ئاياللارنىڭ ھېلىقى دەپتىرى
ئاياللارنىڭ ھېلىقى دەپتىرى
دۇنيادا ئىچكى سىرلىرى ، غەم ئەندىشىلىرى يوق بىرمۇ ئايال يوق ،ھەر بىر ئايال نۇرغۇن دەرت بىلەن ياشايدۇ ، تۇرمۇشتىن ئاغرىنىدۇ ، بەختسىزلىكىدىن قاقشايدۇ . بەختكە ئىنتىلىش ھەممە ئىنساننىڭ ئورتاق ئارزۇسى ، بىراق تاكى ھازىرغىچە ھېچ كىم بەختكە ئىنىق ئېنىقلىما بېرىپ باقمىدى ، ھەم بېرەلمەسلىكى مۇمكىن ، چۈنكى بىرسىگە بەخىت بىلىنگەن ئىش يەنە بىرسىگە ئازاپلىق بىلىنىشى مۇمكىن . مەن دەيمەن ھەر قانداق ئايالنى كۆڭۈل قېتىدا ئۆزى ئۈچۈن تەييارلىۋالغان مەۋھۇم دەپتىرى بولىدۇ ، دەل شۇ دەپتەر ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى يېزىپ بېرىدۇ ، ئەسلى بىز ئاق قەغەز ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ قەغەزگە نۇرغۇن كەچمىشلىرىمىزنىڭ خاتىرىلىرىنى خاتىرلەيمىز ، بۇ قەغەز بارا بارا قېلىن توپلامغا ئايلىنىدۇ ، شۇنداق چىرايلىق بىر دوستۇم باشقىلارغا كۆرۈنۈشتىن قورقىدىكەن ، سەۋەبىي چېھرىدە ۋاقىتسىز چۈشكەن قورۇقلار جىقىيىپ كېتىپتۇ ،بۇ قورۇقلارغا ئۇنىڭ نىكاھىدىكى مەغلۇبىيىتى ، تۇرمۇشتىكى كېلىشمەسلىكلىرىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى تولىمۇ غەمكىن ھالەتتە سۆزلەپ بەرگىنىدە ھەيران قالدىم ، ئۇ يەنە ئۆزى تۇغۇلغان شەھەردە داۋاملىق ياشاۋىرىشتىن بىزار بولغانلىقىنى مۇھىت ئالماشتۇرۇپ باشقا يەرگە كۆچۈپ كېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى ، ئاتا-ئانا، قان -قېرىنداشلاردىن ئايرىلىپ تەنھا مۇساپىر بۇلۇپ ياشاشقا تۈرۈتكە بولىۋاتقان زادى قانداق نەرسىدۇ ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ھاڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە! بۇنىسى ماڭا مۇجىمەل بىلىندى ، ئۇ قايتا ياتلىق بولۇشتىن قورقىدىكەن ،بۇ يەنە نىمە ئۈچۈن ؟ ھايات ئەمىلىيەتتە ئۇنچە قورقۇنۇچۇق ئەمەس ، قورقۇنۇچلىقى بىزنىڭ ھېلىقى دەپتىرىمىزدىكى ئۆزىمىز مەجبۇرى يېزىۋالغان ھېلىقى دەرتنامىلەر . يۇقارقىلارنى يېزىۋىتىپ شۇنداق ئويلاپ قالدىم بەلكىم بۇمۇ بىر خىل ئۆزەمنىڭ دەپتىرىمگە يېزىۋالغانلىرىم بولىشى مۇمكىن ، بەخىت ھەر كىمنىڭ ئۆز قولىدا ، ئۇ ھەرگىز سېرتقى ئامىل ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئاڭ -تەپەككۆرىمىزدە قان قېنىمىز بىلەن بىللە ھەر ۋاقىت بىز بىلەن بىللە بولىدۇ .سىز كۆچىدىكى تىلەمچىنى بەختسىز ھېساپلامسىز ! بەلكىم ئۇ نەزىرىمىزدە ئالدامچى مەككار ياكى بولمىسا ھەقىقەتەن ھېسداشلىققا مۇھتاج ئاجىز بەندە ، بىراق ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت سەدىقىگە ئېرىشەلىشى ، مەككار يالغانچى تىلەمچىنىڭ ھېلە -نەيرەڭلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ، دەل ئۇنىڭ بەخىت تۇيغۇسىنى تويۇندۇرالايدۇ .ھەقىقى ساھىل بولسىمۇ كىچىككىنە بىر سەدىقە ئۇنىڭدا قانائەت ھاسىل قىلىدۇ ، بەلكىم ئۇ شۇ چاغدا يۈزلىرى چىمىلداپ تۇرسىمۇ مەقسىدى ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۈچۈن بەختلىك سانىلىدۇ . بەخىت مەڭگۈلۈك ئەمەس ھەم يۇغان لوقلا ئولجا ئەمەس ، بەلكى ئۇششاق نۇرغۇن مالكولىلاردىن تۈزۈلگەن بىر كۆرۈنمەس ئاڭ . يۇقارقى دوستۇمنىڭ چېھرىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن قورۇقلار بارلىقىنى ئۇ ئۆزى دىگەندىن كىيىن ئاندىن ھېس قىلدىم ، ئاياللارنىڭ يېشى 30دىن ئاشقاندىن كىيىن بۇنداق قورۇقلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . ھەر قېتىم ئەينەكتە بۇ قورۇقلارنى كۆرگىنىمىزدە تەمتىرەيمىز ، قورقىمىز ، قايسى ئايال گۈزەل ياشلىقىنىڭ ئاياقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدۇ دەيسىز ، ئەلۋەتتە ھېچ كىم خالىمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بۇ قورقۇنۇچلۇق رىئاللىقنى ھېلىقى دەپتىرىمىزگە چوڭ خەتلىك قىلىپ باش قۇرغا يېزىۋالىمىز ، ھەر كۈنكى سەھەرلىك ئۇيقىدىن ئويغانغان ھامان قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىمىز دەل شۇ دەپتەردىكى مەزكۆر قۇرنى قايتا قايتا ئوقۇشتىن ئىبارەت بولىدۇ ،ھەر قېتىم يۈزىمىزدىكى قورۇقلار ئىسىمىزگە چۈشكەندە مۇڭلۇنۇپ ئىزتىراپقا چۈشىمىز ، قەلبىمىزنىڭ بىر يەرلىرىدىكى قايناپ تۇرغان ياشىلىق ھېسلىرى بۇنى ئېتراپ قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ ، بىز ئامالسىز بۇ قورۇقلارنىڭ سەۋەبىنى بېسىپ ئۆتكەن ئىزىمىزدىن ئىزدەيمىز ، يول ئەلۋەتتە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مېڭىلىپ تاماملىنىدۇ ، ھەر بىر قەدىمىزدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەر دائىم ئاشۇ دەپتىرىمىزگە خاتىرىلىنىۋەرسە ئەلۋەتتە ئۇ كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز دەرتلەر توپلىمىغان ئايلانماي قالمايدۇ ، سىز سەۋەپنى ئاياللارنىڭ دەل مۇشۇ ياشتا مۇقەرەر مۇشۇنداق قورۇقلارغا ئىگە بولىدۇ دەپ يىغىنچاقلاشنى خالامسىز ؟ياق ھەرگىز ئۇنداق دىمەيسىز بەلكى بېشىڭىزغا كەلگەن ھېلىقى دەرتلەرنىڭ ئاساسلىق قاتىل قىلىپ سوتقا تارتىسىز ، مانا بۇ بىزدىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق ، ئاشۇ ئازاپلىق ئىشلارغا كۈچەپ ئېسىلىۋىلىپ دائىم مۇڭلۇنۇپ ئويلاپ تۇرىمىز ، ھەر ئويلىساق يۈەك باغرىمىز ئۆرتۈنۈپ ، قان بېسىمىلىرىمىز ئۆرلەپ سالامەتلىكىمىزدە قىزىل رەقەم كۆرىنىدۇ ، ئىشتىھاسىزلىنىمىز ، ئۆزىمىزنى تامامەن ناچار كەيپىياتىمىزنىڭ كۆنتۇرۇللىقىغا تاشلاپ بېرىمىز ، چۈشكۈنلىشىمىز ، مانا بۇ بىزدىكى ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلالماسلىقىمىزنىڭ مۇھىم ئامىلى ، بىلىشىمىز كېرەك ئىدى ، بىزدىكى ئاشۇ ئەسلىمىنى ئەسلىيەلىگۈدەك جانلىق خاتىرىنىڭ بولىشى ، چەكسىز خىياللارغا پاتقىنىمزدا بىزنىڭ ئەسەبىيلىرىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ھۆجەيرىلەرنىڭ تىنىمسىز ھەركەتلىنىشى .بىمالال خىيال سۈرۈش ئۈچۈن ھەر دەقىق ھاۋادىن ئوكسىگىن سۈمۈرىۋاتقان نەپەسلىرىمىزنىڭ بولىشى ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەسرەتلىرىمىزگە تەڭكەش بۇلۇپ داۋالغۇۋاتقان كۆكرەك قەپىزىمىزدىكى ھېلىقى مۇشتۇمدەك بىر پارچە گۆشنىڭ دۈپ-دۈپ قىلىپ سوقىشى مانا بۇ ھەقىقى بەخىت ئىدى ، دىمەك ھاياتلىقتىكى ھەر بىر نەپەس بەختنىڭ ئۆزى .باشقا ئىشلار پەقەت ئۆتكۈنچە ھادىسىلەر ، يىغلىغان بولساقمۇ كۈلگەن بولساقمۇ ئۇ ھاممىنى مەڭگۈلۈك بولمايدۇ ، ئۇنىڭغا كۈچەپ ئېسىلىۋىلىش ئەخمەقلىق خالاس ! مەغلۈبىيەت غەلبىنىڭ ئانىسى بولىشى بۇ مۇقەرەر ، چۈنكى بىر مەغلۇبىيەتتىن نۇرغۇن تەجىرىبىلەرگە ئېرىشىمىز ئەمەسمۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئايالنىڭ ھېلىقى دەپتىرىگە پىسخىكىمىزنى خورىتىدىغان ئازاپلىق كەلمىلەرنى پاكىز ئۆچىرىۋىتىپ ،ھاياتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى ، گۈزەل ئۈمۈدلىرىمىزنى ، چىرايلىق قىلىپ مەڭگۈلۈك يېزىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن . |
ئالما
ئەمدى
ئىنقىلاپ
كۇل!!!
ئەسپىرەسسۇ تۈنۈگۈن بۇ يەردە ئايفۇن 4s بازارغا سېلىنىپتۇ.. قارىسام باھاسى 659~759 ياۋرۇكەن . 16GO ,32GOلىقى....
ئېقى بەك چىرايلىقكەن... {:92:} ۋاي شۇنى دەڭە. مەنمۇ ئاق رەڭلىكنى تولا چۈش كۆرۈپ جۇمۇ مۇشۇ كۈنلەردە.
خۇدا بۇيرۇسا كېلەر ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئالامەن دەپ ئىدىيەۋى تەييارلىق قىلىۋاتقىلى خېلى بولدى،لېكىن خەقلەر ئانچە قوللاپ كەتمەيۋاتىدۇ قىممەتكەن دەپ


بۇ تېمىنى ئوقۇپ «ئۈمىدسىزلەنگەن ئائىلە ئاياللىرى» دىكى Leeنىڭ نېمىدىن خاپىلىسا يېزىۋالىدىغان ھېلىقى دەپتىرى يادىمغا يېتىپ قالدى.
بۇرۇنلاردا كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى ياخشى كۆرەتتىم. بىلمەيمەن قانچىلىك ئادەم كۈندىلىك خاتىرىسىگە راست گەپلەرنى يازىدىكىن، مەن كۈندىلىك خاتىرەمگە بولغان ئىشلارنى ئەمەس، مەن ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى يازىدىكەنمەن. بولغان ئىشلارنىمۇ مەن ئارزۇ قىلغان بىر شەكىلدە يازىدىكەنمەن.
ئىنساننىڭ يۈزلىنىشى ئەڭ تەس بولغىنى باشقا بىرى ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۆزى ئىكەن. بىزنى تۇيۇق يولغا باشلاۋاتقىنى شەيتان ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ نەپسىمىز ئىكەن. شۇندىن بۇيان كۈندىلىك خاتىرە يېزىشنى تاشلىۋەتتىم. لېكىن ھاياتقا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىمنى تاشلىۋەتمىدىم، مۇھەببەتكە بولغان ئىشەنچىمنى تاشلىۋەتمىدىم. مەن ئىزچىل ئىشىنىپ كەلدىم، ئىنسان ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا يارىشا نەتىجە كۆرىدۇ، مەيلى بۇ دۇنيادا بولسۇن، مەيلى ئاخىرەتتە بولسۇن. ئابدۇلئەھەد داموللام تۈزگەن بىر كىتابتا مۇنداق بىر ھەدىس باركەن: «سەن بۇ دۇنياغا بۇ دۇنيادا تۇرۇشۇڭغا بېقىپ ئىشلە، ئاخىرەت ئۈچۈن ئۇ يەردە قېلىشىڭغا بېقىپ ئىشلە....» (ئۆزىڭىز تۈزگەن كىتابتىن ئالدىم، مەنبەسى قېنى دەپ كىرىشىپ قالماسسىز).
بەزىدە ئاياللار قاقشايدۇ، ئېرىمگە تاماق ئېتىپ بەردىم، كىرىنى يۇيۇپ بەردىم، ئۇچىسىنى تۇتۇپ قويدۇم، ئاق قىلدىم، كۆك قىلدىم، بىلمىدى .....دەپ. ئەرلەر پەقەت تاماققا پاكىز كىيىمگە، ئۇچىسىنى تۇتۇپ قويغانغىلا رازى بولىدىغان ئۆيدە باققان قوي ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىمۇ ئاجايىپ نازۇك، ئۇلارنىڭمۇ كىچىك بالىدەك ۋاقىتلىرى بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار نېمىگە ئېھتىياجلىق، شۇنى بىلىش كېرەك. ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قاراشقا باشلىغاندا ئائىلە بارغانسېرى تۈگىشىش يولىغا قاراپ ماڭىدۇ.
بەختىمىز ئۈچۈن تىرىشىشمىز لازىم، بولمىسا بەخت نەدىن كېلىدۇ؟ كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ دەپ بارماق چىشلەپ ئولتۇرىمىز. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچتىن بىرنى قاچىلۋالسىڭىزلا بۇلىدىغۇ؟ مەنمۇ مۇشۇ ئىنكاسنى ئايفوندىلا يوللاۋاتىمەن. ئۇنداق قىلىش ئۈچۈن تۈرمىدىن قېچىشقا توغرا كېلىدىغۇ دەيمەن؟ ھازىرقى تېلېفوننى قاچۇرمىغان...





مەستۇرە ھەدەم ئەسلىگە قايتۇرۇپتۇ.
بەخىت -ئۇ پاراكەندىچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقاندا خاتىرجەملىك بولىدىكەن.....مەيلى سوغۇق سۇ ئچىسىمۇ نان يىسىمۇ، بىراق خاتىرجەملىك ، تىنچلىقنى سېغىنىدىكەن...ئىنسان روھى جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى يىڭىش ئۈچۈن بىر ئىچكى قۇۋۋەتنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىكەن. ... ھەم بەخىت تۇيغۇسى مانا شۇ ئىشەنچ -ئۈمۈد تىن كىلىدۇ..
قېنى بەھۇزۇر

تېما قاچمىسا ئىزدىنىش ئەمەس
ئايفۇن توغۇرلۇق نىمە خەۋەر باركەن زىتەيلاڭ خاتوندىن خەۋەر بارمۇ پوۋاش {:92:} قاچۇرۇپلا ئىشلىتىۋەمەي... سىز ئېشىپ كەتسە ۋەي دەيسىز ئۇچۇر قۇبۇل قىلىسىز تورلارغا چىقىپ قوياسىز ، بەكمۇ مۇرەككەپ مەشغۇلات قىلمىغاندىكىن قاچۇرۇپلا ھوزورىنى سۈرمەمسىز بۇرۇنقىسى ئېيتىئەنتىنىڭ بولغاچقا قاچۇرۇپ ئىشلەتكەن، بىر قېتىم ئويلىمايلا نەشرىنى يېڭىلاپ قويۇپ بىر ئايدىن ئارتۇق ساقلىغىنىم ئېسىمدە دېۋ تىمنىڭ پروگراممىسىنى. شۇ چاغدا چارچاپ كېتىپ ئىككىنچىسىنى ئالغاندا قۇلۇپسىزنى ئېلىش بىلەن بىرگە قانۇنلۇق ئىشلىتىمەن دەپ ھازىرغىچە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ مېھرىدىن كېچىپ مۇشۇ پېتى ئىشلىتىپ كېلىشتە چىڭ تۇردۇم

--------------------
ئايتۇغنىڭ خوشاللىقى ماڭىمۇ تەسىر قىلىپ نەچچە كۈندىن مەنمۇ بەك خوشال يۈرىۋاتىمەن
