋا ،

چىھرىڭدىن خۇشخۇيلۇقنى كەتمەكتە تارتىپ ،

بىل ،ئۇ سىيلىق تەلەپپۇزدا بولماقتا خاپا ،

بارچە يۈكنى ئالما ،دەپ، ئۆز ئۈستۇڭگە ئارتىپ ،

ئاڭلا گويا بوم –زىل تارلار ئىناق ئەر –ئايال ،

تەگسە زەخمەك ،ئۇندا ئۇرار جۇشقۇن كۈ بەرق ،

چۇشسە خورغا ئاتا-ئانا ،پەرزەنىتلەر خۇشال ،

بارچە دىللار بولۇر سەر خىل شۇ نەغمىگە غەرق.

ئۇلارنىڭ بۇ سۆز –تېكىسىتسىز ناخشىسى ساڭا

دەيدۇ :‹‹ تەنھا ئۆتسەڭ ، چىقماس سەندىن ھېچ سادا.››













9



ئاقمىسۇن دەپ تۇل خۇتۇنلار كۆزلىرىدىن ياش ،

بويتاقلىقتا گۈل ئۆمرۇڭنى ئەيلەمسەن خازان ؟

ئاھ كۆرمەستىن پەرزەنىت يۇزى قويساڭ گۆرگە باش

خۇددى ئەرسىز تۇل خۇتۇندەك يىغلايدۇ جاھان.

ئۆزگە تۇللار تاشلاپ پەرزەنىت كۆزىگە نەزەر ،

ئەرلىرىنىڭ چىرايىنى ساقلىسا ئەستە ،

ئالەم يىغلار قويمىدىڭ ،دەپ ھۆسنۇڭدىن ئەسەر ،

ھايات قالغان مەھبۇبەڭدەك بولۇپ دىخەستە ،

كۆر ،دۇنيادا بۇزۇپ چاچسا پۇلىنى ساياق ،

يۇتمەس ، ئۇندىن بەھىرلىنەر ئۆزگىلەر ،دېمەك ،

سەرپ ئەتكەن گۈزەللىكتىن قالماس ئىز بىراق ،

نابۇت بولۇر ئىگىسىدە ،قىلمىسا كېرەك .

تۇرسا بۇ دىل ئۆز –ئۆزىگە رەھىمسىز قاتىل ،

ئۆزگە دىلنى سۆيگۈسىگە ئەيلەرمۇ نائىل .















10



سەن ئۆزۇڭنى شۇنچە ئاجىز –بېچارە چاغلاپ .

خىلجىللىقتا قىلدىڭ ئوتلۇق سۆيگۈڭنى ئىنكار .

خەقلەر ساڭا يۈرسىمۇ دىل رىشتىنى باغلاپ ،

ئەمما ئاڭا نىگاھ قويمىدىڭ زىنھار .

چۈنكى قۇتراپ ۋۇجۇدۇڭدا ئاداۋەت –زەھەر ،

ئۈندەر سېنى ئۆز-ئۆزۈڭنى قىلىشقا خاراب.

ئۇ .ۋەيران قىل ،دېسە كۆركەم قەسىرىڭنى ئەگەر ،

چىقمىقىڭ شەرت بۇنىڭدىنمۇ ھەيۋەتلىك ياساپ .

سەن ئۆزگەرسەڭ ،ئۆزگىرەر ھەم مەندىكى قاراش ،

مۇھەببەتتىن قانداق ئۈستۈن ،تۇرسۇن ئاداۋەت؟

بولسۇن دىلىڭ رۇخسارىڭدەك يېقىملىق ،ياۋاش ،

ھېچ بولمىسا قىل ئۆزۇڭگە شەپقەت- شاپائەت .

سۆيسەڭ مېنى ،قايتا بىر رەت ئۆزۇڭنى يارات ،

تاپسۇن ئۆزۈڭ يا ئوغلۇڭدا گۈزەللىك مۇرات .




مەنبە : ‹‹شېكىسپىر سونىتلىرى ›› دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى .


مەنبە شىنىجاڭ يازغۇچىلار تۇرى -يۇللۇغۇچى قەمبەرنىسە مۇھەممەت

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 11:29:43

\"\"  18-سونىت باتتى ئېسىمدە قالغان  Shall I compare thee to a Summer\"s day دەپ باشلىنىدىغان، شۇنى چىقىرىپ قويساڭلار بوپتىكەن، ياكى بولمىسا بۇ كىتاپنى نەدە ساتىدۇ، مەن بىرنى ئالغان بولسام.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 11:32:06

ھېلىقى بىر يىللېرى سەھنىدە ئوينالغان 13-كېچە دىگەن دىراممىسى بەك ياخشىتى. شۇ چاغدا ئاغىنىلەر بىلەن بەك قىزىقىپ كۆرەتتۇق....

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 11:44:40

espresso ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز مەندە بار ئېدى ئۇ كىتاب، سىز دېگەن سونېتىنى كەچتە چىقىرىپ قوياي

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 12:06:12

كۆپ رەخمەت \"\"



بىر قېتىم ئەنگىلىيە ئەدەبىياتى دەرسىدە مالىم تاپشۇرۇق بېرىپ مۇشۇ سونىتقا تەقلىت قىلىپ ئۆزەڭلار بىرنى يېزىپ كېىڭلار دەپتىكەن مەن 4+ ئاغانتىم \"\"  شائىرلىقتىن سەل خۇرۇچ بامۇ قانداق ئويلاپ باقسام ئىككى ئېغىز گەپنى قاملاشتۇرۇپ قىلالمايدىكەنمەن  \"\"

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:31:03

 Shall I compare thee to a summer\"s day?

  Thou art more lovely and more temperate:

  Rough winds do shake the darling buds of May,

  And summer\"s lease hath all too short a date:

  Sometime too hot the eye of heaven shines,

  And often is his gold complexion dimm\"d;

  And every fair from fair sometime declines,

  By chance or nature\"s changing course untrimm\"d;

  But thy eternal summer shall not fade

  Nor lose possession of that fair thou owest;

  Nor shall Death brag thou wander\"st in his shade,

  When in eternal lines to time thou growest:

  So long as men can breathe or eyes can see,

  So long lives this and this gives life to thee.

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 15:35:36

ئەسپىرەسسو،ئۇنتۇپ قالماپسىز ھە.....

ئاخىرقى ئىككى مىسراسى چىرايلىق.بىر يىللىرى ئاپام  دەرىسىدە شېكىسپىرنى سۆزلەيدىغان بولۇپ، مۇشۇنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەن ،يامان ئەمەس چىققاندەك قىلغان،ئىسىمگە ئورناپ كېتىپتىكەن.

بۇ 18-سونىتمۇ 14-مۇ؟كېيىنكىسىدەكلا قىلىدۇيا؟

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 16:15:13

18-سونىت،خېلى ئېنىق ئېسىمدە.

سىز تەرجىمە قىلىپ قويۇڭە بولمىسا ئۇيغۇرچىغا.\"\"

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 20:12:23

18-سونېت



 Shall I compare thee to a summer\"s day

  Thou art more lovely and more temperate:

  Rough winds do shake the darling buds of May,

  And summer\"s lease hath all too short a date:

  Sometime too hot the eye of heaven shines,

  And often is his gold complexion dimm\"d;

  And every fair from fair sometime declines,

  By chance or nature\"s changing course untrimm\"d;

  But thy eternal summer shall not fade

  Nor lose possession of that fair thou owest;

  Nor shall Death brag thou wander\"st in his shade,

  When in eternal lines to time thou growest:

            So long as men can breathe or eyes can see,   

       So long lives this and this gives life to thee.



يازغا سېنى تەڭ قىلىشقا مەندە نە ئامال ،

سەن ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە تۇرساڭ گۈزەل-ساز؟

مايدا بوران غۇنچىلارنى ئەيلىگەي مالال،

ياز ئىجارە ئالغان قەرەل بەكمۇ قىسقا-ئاز.

گاھى كۆكتە ئوتتەك قۇياش بولسىمۇ ئايان،

گاھى ئۇنى توسار قارا بۇلۇتلار قات-قات،

ۋاقىت،قىسمەت زەربىسىگە دۇچ كېلىپ ھامان،

يارقىنلىقنى قىلار ئاخىر يارقىنلىق بەرپات.

خازان بولماس سېنىڭ گۈلگۈن ياز پەسلىڭ ئەبەت،

قالار كۆركەم لاتاپىتىڭ ساقلىنىپ ئۇزاق.

ساڭا ھەمراھ بولغاچ ئۆلمەس كۈي -شېئىر پەقەت،

ئەزرائىلمۇ قويالمايدۇ ئۆمرۈڭگە توزاق.

         نادىر ئەسەر بۇ ئالەمدە بولمايدۇ خاراب،

        سەن ئۇنىڭدا سانسىز ئەسىر ئۆتىسەن ياشاپ.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 20:58:52

كۇل!!! \"\"

شېكىسپىر دىگەن ئىسىم بەكلا ئالاھىدە تۇيۇلىدۇ...

شېكىسپىرنىڭ ئايالىنىڭ ئىمى بىلەن خولىيۋۇدتىكى بىر ئەرتىسنىڭ ئىسمى بەك ئوخشايدۇ ھەيران قالىمەن... ئەن خەسەۋېي \"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 21:00:22

لېكىن يوقۇرقى سونىتنى بىر دوستىغا يېزىپتىكەن دىگەن گەپلەرنى ئوقىغانتىم...شۇنىڭدىن قارىغاندا شېكىسپىر بايسېكشول ئوخشايدۇ \"\"

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 22:02:32

مەندە    «  شېكىسپىر تىراگدىيلىرى  -  خاملېت ، رومىئو - ژۇلىتتا  ، ماكبېت  » دىگەن كىتاپ باركەن .

1993 - يىلى تۇنجى نەشىر قىلىنغان ئىكەن ،   تەرجىمان -  ئەخمەت ئىمىن

espresso يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 22:29:52

«ۋېنىتسىيە سودىگىرى»نى كۆرگەنلەر بارمۇ ئال پاچىنو ئىشلىگەن؟

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-16 22:46:13

mohsin مەندە « شېكىسپىر تىراگدىيلىرى - خاملېت ، رومىئو - ژۇلىتتا ، ماكبېت » دىگەن كىتاپ باركەن .

1993 - يىلى تۇنجى نەشىر قىلىنغان ئىكەن ، تەرجىمان - ئەخمەت ئىمىن



شۇ كىتاب ماڭا لازىم ئېدى مۇھسىن ، ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ ؟

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 01:21:23

ياق .   مېنىڭ ساقلاۋاتقان كىتاپلىرىم ئېشىشقا بولىدۇ ، كېمىيىشكە بولمايدۇ ،

ئەمما سۈرۈشتۈرۈپ ، باشقىسىنى  تېپىشىپ بەرسەم بولىدۇ ...

ukar-as يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 16:26:35

تىما بىلەن بەك مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ سوراپ باقاي، سونىتىلارنى تەرجىمە قىلغۇچى جاسارەت جاپپار، «گۈلەمخان» دېراممىسىنىڭ ئاپتورى جاپپار قاسىمنىڭ ئوغلى شۇمۇ؟

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2011-10-17 18:45:20

سونېتلارنى تەرجىمە قىلغۇچى جاسارەت جاپپار ئەمەس بەلكى جاسارەت تاش. سىز تىلغا ئالغان جاسارەت جاپپار جاپپار قاسىمنىڭ ئوغلى ئەمەس، خاتا تونىۋالغان ئوخشايسىز
بەت: [1]
: شېكىسپىر سونېتلىرى