hislat_7 يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 13:52:12

سۈپىتى ياخشى بولغان يىمەكلىك مېيىنى قانداق تاللاش كېرەك[تەرجىمە]

سۈپىتى ياخشى بولغان يىمەكلىك مېيىنى قانداق تاللاش كېرەك




نۇرغۇن ئادەملەر سەي قورۇغان ۋاقىتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سەي قورۇشىنى ياخشى كۆرىدۇ،قازاندىكى مايدىن ئىس چىقىشنى ساقلاپ ئاندىن سەي قورۇشقا ئادەتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئۇسۇل توغرا ئەمەس.يوقىرى تېمپېراتۇرىلىق ماي، يىمەكلىكتىكى ئۇزۇقلۇق ماددىلارنى بۇزۇۋېتىپلا قالماستىن يەنە پېروكسىدلانغان ھەم راكنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدىغان بىر قىسىم ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئاۋال قازاننى قىزىتقاندىن كىيىن ئاندىن ماي قۇيۇپ سەينى قورۇشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ، ماينىڭ ئىس چىقىرىشنى ساقلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.         




ئەگەر ماي كەمچىل بولسا ئادەم بەدىنىدە ۋىتامىننىڭ ھەم زۆرۈر ياغ كىسلاتاسىنىڭ كەمچىللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. يالغۇز ئۆسۈملۈك مېيىلا يەپ ھايۋانات مېيى يېمىسىمۇ بولمايدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا ھايۋانات مېيى يېسە ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق.





ھازىر نۇرغۇن ئائىلىلەر ئوخشىمىغان سەي تۈرلىرىگە ئوخشىمىغان مايلارنى ئىشلىتىشنى قىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئەمما بىر نەچچە خىل ماينى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ياكى بولمىسا بىر مەزگىل بىر خىل ماينى يەنە بىر مەزگىل بىر خىل ماينى ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى بىر خىللا ماي بەدىنىمىزنىڭ مايغا بولغان ئېھتىياجىنى قامداپ كېتەلىشى ناتايىن.





قاندىكى ماي مىقدارى ھەم بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولمىغان كىشلەرگە نىسبەتەن ياغ كىسلاتاسى بولمىغان ئۆسۈملۈك مېيىنى ئىشلەتسە بىر قەدەر ياخشى. قان بېسىمى ھەم بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان ئادەملەرگە نىسبەتەن ماينىڭ ئىستىمال قىلىنىش مىقتارى 25 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.





سۈپىتى ياخشى بولغان پۇرچاق مېيى قېنىق سېرىق رەڭدە بولىدۇ، قىچا يېغى بولسا سېرىقنىڭ ئىچىگە ئازراق يېشىل ئارىلاشقان ياكى كۈمۈش سېرىق رەڭگىدە بولىدۇ. ئەگەر ئىشلەپ چىقىرىلىش جەريانىدا پىگمېنت ۋە باشقا ئارىلاشما ماددىلار قوشۇۋېتىلگەن بولسا رەڭگىنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.





قولىڭىزنىڭ ئالىقىنىغا بىر تامچە ياغنى تېمىتىپ قوچىۋەتكەندىن كىيىن پۇراپ بېقىڭ، ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى مايلارنىڭ ئادەتتە ئۆزىگە خاس پۇرىقى بولىدۇ. ئادەتتىكى يىمەكلىك مېيىدىن بىر خىل سۇس خۇشپۇراق ھىد كېلىدۇ، ماينى قىزدۇرغاندا ئەگەر بىر خىل سېسىق پۇراق كەلسە ئۇنىڭ" ئېرىق مېيى" بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.





سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى، سۇ ئارىلاشما ماددىسى ئاز بولغىنىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغان بولىدۇ. ياخشى بولغان ئۆسۈملۈك مېيىنى 24 سائەت تىندۇرسىڭىز، ئۇچۇق سۈزۈك بولۇپ، دۇغ پەيدا بولمايدۇ، ئاستىغا تىنىپ قالمايدۇ، ھەم ئۈستىگە لەيلەپ قالمايدۇ.





چوكا بىلەن بىر تېمىم ماينى ئاغزىڭىزغا سېلىپ تېتىپ باقسىڭىز، سۈپەتلىك ماينىڭ قىرتاق، كۆيۈك پۇرىقى، ھەم ئېچىپ قالغاندەك پۇرىقى بولمايدۇ.





ئازراق مايغا ئوت يېقىپ كۆيدىرىپ باقسىڭىز، ئەگەر نورمالئاۋاز چىقارماي كۆيسە ئۆلچەملىك مەھسۇلات بولغان بولىدۇ. ئەگەر كۆيگەن ۋاقىتتا چىرىلدىغان ئاۋاز چىقسا سۇ مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، ئەگەر پاراس_ پۇرۇس قىلغان ئاۋاز چىقسا سۇ مىقدارى ئېغىر دەرىجىدە ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ ،يالغان مەھسۇلات بولۇشى ئېھتىمالغا ئىنتايىن يېقىن.


مەنبە: سىنا خەۋەرلەر تورى

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 14:52:40

\"\" مىنىڭ بەدىنىمدە ماي يىتەرلىك بار

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 15:45:08

چۈچىمىگەن ماينى شۇنداق قىزدۇرمىسا خام ماي تېتىپ قالمامدۇ

matu يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 17:29:19

ياخشى ماي چۈچىمىسىمۇ بولىدۇ.

carbon يوللانغان ۋاقتى 2011-10-15 19:52:06

ياخشى ماينى زاۋۇتتىلا چۈچىتىۋەتكەن بۇلىدۇ. ئۇنى چۈچىتىشنىڭ لازىمى يوق
بەت: [1]
: سۈپىتى ياخشى بولغان يىمەكلىك مېيىنى قانداق تاللاش كېرەك[تەرجىمە]